- توردا
- 107 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-15
- تىزىملاتقان
- 2010-8-12
- شۆھرەت
- 2999
- تىللا
- 1417
- تۆھپە
- 1870
- ھوقۇقى
- 80
- جۇغلانما
- 10030
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 3
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 745
- تېما
- 189
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 2
- UID
- 213
- تۆھپە
- 1870
- تىللا
- 1417
- شۆھرەت
- 2999
|
بايا توردىن ئۇيغۇرچە تۇنجى مىكرو بلوگ- گۈدۈكنى قۇرغانلىقىڭلارنى ئۇقۇپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ۋە دەرھال بەتنى زىيارەت قىلدىم. ئۇيغۇرچە ئۇچۇر، ئەزا ناملىرىنى كۆرۈپ خوشال بولغان بولساممۇ « چاپاننىڭ سىرتىغا چىقىپ قالغان كۆينەك» تەك تۇرغان خەنزۇچە خەتلەرنى كۆرۈپ بىر قىسما بولۇپ قالدىم.
شۇنداقتىمۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى مىكرو بلوگى- گۈدۈك» نى يوللاپ خوشخەۋەرنى يوللىۋېتىپ سىلەرگە بۇ تەكلىپ- پىكىرنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
پەخىردىن قارلۇقنىڭ شۆھرىتى بىلەن قارلۇق شىركىتىنىڭ نامى نۇرغۇن ئادەمگە تونۇلدى. قارلۇق شىركىتى قۇرۇلۇپ ئالما شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىق خەۋىرى نۇرغۇن ئادەمنى ھاياجانغا سالدى. شۇنىڭدىن بۇيان بىزنى ئۈمىد ئىچىدىلا قالدۇرۇپ بىزنى يەنە شۇنداق ھاياجانغا سالىدىغان نەتىجىلىرىڭلارنى كۆرسەتمىدىڭلار. شۇڭا سىلەرگە تۆۋەندىكى ئۈمىدلىرىمنى يازدىم.
بىرىنجى: قارلۇق شىركىتى ئالما شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەمكارلاشقۇچىسى ئىدى، بۇ خەۋەر ھەممە ئادەمنى ھاياجانغا سالغان ھەمدە ئۈمۈدۋار قىلغان بولسىمۇ بىر قىسىم پىدائىي تورداشلارنىڭ ئالمىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭىلىقلىرىنى كۆرگخنىمىزدىن باشقا ھازىرغىچە بۇ ساھەدىكى ئەمگىكىڭلارنىڭ نەتىجىسىدىن بىخەۋەر قالدۇق. بۇ جەھەتتە باشلامچىلىق رولۇڭلارنى جارى قىلدۇرساڭلار.
ئىككىنچى: يېقىننىڭزى گرافىك سەنئىتى ئەسەرلىرىڭلار يوقاپلا كەتتى. سىلەرنىڭ بۇنداق ئەسەرلىرىڭلار ئۈزۈلۈپ قالمىسا بولاتتى.
ئۈچۈنجى: ئوكيان، 890، ۋايۋۇي، گۈدۈك نامىدىكى توربەتلىرىڭلار ئالما بىلەن مۇناسىۋەتسىز يەنى ئالمىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندىن خالىي ئىكەن. ئوكيان تورىدىكى ئىسىم ۋە قامۇس بەتلىرىنى مەن بەك ياقتۇرىمەن ھەم قوللايمەن. سۇئالىم: سىلەر توربەتچىلىككە يۈرۈش قىلدىڭلارمۇ؟ توربەت قۇرۇشقۇ يامان ئىش ئەمەس، توربەت ئىشىدىمۇ سىلەر ئەسلى باشلامچى بولۇپ ساپ ئۇيغۇرچە ياكى كۆپ تىللىق بەت قۇرساڭلار ياخشى ئىدى.
تۆتىنجى: قارلۇق شىركىتى دىيارىمىزدىكى ئاۋال سانايدىغان ئۇچۇر تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىرى ئىدى. سىلەردەك چوڭ شىركەتلەر ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىدا ھەقىقىي باشلامچى بولمىسا قانداق بولىدۇ؟
ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويغان بولسام كەچۈرەرسىلەر. |
|