ئىمتىھاندا كۆچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بولامدۇ ؟
ئەزىز ئەيسا (كۆكتۇغ)
(مۇخەممەس )
ھىجىيىپ گاھ بىزىرىپ يۈز ئالسىڭىز بولامدۇ ؟
تاتىرىپ گاھ قىزىرىپ يۈز ئالسىڭىز بولامدۇ ؟
غۇرۇرۇڭغا تۈكۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بولامدۇ؟
مىللىتىڭدىن يۈز ئۆرۈپ يۈز ئالسىڭىز بولامدۇ ؟
ئىمتىھاندا كۆچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بولامدۇ ؟
يالغان بايراق كۈتۈپ يۈز ئالسىڭىز بولامدۇ ؟
جەڭگاھلاردا مۈكۈنۈپ يۈز ئالسىڭىز بولامدۇ ؟
ياكى قاچاق ئاتىلىپ يۈز ئالسىڭىز بولامدۇ ؟
ھۆرمىتىڭنى چۈشۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بولامدۇ ؟
ئىمتىھاندا كۆچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بولامدۇ ؟
ئىلىم ئىرپان ئەزەلدىن ساختىلىقنى كۆتۈرمەس!
ياخشى ئادەم ئەزەلدىن سىناقلاردا كۆچۈرمەس!
ۋۇجۇدىدىن ئەخلاقنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەس!
كۆچۈرمىكەش بىر ئۆمۈر قاقشال دەرەخ كۆكلىمەس!
ئىمتىھاندا كۆچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بولامدۇ ؟
ئاتا ئاناڭ ئارزۇلاپ ئوقۇ، بىلىم ئال دېدى ،
ئىجات مېھنەت بەيگىگە تۇلپارىڭنى سال دېدى ،
ئەجىر بىلەن ئىقبالنىڭ تىزگىنىنى ئال دېدى ،
بىز تارتايلى رىيازەت، ئۆزۈڭ يىگىن بال دېدى،
ئىمتىھاندا كۆچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بولامدۇ ؟
ئىمتىھاندا كۆچۈرۈش ئۆز ئۈزىنى ئالداشتۇر ؛
ئالداشلارنىڭ ئېغىرى ئۆز ئۈزىنى باپلاشتۇر ،
ئۆز ئۈزىنى ئالدىغان ھايۋانلارغا قانداشتۇر ،
شۇڭا ھايۋان بىرئۆمۈر قارا كۈنگە يانداشتۈر ،
ئىمتىھاندا كۆچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بولامدۇ ؟
بىزلەر ئادەم ،ئادەمدەك چۈشەيلىچۇ مەيدانغا ،
زىراپىدەك بوينىڭنى ئۇزارىتمىغىن ھەريانغا ،
توغرا كەلسۈن ھەر ئىشىڭ غورورۇڭغا ۋىژدانغا ،
ھالال مېھنەت ئەجىردىن ئىرىش شەرەپ ھەم شانغا،
ئىمتىھاندا كۆچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بولامدۇ ؟
قىڭغىر ئىشلار ھامانە قىڭغىيىدۇ مات بولۇپ ،
بىزدە تۇرۇپ قالمىسۇن نۇمۇس لەقەم ئات بولۇپ ،
يەنە تىنەپ يۈرمەيلى ئەجداتلارغا يات بولۇپ ؛
شەرىپىمىز نۇرلانسۇن ئەل ئارادا ئاق بولۇپ ،
ئىمتىھاندا كۆچۈرۈپ يۈزئالسىڭىز بولامدۇ ؟
2006يىل-ماي ئاقسۇ |