- توردا
- 65 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-5
- تىزىملاتقان
- 2010-8-19
- شۆھرەت
- 894
- تىللا
- 433
- تۆھپە
- 436
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 2826
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 4
- يازما
- 169
- تېما
- 18
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 258
- تۆھپە
- 436
- تىللا
- 433
- شۆھرەت
- 894
|
ئىنكاس قايتۇرۇش Intil نىڭ يازمىسى
سىزنى ھېچكىم ئىنتىلدىن قوغلىمىدى، مانا بىر مەزگىل ئۆزىڭىز كىرمىگەن ئىدىڭىز، بۈگۈن كىرىپسىز، قەدىمىڭىزگە مەرھابا.»»»»»»»»»»»»»»»
ئەلۋەتتە قوغىلمىدى. قوغلىسىمۇ قارشىلىق قىلالمايمەن. سىلى دىگەن تورغا بىزدىن كونا. بىزگە ئاكا سۈپەت ئادەم.«ۋاي ئابلەتكە» دەپ سالاملىرىنى ئىللىك ئالىمىز.ئاۋۇنى قىل ماۋۇنى قىلما دېسىلە ماقۇل دەيمىز. ماۋۇ ھۆرمەت يۈزىسىدىن .
مەزمۇن يەنە ئۆزىمىزنىڭ كونا ئۇۋىسىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ سەكرەيدىكەنمىز. ئاۋۇ بىز كىرمەيدىغان «باس-باس»،«ناس-ناس» دېگەن تور بىكەتلەردە ئۇنداق گەپ چېقسا «ئىت دىگەن قاۋاۋىرىدۇ، كارۋان يولىمىزغا ماڭىۋىرىمىز. قارلۇقنىڭ ئاتامانلىرىمۇ ئىسلامدا پىشقان بالىلار، بەلكىم ئازراق بىخەستىلىك قىلىپ سالغاندۇ، دەپ قويىلى، ئوڭشىۋەتسۇن» دەپ ئۆتكۈزىۋىتىمىز. ئىنتىلدا پىتنە چېقسا ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇنقى تاللىشىمىزغا ئۆكۈنۈش پەيدا بولسا ، ئۇلاپلا ئاكا سۈپەت بولغان ئۆزلىرىنىڭ ۋىجدانىي مەسئۇلىيەتچانلىقلىرىغا سۇئال تۇغۇپ قالىدىكەن. خالاستاندا ئىنتىلدەك چوڭ بىكەتكە ئائىت گەپ بولۇنمايدۇ، بولۇنسىمۇ مەن پىقىرنى ئىزدەيدىلا، ئەلۋەتت.
ئەينى چاغدا xjcfan دىكىلەر ئىنتىلنى نىمە دېمىدى؟بىلىكتىكىلەر قانداق ئارىغا ئالمىدى؟ شۇ چاغلاردا ئىنتىلنىڭ ئەزالىرى قانداق قىلدى؟ ھەممىنى بىلىدىلا. شۇ چاغدىكى كونىلار(مۇڭلان، كۈلكە،ئەردەۋىل،ئالىپ،قۇتبىلىك،روھلان،تاج،مۇشاۋېر...) دىگەنلەر ھەممىسى شۇنداق تېرىشقان.ئۇلار بىر-بىرلەپ ئۆي ئايرىدى، نىمىشقا دەپ سەۋەبىنى سورىمايمەن. ھازىرمۇ كۇئىنلون، ئەلنۇرى، ئىرپان، يۇلھۇن، نىدا... لار خىلى كۈچەۋەتىدۇ.مەنمۇ كىرمەيمەن ئەمەس، كۈندە بار.شۇنداق بولسىمۇ يۇقارقىلار ئىنتىل سەيناسىنىڭ پىتنە-پاسات، بۆلگۈنچى مەزمۇنلارغا ئورۇن بېرىشىگە سەۋەب بولماسلىقى كىرەك.
روھلاندىكىلەر ئىنتىلدىن كۆپ پۇل تاپسا نىمە بولۇپتۇ؟ ئالىپ تورىدا ئەزلار ئىنتىلدىن ئاكتىپ بولسا نىمە بولۇپتۇ؟ قۇتياردا تېما يىڭىلىنىشى ئىنتىلدىن تېز بولسا يەنە نىمە بولۇپتۇ؟بىلىكتە 2004-يىلدىكى تېمىلار تۇرسا نىمە بولۇپتۇ؟ ئىنتىل سەيناسى تاپمىغان ئېلان كىرىم، ئەزامۇ ئۇ ؟ شانلىق ئۆتمۈشى بار سەينا بۇ. شۇڭا ئىنتىل سەيناسى ئۆزىنى ئۇنداق كىچىك-يىڭى بىكەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇلاردىن ئۇششاق ئابروي تالاشماي بۇرۇنقىدەك بىلىم سەيناسى، بىلىم تېمىسى دىگەن مەقسەتتە تېرىشسا كۇپايە. خالاستان بىلوگى دىگەن ئەتە قۇرۇلغىلى ئاران 6 ئاي بولىدۇ. ئىنتىل سەيناسىنىڭ تەھلىل قىلىپ ، سورۇنغا چېقىرىپ قامچىلىشىغا ئەرزىمەيدۇ.
بۇ يەردە سورۇن تۈزەپ «پالانىي مائارىپ تورىدا ساغرا كۆرۈندى»،«پۇستانىي بىكەتنىڭ فونتى خاتاكەن»،«قاراڭلار خالاستاننى «خالاس+تان» دېمىسىمۇ خالا+سىتان دېسە بولىدىكەن».... دىگەندەك تېمىلارنى يوللاش ئىنتىلدەك كونا-پىشقان، پىشقەدەملەر يۇغلاشقان (UKIJ،تىلكوم لاردىنمۇ مۇشۇ يەرگە كىرىدىغان چوڭلار بار) سەيناغا ماس ئەمەس. ئۇ دېگەن قىلغلى ئىشى يوق، بىكارچى ئۇششاق تور بىكەتلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىپ ئوينايدىغان ئىشى. تۇرسانجان سۇلتان(ئەل سۆيگەن ئېسىل ئادەم)لەرمۇ مۇشۇ يەردە ، شۇڭا مەنمۇ تولا چالۋاقاپ، ھاياجانلىنىپ كەتمەي.
بۇنداق قىلغانلىق ئەخلاق نوقتىسىدىن بىر چىدىماسلىق. ئمانى كامىل ئىنسان بولسا نامىزىدا «تىلگىنىمنى بىرەلا خۇدا!» دەپلا جەينامازدىن چۈشۈپ مۇشۇنداق سىپى ئۆزىدىن باشقىلارغا ھاقارەت چاپلاشمۇ مۇۋاپىق ئىش ئەمەس.
مەن تېما يوللىغۇچى(ھىلى قىلغان گېپى ھىلى يوق) توغۇرلۇق توختالمايمەن.
يۇقارقىلار مىنىڭ ۋە ماڭا ئوخشاش (ئىنتىلدىن ئۆي ئايرىغان)لارنىڭ ئىنتىلنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەتكامغا قايتۇرمىسى. |
|