- توردا
- 577 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-9-27
- تىزىملاتقان
- 2010-8-7
- شۆھرەت
- 3028
- تىللا
- 1535
- تۆھپە
- 1893
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 10182
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 698
- تېما
- 235
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 3
- UID
- 176
[?]- تۆھپە
- 1893
- تىللا
- 1535
- شۆھرەت
- 3028
|
سۈرەتتە: ئەلىجان روسۇل (سولدىن 2-كىشى) ۋە ئۇنىڭ "ناشتا" ماركىلىق ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تونۇرى، ئۇنىڭدا پىشۇرۇپ چىقىلغان نانلار
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر قۇربان ھېيت مەزگىلىدە 4-5 كۈنگىچە ھېيت نېمەتلىرى بىلەنلا بولۇپ، بەكمۇ نان سېغىنىپ كەتكىنىم ھەم يېرىم ناننى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ ئىشتىھا بىلەن ھوزۇرلىنىپ يەپ كەتكىنىم ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ناننى شۇ ياشقىچە نەچچە كۈنگىچە يەپ باقماي ئۈتكۈزگەن كەچۈرمىشىم بولمىغاچقا، نان خۇمىرىنىڭ شۇنچە كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. شۇنىڭدىن كېيىن ھازىر دۇنيادا، ئېلىمىزدە مۇھىت ئاسراش مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويۇلۇۋاتقاندا، نۇرغۇن is چىقىرىش بەدىلىگە بىزگە نان بېرىدىغان تونۇرلارمۇ خىرىسقا دۇچ كېلەرمۇ دېگەن خىيال پات-پات ئېسىمگە كىرىۋالىدىغان بولۇپ قالغانىدى، بەلكىم باشقا قېرىنداشلارمۇ ماڭا ئوخشاش ئويدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. مانا ئەندى قارىسام، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ماشىنىسازلىق لايىھەلەش - ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، كىچىكىدىن باشلاپلا كەشپىياتچىلىق بىلەن تونۇلۇپ كېلىۋاتقان ئاقسۇ (ئونسۇ)لۇق يىگىت ئەلىجان روسۇل، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق (توكلۇق) تونۇرنى ئىجات قىلىپ، دائىم ئويۇمغا كىرىۋالىدىغان بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ياخشى ھەل قىلىپتۇ. بۇ توغرىدىكى تونۇشتۇرۇش ماقالىسىنى ئاسىيەگۈل تۇردى ئىسىملىك بىر قىز "شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى" گېزىتىنىڭ 2011-يىل 3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى سانى (ئومۇمىي 307-سان) غا خېلى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇپ يېزىپتۇ.
گېزىتتىكى ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، 2006-يىلىلا ئەلىجان روسۇلنىڭ كەشپىياتلىرى 100 دىن ئاشقان ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى؛ بىخەتەر ھەم توك تېجەيدىغان ئاپتوماتىك ئاسراش تىپىدىكى سۇ قايناتقۇچ؛ ئاپتوماتىك زەرەتلىنىدىغان، مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ئېنېرگىيە تېجەشلىك ئىشىك قوڭغۇرىقى؛ كۈپ ئىقتىدارلىق سوۋغاتلىق قەلەم؛ ئوغرىلىنىش، ئۇنتۇلۇش ۋە چۈشۈرۈپ قويۇلۇشتا سىگنال بېرەلەيدىغان ئىقتىدارلىق پۇل قاپچۇقى قاتارلىق ئىجادىيەتلىرى 2006-، 2007-يىللىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ئۈتكۈزۈلگەن 21-، 22-نۈۋەتلىك ياشلار-ئۈسمۈرلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئاپتونوم رايون بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 6-، 7-قېتىملىق شياڭگاڭ خەلقئارا پاتېنت، كەشپىيات تېخنىكا كۈرگەزمىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئىكەن. ئۇ يۇقىرىقىدەك نەتىجىلىرى بىلەن 2007-يىلى "ئارمان ئوقۇش مۇكاپاتى"نىڭ ساھىبى بوپتۇ. بۇ جەرياندا ئۇ تونۇشتۇرۇلغان ماقالە جۇڭگو كەشپىياتچىلار قامۇسىنىڭ 8-تومىغا، 2007-يىللىق مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا كۈرۈنەرلىك تۈھپە ياراتقان شەخسلەر لۇغىتىگە كىرگۈزۈلۈپتۇ. ئەلىجان ھازىر جۇڭگو كەشپىياتچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كەشپىياتچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىكەن. )
مەنبە:http://hi.baidu.com/abdilim/blog ... 7c78d57931aab4.html |
|