+==+  ئوقۇ، ئۆگەن، ئۆگەت، ئىزدەن، تىرىش، ئالغا باس. ئوقۇ، ئۈگەن، ئۈگەت، يولۇڭنى ئاچ، يوللارنى ئاچ، ئەلنى سۆي، ياخشى ئەمەللەردە بول، ھالال ياشا   +==+

ئىنتىل تورى

ULY

 

 

ئىزدەش
ئىنتىل تورى سەينا باشقا تور بىلىمى [ياردەم]بېشىمغا كۈن كەلدى، ت ...

كۆرۈش: 438|ئىنكاس: 19
go

[ياردەم]بېشىمغا كۈن كەلدى، تور بەزىدە يوق، بەزىدە ئاستا  

Rank: 8Rank: 8

[?]
تۆھپە
2693  
تىللا
2465  
شۆھرەت
5185  

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات ھەمكارلىق

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 01:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىر ھەپتىدىن ئاشتى، بۇ توردىن شۇنداق زىرىكتىم، ئەمدىلا ئۇلىسام يەنە ئۆزۈلگەن، يەنە ئولاپ بىر نەرسە يوللاي دىسەم يەنە يوق...بار بولغاندا بولسا ئۆلەي دىگەن ئىشەكتىنمۇ ئاستا،  678ئۇچۇرى بار، بۇنىڭغا ئاساسەن تور سىمىنى تەكشۈردۈم، مودىمنى ئالماشتۇرۇپ باقتىم، تور ئۇلىنىشنى قايتا قۇرۇپ باقتىم،WIN7دىن رايىم قايتىپ XPقاچىلاپ باقتىم، زادىلا كارغا كەلمىدى، دەسلەپكى كۈنلەردە بىرەر سائەت چىقالايتتىم، مانا ئەمدى مۇقىم 30مىنۇت تۇرماسلا بولىۋالدى، بەزىدە تۇرۇپلا 676 ھەمدە 638 ئۇچۇرلىرىمۇ چىقىپ قويىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن كۆرسەتمە بۇيچە مېڭىپ باقتىم، بۇ يەردىكى تېلگىراف خادىملىرىغا ئىنكاس قىلسام كىلىپ مودىمنى تەكشۈردى، سىم يولنى تەكشۈردى، ھەممىسى ساق چىقتى، بۆگۈن ئەتتىگەن ئاچچىقىمدا 10000غا تىلفۇن قىلسام 24سائەت ئىچىدە جاۋاپ قايتۇرىمىز دىدى، باياتتىن بۇ يەردىكى تىلگىرافقا پۇل تۆلىگىلى بارسام ئەتە ئەتتىگەن سائەت 8گىچە نىمە قىلساڭ قىل ئوڭشا دەپتۇ، ئەمما بۇلارمۇ ھەممىنى تەكشۈرۈپ باقتى، يەنە نىمە قىلالايتتى؟ شۇڭا سەيناداشلار ئىچىدە بورۇن مۇشۇ ئەھۋالغا يولۇقۇپ باققانلار بولسا ھەل قىلغان ئۇسۇلىنى دەپ بىرەرمۇ يا دەپ بۇ تېمىنى يوللىغان، تورداشلار بىر پىكىر قاتناشتۇرۇپ باقامسىلە؟

Rank: 3Rank: 3

[?]
تۆھپە
81  
تىللا
108  
شۆھرەت
137  
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 02:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىز دىگەن ئەھۋال راست بولسا ھەقىقەتەن بولماپتۇ، مەنمۇ تىلگىراف سىم يولىنى ئاسىراش خىزمىتىنى قىلىمەن ، خىزمەت جەريانىدىكى ئازىراق تەجىربەمدىن سىزگە يول كورسىتەي . چوقۇم ياردىمى بولىدۇ. بىرىنجى قەدەم: سىز ئەڭ ئاۋۋال 网上邻居نىڭ 属性نى ئېچىڭ ، ئاندىن 本地连接نىڭ 属性نى ئېچىڭ، بۇنىڭدىن Internet 协议(TCP\IP نى  قوش چىكىڭ. بۇيەردە IPئادىرىسىغا ئېرىشىش كۆزنىكى چىقىدۇ.سىز بۇنىڭدىن 使用下面的IP地址نى تاللاڭ.(ئالدىغا چىكىت ئۇرىسىز) ئاندىنIP地址دىگەن يەرگە192.168.1.22 دەپ تولدۇرۇڭ. 子网掩码نى كومپيوتېر ئاپتوماتىك ھالدا 255.255.255.0 دەپ تونۇيدۇ. بۇنىڭغا چېقىلماڭ.默认网关گە 192.168.1.1 دەپ تولدۇرۇڭ. خوش ئەمدى 确定نى بېسىڭ. ئاندىن سىز Internet Explorerنى ئېچىپ ئادىرىس ىستونىغا 192.168.1.1نى كىرگۈزۈڭ.سىزدىن 用户名ۋە 密码سورايدۇ، ھەر ئىككىلىسىگە admin دەپ كىرگۇزۇڭ. شۇ چاغدا سىز مودىمنىڭ ئىچىگە كىرىسىز . بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ مودىمىڭىز قوزغالغان ھالەتتە يەنى مودىم ئۈستىدىكى adsl ياكى dsl چىرىقى نورمال يانغان بولىسى كېرەك. (چىراق لەپىلدىسە ياكى يانمىسا كەڭ بەلباغ سىگىنالى يوق دىگەن گەپ يەنى 掉线)  ئەمدى سىز قولىڭزغا قەلەم ئېلىپ ئېچىلغان بەتتىكى مەزموننى خاتىرلەڭ. يەنى 最大可达速率بۇ قانچە؟ 激活速率بۇقانچە؟ 噪声容量 بۇ قانچە؟ 环路衰减 بۇ قانچە؟ ھەممىسىنىڭ下/上行 نى خاتىرلىۋېلىڭ.    رەسىمدىكى مەزمون مۇنداق: سىم يولىنىڭ سىغدۇرالايدىغان ئېقىمى(تور سۈرئىتى)    25.84MB    ھازىرقى ئەمەلي تور سۈرئىتى 8MB   بۇنىڭدا سىز كەسىپ ئاچقۇزغان ۋاقىتتا قانچىلىق تور سۈرئىتى ئاچقۇزغالنلىقىڭزغا قارايمىز. 1MB تور سۈرئىتى激活速率 下/上行(kbps) 1024/512  بولىدۇ . سىزنىڭ ئاچقۇزغان تور سۈرئىتى قانچىلىق بولسا 1024نى شۇنىڭغا كۆپەيتىسىز. بۇ يەردىكى  最大可达速率 下/上行  چوقۇم 激活速率 下/上行 دىن كەم دىگەندە 3ھەسسە چوڭ بولىشى كېرەك. ئەگەر 最大可达速率 下行 بىلەن 激活速率 下 تەڭلىشىپ ياكى يېقىنلىشىپ ياكى  激活     最大 دىن كىچىك بولۇپ قالسا سىزنىڭ تورىڭز تۇرمايدۇ.( يەنى 掉线بولىدۇ) سىز بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرلىۋالغاندىن كېيىن  تېلىگراف ئورۈنلىرىغا تېلىفۇن بېرىڭ . ئالاقىلاشقان چاغدا ئۇلارغا 宽带测试仪نى ئېلىپ كىلىڭلار دىيىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ. ئاندىن سىز ئۇلارغا 交接箱دىن ئۆلچەڭلار چاتاق يوق بولسا 分线盒دىن ئۆلچەڭلار قايسى بولەك سىم يولى ناچار بولسا دەرھال ئالماشتۈرۈپ بېرىڭلار دەڭ ، ئىشىنىمەنكى ئۇلار ھەيرانىلقىدىن ھوشىدىن كىتىشكە ئاز قالىدۇ، ئەمما سىز بۇ ئىشنى سىزگە كىمنىڭ دەپ بەرگەنلىكىنى ئېيتماڭ. شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ تورىڭىز ئوڭشىلىدۇ. ماڭا ئىشىنىڭ، بۇ 100% سىم يولىنىڭ چاتىقى، ئىشەنمىسىڭىز يوقارقى ئاماللار بىلەن ئۆلچەپ بېقىڭ، ھەرگىز توغىرا چىقمايدۇ چۈنكى سىزنىڭ سىم يولىڭزدا مەسىلە بار...

Rank: 8Rank: 8

[?]
تۆھپە
826  
تىللا
2562  
شۆھرەت
1741  

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 03:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مېنىڭمۇ تولا ئاشۇنداق بولىۋالاتتى، بەزىدە ھەتتا تورغا چىققىلى بولىدۇ، ئەمما تېلېفوندا ئاۋاز يوق ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايتتى، 10000 غا تولا تېلېفون ئۇرۇپ زېرىككەن ئىدىم، ئاخىرى بولماي يەنە ئوڭشىمىساڭلار ئۈستۈڭلاردىن ئەرز قىلىمەن دەپ 10000دىكىلەر بىلەن ئېيتىشسام، يېرىم سائەتكە قالماي ئادەم كېلىپ، ئوڭشىغان ئىدى، سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەم تېلېگرافنىڭ 中转站 مۇ ئىشقىلىپ ئاشۇنداقراق بىرنەرسىدىكى سىم يولىدىكى چاتاقكەنتۇق.

Rank: 3Rank: 3

[?]
تۆھپە
81  
تىللا
108  
شۆھرەت
137  
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 03:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش Nida نىڭ يازمىسى

تېلىگىرافتا 中转站دەيدىغان سىم يول بۆلىكى يوق.

Rank: 6Rank: 6

[?]
تۆھپە
279  
تىللا
386  
شۆھرەت
648  
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 07:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
   مىنىڭمۇ بەزىدە شۇنداق بولۇپ قالىدۇ.مودىمنىڭ چىراقلىرىدىن قارىسام سىگنال يوق .شۇنىڭ بىلەن قايتا قوزغاتسام ئولىنىدۇ يەنە 1سائەت تورۇپلا .ئۈزىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن تىلگىرافقا 6-7نۆۋەتتەك بېرىپ  ئاران  دىگەندە تىلفۇن ئالماشتۇردۇم.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئڭشتىن قوتۇلدۇم.
  سىزمۇ تىلفۇن سىمىنى ئالماشتۇرۇپ كۆرۇپ بېقىڭ ئەمسە.ئوڭشىلىپ قىلىشى مومكىن.(تىلفۇن سىمىمۇ نەچچە خىل بولىدىكەن.ئادەتتىكىلىرى توم2تال ئاليومىن سىملىق،يەنە بىرخىلى ئىچىدە3تال سىم بار بىرتىلى تومراق كەلگەن ئاليومىن سىم،قالغان2تىلى ئىنچىكە كەلگەن مىس سىم.ئەگەر تىلفۇن سىمىنى ئالماشتۇرۇپ كۆرمەكچى بولسىڭىز ئىچىدىن 3تال سىم چىقىدىغىنىغا ئالماشتۇرۇڭ.).
alnuri   [ئىشەنچلىك ئەزا] 

Rank: 8Rank: 8

[?]
تۆھپە
2549  
تىللا
2139  
شۆھرەت
6965  

تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا ئاكتىپ ھەمكارلىق پىداكار تەشۋىقات تۆھپە داڭدار

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 08:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش 哈密0902 نىڭ يازمىسى

ئاجايىپ تەپسىلى جاۋاپ بېرىپسىز، سەينادا تېلىگىراف ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان سىزدەك بىر توردىشىمىزنىڭ بولغانلىقى سەينا ئەھلى ئۈچۈن بىر ياخشى ئىش. تور يولىدىن چاتاق چىقىپ قالسا سىزنىلا ئىزدىسەك (سىز بىلەن ئالاقىلاشساق) بىر قىسىم ئاۋارىچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ قالغۇدەكمىز. ئەمدى گەپ koinlun دا قالدى. ئۇ دىگەنلىرىڭىزنى قىلىپ باققاندىن كېيىن، نەتىجىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئىنكاس قىلسا، ئەھۋالدىن بىزمۇ خەۋەردار بولۇپ قالساق.
بۇ دۇنيا پەقەت مۇھەببەت ۋە مىھرى شەپقەت بىلەنلا شۇ قەدەر گۈزەلدۇر!  
alnuri   [ئىشەنچلىك ئەزا] 

Rank: 8Rank: 8

[?]
تۆھپە
2549  
تىللا
2139  
شۆھرەت
6965  

تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا ئاكتىپ ھەمكارلىق پىداكار تەشۋىقات تۆھپە داڭدار

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 08:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش Koinlun نىڭ يازمىسى

ئاخشام قارىسام ماۋۇ تېمىدىكى ئىنكاسىڭىز تەكرار يوللىنىپ كېتىپتىكەن. تور سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقىدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ، بىرسىنى ئۆچۈرىۋەتكەن ئىدىم. ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەن - دە؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alnuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-6-1 18:16  

بۇ دۇنيا پەقەت مۇھەببەت ۋە مىھرى شەپقەت بىلەنلا شۇ قەدەر گۈزەلدۇر!  

Rank: 3Rank: 3

[?]
تۆھپە
91  
تىللا
140  
شۆھرەت
142  
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 09:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ مەسىلىگە مەنمۇ ئۇچرىغان لىكىن مەندىكى توك بىسىمىنىڭ توۋەنلىكىدىن كىلىپ چىققان مەسىلە ئىكەن توك تۇرۇاقلاشتۇرغۇچتىن بىرنى ئىشلىتىپ ئوڭشالغانتى
مۇھەممەد ئەلى

Rank: 8Rank: 8

[?]
تۆھپە
595  
تىللا
1152  
شۆھرەت
1367  
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 10:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەلنۇر ئەپەندى بولسا ئاۋۇ رەسىملەرنى مۇنبەر تۇنۇيدىغان بوشلۇققا يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكن. چ چ بوشلۇقىدىكى رەسىملەر كۈرۈنمىدى.

Rank: 6Rank: 6

[?]
تۆھپە
389  
تىللا
368  
شۆھرەت
600  
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 10:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش 哈密0902 نىڭ يازمىسى

ئەجەبمۇ   بىلمەيدىغان   بىلملەركەن  بۇ   ،    مەن  قايىل  جۇمۇ    تېلگىرافتىكلەر   سەل  ھېلىگەرمىكىن  دەيمەن  بۇ  تەرەپلەردە   ،   بۇندىن  كىيىن  ياردىمىڭىزنى  ئايمىغايسىز   ،   خاتىرجەم  بولۇڭ    سىز  دەپ  قويمايمىز   

Rank: 8Rank: 8

[?]
تۆھپە
2693  
تىللا
2465  
شۆھرەت
5185  

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات ھەمكارلىق

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 12:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش 哈密0902 نىڭ يازمىسى

تۆۋەندىكى رەسىمنى مەن سىنىڭ تېمىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن تۇتۇپ كەلدىم، مۇشۇنداق بولغاندا توغرا بولامدۇ ياكى راستىنلا مەسىلە كۆرۈلگىنىمۇ؟ lan ئېغىزى بىلەن dataچىرىقى پەقەتلا نورمال ئەمەس، لىپىلداپلا تۇرىدۇ، adslچىرىقى بىلەن powerنورمال تۇرىدۇ.
تورنى 2مىگابايىت قىلىپ ئاچتۇرغان، ئوق سىم بىلەن كومپيۇتېرىم ئارلىقى 20مىتىر ئەتراپىدا كىلىدۇ، تىلگىرافنىڭ ماشىنىسى بىلەن بولغان ئارلىقىممۇ ناھايتى يېقىن، 100مىتىر ئەتراپىدا كىلىدۇ.
001.jpg

Rank: 3Rank: 3

[?]
تۆھپە
81  
تىللا
108  
شۆھرەت
137  
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 14:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش Koinlun نىڭ يازمىسى

رەسىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى: سىزنىڭ سىم يولىڭزدا مەسىلە ئېغىر ئىكەن. مەسىلە مۇنداق: 最大可达速率 上下行都 不达标   يەنە بىرسى:   激活速率的上行不达标
ئەسلى مۇنداق بولسا بولىدۇ: 最大可达速率下行دىگىنى 12000kbpsدىن يوقۇرى بولىشى كېرەك. 最大可达速率上行دىگىنى 1200kbpsئەتىراپىدا بولىشى كېرەك.   激活速率下行نورمال ئىكەن.  激活速率上行دىگىنى 512kbpsبولىشى كېرەك.

Rank: 3Rank: 3

[?]
تۆھپە
81  
تىللا
108  
شۆھرەت
137  
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 14:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش Koinlun نىڭ يازمىسى

ھە راست !! ئۈنتۈپ قاپتىمەن سىزنىڭ سىم يولىڭىزنىڭ 噪声容量سى بەك كىچىك ، 环路衰减سى بەك چوڭ ئىكەن. بۇ 100پىرسەنىت سىم يول چاتىقى.

Rank: 8Rank: 8

[?]
تۆھپە
2693  
تىللا
2465  
شۆھرەت
5185  

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات ھەمكارلىق

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 16:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش 哈密0902 نىڭ يازمىسى

ئەتتىگەندىن بىرى يەنە شۇ تورنىڭ ئىشلىرى بىلەنلا ئۆتتۈم، ھازىر 10000غا تىلفۇن قىلسام تۆنۈگۈن 24سائەت ئىچىدە دىگەن گەپ بۆگۈن يوق بولغان ئوخشايدۇ، 1365نۇمۇرلۇق قىز 72سائەت ئىچىدە ھەل قىلىمىز دەيدۇ، ئاچچىقىمدا بىر دەم قايناپ قويدۇم، سىزنىڭ دىگىنىڭىز بۇيچە بولغاندا مەن سىم يولنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ قانداق؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

[?]
تۆھپە
798  
تىللا
989  
شۆھرەت
1797  
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-1 18:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاۋۇ چچ  بوشلۇقىدىكى رەسىملەرىنى نۇرمال كورنىدىغان قىلغىلى بولمامدۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tanhakalip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-6-1 18:02  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|intil.cn 因特乐 知识信息网 ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2011-8-31 05:46 , Processed in 0.446303 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.