ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 659|ئىنكاس: 0

ھىكمەتلىك ھېكايە

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بېرىش -ئېلىشقا قارىغاندا بەخىتتۇر   
  
  قەبرە باقىدىغان بىر كىشى   ھەر ھەپتىسىگە 50 دوللەر پۇل بىلەن .‹مەڭگۇلۇك ئۇيقۇغا كەتكەن ئوغلۇم خاررىنىڭ قەبرىسىگە مىىنىڭ ئۇچۇن گۇل قويۇپ قويسىڭىز  ›دىگەن مەنىدە ‹‹بىچارە مۇماي››دەپ ئېمزا قۇيۇلغان بىر پارچە خەتنى تاپشۇرىۋالىدىكەن .ئۇ   ھەر قېتىم خەت پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ،خەتتە دىيىلگىنى بۇيىچە خاررىنىڭ قەبرىسىگە گۇل دەستە  قۇيىىدكەن .كۇنلەرنىڭ بىرىدە ھېلىقى ‹‹بىچارە مۇماي››قەبرىستانلىققا كەپتۇ .بىراق ئۇ ماشىنىدىن چۇشمەپتۇ.  
  شوپۇر چۇشۇپ:-ئوغلىنىڭ قەبرىسىگە گۇل قۇيۇشنى ھاۋالە قىلغان ‹‹بىچارە مۇماي ››مۇشۇ ئايال بۇلىدۇ،-دەپتۇ ئۇ قەبرى باققۇچىغا ،-ئۇنىڭ سىزگە دەيدىغان گەپلىرى بار ئېدى ،خاپا بولماي ماشىنىنىڭ تۇۋىگە بارغان بولسىڭىز،چۇنكى ئۇ ماڭالمايدۇ.
قەبرە باققۇچى شۇپۇرنىڭ كەينىدىن ماشىنىنىڭ تۇۋىگە كەپتۇ.ياشىنىپ، كىسەلمەن بۇلۇپ كەتكەن بۇ ئايالنىڭ ئېسىلزادىلەرگە خاس چىرايىدىن بىر خىل چۇشكۇنلۇك ۋە ئاغرىق ئازابى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى
-سىزگە خەت يازغان ئايال مەن بۇلىمەن،-دەپتۇ ئۇ،-ئۇزۇندىن بۇيان سىزنى جىق ئاۋارە قىلدىم.
-ھاۋالىڭىزنى ۋاقتىدا ئورۇنداپ تۇردۇم خانىم،-دەپتۇ قەبرە باققۇچى. '
-رەھمەت سىزگە،-دەپتۇ ھېلىقى ئايال مىننەتتارلىق بىلدۇرۇپ،-دوختۇر يەيدىغان رىزقىمنىڭ ئاز قالغانلىقىنى ئېيىتتى .ئۇلۇپ كەتسەممۇ مەيلى ئىدى .بىراق ،ئۆلۇپ كەتسەم رەھمەتلىك ئوغلۇمنىڭ قەبرىسى گۇلسىز قالىدىغانلىقىنى ئويلۇساملا پۇچۇلۇنۇپ كىتىمەن.   
بۇنى ئاڭلىغان قەبرە باققۇچى ھېلىقى ئايالدىن سوراپتۇ:
-خانىم سىز دارلىتامغا بېرىپ باققانمۇ؟ ئۇ يەردىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى قارا يىتىملار.
-دارىلئېتام؟
-شۇنداق دەپتۇ،-قەبرە باققۇچى.
-ئېغىز غىرىچلاپ قويغانلىقىمنى كوڭلىڭىزگى ئالماڭ  خانىم .بۇ يەردە ياتتقانلارنىڭ ھەممىسى مەڭگۇلۇك ئۇيقۇغا كەتكەنلەر.ئۇلارغا گۇل دىگەننى تاغدەك دۇۋلەپ بەرسىمۇ،ئۇلار ھاياتلىقنىڭ ئازاپ-ئۇقۇبەتلىرى بىلەن خۇشاللىقلىرىنى ھېس قىلالمايدۇ.شۇڭا قەبرىگە قويغان گۇلنى تىرىكلەرگە سۇنساق نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى -ھە!
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ‹‹بىچارە مۇماي››بىر ھازاغىچە تۇرۇپ قاپتۇ ۋە شوپۇرغا‹‹قېنى ماڭايلى›››دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن قەبرە باققۇچى گەپلىرىم ئېككى پۇتى گۇرگە ساڭگىلىغان بۇ مۇمايغا ئېغىر كەتكەن بولسا كېرەك،دەپ ئويلاپ قاپتۇ.  
ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئوتكەندىن كىيىن ھېلىقى‹‹بىچارە مۇماي››قەبرە بىشىغا تۇيۇقسۇزلا پەيدا بوپتۇ.بۇ قىتىم ئۇ ماشىنىنى ئوزى ھەيدەپ كەلگەنىكەن.گۇلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن بۇ مۇماي،ماشىنىدىن چەبدەسلىك بىلەن چۇشۇپ،قەبرە باققۇچىغا شۇنداق دەپتۇ:   
-سىزنىڭ تەكلىپىڭىزنىدىن مۆجىزە يارالدى.پۇللۇرۇمنى دارىلئېتامغا ئىئانە قىلىۋىدىم  يىتىملارنىڭ ئىچىلىپ كەتكەن چىرايى مىنى ھاياجانغا سالدى؛ئۆزۇمنىڭ يەنە ئاز تۇلا كارغا كىلىدىغانلىقىمنى ھىس قىلىپ يەتتىم.ئويلۇمىغان يەردىن بۇ ساۋابلىق ئىشىم بىلەن پۇتۇممۇ ساقايدى.  
دىمەكچى؛مال دۇنياغا توغرا مۇئامىلە قىل؛پۇلنى لازىملىق يەرگە ئىشلەت. شۇنداق قىلساڭ ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيتىنى ھىس قىلالايسەن.   
مەنبە: مىسرانىم تورى
تەرمىلەر ژورنىلى 2011- يىل 3- سانىدىن ئېلىندى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-6-17 20:46  

باھا سۆز

سەيياھ
ياخشى: 3   ۋاقتى: 2011-6-18 02:03
ياخشى: 3
  ۋاقتى: 2011-6-18 02:03
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-1 21:46 , Processed in 0.113659 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat