ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1240|ئىنكاس: 0

ئولىمپىكقا قاتناشقان ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئولىمپىكقا قاتناشقان ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرى
1889-يىل فىرانسىيىلىك بارون كوبېرتىن(BARON DE COUBERTIN)نىڭ تەشەببۇسى،تۇرۇتكىسى ۋە زور تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، 1894-يىل 12 دۆلەتنىڭ قاتنىششى،21 دۆلەتنىڭ دوكلات يېزىپ قوللشى ئارقىسىدا يىغىن ئېچىلىپ،خەلقئارا ئولىمپىك كومتىتى رەسمى قۇرۇلدى،ھەمدە ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 1896-يىل گىرىتسىيەنىڭ پايتەىتى ئافىنادا ئۆتكۈزۈلگەندىن باشلاپ 100يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە بۇ كاتتا يىغىلىش 26 قېتىم ئۆتكۈزۈلدى،3 قېتىملىقى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزۈلمىدى. Qxj &IX  
ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى كۆلەم،سەۋىيە،تەسىر دائىرسى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەڭ يۇقۇرى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ كاتتا خەلقئارالىق تەنتەربىيە يىغىلىشى ھىساپلىنىدۇ.ئولىمپىكقا قاتنىشىپ نەتىجە قازىنىش ھەربىر تەنتەرھەركەتچىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ۋە ئۆمۈرلۈك غايىسى ھىساپلىنىدۇ. kM>0>fkjE  
مەن بىر تەنتەربىيە ھەۋەسكارى بولۇش سۈپتىم بىلەن مىللىتىمىز تەنھەركەتچىللىرىنىڭ ئەھۋىلىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن .يېقىندا تاساددىبى كاللامغا:«ئۇيغۇرلاردىن قانچىلىك تەنھەركەتچى ئولىمپىكقا قاتناشقاندۇ؟!》 دىگەن سۇئال كىرىپ قالدى .مۇشۇ سۇئالنىڭ تۈرىتكىسى بىلەن نۇرغۇنللىغان ئۇيغۇرچە ماتىريال ۋە توربەتلىرىنى ئاختۇردۇم .نەتىجىدە ھىچقانداق ئۇچۇرغا ئىرىشەلمىدىم .شۇنۇڭ بىلەن خەنزۇچە توربەتلىرىگە مۇراجەت قىلدىم ،بەخىتكە يارىشا 《جۇڭگۇ ئولىمپىك كومتىتى ھۆكۈمەت تورى》،《شىن خۇا تورى》،《تەڭرىتاغ تورى》قاتارلىق خەنزۇچە تور مەنبەلىرىدىن يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئولىمپىكقا قاتناشقان جۇڭگۇ ۋەكىللەر ئۆمىگى ۋە ئۆمەك تەركىۋىدىكى ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىنىڭ تىزىملىگى ۋە قىسقىچە تەرجىمالىغا ئىگە بولدۇم .مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۆلىتىمىز جۇڭگۇ ۋە جۇڭگۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىكقا قاتنىشىش ئەھۋالىنى كەڭ قېرىنداشلارغا تونۇشتۇرۇش مەجبۇرىيىتىم بار دەپ قارىدىم. ^T \JFzV  
دۆلىتىمىز جۇڭگۇنىڭ ئولىمپىكقا قاتنىشىش ئەھۋالى: pE >~F  
1-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1896-يىلى گىرىتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنادا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى يىغىنغا جۇڭگۇ قاتناشمىدى. Z[8{V  
2-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1900-يىلى فارانسىيەنىڭ پايتەختى فارىژدا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى يىغىنغا جۇڭگۇ قاتناشمىدى. #p~tkQ:'1  
3-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1904-يىلى ئامرىكىنىڭ سان لويىس شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى يىغىنغا جۇڭگۇ قاتناشمىدى. Tysh~C|1  
4-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1908-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى يىغىنغا جۇڭگۇ قاتناشمىدى. j6Acd~y\2  
5-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1912-يىلى شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولىمدا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى يىغىنغا جۇڭگۇ قاتناشمىدى. jTk !wm=  
6-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى ئەسلىدە 1916-يىلى گىرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى.لىكىن 1-دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. mJb>)bO l  
7-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1920-يىلى بىلگىيەنىڭ پايتەختى ئانتېۋېفتا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى يىغىنغا جۇڭگۇ قاتناشمىدى. NwM=  
8-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1924-يىلى فارانسىيەنىڭ پايتەختى فارىژدا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى يىغىنغا جۇڭگۇ قاتناشمىدى. w C]yE\P1  
9-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1928-يىلى گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامىستېردامدا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى يىغىنغا جۇڭگۇ قاتناشمىدى. gsuf d{{  
10-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1932-يىلى ئامرىكىنىڭ لوس ئانجىلىس شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگۇ 3 كىشىلىك(1 نەپەر تەنھەركەتچى) گۇرۇپپا تەشكىللەپ يىغىنغا قاتناشتى .لىكىن نەتىجىگە ئىرىشەلمىدى. @TC_XU)&  
11-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1936-يىلى گىرماننىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگۇ 69 نەپەر تەنھەركەتچى ئەۋەتىپ يىغىنغا قاتناشتى .لىكىن نەتىجىگە ئىرىشەلمىدى. cF_`m  
12-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1940-يىلى ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى.لىكىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى . EL80f>K  
13-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1944-يىلى گىرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى.لىكىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى . ]qL#/   
14-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنى 1948-يىلى ئەنگىلىيىنىڭ پايىتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگۇ 33 نەپەر تەنھەركەتچى ئەۋەتىپ يىغىنغا قاتناشتى .لىكىن نەتىجىگە ئىرىشەلمىدى. ;hNn F&l  
15-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 1952-يىلى فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلنىسكىدا ئۆتكۈزۈلدى.يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىنكى تۇنجى ۋەكىللەر ئۆمىكى خېلنىسكىغا يىتىپ بارغاندا مۇسابىقە باشلانغىنى 10 كۈندىن ئاشقان بولۇپ ،پەقەت ئەرلەرنىڭ سۇ ئۈزۈش تۈرى بىلەن يېپىلىش مۇراسىمىغىلا قانىشالىدى.لىكىن نەتىجىگە ئىرىشەلمىدى. =3lUr<Ze  
16-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 1956-يىلى ئاۋىستىرالىيەنىڭ موربىن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى. Ac 1954-يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومتىتى ئافىنادا يىللىق يىغىن ئېچىپ 21 گە قارشى 23 ئاۋازنىڭ قوشۇلىشى بىلەن جۇڭ خۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە باش ئويۇشمىسىنى جۇڭگۇ ئولىمپىك كومتىتى دەپ ئىتراپ قىلدى ،شۇنۇڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تەيۋەننىڭ ئاتالمىش «جۇڭ خۇا مىنگو ئولىمپىك كومتىتى»نى ساقلاپ قېلىپ،بىر دۆلەتتە ئىككى ئولىمپىك كومتىتى بولۇشتەك ئۈلگىنى ياراتتى.خەلقئارا ئولىمپىك كومتىتى كىيىن يەنە ئىككى ئۆمەكنىڭ بىرلا ۋاقىتتا 16-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىشىغا قوشۇلدى ،ئۆمەكلەرنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى «تەيۋەن جۇڭگۇ»،يەنە بىرىنىڭ ئىسمى «بېيجىڭ جۇڭگۇ»دەپ ئاتىلىشىنى بەلگۈلىدى. a_'W1ek-@  
يېڭى جۇڭگۇ ئولىمپىك كومتىتى باشتىن ئاخىر بىر جۇڭگۇدىن ئىبارەت سىياسىي مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ ،خەلقئارا ئولىمپىك كومتىتىنىڭ «ئىككى جۇڭگۇ »سۇيقەستىگە قەتئى قارشى تۇردى،خەلقئارا ئولىمپىك كومتىتىنىڭ تەيۋەننىڭ 16-نۆۋەتلىك ئولىمپىكقا قانىشىشىغا يول قويغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن،دەرھال ئولىمپىك كومتىتىغا تېلگىرامما يوللاپ نارازىلىق بىلدۈردى،ھەمدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ:ئەگەر تەيۋەننىڭ ئولىمپىكقا قاتنىشىشىغا يول قويۇلسا،يېڭى جۇڭگۇ بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرى.كىيىن خەلقئارا ئولىمپىك كومتىتى جۇڭگۇنىڭ نارازلىقىنى سىياسىنى مەقسەت قىلغان نارازلىق دەپ قاراپ قۇبۇل قىلمىدى.جۇڭ خۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە باش ئۇيۇشمىسى 1956-يىلى 1-ئايدا بايانات ئىلان قىلىپ،خەلقئارا ئولىمپىك كومتىتىنىڭ جۇڭگۇنى پارچىلاش قىلمىشىغا قاتتىق نارازلىق بىلدۈردى ھەمدە 16-نۆۋەتلىك ئولىمپىك يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. Jis{k$4  
17-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 1960-يىلى ئىتتالىيىنىڭ پايتەختى رىمدا ئۆتكۈزۈلدى.خەلقئارا ئولىمپىك كومتىتىدىكى ئازسانلىق كىشىلەرنىڭ«ئىككى جۇڭگۇ»سىياسىتىدە چىڭ تۇرىشى سەۋەپىدىن،جۇڭگۇ ئولىمپىك كومتىتى 1958-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى بايانات ئىلان قىلىپ خەلقئارا ئولىمپىك كومتىتىدىن چىكىنىپ چىققانلىقىنى ئىلان قىلغان ئىدى،شۇ سەۋەپلىك،17-نۆۋەتلىك ئولىمپىكتىن باشلاپ ،جۇڭگۇ ئولىمپىكقا قاتنىشىشنى ئۈزۈپ قويدى. D:'|poH  
18-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 1964-يىلى ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگۇ يەنىلا ئولىمپىكقا قاتنىشىنى رەت قىلدى. ?rXh x{vD  
19-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 1968-يىلى مىكسىكىنىڭ پايتەختى مىكسىكا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگۇ يەنىلا ئولىمپىكقا قاتنىشىنى رەت قىلدى. ya{vR* '~  
20-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 1972-يىلى گىرمانىيەنىڭ مىيونخىن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگۇ يەنىلا ئولىمپىكقا قاتنىشىنى رەت قىلدى. j,eeQ KH  
21-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 1976-يىلى كانادانىڭ مونتېرىيال شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگۇ يەنىلا ئولىمپىكقا قاتنىشىنى رەت قىلدى. L+bO X  
22-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 1980-يىلى سابىق سوۋىت ئىتپاقىنىڭ موسكىۋا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى.گەرچە 1979-يىلى 10-ئايدا ياپونىيەنىڭ ناگويا شەھرىدە ئېچىلغان خەلقئارا ئولىمپىك يىغىنىدا،جۇڭگۇنىڭ ئولىمپىكتىكى قانۇنلۇق ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ،لىكىن جۇڭگۇ يەنىلا ئولىمپىك روھىنى ۋە جۇڭگۇنىڭ دۆلەت مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن،1980-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى بايانات ئىلان قىلىپ،موسكىۋا ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشتىن ۋاز كەچتى. P (jlWr$$  
23-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 1984-يىلى ئامرىكىنىڭ لوس-ئانجىلىس شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگۇ 225نەپەر تەنھەركەتچىدىن تەشكىللەنگەن ئومەك ئىبەرتىپ قاتناشتى.بۇ قېتىم 15 ئالتۇن مىدال،18 كۈمۈش مىدال،19 مىس مىدال ئېلىپ،مىدال سانى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 4-ئورۇنغا ئۆتتى. c3&F\3  
24-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 1988-يىلى كورىيەنىڭ سىئۇل شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگۇ بۇ قېتىم 301 نەپەر ماھىرنى تاللاپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى.بۇ قېتىم 5 ئالتۇن مىدال،11 كۈمۈش مىدال،12 مىس مىدال ئېلىپ ،مىدال سانى جەھەتتە 8-ئورۇندا تۇردى. U*, 8 ,C  
25-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 1992-يىلى ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگۇدىن 251 نەپەر تەنھەركىتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ،16 ئالتۇن مىدال،22 كۈمۈش مىدال،16 مىس مىدالغا ئىرىشتى. 4JFi|oK0H  
26-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 1996-يىلى ئامرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى.جۇڭگۇ 495 كىشىدىن(تەنھەركەتچى 309 نەپەر)ئۆمەك تەشكىللەپ مۇسابىقىغا قاتناشىپ،16 ئالتۇن مىدال ئالدى ،جەمئى مىدال سانى 50 كە يەتتى . g}|a-  
27-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 2000-يىلى ئاۋىستىرالىيىنىڭ سىدنىي شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىم جۇڭگۇدىن 311 نەپەر تەنھەركەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ،28 ئالتۇن مىدال،16 كۈمۈش مىدال،15 مىس مىدالغا ئىرىشىپ،مىدال سانى جەھەتتە دۇنيا بۇيىچە 3-ئورۇنغا ئۆتتى. rX%#Q\0h  
28-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 2004-يىلى گىرىتسىيەنىڭ ئافىنا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىم جۇڭگۇدىن 407 نەپەر تەنھەركەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ،32 ئالتۇن مىدال،17 كۈمۈش مىدال،14 مىس مىدالغا ئىرىشىپ،مىدال سانى جەھەتتە دۇنيا بۇيىچە 2-ئورۇنغا ئۆتتى . k=H{gt  
29-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 2008-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىم جۇڭگۇ 1099 كىشىلىك(تەنھەركەتچى 639 نەپەر )ئۆمەك تەشكىللەپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ،51 ئالتۇن مىدال،21 كۈمۈش مىدال،28 مىس مىدالغا ئىرىشىپ ،مىدال سانى جەۋەتتە دۇنيا بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتتى. \bqNjlu  
دۆلىتىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىكقا قاتنىشىش ئەھۋالى : :Y(Yk5  
1-ئادىلجان سۇلايمان &1893#V  
دۆلىتىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى بۇلۇپ ئولىمپىككا قاتناشقان كىشى ئادىلجان سۇلايمان بولۇشى مۈمكىن .ئادىلجان جۇڭگۇ ئولىمپىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىۋىدە دۆلەت ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سالاھىيتى بىلەن 1992-يىلى ئىسپانىيەنىڭ بارسىلونا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 25-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتناشقان.دۆلەتلىك ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تېرنېرلىق سالاھىيىتى بىلەن 2004-يىلى گىرىتسىيەنىڭ ئافىنا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 28 نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا يەنە بىر قېتىم قاتناشقان. #B"ki{Se*  
ئادىلجان،ئەر،ئۇيغۇر،1967-يىل 8-ئايدا شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان.بوي ئىگىزلىگى 1.82 مىتىر كىلىدۇ.ئادىلجانننىڭ تەنتەربىيە ھاياتى:1980-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە مەكتىپىگە قۇبۇل قىلىنغان؛1982-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسىغا قۇبۇل قىلىنغان؛1983-يىلى بېيجىڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان؛1984-يىل ھەربىيىلىككە قۇبۇل قىلىنغان؛1984-يىلى 1-ئاۋغۇست ياشلار كوماندىسىغا قۇبۇل قىلىنغان؛1988-يىلى 1-ئاۋغۇست ۋاسكىتبول كوماندىسىغا قۇبۇل قىلىنغان؛1989-يىلدىن 1998-يىلغىچە دۆلەت كومادىسىدا بولغان؛2000-يىلى ھەربىي سەپتىن چىكىنگەن.ئادىلجاننىڭ تەنھەركەتچى بۇلۇش جەريانىدىكى شەرەپلىرى:1989-يىلى دۇنيا ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيونلۇققا ئىرىشكەن؛1995-يىلدىن 2000-يىلغىچە.ئۇدا 5 قېتىم جۇڭگۇ ۋاسكىتبول كەسپىي مۇسبىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان؛1994-يىلى دۇنيا ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە تۈنجى بۇلۇپ 8-لىككە ئىرىشكەن؛1991-1993-1995-يىللىرى ئاسىيە لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان؛1993-يىلى،1997-يىلى مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە چىمپىيون بولغان.ئادىلجاننىڭ تېرنېرلىق ھاياتى:2000-2001يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە 1-ئاۋغۇست كوماندىسىغا ياردەمچى تېرنېر بولغان؛2001-يىلدىن بۈگۈنگە قەدەر 1-ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ باش تېرنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ؛2003-2004-يىلى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرنىرى بولغان؛2005-يىلى دۆلەت كوماندىسىنىڭ يىتەكىسى قۇشۇمچە ياردەمچى تېرنىرى بولغان؛2006-يىلى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرنىرى بولغان؛2007-يىلى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرنىرى،دۆلەت 2-كوماندىسىنىڭ باش تېرنىرى بولغان؛ئادىلجاننىڭ تېرنېرلىق ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرى:ئادىلجان باش تېرنېر بولغان 1-ئاۋغۇست كوماندىسى 2001-2002مۇسابىقە پەسلىدە 2-لىككە،2002-2003 مۇسابىقە پەسلىدە 1-لىككە،2003-2004 مۇسابىقە پەسلىدە 2-لىككە،2004-2005 مۇسابىقە پەسلىدە 1-لىككە،2006-يىللىق مەملىكەتلىك تەنتەربىيە يىغىنىدا 1-لىككە،2005-2006 مۇسابىقە پەسلىدە 2-لىككە،2006-2007 مۇسابىقە پەسلىدە 1-لىككە ئىرىشكەن . HD ?z   
2-ئابدۇراخمان ئابلىكىم 6(B0gBCId  
ئابدۇراخمان ئابلىكىم جۇڭگۇ ئولىمپىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىۋىدە 2000-يىلى ئاۋىستىرالىيەنىڭ سىدنىي شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 27-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكىس تۈرىگە قاتناشقان. -]~U_J]  
ئابدۇراخمان،ئەر،ئۇيغۇر،1978-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان.1999-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىۋىنى پۈتتۈرۈپ،شىنجاڭ بوكىس كوماندىسىغا قۇبۇل قىلىنغان،ھازىرغا قەدەر بوكىس ھەركىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.ئابدۇراخماننىڭ تەنتەربىيە ھاياتىدا ئىرىشكەن شان-شەرەپلىرى:1995-يىلى مەملىكەتلىك ياشلار مۇسابىقىسىدا 71 كىلوگىراملىقلار بويىچە 3-لىككە ئىرىشكەن؛1998-يىلى مەملىكەتلىك قەھرىمانلار مۇسابىقىسىدە 75 كىلوگىراملىقلار بويىچە 1-لىككە ئىرىشكەن؛1999-يىلى 20-نۆۋەتلىك ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدا ،ئابدۇراخمان ھىندىستان،كورىيە،قىرغىزىستان ماھىرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن يېڭىپ چىمپىيونلۇققا ئىرىشكەن ،بۇ جۇڭگۇ تارىخىدا جۇڭگۇلۇق بوكىس ماھىرلىرىنىڭ تۇنجى بۇلۇپ خەلقئارالىق مۇسابىقىلاردا چىمپىيۇن بۇلىشى ھىساپىلىنىدۇ؛2001-يىلى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىدا 75 كىلوگىراملىقلار بويىچە چىمپىيۇن بولغان؛2002-يىلى مەملىكەتلىك بوكىس مۇسابىقىسىدا 75 كىلوگىراملىقلار بويىچە چىمپىيون بولغان؛2002-يىل 9-ئايدا كورىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 14-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىغا قاتناشقان.ئۇ يەنە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ئىلغار خىزمەتچى ،كۆزگە كۈرۈنگەن 10 مۇنەۋۋەر ياش بۇلۇپ باھالانغان. EK_NN 3-نىجات ھۈسەن 9 }|Bs=q  
نىجات ھۈسەن جۇڭگۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىۋىدە 2008-يىل دۆلىتىمىزنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 28-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىنىڭ بوكىس تۈرىگە قاتناشقان. MA.1t  
نىجات،ئەر،ئۇيغۇر،1986-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان.2002-يىل شىنجاڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئۇقۇشقا كىرگەن؛2005-يىل شىنجاڭ بوكىس كوماندىسىغا قۇبۇل قىلىنغان؛2006-يىل دۆلەت بوكىس كوماندىسىغا قۇبۇل قىلىنغان.2004-يىل مەملىكەتلىك ياشلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان؛2006-يىل مەملىكەتلىك چىمپىيونلار مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان؛2007-يىل مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان؛2007-يىل مۇڭغۇلىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدا 5-لىككە ئىرىشكەن؛2007-يىل ئامرىكىنىڭ چىكاكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدا 3-لىككە ئىرىشكەن. Dd<gYPC  
4-مەمەتتۇرسۇن چوڭ m@.4Wrv  
مەمەتتۇرسۇن چوڭ جۇڭگۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىۋىدە 2008-يىل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 29-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەكەت يىغىنىنىڭ بوكىس تۈرىگە قاتناشقان.  S&]+r<  
مەمەتتۇرسۇن چوڭ،ئەر،ئۇيغۇر،1988-يىل 1-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.2002-يىل شىنجاڭ بوكىس كوماندىسىغا قۇبۇل قىلىنغان؛2004-يىل ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدا 2-لىككە ئىرىشكەن؛2007-يىل ئامرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتى ساكرامونتۇ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بوكىس دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 5-لىككە ئىرىشكەن؛2009-يىل 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىدا 64 كڭلوگىراملىقلار بويىچە چىمپىيون بولغان؛2010-يىل 16-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىدا 69 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە 3-لىككە ئىرىشكەن. #p&iH9c_  
5-ئابلىكىم ئابدۇرىشىت VvSD &r^qI  
ئابلىكىم ئابدۇرىشىت دۆلەتلىك بوكىس كوماندىسىنىڭ تېرنېرىلىق سالاھىيتى بىلەن2008-يىل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 29-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتناشقان. Zg5@l3w  
ئابلىكىم،ئەر،ئۇيغۇر،1958-يىل تۇغۇلغان،1980-يىل خىزمەتكە قاتناشقان.1983-يىل شىئەن تەنتەربىيە ئىنىستوتىنى پۈتتۈرگەن.دۆلەت دەرىجىلىك تېرنېر،ھازىر دۆلەت بوكىس كوماندىسىنىڭ باش تېرنېرى،شىنجاڭ بوكىس كوماندىسىنىڭ باش تېرنېرى،شىنجاڭ بوكىس تەنتەرنىيىسىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى.ئۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ 1994-يىل شىنجاڭ بوكىس كوماندىسىنى قۇرغان.ئۇ ئىلگىرى-كىيىن خەلقئارا دەرىجىلىك بوكىس پەلۋانلىرىدىن 5نەپەر،مەملىكەت دەرىجىلىك بوكىس پەلۋانلىرىدىن 12 نەپەر يىتىشتۈرۈپ چىققان.ئابلىكىم ئابدىرشىت يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ ئابدۇشۈكۈر مىجىت،ئەكرەم ئىساق،ئابدۇراخمان ئابلىكىم،قانات ئىسلام،نىجات ھۈسەن،مەمەتتۇرسۇن چوڭ،ئابدۇرۇسۇل روزى،تولىۋخان،ۋاڭ جۇجىڭ،مەمەتجان،ئەكرەم بارات قاتارلىق 20 نەپەردىن ئارتۇق ئەلا ماھىرلارنى تەربىيىلەپ يىتىشتۈرۈپ،دۆلىتىمىز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ بوكىس تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.ئۆزىمۇ كۆپ قېتىم دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان.ئابلىكىم ھازىر دۆلەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدىغان مۇتەخخەسىس. YN n,{Xi  
6-ئابدۇشۈكۈر مىجىت kWjCSC>jA  
ئابدۇشۈكۈر مىجىت دۆلەت بوكىس كوماندىسىنىڭ تېرېنىرلىق سالاھىيتى بىلەن 2008-يىل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 29-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتناشقان. Of7j~kdh83  
ئابدۇشۈكۈر،ئەر،ئۇيغۇر،1971-يىل 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىلىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە تۇغۇلغان.1994-يىل شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرۈپ،يېڭىلا قۇرۇلغان شىنجاڭ بوكىس كوماندىسىغا قۇبۇل قىلىنغان.ئۇ،تەنھەركەتچىلىك ھاياتىدا 10 نەچچە قېتىم شان-شەرەپكە ئىرىشكەن.2 قېتىم شەرقىي ئاسىيا تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە،1 قېتىم ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكەن.1997-يىل 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىدا چىمپىيون بولغان؛1998-يىل 8-نۆۋەتلىك بوكىس دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا 2-لىككە ئىرىشكەن؛2001-يىل 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىدا 2-لىككە ئىرىشكەن؛«خەلقئارا تەنھەركەت پەلۋىنى »،«جۇڭگۇ بوكىس شاھى»،«ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە 10 مۇنەۋۋەر ياش»قاتارلىق شان-شەرەپلەرگە ئىرىشكەن.ئۇ،تېرنېر بولغاندىن كىيىن تەربىيىلىگەن بوكىس ماھىرلىرىمۇ دۆلەت ئىچى سىرتىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.  
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەرگە:
مەن يۇقۇرقى ماقالىنى «جۇڭگۇ ئولىمپىك كومتىتى ھۆكۈمەت تورى»،«شىن خۇا تورى»،«تەڭرىتاغ تورى»قاتارلىق خەنزۇ يېزىقىدىكى تور مەنبەلىرىدىن ماتىريال توپلاپ،تەرجىمە قىلىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم .ماتىريال مەنبەلىرىنىڭ چەكلىك بۇلىشى،سەۋىيەمنىڭ تۆۋەن بۇلۇشى سەۋەپىدىن نۇرغۇن خاتالىق ۋە سەۋەنلىكلەرنىڭ بۇلىشى تەبئى.ئۇندىن باشقا،جۇڭگۇ ئولىمپىك كومتىتى ئەزەلدىن ئولىمپىكقا قاتناشقان ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئەسكەرتمىگەن.شۇڭلاشقا،جۇڭگۇ ۋە چەتئەللەردىن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ماقالىغا كىرگۈزۈلمەي قالغانلىرى يەنىلا مەۋجۇت بۇلىشى مۈمكىن.ئاخىردا،كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ پېقىرنىڭ تۈنجى ئەسىرىنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇشىنى،تەنقىت تەكلىپ بىرىشىنى،ئىمكانىيەت ياربەرسە تولۇقلاپ قۇيۇشىنى سەمىمى ئۈمۈت قىلىمەن.(ئەسلىدە يۇقارقى ئەزىمەتلەرنىڭ سۈرەتلىرىنىمۇ قۇشۇپ تەييارلىغان ئىدىم،لىكىن قانداق قىستۇرۇشنى بىلەلمىدىم.)

مەنبە:مىسرانىم تورى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-1 21:59 , Processed in 0.121809 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat