ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 933|ئىنكاس: 10

مەن تەرجىما ن دادام بىلەن بالامغا

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يازغۇچى:wapadarim912   

پاراڭ قىلسام كىچىك چېغىم بوۋامغا .
ھاجىتىمىز چۈشمەس ئىدى دادامغا .
ئۆتە ئۆتمەي 20يىل، بوپ قالدىم-
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا ....

بالام كۆنگەچ "شۇزى "دەپلا   تاغاقنى ،
ئوقالمىغاچ  ئۆيگە كەلگەن باغاقنى ،
ئايرىيالماي پىياز بىلەن سامساقنى ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

تۇغۇلغان كۈن، بالام "خەپپى تۇيۇ" دەپ ،
لەغمەن يېمەي قەغەز كېيىپ  شام پۈۋلەپ ،
دادام قايناپ  كەتسە ئۇنى بەز-بەزلەپ ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

دۇئا قىلساق دۇئا قىلماي ،بەزىدە
-بۇرۇنىنى تاشلاپ قويسا  قەغەزگە ،
دادام قاقشاپ ئۇرۇپ كەتكەچ ئۈستەلگە ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

دادام يىغلاپ  نەۋرىسىنىڭ ئەپتىگە ،
دۇئا قىلسا ئانا تىلنىڭ بەختىگە ،
يېتەلمىگەچ بالام گەپنىڭ تەكتىگە ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

دادام تىت تىت بولۇپ كەتسە بەزىبىر ،
بالام ئۈچۈن بۇ تەنبىھلەر  بەرىبىر ،
دەپ قويىدۇ:  بوۋام  جىنتىيەن بۇدۈيجىر ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .

دادام دېدى كۆنگەن يامان كۆيگەندىن ،
مايماق بولۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن ،
يىغا ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن ،
دادام تەنبىھ قىلدى ماڭا ،بالامغا!

-خەت يازمايلا،  رەسىم چاپلا قەبرەمگە ،
ئانا تىلنى ئۆگەتمىسەڭ نەۋرەمگە  ،
ئىزنا بولسۇن "رەسىملىك تاش"ئەۋرەمگە ،
يىغلاپ كەتتى دادام قاراپ بالامغا ....


ئوغلۇم دېدى ،دادام توختاپ پاراڭدىن ،
قورقۇپ قالدىم بۇ ئەپتىدە  بالاڭدىن ،
قىيامەتتە سوراق   باردۇر   پاداڭدىن ،
تارىخنى پۈتۈن ئۆگەت  بالاڭغا !

تۇغ ئاستىغا بىزنى يىغقان  ئوغوزخان،
پانتېكىن ھەم كۆلتېكىن ،بىلگە قاغان  .
نىجاتلىققا باشلاپ ساتۇق  بۇغراخان ،
ھاياجاندا سۆزلەپ كەتتى بالامغا !

بىز ئۇيغۇرمىز!ئۇيغۇر تىلنى سۆيەيلى ،
تاشلىمايلى ،ئىشلىتەيلى ،كۆيەيلى ،
جان چىقسىمۇ ئانا تىلدا ئۆلەيلى ،
خىيانەتلەر  ئېغىر كەپتۇ دادامغا .


كۆپ تىل بىلىش ئېلىپ كېلۇر كامالەت ،
ئانا تىلنى بۇزۇش ،ئۇنتۇش جىنايەت ،
بىز قىلمايلى ئانا تىلغا ھاقارەت ،
چۈشەندۈردۈم بۇ گەپلەرنى  بالامغا .


ئۆگىتىمەن ئوتتۇز ئىككى ھەرىپنى ،
قوشۇش- ئېلىش، كۆپەيتىشنى، كەسىرنى ،
ياد ئالغۇسى "يەر-ئانام  "دەپ نەسىرنى ،
ۋەدە بەردىم ،يىغلاپ تۇرۇپ دادامغا .


جىق ئويلاندىم ،بارچە  گۇناھ  ئۆزۈمدە ،
نۇر چاقنىدى ئۇيغۇر دېسەم كۆزۈمدە  ،
بۇرادىرىم چىن پۈتسەڭلا  سۆزۈمگە ،
ئانا تىلنى چوقۇم ئۆگەت بالاڭغا !

2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى يېزىلىپ بېقىلدى

مەنبە:http://izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=40400

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2011-5-29 17:18:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئېر ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ . توغرا ھازىر جەمئىيتىمىزدە شۇنۇڭغا ئوخشاش ئىشلار ناھايىتى كۆپ ، مەيلى سىز خەنزۇتىلى ئۈگۈنۇڭ ۋە ئىنگىلىز تىلى ھەم ياپۇن تىلى ئۈگۈنۈڭ ، سىز ئۈگەنگەن جۈملە ياكى سۆزنىڭ ئانا تىلىڭىزدا مەناسىنى بىلمىسىڭىز تىل ئۈگەنگەننىڭ نىمە پايدىسى .
ۋاقتى: 2011-5-29 18:14:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت.ئەۋلادلىرىمىزنى ياخشى تەربىيلىمىسەك كىيىن ئۇنىڭ سورىقىنى بەرگەندە.......
ۋاقتى: 2011-5-29 18:46:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى  شېئىرنى  بەك  ئېسىل  يىزىپسىز   ،    مومكىن   بولسا  بۇ  شېئىرنى   بىرەر  شائىر  ياكى بىرەر  مۇھەررىر  تەھرىرلىۋەتكەن   تىخىمۇ  ئىسىل بولاركەن   ،
ۋاقتى: 2011-5-29 18:46:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق  تەربىيۋى ئەھمىيەتكە  ئېگە   شېئىرلار  كۆپلەپ  يىزىلسىكەن   ،
ۋاقتى: 2011-5-29 19:19:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ۋاپادارىم 912 نىڭ  شېئىرلىرى مۇشۇنداق ئاجايىپلا...  ئۇسلۇبى ئۆزگىچە....
ۋاقتى: 2011-5-29 20:16:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىش  قىلىپ بۇ شىر ھازىرقى جەميەتكە بەكلا ماس كەپتۇ دىسە نەگە  بارساق ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر تۇرۇپ. يەنە بىر ئۇيغۇرغا خەنچە سۇزلەيدۇ تېخى
مىنىڭ ئالدىمغۇ جىق ئۇچرىغان ئش بۇ بەزى ئۇيغۇر.قېرنداشلىرمىز ئاپتۇماتىك ئۇسكۇنسىدىن پۇل ئالغاندا خەنچنى تاللايدىكەن .ئۇز تىلى بۇيچە تاللىسا خۇدىد پۇل چىجمايدىغاندەك
ۋاقتى: 2011-5-30 01:58:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ، ئانا تىلىنى بىلمەسلىك نۇمۇس!
ۋاقتى: 2011-5-30 10:05:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
umid? يوللانغان ۋاقتى  2011-5-29 20:16
ئىش  قىلىپ بۇ شىر ھازىرقى جەميەتكە بەكلا ماس كەپتۇ دىسە ...

   قېرىندىشىم ، يازغىنىڭىزنى ئەسلى پېتى ئېلىپ قويدۇم ، تەھرىرلىۋەتسەم بولاتتى ،ئەمما مۇشۇ ئانا تىل توغرىسىدىكى مۇنازىرە بولغانلىغى ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويدۇم، سىز ئۆزىڭىز بىر كۆرۈپ چىقىڭە،قانداق خاتالىقلار باركەن !؟  ...ئاندىن ئۆز قولىڭىز بىلەن تەھرىۋەتسىڭىز...شۇ چاغدا مەنمۇ بۇ ئىنكاسنى ئۆچۈرۋىتىمەن !
  ‹ئىش  قىلىپ بۇ شىر ھازىرقى جەميەتكە بەكلا ماس كەپتۇ دىسە نەگە  بارساق ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر تۇرۇپ. يەنە بىر ئۇيغۇرغا خەنچە سۇزلەيدۇ تېخى
مىنىڭ ئالدىمغۇ جىق ئۇچرىغان ئش بۇ بەزى ئۇيغۇر.قېرنداشلىرمىز ئاپتۇماتىك ئۇسكۇنسىدىن پۇل ئالغاندا خەنچنى تاللايدىكەن .ئۇز تىلى بۇيچە تاللىسا خۇدىد پۇل چىجمايدىغاندەك ...›
   ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان ئىدىيە ناھايىتى توغرا. مۇشۇ توغرا پىكىرنى مەيدانغا تاشلاۋاتقان ئانا تىلنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بولغان يېزىق شەكلىمۇ چوقۇم توغرا بولۇشى كېرەك، بولمىغاندا ئۇقۇشماسلىق،ياكى مەزمۇن خاتالىغى كېلىپ چىقىشى تۇرغانلا گەپ، مۇشۇنداق كىچىك يەرلەرگە دىققەت قىلمىغاندا ئالدى بىلەن سىز-بىزدەك ئانا تىل ۋارىسلىرىنى چالا ساۋات كۆلچىگىگە تاشلايدۇ، ئاندىن سىز-بىز كىيىنكىلەرنى تاشلايمىز... ئەڭ  ئاخىرىدا بۇ تىلنى بۇزۇشقا بېرىپ تاقىلىدۇ !!!
    مۇنبەر يۈزىدە ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىت قىلىپ قالغىنىمنى كەچۈرۈڭ ! ...بۇ تەنقىت بىر تەرەپتىن سىزگە ساۋاق بولۇپ يېزىقتا دىققەت قىلىدىغان ئۈنۈمنى ياراتقان بولسا ،يەنە بىر تەرەپلەردىن ‹ئونى ئۈچۈن بىرىنى قۇربان قىلىش› ، ‹قىزىم ساڭا ئېيتاي،كىلىنىم سەن ئاڭلا› دىگەندەك يەرلەردىن ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس !
ۋاقتى: 2011-5-30 11:56:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغرا دەيسىز .مىنىڭ ئىملايىمدا خاتالىق خېلى كوپ ئىكەن   ئە گەر سىز تۇزتىپ تەستىقلىغان بۇلسىڭىز مەن بۇ خاتالىقىمنى بىلمەي قالىدىكەنمەن
سىز گە كوپ رەخمەت .مەن بۇندىن كىيىن دىققەت قىلاي
ۋاقتى: 2011-5-30 12:33:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش umid? نىڭ يازمىسى

  ئەمىسە شۇ ئىنكاسىڭىزنى ئۆز قولىڭىز بىلەن  بىر تەھرىرلەپ چىقىڭ !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-1 22:11 , Processed in 0.124733 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat