ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 3690|ئىنكاس: 19

سىزگە «خوجىدار» لازىممۇ؟ (ئۇيغۇرچە RSS ئوقۇغۇچ)

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سەيناداشلار!
سەينادىكى  «مۇنداق دىتال ياساشقا قانچە پۇل كېتەر؟» دېگەن تېمىغا ئاساسەن، سەينا ئاتامانى ئىنتىل ئەپەندىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ دېتالنى تۈزۈپ چىقتىم.
دېتال نامى: ئەلسوفت خوجىدارى
دېتال تور بېتى: http://www.aelsoft.com/ghojidar/
دېتال چۈشەندۈرۈلۈشى:
بۇ ھەقسىز تارقىتىلغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، سىز «ئىشلىتىش كېلىشىمى»گە ئەمەل قىلغان ئاساستا، خالىغانچە كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىز بولىدۇ. سىز ھازىرچە بۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ، بىر قىسىم تور بېكەتلەرنىڭ RSS مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىپ، شۇ تور بېكەتلەردىكى ئەڭ يېڭى يازمىلاردىن خەۋەر تاپالايسىز، «نىدا ئىشخانىسى» تەۋسىيە قىلغان بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرەلەيسىز، بىر قىسىم تور بېكەتلەرنىڭ ئۇلانمىسىنى چېكىش ئارقىلىق، شۇ بېكەتلەرگە كىرىپ ئۇلارنى زىيارەت قىلالايسىز.
دېتال ئىقتىدارلىرى:
1-RSS مەنبەسىدىن ئۇچۇر ئوقۇش
سىز بۇ دېتالدا تەۋسىيە قىلىنغان ۋە ئۆزىڭىز قوشۇۋالغان بېكەتلەرنىڭ RSS مەنبەسىدىن شۇ بېكەتنى ئاچماي تۇرۇپلا، شۇ بېكەتتىكى ئەڭ يېڭى يازمىلار ۋە يازمىلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىدىن تېز سۈرئەتتە خەۋەر تاپالايسىز. تور بېكەتنىڭ ئېچىلىشى، سۈرەتلەرنىڭ چۈشۈرۈلۈپ كۆرۈنۈشىنى ساقلاشتەك ئاۋارىچىلىقلاردىن قۇتۇلالايسىز. خالىسىڭىز ماس ئۇلانمىنى چېكىپ، شۇ بېكەتتىكى شۇنىڭغا ماس يازمىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى ئېچىپ كۆرەلەيسىز. RSS مەنبەلىرى ئۆزىڭىز تۈر قوشۇپ، تۈرلەر بويىچە باشقۇرالايسىز. ئۇندىن باشقا بۇ دېتالنىڭ باشقا RSS ئوقۇغۇچلاردىن بىردىنبىر ئارتۇقچىلىقى شۇكى، RSS مەزمۇنىنى كۆرۈش بەت يۆنۈلۈشىنى ئوڭدىن-سولغا ياكى سولدىن-ئوڭغا قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرچىدەك ئوڭدىن-سولغا ياكى خەنچە، ئېنگلىزچىدەك سولدىن-ئوڭغا يېزىلىدىغان يېزىقلاردا يېزىلغان مەزمۇنلارنى شۇ يېزىق يۆنۈلۈشىگە ئاساسەن تەڭشەپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇ مەنبە يازمىلىرىنى كۆرۈشىڭىزگە زور قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئەسكەرتىش:ھازىرچە تۈر ۋە مەنبەلەرنى تەھرىرلەش، ئۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلمىدى، شۇڭا تۈر ۋە مەنبە مەنزىلىنى قوشقاندا توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.
2-يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرۈش
بۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ، «نىدا ئىشخانىسى» تەۋسىيە قىلغان ھەرخىل يۇمشاق دېتاللارنى ھەرقايسى تۈرلەر ئىچىدىن باشقا تور بېكەتلەرنى ئاچماي تۇرۇپلا چۈشۈرۈۋالالايسىز. ئۇندىن باشقا، بۇ ئىقتىدار تۈرىدە دېتاللارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى، دېتال تۈزگۈچىنىڭ تور بېتى، دېتال سىغىمى قاتارلىق مەزمۇنلارمۇ كۆرسىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە لازىملىك يۇمشاق دېتاللارنى تاللاپ ئىشلىتىشىڭىزگە زور ياردىمى بار. ئەسكەرتىش:چۈشۈرگەن يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىپ ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىم ۋىروسخوردىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈۋېتىپ ئاندىن ئىشلىتىڭ. بۇ دېتاللارنىڭ مەنبەسى توردىن كەلگەن بولغاچقا، «نىدا ئىشخانىسى» بۇ دېتاللاردا ۋىروس ۋە ياغاچ ئات پروگرامملىرىنىڭ يوقلۇقىغا كاپالەت بېرەلمەيدۇ ھەمدە بۇ دېتاللارنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولمايدۇ.
3-تور بەتلەر جەمگاھى
سىز بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ «نىدا ئىشخانىسى» تەۋسىيە قىلغان بىر قىسىم تور بېكەتلەرنىڭ ئۇلانمىسىنى چېكىپ، شۇ تور بېكەتلەرنى ئېچىپ زىيارەت قىلالايسىز. ئۇندىن باشقا ئۆزىڭىزمۇ تۈر ۋە شۇ تۈرگە ماس ھالدىكى تور بەتلەر ئۇلانمىسىنى قوشۇپ باشقۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز. بۇ خۇددى ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلىنىش بېكىتىنى ياسىۋالغاندەكلا بىر ئىش. ئەسكەرتىش:ھازىرچە تۈر ۋە ئۇلانمىلارنى تەھرىرلەش، ئۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلمىدى، شۇڭا تۈر ۋە تور بېكەت مەنزىلىنى قوشقاندا توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.

باشقا ئىقتىدارلىرى دېتال يېڭىلىنىش جەريانىدا بىر-بىرلەپ قوشۇلۇپ ماڭىدۇ.
قالغان تەپسىلاتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلىنى دېتال تور بېتىدىن كۆرۈۋېلىڭ.

دېتالنى تۈزۈش ۋاقتى قىس، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاچىلاش پروگراممىسىدىن تارتىپ ھەممىسى نۆلدىن باشلاپ بىر قوللۇق كود يېزىش ئارقىلىق روياپقا چىقىرىلغان بولغاچقا، بۇ دېتالدا ھەرخىل سەۋەنلىكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي، شۇڭا سەيناداشلارنىڭ دېتالنى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى سۈرەتكە تۇتۇپ، مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

باھا سۆز

سەيياھ
ياخشى: 3.3   ۋاقتى: 2011-6-30 22:36
ياخشى: 5
كۆپ رەھمەت، ياخشى دىتالكەن.  ۋاقتى: 2011-6-30 22:36
ياخشى: 0
كارامەت  ۋاقتى: 2011-6-23 23:26
ياخشى: 5
تەشەككۈر!  ۋاقتى: 2011-6-23 21:49

باھالاش

2

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2011-6-23 21:44:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى رەسىمگە قاراپ بىلىۋالىڭ.
1- «يېڭى  تېمىلار» غا تۈر قوشۇش ئۇسۇلى رەسىمدىكىدەك.
gh1.jpg
~~~~~~~~~~
2-  توربەت ئۇلۇنىشى تۈرىنى قوشۇش ئۇسۇلى رەسىمدىكىدەك
gh2.jpg
~~~~~~~~~~
3- توربەت ئۇلۇنىشىتۈرىگە بېكەت قوشۇش ئۇسۇلى رەسىمدىكىدەك
gh3.jpg
دىققەت: « يېڭى تېمىلار» غا بېكەت قوشقاندا ئادرىسقا چوقۇم شۇ بەتنىڭ RSS  ئادرىسىنى قوشىسىز.
ۋاقتى: 2011-6-23 08:08:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Nida يوللانغان ۋاقتى  2011-6-23 03:49
سەينادىكى نىدا ئەپەندى ئۇزۇن بولۇپ قالدى يوقاپ كەتكىل ...

قولىڭىزغا  دەت  بەرمىسۇن  ياراتقان ئېگەم  !  نىمانداق  ياخشى  دېتال  بۇ   .   مومكىن  بولسا   مۇشۇنداق ھەقسىز ئۇيغۇرچە دېتاللار  ياسىلىپ  تۇرسا   ،  ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭكىنى ئىشلەتسەك   
ۋاقتى: 2011-6-23 19:56:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىپ تورىنىمۇ قوشۇپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەم  بۇ تېمىنى ئالىپ تورىدا ئېلان قىلىشقا ئىجازەت سورايمەن.
RSS ئادېرسى
http://www.alip.biz/forum.php?mod=rss

يېڭى تېمىلارنى سىرتقا تەمىنلەش ئايرىم كودى
ۋاقتى: 2011-6-23 20:46:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىدا ئەپەندىمگە رەھمەت
ھەقىقەتەن چىرايلىق چىقىپتۇ. خالاستان بىلوگىدىمۇ RSS نى كۆپ  تونۇشتۇرۇپ كەتتۇق. مانا ئەمدى راۋرۇس دېتال پۈتۈپتۇ
مۇمكىن بولسابىلوگىمنى قوشىۋەتسىڭىز
ئادىرسى http://www.halastan.com/comments/feed
ۋاقتى: 2011-6-23 21:07:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش nezeri نىڭ يازمىسى

خالاستاننىڭ RSS تە سولدا ئىنكاس ئۇچۇرى چىقىدىكەن، ئوڭدا تېما ئۇچۇرى چىقىدىكەن. ئىككىسىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرساق قانداق بولا؟
ھازىر ئالىپ تورىنىڭكى بىلەن تەڭ ئاچتىم. ھەر ئىككى بەتتىكى  RSS نىڭ ئېچىلىشى تېز بولدى ئەمما خالاستاننىڭ سولدىكى تىزىملىكلەرنى باسسام تور كۆرگۈچ بىردەم قېتىۋالىپ ئاندىن ئېچىلدى. ئوڭدىكى تىزىملىكنى بېسىپ ئاندىن ئاچسام تېز ئېچىلدى.
ۋاقتى: 2011-6-23 21:48:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Nida نىڭ يازمىسى

بۇ نەشرىدە ئازراق مەسىلە باركەن يەنى يېڭى قوشقان تۈرنىڭ 2- سىگە يېڭى مەنبە قوشۇلمىدى ( 1- سىگە قوشقىلى بولدى)
باشقىلارمۇ سىناپ باقساڭلار.
ۋاقتى: 2011-6-23 23:58:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللانغان ۋاقتى  2011-6-23 21:07
ئىنكاس قايتۇرۇش nezeri نىڭ يازمىسى

خالاستاننىڭ RSS تە سولد ...

ئەمسە ماۋۇنى قىلايلى
http://www.halastan.com/feed
ۋاقتى: 2011-6-23 23:58:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://www.halastan.com/feed
كەچۈرۈڭ، ئىككى قېتىملىق يوللاش ۋاقتىڭىز 15 سېكۇنتتىن ئاز بولۇپ قالدى، بېسىم پەيدا قىلماڭ !

您的帖子长度不符合要求。 当前长度: 28 字节系统限制: 60 到 50000 字节
ۋاقتى: 2011-6-24 16:42:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېتال تۈرىگە ئۆزىمىز خالىغان دېتاللارنىمۇ قوشۇش ئىقتىدارى بولغان بولسىچۇ؟
ۋاقتى: 2011-6-25 10:42:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Intil نىڭ يازمىسى

خەت نۇسخىسى قايسى خەت نۇسخىىسى بولغىيتى .مىنىڭكىدە خەت نورمال ئەمەس .دېتالغا ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسى يوقكەن
ۋاقتى: 2011-6-25 12:46:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دېتالنى كومپىيوتىرغا قاچىلاپ قوزغاتسام نۇرمال قوزغالمىدى. تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر چىقىۋالدى. بۇنۇڭ سەۋەبى نىمىدۇ؟
2011-06-25_121737.jpg
ۋاقتى: 2011-6-25 12:50:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر گەپ: بۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنغان RSS نىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار بوپتىكەن.
ۋاقتى: 2011-6-30 22:37:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىدا ئەپەندىم، بۇنىڭ 2- نۇسخىسى قاچان چىقىدۇ؟
ۋاقتى: 2011-7-4 21:13:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئەلنۇرى ئەپەندىمدەك ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىدىم، ئەمما خاتالىق نۇمۇرى ئوخشىمايدىكەن.
011.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-28 10:25 , Processed in 0.255142 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat