- جۇغلانما
 - 130642
 
 
تىزىملاتقان2010-7-21
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
 
 
 
 
 | 
	
چۈش تەبىرى 
بىلىڭ ۋە ئاگاھ بولۇڭكى تارىخ يازغۇچى ۋە رىۋايەتچىلەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , ھەزرىتى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام چۈش تەبىرىدىن قالدۇرغان رىۋايەتكە ئېيتىپدۇركى , ھەر كىشى بىرەر چۈش كۆرسە چۈشىگە تەبىر بەرگۈچى ياخشىلىققا تەبىر بەرسۇن يامانلىققا تەبىر بەرمىسىۇن .   
 
چۈش كىشىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنىشى بولۇپ , ئەلمىساقتىن تارتىپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ , يامان چۈشلەرنىمۇ ئامال بار ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ كىشىلەرنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تولدۇرۇپ , بەلگىلىك رىغبەتلەندۈرۈش , تەسەللىي بىرىش ۋە ئىلھام بىرىش ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەملىككە ئىگە قىلماقتا . ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس چۈش تەبىرى بولۇپ , بۇ تەبىرلەرگە شۇ مىللەتنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتى , دىني ئېتىقادى , ۋە شۇ مىللەتنىڭ بەلگىلىك مەدىنىيەت خاراكتىلىرى سىڭىپ كەتكەن . بۇنىڭ شۇ مىللەتنىڭ ئىندىۋۇدال خاراكتىرىنى ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك قىممىتى بار . شۇنى دەپ ئۆتۈش كېرەككى , بۈگۈنكى ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلغان دەۋىردىمۇ , نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى چۈشىنەلمەي , بۇنىڭدىكى سىرغا ھەيران قىلىپ يۈرمەكتە . بېشىدىن كۆپ ئىسسىق - سوغۇق ئۆتكەن پىشقەدەملىرىمىز ھەرخىل چۈشلەرگە بىرخىل بەلگىلىك رىغبەتلەندۈرۈش , تەسەللىي بىرىش ۋە ئىلھام بىرىشنى ئاساس قىلىپ , ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ كەلمەكتە 
تۆۋەندە بىز ئۆزىمىز توپلىغان بىر قىسىم چۈش تەبىرلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزورىغا سۇندۇق .دوستلارنىڭ << شاكىلىنى چىقىرۋىتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش >> نى تەۋسىيە قىلىمىز . 
بىلىڭ ۋە ئاگاھ بولۇڭكى تارىخ يازغۇچى ۋە رىۋايەتچىلەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , ھەزرىتى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام چۈش تەبىرىدىن قالدۇرغان رىۋايەتكە ئېيتىپدۇركى , ھەر كىشى بىرەر چۈش كۆرسە چۈشىگە تەبىر بەرگۈچى ياخشىلىققا تەبىر بەرسۇن يامانلىققا تەبىر بەرمىسىۇن . 
1. ھەركىمنىڭ ئۆيى تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئوغۇل پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر . ئۆينىڭ تۆۋەن تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە قىز پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر . ئۆينىڭ قىبلە تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئاتا تەرەپكە , شەرق تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئانا تەرەپكە خەتەر يېتەر ، تورۇس ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە ئۆينىڭ چوڭىغا خەتەر يېتەر . 
2. قەبرىستاندا يۈرۈپ چۈش كۆرسە گۇناھى ئازلىغان بولۇر . 
3. مەسجىدنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە خۇدانىڭ خەزىنىسىدۇر . :: 
4. مەسجىددە ناما ز ئوقۇپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يېتەر . 
5. چوڭ دەرەخ يىقىلىپ چۈش كۆرسە شۇ جاينىڭ چوڭىغا خەتەر يىتەر . 
6. كۆچەت قويۇپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي . 
7. تاغدا يۈرۈپ تاغنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئىززەت ۋە ھۆرمەتلىك بولغاي . 
8. ئوتنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يىتەر . 
9. تۈتۈن ئىسىنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئازاپقا گىرىپتار بولۇر . 
10. ئوتۇن كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىناما ز بىلەن دوست بولۇر . 
11.ئانارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىر يەردىن سوغات خەۋىرى كېلۇر . 
12. بىيە كۆرۈپ چۈش كۆرسە كېسەل بولۇر . 
13. ئىشەكتىن يىقىلىپ چۈش كۆرسە ئۆزىگە زىياندۇر . 
14. تۆمۈر ئەسۋاب كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنتى كۆپ بولۇر . 
15. قامچا كۆرۈپ چۈش كۆرسە چوكان ئالۇر . 
16.ئىت قاۋاپ چۈش كۆرسە دۈشمەن قەسىت قىلۇر . 
17. ئىلان ھەم دۈشمەن سۈرىدۇر . 
18. ئاق ئىلان مۇسۇلماندۇر . 
19.قارا ئىلان دۈشمەن سۈرىدۇر . 
20. چاشقان ئوغرى سۈرىدۇر . 
21. توشقان كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت نىسىپ بولۇر 
22. قاغا قىچقىرىپ چۈش كۆرسە قۇرقۇنچلۇق خەۋەر كېلۇر . 
23. پاختەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر . 
24. قۇشقاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمكىن بولۇر 
25. كەپتەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى ئالىم بولۇر . 
26. لاچىن كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى باتۇر بولۇر . 
27. دەمدەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە شۇ جايدىن قۇرئان ئاۋازى ئۈزۈلمەس 
28. تورغاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولغاي .    
29. سېغىزخان كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھارامخۇر بىلەن دوست بولۇر 
30. بۇلبۇل كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى نەغمىچى بولۇر . 
31. قالغاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى راسىت سۆزلۈك بولۇر . 
32. ھۆپۆپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى بېخىل بولۇر . 
33.ئاسمانغا ئۇچۇپ چۈش كۆرسە دۆلىتى زىيادە بولۇر . 
34. يەر ياقىلاپ چۈش كۆرسە ياكى ئۇچۇپ يىقىلىپ چۈش كۆرسە سەپەردە خەتەرگە ئۇچرار . 
35. ئېگىز ئۇچۇپ چۈش كۆرسە سەپىرى سالامەت بولۇر .    
36. كەتمەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يىتەر . 
37. ئارا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر . . 
38. خامان تېپىپ چۈش كۆرسە خەلىققە باش بولۇر . 
39. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋان بولۇر . 
40. كېيىكنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە نېمەتكە داخىل بولۇر . 
41. كالا قوغلاپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلارنىڭ نەزىردىن يېقىلۇر . 
42. كالا بوغۇزلاپ چۈش كۆرسە يۇرتىغا خەتەر يېتەر . 
43. كالا گۆشى تەقسىم قىلىپ چۈش كۆرسە ئۆي سەرەمجانلىرى تەقسىم قىلىنۇر . 
44. قوي گۆشى تەقسىم قىلىنىپ چۈش كۆرسە تەقسىم نۆۋىتى كېلۇر .    
45. پاقلان كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى يىتىم قالۇر . 
46. ئۆچكە جىننىڭ سۈرىدۇر. 
47.. ئوغلاقنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەككار پەرزەنت كۆرەر 
48. مال بېقىپ چۈش كۆرسە خەلىققە باشلىق بولۇر 
49. تۆگە قوغلاپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالارنىڭ غەزىۋىگە ئۇچرار .    
50. تۆگە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر . 
51. مىكيان كۆرۈپ چۈش كۆرسە خوتۇن ئالۇر ياكى ئەرگە تېگەر . 
52. تۇخۇم يەپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرمەس 
53. تۇخۇم چېقىلىپ چۈش كۆرسە پەرزەنتى تۇرماس . 
54. قوناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكىلى ئاسان بولۇر .    
55. ئىت قەسىت قىلىپ چۈش كۆرسە دۈشمەن سۈرىدۇر . 
56. شەھەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكىلى ئاسان بولۇر . 
57. چوڭ بولۇپ چۈش كۆرسە رەنجىگە گىرىپتار بولۇر . 
58. تارازا كۆرۈپ چۈش كۆرسە داۋاگەر بولۇر . , 
59. كۆۋرۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئابرۇيلۇق بولۇر . 
60. گۈلنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلاردىن ئىنام ئالۇر . 
61. قورسىقى تويۇپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر . 
62. قورسىقى ئېچىپ چۈش كۆرسە غەمدىن قۇتۇلار . 
63. جامائەتلەرنى كۆرسە خۇشاللىق بولۇر . 
64.بىلەيزۈكنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە نىكاھى مۇستەھكەم بولۇر 
65. ھارۋا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ياكى پۇتىغا ئاياق كىيىپ چۈش كۆرسە خوتۇن ئالۇر . 
66. قىز بالا كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمۈرى ئۇزۇن بولۇر . 
67. چوكان كۆرۈپ چۈش كۆرسە پۇل ماللىرى ئامان بولۇر . 
68. زىنا قىلىپ چۈش كۆرسە غۈسلى تاھارەت قىلىپ يۇيۇنسۇن ، مۇرادىغا يىتەر . 
69. ئوڭ قولى غايىپ بولۇپ چۈش كۆرسە ئوغۇل پەرزەنتىگە ، چەپ قولى غايىپ بولسا قىز پەرزەنتىگە خەتەر يىتەر 
70. زىكەر غايىپ بولسا پەرزەنت كۆرمەس . 
71.بەدېنىگە موي چىقىپ چۈش كۆرسە پۇل ماللىرىغا زىيان يېتەر 
72. ئاياللار پەرجىدىن قان ئېقىپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي . 
73. چوڭ - كچىك بۆلۈپ چۈش كۆرسە دۇنياسى كۆپ بولۇر . 
74. ھايۋاننىڭ تېزىگىنى تېرىپ چۈش كۆرسە ئومرى مۇشەققەت بىلەن ئۆتكۈزگەي . 
75. ئۆيگە كىرىپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر . 
76. ئۆيدىن چىقىپ چۈش كۆرسە غەمدىن قۇتۇلار . 
77. ئۆيگە سۇ كىرىپ چۈش كۆرسە ئۆيگە بەركەت كىلۇر 
78. ئۆيگە ئوت كېتىپ چۈش كۆرسە بەدنىيەت ئادەمگە ئۇچرار . 
79. دەريانى كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەرتىۋىسى ئۆسەر . 
80. دەرياغا چۈشۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر . 
81. كېمىگە چىقىپ چۈش كۆرسە يۈزدە يۈز مەرتىبە تاپار . 
82. پاقىنى كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر . 
83. بېلىق كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھالالدىن رىزقى كۆپ بولۇر . " 
84. ئات يۈگۈرتۈپ چۈش كۆرسە مۇرادىغا يېتەر 
85. ئات مېنىپ جەڭ قىلىپ چۈش كۆرسە خوتۇنى بىلەن ماجرالىشىپ ئۆي بۇزۇلۇر . 
86. ئاتتىن يىقىلپ چۈش كۆرسە خوتۇندىن يامانلىق كىلۇر . 
87. يايلا قۇيرۇقلۇق ئاتقا مېنىپ چۈش كۆرسە خوتۇنى كېسەل بولۇر . 
88. لەھەڭ دەم تارتىپ چۈش كۆرسە ئۇلۇغلاردىن ئىنئام ئالۇر 
89. ئەجدەرھا پادىشاھ سۈرىدۇر . 
90. قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە رىزقى كۆپ بولۇر 
91. توڭ قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە جۇداغا قالۇر . 
92. ئاچچىق قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە بىر كىشىدىن ئىزا - ئاھانەتكە قالۇر . 
93. ئاق ئۈجمە يەپ چۈش كۆرسە رىزقى كۆپ بولۇر . 
94. ياڭاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە جۇداغا قالۇر 
95. كۆك ئۈزۈم يەپ چۈش كۆرسە يىغا - زارلىق بولۇر 
96. توڭ ياڭاق يامان ئەمەستۇر . 
97. جۇگاز يىغى كۆرۈپ چۈش كۆرسە پاراڭ جۇداغا قالۇر . 
98. غەلۋىر كۆرۈپ چۈش كۆرسە ۋەيرانلىققا قالۇر . 
99. ئۆتكەمە كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمگە قالۇر . 
100. خوتۇن كىشى ئوغۇل تۇغۇپ چۈش كۆرسە قىزدۇر . 
101. ئالما كۆرۈپ چۈش كۆرسە دېدار كۆرۈشەر . 
102. چىسلا كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسى دوختۇر بولۇر . 
103. جىگدە كۆرۈپ چۈش كۆرسە نائەھلى بىلەن دوست بولۇر . 
104. تولا يىغلاپ چۈش كۆرسە كېسەل بولۇر . 
105. گۆر كولاپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر . \ 
106. ھەرە كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىراۋدىن ئازارلىنۇر . 
107. ئورۇس كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئەمەلسىز پەرزەنت كۆرەر . 
108. ھىندى كۆرۈپ چۈش كۆرسە قارغۇ پەرزەنت كۆرەر . 
109. چېچەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى راھەتتە بولۇر . 
110. شىكەر ناۋات كۆرۈپ چۈش كۆرسە خۇشاللىق بولۇر . 
111. غەم بولۇپ چۈش كۆرسە تولا كېسەل بولۇر . 
112. قاپاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە كېسەلدىن شىپا تاپار . 
113. قۇلىغى گاس بولۇپ چۈش كۆرسە بەتنام سۆزدىن قۇتۇلار . 
114. بوغۇز تۆگە كۆرۈپ چۈش كۇرسە جان ئالغۇچىنڭ سۈرىدۈر . 
115. كەكلىك كۇرۈپ چۈش كۇرسە خۇدا جۈپ پەرزەت بېرەر . 
116. قارچۇغا كۇرۈپ چۈش كۇرسە دوستى قولىغا كېلۇر . 
117. سېۋەت كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەرتبسىدىن چۈشەر .    
118. چىراق كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئالىم پەرزەنت كۆرەر . 
119. سۇرە پەلەقنى ئوقۈپ چۈش كۆرسە ئالىم پەرزەنت كۆرەر . 
120. سۈرە پەلەقنى ئوقۇپ چۈش كۆرسە سېھرى جادۇدىن قۇتۇلار . 
121. سۇرە ياسىن ئوقۈپ چۈش كۆرسە خۈدا دوزاق ئازابىدىن ساقلار . 
122. قۈرئان ئوقۈپ چۈش كۆرسە ياخشى كۈن كۆرەر . 
123. تاھارەت ئېلىپ چۈش كۇرسە ئابروي كۆتۈلەر . 
124. روھ كۈلۈپ چۈش كۆرسە ئازاپ تارتقاننىڭ سۈرىدۈر . 
125. روھ دەشنام قىلىپ چۈش كۆرسە مەدەت قىلغاننىڭ سۈرى 
126. روھ ئۈرۈپ چۈش كۆرسە ساقايماس كېسەلگە قالۈر . 
127. روھ ئىززەتلەپ چۈش كۆرسە ئۆز يېنىغا تارتقاننىڭ سۈرىدۈر . 
128. روھ سۆزلسە راست سۆزلىگەي . 
129. روھ تائام بېرىپ چۈش كۆرسە دۇئا تەلەپ قىلغاندۈر . 
130. روھ تاھارەت ئېلىپ چۈش كۇرسە گۈناھى تۆكۈلەر . 
131. تۈگمەن قۈرۈق چۆگىلەپ چۈش كۇرسە قۇرۇق سۆز قۇرۇق تۆھمەتكە قالغاي . 
132. تۈگمەندە ئۇن تارتىپ چۈش كۆرسە پۇل مالى كۆپ بولغاي , ھاجىتى راۋا بولغاي . 
133. يامغۇر يېغىپ چۈش كۆرسە ئەرزانچلىق بولۇ 
134. ئاپتاپ چىقىپ چۈش كۇرسە مەرتېبىلىك بولۇر . 
135. كۈننى كۇرۈپ چۈش كۇرسە خۈدانىڭ جامالىدۈر . 
136. كۈن تۈتۈلۈپ چۈش كۇرسە خەلق زۈلۈمدا قالغاي . 
137. ئاي كۈن بىر يەردە جەم بولۈپ چۈش كۆرسە دەرىجسى كۆتۈرۈلگەي . 
138. يېڭى ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرگەي ، تولۇن ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكۈلى ئاسان بولۈر . 139. يېرىم ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە قىلغان ئىشى چالا بولغاي . 
140. ئاي كۆرۈپ كېتىپ چۈش كۆرسە يۈرت ئىچىدە پىتنە پاسات بولۈر . 
141. يۇلتۇز كۆرۈپ چۈش كۇرسە مۈرادىغا يېتەر . 
142. يۇلتۇزلار تۆكۈلۈپ چۈش كۆرسە قۇرۇق تۆھمەتكە يولۇقار . 
143. ئۈكەي يۇلتۇزنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ساھابىلەردىن مەدەت بولۇر . 
144. يۇلتۇز ئېقىپ چۈش كۆرسە بىر ئالىم ۋاپات بولۈر . 
145. يەر تەۋرەپ چۈش كۆرسە گۈناھلار كۆپلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر . 
146. ھاۋا گۈلدۈرلەپ چۈش كۆرسە قۇرۇق سۆزگە قالۇر . 
147. چاقماق چېقىپ چۈش كۆرسە پادىشاھنىڭ ئالدىدا گۇناھقا لايىق بولۇر . 
148. باش غايپ بولۇپ چۈش كۆرسە ئەجىلى يېقىن بولۇر . 
149. بېشىغا قېلىچ تېگىپ چۈش كۆرسە پادىشاھقا خەتەر يېتەر . 
150. باش چۈشۈپ چۈش كۇرسە يېرىم ھەج ساۋابى بولۈر , قىلغان ئىشى چالا بولۇر . 
151. چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆرسە قەرزدار بولۇر 
152. كۆزى كور بولۇپ چۈش كۆرسە تىنەپ قالۇر . 
153. ئايالىنىڭ چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆرسە بەختى كېلۇر . 
154. بىر كۆزى كۆرمەس بولۇپ چۈش كۆرسە نامەرتنىڭ قولىغا قالۇر . 
155. بۇرنى پۇچۇق بولۇپ چۈش كۆرسە ئەيىبى ئاشكارا بولۇر . 
156. ئاق تون كېيپ چۈش كۆرسە ماتەمدار بولۇر . 
157. قىزىل تون كېيىپ چۈش كۆرسە روشەنلىككە چىقار . 
158. كۆك تون كېيىپ چۈش كۆرسە يىغا زارلىق بولۇر . 
159. دەللە تون كېيىپ چۈش كۆرسە ئەۋلىيالاردىن مەدەتدۇر . 
160. يالاڭ ئاياق بولۇپ چۈش كۆرسە گۇماندىن پاك بولۇر . 
161. ئۆي سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسە رەنجى مىھنەتلىك بولۇر . 
162. سۈزۈك سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئاز قالغان بولىدۇ . 
163.تۇز كۆرۈپ چۈش كۆرسە بەتنامگە قالۇر . 
164.قۇش كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۆلىتى زىيادە بولۇر . 
165.ئەگەر قۇشلار سوقۇشۇپ چۈش كۆرسە دۈشمىنى بىلەن دوسىت بولۇر . 
166.قان كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۈشمىنى بىلەن دوسىت بولۇر . 
167. سارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە پاسىق بىلەن دوسىت بولۇر . 
168. تۈلكە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھىلىگەر بىلەن دوسىت بولۇر . 
169. قەبرىستاندا يۈرۈپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە گۇنادىن پاك بولۇر . 
170. گورنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەمسىز بولۇر . 
171. كىپەن راسلاپ چۈش كۆرسە ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر . 
172. جىنازا كۆرۈپ چۈش كۆرسە خەلقىغە چوڭ بولۇر . 
173. ئۆلۈك تىرىلىپ چۈش كۆرسە روھ قۇۋۋەت تاپقاندۇر . 
174. روھ ئۆلۈپ چۈش كۆرسە روھ ئاجىزلىغاننىڭ سۈرىدۇر . 
175. روھ يىغلاپ چۈش كۆرسە روھقا بىھوش بىسىپ بولغان سۈرىدۇر . 
176. روھقا بىر نەرسە بېرىپ چۈش كۆرسە قوللىغان سۈرىدۇر . 177. قازانغا ئوت قالاپ چۈش كۆرسە بەتنىيەت بىلەن دوسىت بولۇر . 
178. ساندۇق كۆرۈپ چۈش كۆرسە كەسپى دۇنياسى راۋاج تاپار , ساندۇقتىن نەرسە ئېلىپ چۈش كۆرسە غەمدىن ئامان بولۇر . 
179. كوزا كۆرۈپ چۈش كۆرسە خوتۇنى تۇغۇتى تەس بولۇر . 
180. تاۋاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە پەرزەنت كۆرەر , تاۋاق چېقىلىپ چۈش كۆرسە بالىسى تۇرماس . 
ئالتۇن كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئىماندىن ئاجراش خەۋپى باردۇر . 
181. كۆمۈش كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۇئاسى ئىجاۋەت بولۇر . . 
182. داچەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە پۇشايمانغا قالۇر . 
183. ئۈزۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە بالىسىنىڭ بىر ئەزاسى كام بولۇر . 
184. ئەينەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھەپەر تەرەپتىن خەۋەر كېلۇر . 
185.ئەينەككە قاراپ چۈش كۆرسە دىدار كۆرىشەر . 
186. بۇغداي كۆرۈپ چۈش كۆرسە جاپا بىلەن دۇنيا تاپار . 
187. يىڭنە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ھاجىتى راۋا بولۇر . 
188. قوناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە روشەنلىككە چىقار . 
189. مايسا كۆرۈپ چۈش كۆرسە يىغا- زارلىق بولۇر 
190. ئارپا كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەينەتچىلىككە قالۇر . 
191. تېرىق كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۇشكىلى ئاسان بولۇر . 
192. ھايۋان بىلەن سۆزلۈشۈپ چۈش كۆرسە ھەقىقىي مۇسۇلمان بولۇر . 
193 .سۈرە ئەررەھمان ئوقۇپ چۈش كۆرسە ئىككى ئالەمدە سائەتمەن بولغاي . 
194. قۇرئان ئوقۇپ چۈش كۆرسە ياخشىلىقنىڭ ھىساۋى بولماس . 
195. سېمىز ئىنەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەمۇرچىلىق بولۇر , ئورۇق ئىنەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە قەھەتچىلىك بولۇر . 196. ئورۇق بۇغداي سېمىز بۇغداينى چىرماپ چۈش كۆرسە ئاسماندىن يامغۇر ياغماي تېرىقچىلىق ھوسۇل بەرمەي كىشلەر ھالاك بولۇپ , ئاتا-ئوغولدىن قىز -ئانىدىن قېچىپ ھالاك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . 
197. بۇغداي ئوخشاپ چۈش كۆرسە مەھسۇلات ئېشىپ مەمۇرچىلىق بولۇر . 
ياخشى چۈش كۆرسە خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىش ناچار چۈش كۆرسە خۇداغا ئىستىقپار ئېيتىپ پېقىر - مىسكىنلەرگە خەيرى ئېھسان قىلىش لازىم . سەدىقە قىلىش توغرا بالايى- ئاپەتلەرنى توسۇدۇ ۋە ئۆمرىنى زىيادە قىلىدۇ . شۇ سەۋەپ بىلەن خۇدايتائالاغا شۈكرى كەلتۈرۈپ , ئاز-كۆپ بەرگەن رىزىقلىرىگە قانائەت كەلتۈرۈش بىلەن پۇل- مالىمىز ھىسابقا يەتسە قىرىقتىن بىرىنى ، باي دېھقانلارغا زىرائەتنىڭ ئوندىن بىرىنى بېرىشكە ، كەمبەغەللەرگە سەبرى قانائەت قىلىش ، بايلارگە خۇدانىڭ بەرگەن كۆپ ئىممەتلىرىگە ھىساپسىز شۈكرى قىلىپ تائەت - ئىبادەتكە كامىل تەقۋادار بولۇش لازىم . 
باي كىشلەرگە ئاسانلا كېبرى-تاماخورلۇق , مەنمەنلىك يۇقۇپ قالىدۇ . بۇ شەيتاننىڭ سۇيقەستى ، سەدىقە ، ئىخلاس بىلەن ئىسلامدىكى بەش پەرىزنى ئادا قىلىش زۈرۈردۇر 
مەنبەسى: چۈش تەبىرى  
ياكى  
چۈش تەبىرى.doc |   
 
 
 
 |