تورداشلارغا مەلۇم، بىز ئالدىنقى قېتىم سەينانىڭ بوشلۇق ئالماشتۇرۇش سەۋەپلىك 6- چېسلا توختاپ قالغانلىقىنى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىرقانچە كۈن بىنورماللىق بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدۇق، تۈنۈگۈن يەنە سەينانى ئىلگخرىكى بوشلۇققا قايتۇرۇشقا توغرا كەلگەچكە يەنە قايتىدىن 6- چېسلادىكى سانداننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىلا قىلالىدۇق.
بۇ قېتىم سەينانىڭ ساندانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە نورماللاشتۇرۇشتا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئەلئوغلى ئەپەندىم، روھلان تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئادىل ئەپەندىم ۋە قىياس يۇمشاق دىتال تورىغا تەشەككۈر ئېيتىمىز.
يەنە سەينانى ULY دا كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان ئۆزخان ئەپەندىمگە رەھمەت ئېيتىمىز.
سەينانى دائىم يوقلاپ تۇرغان تورداشلارغا كۆپتىن - كۆپ تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە تورداشلارغا مۇھىم بىر ئىشنى ئۇقتۇرىمىز؛
ئارىلىقتىكى 10 كۈن ئىچىدىكى يازمىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ( يۆتكەش ) بەك تەسكە چۈشكىدەك شۇڭا بۇ 10 كۈن ئىچىدە يازما يوللىغان تورداشلارنىڭ http://www.intil.net/home/forum.php غا كىرىپ يازمىلىرىنى مۇشۇ 2 كۈن ئىچىدە قوشۇمچە ھۆججەتلىرى بىلەن https://uyghur-archive.com/intil/home/forum.php غا قايتىدىن يوللىشىنى ئۇقتۇرىمىز.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تورداشلارغا كەلتۈرگەن قولايسىزلىقتىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمىز.
ئىنتىل سەيناسى 2011- يىلى 6- ئاينىڭ 17- كۈنى |