+==+  ئوقۇ، ئۆگەن، ئۆگەت، ئىزدەن، تىرىش، ئالغا باس. ئوقۇ، ئۈگەن، ئۈگەت، يولۇڭنى ئاچ، يوللارنى ئاچ، ئەلنى سۆي، ياخشى ئەمەللەردە بول، ھالال ياشا   +==+

ئىنتىل تورى

ULY

 

 

ئىزدەش
ئىنتىل تورى سەينا باشقا فىلىم- ئاۋاز بىلىمى ئۆزىمىزگە خاس يانفون قوڭغۇر ...

كۆرۈش: 269|ئىنكاس: 9
go

ئۆزىمىزگە خاس يانفون قوڭغۇراق مۇزىكىسى ياساش!  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

[?]
تۆھپە
1249  
تىللا
1020  
شۆھرەت
2139  
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-3 20:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ بىلىمنى تەمىنلىگەن  Tedbirkar غا رەھمەت

ھازىر يانفون كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر تۈرلۈك ئالاقە قورالىغا ئايلاندى، يانفونلارنىڭ تۈرلىرىمۇ كۈندىن كۈنگە يېڭىلىنىپ، ئەڭ دەسلەپكى رەڭسىز ئېكران، MID,MMF شەكىللىك مۇزىكىلارنى قوللاشتىن، ھازىرقى نەچچە مىليون پېكىسللىق كامېرا، رەڭلىك ئېكران، MP3,WMA,MP4,3GP ھەتتا RM,RMVB قاتارلىق ھۆججەت تىپلىرىنى قوللايدىغان ھالەتكە يەتتى.

يانفون ئەڭ دەسلەپكى ئالاقە قورالىدىن تەرەققى قىلىپ، بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش قورالىغا ئايلاندى، يانفوننىڭ قوللايدىغان كۆپ ۋاستە ھۆججەت دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر يانفوندا ھەرخىل MP3,WMA فورماتىدىكى ناخشا-مۇزىكا، يانفون قوڭغۇراق مۇزىكىسى قاتارلىقلارنى ساقلاپ، تېلىفون قوبۇل قىلغاندا سايرايدىغان ئاۋازلارغا خىلمۇ-خىل ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا ھۆججەتلىرىنى تەڭشەپ ئىشلىتىدىغان بولدى.

بۈگۈن تەدبىركارنىڭ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىدىغىنى، ئۆزىمىزگە خاس بولغان يانفون قوڭغۇراق مۇزىكىسى ياساش ئۇسۇلىدۇر. بۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ يانفون قوڭغۇراق مۇزىكىسى ياسايدىغان ئەپچىل، ھەقسىز، قولايلىق قورال 酷狗 يانفون قوڭغۇراق مۇزىكىسى ياساش ئۇستىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.

بۇ قورالنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى كېڭەيتىلگەن نامى MP3,WMA,WAV,OGG,APE,FLAC,CDA بولغان ئادەتتىكى مۇزىكا ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بۆلەكنى كېسىپ ئېلىپ يانفون مۇزىكىسى قىلىپ تەييارلاپ بېرەلەيدۇ. قوللايدىغان ھۆججەت تىپلىرى كۆپ، ئىشلىتىش قولايلىق، كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق، سىغىمىنىڭ كىچىكلىگە قارىماي ئىقتىدارىمۇ ئىنتايىن تولۇق تەمىنلەنگەن. يەنە بىر ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، بۇ قورال دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق ھەقسىز مۇزىكا قويۇش، چۈشۈرۈش ئىزدەش يۇمشاق دېتالى 酷狗音乐 دىن ئايرىپ ئېلىنغان بولۇپ، پۈتۈنلەي ھەقسىز يۇمشاق دېتال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ! تىزىملىتىش ياكى يېشىپ ئىشلىتىش ھاجەتسىز، پۈتۈنلەي يېشىل يۇمشاق دېتال تۈرىگە كىرىدۇ. يانفون مۇزىكىسى ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلىكتە، كومپيۇتېرىڭىزدا تەدبىركار تونۇشتۇرغان يەنە بىر ھەقسىز، يېشىل يۇمشاق دېتال كۆپىيىدىغان بولدىدە

مەزكۇر قورال مەخسۇس يانفون مۇزىكىسى ياساش بولۇپ، بىر قىسىم يېڭى ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ، ناۋادا ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى يۇقىرى دەپ قارىسىڭىز، تەدبىركار سىزگە Adobe Audition، CoolEdit ياكى GoldWave غا ئوخشاش بىر قەدەر كەسپىي ئاۋاز تەھرىرلەش يۇمشاق دېتاللىرىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇلار ئىقتىدار جەھەتتىن سىزنىڭ ھەرقانداق تەلىۋىڭىزنى قاندۇرالايدۇ، ئەلۋەتتە بۇ يۇمشاق دېتاللارنى خالىغانچە ئويناش ئۈچۈن خېلى ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

ناۋادا سىزنىڭ تەلىۋىڭىز يۇقىرى بولمىسا، پەقەت ئۆزىڭىزگە خاس بولغان يانفون مۇزىكىسى ياسىماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا دەرھال 酷狗 يانفون مۇزىكا ياساش ئۇستىسىنى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ. ناۋادا سىزدە بۇنىڭدىنمۇ ئېسىل يانفون مۇزىكىسى ياساش قورالى بولسا، تەدبىركارغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇماڭ، تەدبىركار بۇ يەردە ئەلۋەتتە سىزگە نىسبەتەن ھەقسىز تەشۋىق قىلىپ بېرىشنى خالايدۇ. قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ مەزكۇر قورال ئارقىلىق يانفون قوڭغۇراق مۇزىكىسى ياساش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتەي:
ھە راست، مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقان يانفونۇم NOKIA 6120C، ئۆزىدە MP3,WMA قاتارلىق ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى تەمىنلىگەن، توردا مەن ياقتۇرغۇدەك يانفون قوڭغۇراق مۇزىكىسى ئۇچرىمىغاچقا مەزكۇر يۇمشاق دېتال ۋە ئۇسۇلنى تونۇشتۇرغاچ ئۆزۈمگە خاس بولغان يانفون قوڭغۇراق مۇزىكىسى ياسىۋالاي.

ئاۋال يۇمشاق دېتالنى قوزغىتىمىز(قۇرۇق گەپ، يۇمشاق دېتالنى قوزغاتماي تۇرۇپ قانداق يانفون مۇزىكىسى ياسىغىلى بولىدۇ؟! )


يۇمشاق دېتالنىڭ ئاساسلىق كۆرۈنمە يۈزى

رەسىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەزكۇر قورالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئىنتايىن كۆركەم لايىھەلەنگەن، ئاۋال سول تەرەپ ئۈستىدىكى مۇزىكا قوشۇش(添加歌曲)نى بېسىپ، بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان مۇزىكا ھۆججىتىنى كىرگۈزىۋالىمىز، ياكى بىۋاستە بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان مۇزىكا ھۆججىتىنى تاللاپ تۇرۇپ، يۇمشاق دېتال ئۈستىگە مائۇسنى سۆرەپ ئاپىرىپ قويۇۋەتسەك مۇزىكا ئاپتوماتىك قوشۇلىدۇ. ئاندىن مۇزىكىنىڭ بىز كېسىۋالماقچى بولغان بۆلىكىنى بەلگىلەپ بېرىمىز، ئاڭلاپ بېقىش(播放歌曲) كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق مۇزىكىنى بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن كېسىۋېلىشقا بولىدۇ. ئوتتۇرىدا بىز كېسىۋالماقچى بولغان مۇزىكىنىڭ باشلىنىش بۆلىكى ۋە ئاخىرلىشىش بۆلىكىنى بەلگىلەش ئورنى بولۇپ، مۇزىكىنى قويۇۋېتىپ باشلىنىش نۇقتىسىنى تۇتۇۋېلىش(截取起点) ئارقىلىق باشلىنىش نۇقتىسى، ئاخىرلىشىش نۇقتىسىنى تۇتۇۋېلىش(截取终点) ئارقىلىق مۇزىكىنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسىنى تۇتۇۋېلىشقا بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئاستىدا مۇزىكا ھۆججىتىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرى تەمىنلەنگەن، ئاستىنقى بۆلەكتە بولسا بىز ھاسىل قىلماقچى بولغان يانفون مۇزىكىسى ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىنى بەلگىلەش، ئاۋاز سۈپىتى، مۇزىكا باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇنقى ئاۋاز سۇسلىشىش ئۈنۈمى، مۇزىكا ئاۋازىنى چوڭايتىش قاتارلىق تەڭشەكلەرنى بەلگىلەشكە بولىدۇ، بۇ تەڭشەكلەرنى كۆڭۈلدىكىدەك تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن ئۈستى تەرەپتىن قوڭغۇراق مۇزىكىسىنى ساقلاش(保存铃声) كۇنۇپكىسىنى باسساق مۇزىكىنى ساقلاش ئورنىنى بېكىتىپ بېرىشنى سورايدۇ، رەسىمگە قاراڭ:




ھاسىل بولغان يانفون قوڭغۇراق مۇزىكىسى ساقلىنىدىغان ئورۇننىڭ كۆڭۈلدىكىدەك قىممىتى، 酷狗 يانفون قوڭغۇراق مۇزىكىسى ياساش ئۇستىسى يۇمشاق دېتالى تۇرۇشلۇق مۇندەرىجىدىكى Ring ناملىق ھۆججەت قىسقۇچقا تەڭشەلگەن بولۇپ، ئۆزىمىز باشقا يەرگە تەڭشەپ ساقلىساقمۇ بولىدۇ، ساقلاش ئورنىنى بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن جەزملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسساق، كېسىپ تەييارلانغان يانفون مۇزىكا ھۆججىتىنى ھاسىل قىلىش باشلايدۇ، رەسىمگە قاراڭ:




ئەمدى بىزگە لازىملىق يانفون مۇزىكا ھۆججىتى تەييار بولدى، تەييار بولغان مۇزىكىنى ئاڭلاپ باقساق، ئاۋاز سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنىڭ ئىنتايىن ياخشى چىققانلىقىنى بايقايمىز، ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى ئۈنۈم بىز ھاسىل قىلىشتىن بۇرۇن ئېلىپ بارغان تەڭشەش مەشغۇلاتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئەمدى ھاسىل بولغان ئاۋاز ھۆججىتىنى يانفونىمىزغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتسەكلا بولىدۇ.

ھە راست، ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ پرىستىن يېشىپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك ھۆججەتلەر تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ.



ئاۋال يېشىللاشتۇرۇش(绿化) ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىمىز، بۇ ئارقىلىق مەزكۇر قورالنىڭ مەزكۇر قورالنىڭ ئاساسلىق بىر دانە DLL ھۆججىتىنى سېستىمىغا تىزىمغا ئالدۇرمىساق يۇمشاق دېتال نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ، ئاندىن يۇمشاق دېتالنى قوزغىتىپ ئىشلەتسەكلا بولىدۇ.

ھۆججەت تەپسىلاتى: 酷狗 يانفون مۇزىكىسى ياساش مۇتەخخەسسىسى
ھۆججەت نەشىرى: ھەقسىز يېشىل نەشىرى
ھۆججەت فورماتى: RAR
ھۆججەت سىغىمى:1.25MB
تەييارلانغان ۋاقىت: 2009.04.20
پرىستىن يېشىش پارولى: www.tedbirkar.net
تارقاتقۇچى تور بېكەت: http://www.kugou.com
ھۆججەت تەييارلىغۇچى: تەدبىركار
سەمىمىي ئەسكەرتىش:
يۇقارقى ھۆججەت ھەقىقى نەشىردىكى NOD32 ۋىروسخورىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋىرۇس ئامبىرىدا تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خاتىرجەم چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئاۋارىچىلىق كۆرمەي چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. يۇقارقى ھۆججەتنىڭ كېلىش مەنبەسى تور دۇنياسى بولۇپ، تەدبىركار تور بېكىتى بۇ قورالنى ئىشلىتىش داۋامىدا كېلىپ چىققان ھەر قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ، ناۋادا سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ نەشىر ھوقۇقى ياكى ئەسەر ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلارنى بايقىسىڭىز، بىزگە مەلۇم قىلىپ قويۇڭ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداشقا تىرىشىمىز!
چۈشۈرۈش1  چۈشۈرۈش2  مەنبەسى: تەدبىركار  چۈشۈرۈش3  چۈشۈرۈش4  چۈشۈرۈش5

مەنبە: تەدبىركار تورى

Rank: 6Rank: 6

[?]
تۆھپە
303  
تىللا
419  
شۆھرەت
545  
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-3 22:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن خىلى بۇرۇنلا چۈشۈرۋالغان ھەقىقەتەن ياخشى دىتال بۇ.

Rank: 4

[?]
تۆھپە
173  
تىللا
325  
شۆھرەت
354  
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-3 23:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كەچۈرۈڭ! سىز ئىزدىمەكچى بولغان بەتنى مەن يېۋېتىپ قاپتىمەن
دەيدىغۇ !!! نىمە ئىش بولۇپ كەتتى بۇ
ئەتىرگۈل كۇلۇبى گۈل ئۆستۈرمەيدۇ، قاراپ بېقىڭە- نىمە باركىن ؟http://www.etirgul.com/bbs

Rank: 8Rank: 8

[?]
تۆھپە
2678  
تىللا
2452  
شۆھرەت
5154  

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات ھەمكارلىق

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-3 23:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش qeqnus نىڭ يازمىسى

مەدىكارنىڭ قۇرسىقى ئاچ قالغان بولسا يەۋالغان ئوخشايدۇ...
ماۋۇنى يىيەلمەيدۇ، خاتىرجەم چۈشۈرۈڭ...
http://www.skycn.com/soft/63525.html

Rank: 4

[?]
تۆھپە
173  
تىللا
325  
شۆھرەت
354  
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-3 23:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
Koinlun يوللانغان ۋاقتى  2011-6-3 23:42
ئىنكاس قايتۇرۇش qeqnus نىڭ يازمىسى

مەدىكارنىڭ قۇرسىقى ئا ...

رەھمەت ، ئورگان بېتىدىن چۈشۈرۈپ ، نەرىم خاتا دىگەن ناخشىنى ياساپمۇ ئۈلگۈردۈم ...ھەقىقەتەن نوچى دېتالكەن ، ئاۋاز بۇزۇپ قويمايدىكەن ، يەنە تېخى ئاۋاز كۈچەيتكىلىمۇ بولىدىكەن ئەمەسمۇ
....
كوئىنلۇن ئۇستاز ، باركەنسىز ؟  چ چ نى ئوغرىغا بەردۇقمۇ ياكى بىز غېرىپلارنى چىقىرىۋەتتۇقمۇ چ چ دىن - باش سۆرىتىڭىز قاپقارىلا تۇرىدا ؟؟؟؟
ئەتىرگۈل كۇلۇبى گۈل ئۆستۈرمەيدۇ، قاراپ بېقىڭە- نىمە باركىن ؟http://www.etirgul.com/bbs

Rank: 8Rank: 8

[?]
تۆھپە
2678  
تىللا
2452  
شۆھرەت
5154  

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات ھەمكارلىق

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-3 23:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش qeqnus نىڭ يازمىسى

ئۆزلىرىنى چىقىرۋەتكىلى بولاتتىمۇ؟ سىلى بىزنى چىقىرۋەتمىسىلە خۇش بولۇپ ئۆتىدىغان كوئىنلۇنمەن....

Rank: 5Rank: 5

[?]
تۆھپە
1536  
تىللا
1619  
شۆھرەت
2956  

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-4 15:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قەقنۇس دىگەننى مەنمۇ دىمەكچى ئىدىم  كوئىنلۇن ئۇستاز  .....
مىنىڭ QQرىمدىمۇ تۇيۇقسىزلا غايىپ بولدىڭىز . ۋىتۋالاقتىن كەچسەك كېچىمىزكىن ،سىزدەك ئۇستازدىن كەچمەيمىز جۇمۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-6-4 15:25  

alnuri   [ئىشەنچلىك ئەزا] 

Rank: 8Rank: 8

[?]
تۆھپە
2549  
تىللا
2138  
شۆھرەت
6965  

تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا ئاكتىپ ھەمكارلىق پىداكار تەشۋىقات تۆھپە داڭدار

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-4 19:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەگەر كومپىيوتىرىمىزغا 酷狗音乐2011 قاچىلانغان بولسا، بۇ دېتالنى يەنە باشقا مەنبەلەردىن چۈشۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. 酷狗音乐2011 نى قوزغۇتۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى قۇراللار تىزىملىكىگە قارايدىغان بولساق 制作铃声 نى قىينالمايلا تاپالايمىز. 制作铃声 نى چەكسەكلا بۇ دېتال تېزلىكتە قوزغۇلۇپ تەييار بولىدۇ. شۇنۇڭ بىلەن يۇقۇرىدا دىيىلگەن ئۇسۇل بىلەن ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان يانفۇن قوڭغىراق مۇزىكىلىرىنى ياسىۋالساق بولىدۇ.
1.jpg
2.jpg
بۇ دۇنيا پەقەت مۇھەببەت ۋە مىھرى شەپقەت بىلەنلا شۇ قەدەر گۈزەلدۇر!  
taylak   [ئىشەنچلىك ئەزا] 

Rank: 8Rank: 8

[?]
تۆھپە
564  
تىللا
1117  
شۆھرەت
1014  

ئاكتىپ تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-4 20:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھۆنەرنىڭ كونىسى يوق جۇما دوستلار، راستىنلا ياخشىكەن

Rank: 6Rank: 6

[?]
تۆھپە
401  
تىللا
391  
شۆھرەت
668  
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-4 21:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش Koinlun نىڭ يازمىسى

مەن كىچىك بولساممۇ  كومپىيوتىردىن خېلى نەرسىلەرنى بىلىمەن مىنىمۇ چ چ رىڭىزغا قاچىلەپ قۇيۇڭ koinlunئاكا    سىزدىن سوراپ ئۇگۇنىۋالاي     QQ:154813044   ،   350931645
قەلەندەر بولساممۇ چىن ۋىژدانىم بىلەن ياشايمەن !
بۈگۈنكى ئىسراپچىلىق--ئەتىكى ئاچارچىلىقنىڭ باشلىنىشى!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|intil.cn 因特乐 知识信息网 ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2011-8-30 09:12 , Processed in 0.506187 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.