- توردا
- 65 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-1-20
- تىزىملاتقان
- 2011-1-15
- شۆھرەت
- 1209
- تىللا
- 446
- تۆھپە
- 787
- ھوقۇقى
- 40
- جۇغلانما
- 3968
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 2
- يازما
- 317
- تېما
- 72
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 1431
- تۆھپە
- 787
- تىللا
- 446
- شۆھرەت
- 1209
|
ئەسلى ماۋزۇ : 新疆牵手宁波演绎百集3D动画 ›››› 少年阿凡提
پات يېقىندا كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەي كېلىۋاتقان «ئەپەندىمنىڭ ھېكايىسى» قايتىدىن ئېكرانغا چىقىدۇ، بىراق بۇ قېتىمقى ئەپەندىم ئۇزۇن بۇرۇتلۇق ئوتتورا ياش تاغىدىن بىر ئۆسمۈرگە ئايلىنىدۇ، ئەسلىدىكى ياغاچ قونچاقنىڭ ئورنىنىمۇ ھازىرقى مودا بولىۋاتقان ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون ئالىدۇ. 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېچىلغان 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو (شېنجىن) خەلقئارا مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن نىڭبو شەھەرلىك كومېتېت تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىشىپ يۈز قىسىملىق ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون فېلىم «ئۆسمۈر ئەپەندىم» نى نەشىر قىلىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇۋېي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى شېڭتىيەن، نىڭبو شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سوڭۋېي قاتارلىق رەھبەرلەر كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
«بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئىمزالاش شىنجاڭنىڭ كارتون ئىشلەپچىقىرىشىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق بۆسۈش.» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مەدەنىيەت سەنئەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالىم ھاپىز شۇنداق دەيدۇ. بۇ قېتىملىق ھەمكارلىق شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون تۈرىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى، نىڭبو شەھەرلىك كومېتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە نىڭبو مىنخې كىنو-فېلىم كارتون پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئۈچ تەرەپ بىرلىكتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكىلەر بىلىدىغان ئەپەندىم ئوبرازى بىلەن، شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلغان. بۇ تۈرنىڭ پىلانلىنىشىدىن ئەمەلىلىشىگىچە بىر يىل ۋاقىت كەتكەن، ھازىر دەسلەپكى قەدەمدە ئالدىنقى 104 قىسىمنى ئىشلەش پىلانلانغان، ئومۇمىي 300 قىسىم قىلىپ پىلانلانغان.
فېلىمنى تارتقاتقۇچى تەرەپنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن نىڭبو مىنخې كىنو-فېلىم كارتون شىركىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى جاڭ ياپېينىڭ ئېيتىشىچە، «ئۆسمۈر ئەپەندىم» تۈرىنى ئېچىشتا ئەڭ ئىلغار تېخنىكا قوللىنىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى:«بۇ ئادەتتىكى مەنىدىكى كارتون فېلىم ئەمەس، ئەكسىچە تېخنىكا بىلەن سەنئەتنىڭ مۇكەممەل بىرىكىشى، ھازىرقى زامان مەدەنىيتىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەتكە ۋارسلىق قىلىشى، بىز تىرىشىپ بالىلارغا تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولىدىغان، بالىلارنى خۇشال قىلىدىغان، شۇنداقلا چوڭلارغىمۇ بالىلىقنى ئەسلىتىدىغان تىپىك ئەسەر يارىتىشقا تىرىشىمىز.»
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمى كومېتېتى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇۋېي مۇنداق دېدى:«ئالدى بىلەن، ئەپەندىم بولسا بىر ياخشى تېما، ئەپەندىمنى تەشۋىق قىلىش دەل شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش، مەيلى بۇنى كىم ئېچىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ بىر ياخشى ئىش. ئىككىنچىدىن، ئەپەندىم ئوبرازى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان ‹ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى باشلامچى قىلىش›نىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن، ئەنئەنىۋى سەنئەت ئېلمىنتلىرى بىلەن ھازىرقى زامان مەدەنىيەت ئېلمىنتلىرى ناھايىتى ياخشى بىرلەشكەن، ۋەتەنپەرۋەر، مېھنەتچان، كەڭ قورساق، ئەمگەكچان شىنجاڭ خەلقىنىڭ روھى ئەپەندىمنىڭ سەنئەتلىك ئوبرازىدا ئەكس ئەتكەن، مەسىلەن ئەپەندىمنىڭ خۇشخۇيلۇقى، كەڭ قورساقلىقى، دەل شىنجاڭلىقلاردا بار بولغان پەزىلەت. ئىجادىيەت داۋامىدا، شاكىلى چىقىرىپ تاشلىنىپ، يېڭىچە ھازىرقى زامان مەدەنىيەت ئېلمىنتلىرى قوشۇلدى، بۇ باي، ئىنتىلىشچان، ئاكتىپ بىر ئوبراز. ‹ئۆسمۈر ئەپەندىم› شىنجاڭلىقلارغا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ھەتتا دۆلەت سىرتىغا شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىدىغان، ئاكتىپ ئىنتىلىدىغان مەدەنىيەت مەھسۇلاتى بولۇپ قالىدۇ.»
خۇۋېي يەنە، بۇ قېتىملىق ھەمكارلىق جەريانىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۇ تىياتىرنى پىلانلاش، لايھىلەش ۋە مەزمۇننى تەستىقلاپ باھالاش خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ئەپەندىمگە ئوخشاش شىنجاڭنىڭ ۋەكىل خاراكتېرىلىك مەدەنىيەت بايلىقلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ قېزىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «بىز ئىجاد قىلىپلا قالماي، يەنە باشقىلارنى ئىجاد قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، شىنجاڭلىقلارنىڭ روھى، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئېچىپ، تەرەققىي قىلدۇرىمىز.»
ئىگىلىنشىچە، تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى نەق مەيداندا 10 تۈر ئىمزالىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە سانجى شەھەرلىك مەدەنىيەت بىناسى تۈرى، شىنجاڭ ئىجادىيەت مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش باغچىسى باغراش باغچا رايونى تۈرى، شىخەنزە ئوسكار جىنچېڭ خەلقئارا كىنو شەھەرچىسى تۈرى، 24 قىسىملىق «ئەڭ گۈزەل جاي» ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلەش تۈرى قاتارلىقلار بولۇپ، رادىئو-تېلىۋىزىيە، مەدەنىيەت، ئاخبارات نەشىرىياتچىلىقى، ساياھەت قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدىكەن، ئومۇمىي كېلىشىم سوممىسى 1 مىلىيارد 300 مىلىيۇن يۈەن، پەقەت نەق مەيداندا ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسىلا 1 مىلىيارد 140 مىلىيۇن يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ، ئۆتكەن نۆۋەتلىك مەدەنىيەت كۆرگەزمىلىرىدە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىمزالىغان كېلىشىم سوممىلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى رېكورد ياراتقان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە 10 مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە دەسلەپكى قەدەمدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان.
مەنبەسى : http://news.iyaxin.com/content/2011-05/14/content_2738821.htm |
|