ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 347|ئىنكاس: 4

[تەۋسىيە] شاھدىيارسوفت سۈزۈك دەپتەر 3.0 تارقىتىلدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
583
تىللا
766
شۆھرەت
1044

تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 21:11:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


بۇ يۇمشاق دېتال <<شاھدىيارسوفت سۈزۈك تېكىست كىرگۈزگۈچ>>، <<شاھدىيارسوفت سۈزۈك دەپتەر 2.0>> ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى Windows ئۆزى تەمىنلىگەن 记事本 يەنى خاتىرە دەپتەر پروگراممىسىدا بار ئىقتىدارلار ئاساسەن تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە بىر نەچچە ئالاھىدە ئىقتىدارلار تەمىنلەنگەن.
بۇ يۇمشاق دېتالدا تەمىنلەنگەن بىردىن بىر ئالاھىدە ئىقتىدارى يۇمشاق دېتال كۆرۈنۈشىنى نىسبەت بويىچە سۈزۈك قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. سۈزۈكلەشتۈرۈش دەرىجىسىنى %0 دىن %100 گىچە تاللاپ بەلگىلەپ بېرىشكە بولىدۇ.
يەنە بىر ئالاھىدە ئىقتىدارى، ئۇيغۇرچە ۋە لاتىنچە يېزىق ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز بىۋاستە Ctrl+K نى بېسىپلا يېزىق ئالماشتۇرالايسىز.
بۇ يۇمشاق دېتالدا تەمىنلەنگەن ئىقتىدارلار تۆۋەندە تىزىملىكلىرى بويىچە تونۇشتۇرۇلدى:
ھۆججەت تىزىملىكى
..... يېڭىدىن ھۆججەت قۇرۇش (يېڭىدىن بەت ئېچىپ بېرىدۇ)

..... ھۆججەت ئېچىش   (ساقلاپ قويغان txt شەكىلدىكى ھەر قانداق ھۆججەتنى ئاچالايدۇ)
..... ساقلاش   (بىر قېتىم ساقلاپ بولغان ئەمما ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن txt ھۆججەتنى ئەسلى ھۆججەتكە ساقلاپ بېرىدۇ)
..... باشقىچە ساقلاش   (تېخى ساقلىمىغان ھۆججەتنى ساقلاشقا ۋە بىر قېتىم ساقلاپ بولغان ھۆججەتنى باشقىچە ساقلاشقا بولىدۇ)
..... چېكىنىش   (دېتالدىن چېكىنىدۇ)
تەھرىرلەش
..... يېنىۋېلىش   (قىلغان مەشغۇلاتتىن يېنىۋېلىشقا بولىدۇ)
..... كېسىۋېلىش   (تاللىغان مەزمۇننى كېسىۋېلىشقا بولىدۇ)
..... نۇسخىلاش   (تاللىغان مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىشقا بولىدۇ)
..... چاپلاش   (كېسىۋېلىنغان ۋە كۆچۈرۈۋېلىنغان مەزمۇننى چاپلاشقا بولىدۇ، باشقا يەردىن كېسىۋېلىنغان ۋە كۆچۈرۈۋېلىنغان مەزمۇننىمۇ چاپلاشقا بولىدۇ)
..... ئۆچۈرۈش   (تاللىغان مەزمۇننى ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ)
..... خەت ئايلاندۇرۇش   (بىردىن ۋە توپ ھالەتتە مەزمۇن ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ)
..... ھەممىنى تاللاش   (بارلىق مەزمۇننى تاللاشقا بولىدۇ)
..... چىسلا قىستۇرۇش   (شۇ كۈندىكى چىسلانى قىستۇرۇشقا بولىدۇ)
فورمات
..... خەت نۇسخىسى   (خەت نۇسخىسى ۋە خەت رەڭگىنى تاللاشقا بولىدۇ)
..... خەت رەڭگى   (خەت رەڭگىنى تاللاشقا بولىدۇ)
..... تەگلىك رەڭگى   (تەگلىك رەڭگىنى تاللاشقا بولىدۇ)
..... دەپتەرنى سۈزۈكلەشتۈرۈش   (دەپتەرنى سۈزۈك قىلىشقا بولىدۇ)
ياردەم
..... شاھدىيارسوفت ھەققىدە   (شاھدىيار تورىغا كىرىدۇ)
..... دەپتەر ھەققىدە   (دەپتەر توغرىسىدا قىسقىچە تونۇشتۇرىدۇ)
بۇ يۇمشاق دېتالغا UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىش ئۈچۈن كومپيۇتېرىڭىزغا ھېچقانداق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى بولسىلا بىۋاستە ئۇيغۇرچە يۇنىكودلۇق يېزىق بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
مەزكۇر سىستېمىدا تەمىنلەنگەن UKIJTuT.ttf دېگەن UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ھۆججىتىنى C:\Windows\Fonts قا كۆچۈرۈپ قويۇپ ئاندىن مەزكۇر دېتالنى ئىجرا قىلسىڭىز ئۇيغۇرچە يېزىقنى بىۋاستە بىر تەرەپ قىلالايسىز.
بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىلگىرىكى نۇسخىلىرىنىڭ ئادېرىسلىرى تۆۋەندە بېرىلدى:
شاھدىيارسوفت سۈزۈك تېكىست كىرگۈزگۈچ
http://www.shahdiyar.com/bilim/viewthread.php?tid=943
شاھدىيارسوفت سۈزۈك دەپتەر 2.0
http://www.shahdiyar.com/bilim/viewthread.php?tid=1195
بۇ قېتىمقىسىنىڭ نامى: <<شاھدىيارسوفت سۈزۈك دەپتەر 3.0>> دەپ بېرىلدى.  






[ئەسكەرتىش] مەزكۇر يۇمشاق دېتال پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. پەقەت بىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپ تور بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ چۈشۈرۈۋالسىڭىزلا سىز بۇ دېتالنىڭ مەڭگۈلۈك ئىشلەتكۈچىسى بولالايسىز.
تور بېكىتىمىزگە داۋاملىق كىرىپ داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ سەرخىل مەزمۇنلار ۋە يۇمشاق دېتاللاردىن بەھرىمان بولالايسىز.
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ھەر قانداق ئىنكاسلارنى قالدۇرۇشقا بولمايدۇ.
قوللىغىنىڭىزلارغا رەھمەت!


تور بېكىتىمىزدىن ھەقسىز چۈشۈرۈۋېلىڭ

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
96
تىللا
210
شۆھرەت
187
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 21:27:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چۈشىۈرەلمىدىمغۇ؟  زادى بولمىدى ئۇ!
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
14081
تىللا
18605
شۆھرەت
25448

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 21:46:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقتىدارىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپسىز. بۇدۇ ئىلگىرىلەش چوڭ بولغاندەك قىلىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
583
تىللا
766
شۆھرەت
1044

تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 21:50:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللانغان ۋاقتى  2011-5-23 21:46
ئىقتىدارىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپسىز. بۇدۇ ئىلگىرىلەش  ...

شۇنداق.
ئىلگىرىكى نۇسخىسىدىكى تېمىنىڭ ئىنكاسىمدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىقتىدارلىرىدىنمۇ كۆپرەك ئىقتىدار قوشۇپ قويدۇم.
پۈتۈنلەي يۇنىكودلۇق بىر تەرەپ قىلىدۇ.
قاچىلاش ھاجەتسىز. يېشىل دېتال.
بەلكىم بۇ «سۈزۈك دەپتەر» تۈرىدىكى دېتالنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
583
تىللا
766
شۆھرەت
1044

تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 22:48:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nazarxah يوللانغان ۋاقتى  2011-5-23 21:27
مەن چۈشىۈرەلمىدىمغۇ؟  زادى بولمىدى ئۇ!

تېما مەزمۇنىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىڭ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-4-15 07:27 , Processed in 0.627666 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش