1- سىز توربەت قۇرماقچىمۇ؟ ئۇنداقتا ئاۋال توربەتنى باشقۇرۇش، يازما يۆتكەش، تەھرىرلەش ، چوققىلاش، چۈشۈرۈش دېگەندەكلەرنى ئىگەللەڭ.
2- ئۇلىنىش بەت قۇرماقچىمۇ؟ يادىڭىزدا بولسۇنكى « ئۇلىنىش» نامىدا توربەت ئېچىش ئۇلىنىش بەت قۇرۇشنىڭ بىردىن- بىر يولى ئەمەس.
3- سىز ئاتامانمۇ؟ ئىملاغا دىققەت قىلىڭ، لاتىنچە يازسىڭىزمۇ، ئۇيغۇرچە يازسىڭىزمۇ يازغىنىڭىز بىرەر قائىدىگە چۈشسۇن.
4- سىز ئاتامانمۇ؟ مەيلى قايسى توربەتكە يازما يوللاڭ، يازمىڭىزنىڭ ماۋزۇسى چۈشىنىشلىك، ماۋزۇ بىلەن مەزمۇن ماس كىلىدىغان، ماۋزۇدىن مەقسەتنى بىلگىلى بولىدىغان بولسۇن.
5- سىز توربەت قۇرماقچىمۇ؟ تور بېتىمنى باشقىلار بىۋاستە زىيارەت قىلسۇن دېسىڭىز تور نامىڭىز مەنىلىك، ئەستە تۇتۇشقا ئاسان، تور نامى بىلەن توربەت خاراكتېرى ماس بولسۇن.
6-سىز توربەت قۇرماقچىمۇ؟ ئەل- جامائەت ئالدىدا يۈزۈم يورۇق بولسۇن دېسىڭىز پۇل تېپىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ( پۇلنى مەقسەت قىلىپ) توربەت قۇرماڭ.
7- سىز ئاتامانمۇ؟ تور بېتىڭىزدىكى يازما ئاز بولسىمۇ ساز بولسۇن.
8- سىز ئاتامانمۇ؟ باشقا توربەتكە يازما يوللىسىڭىز ماس سەھىپىگە يوللاڭ.
9- سىز ئاتامانمۇ؟ ئاتامان بولماقچىمۇ؟ تور بېتىڭىز قايسى تۈردىكى بولسۇن ئۆزىڭىزنىڭ بىر مەدەنىيەت تارقاتقۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى، خەلق ئالدىدىكى بىر مەسئۇلىيىتىڭىزنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى يادىڭىزدىن چىقارماڭ.
10- توربەتتىن ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بېتىدىن تېما، ئىنكاس ئىزدەشكە ماھىر بولۇڭ. Google نىڭ مەلۇم توربەتتىن ئىزدەش ئىقتىدارىنى ئىگىلەپ قويۇڭ. بۇ توربېتىڭىزنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىدىن مەسىلە چىقسا ياكى مەلۇم ئىنكاستىكى مەزمۇننى ئىزدەشتە ئەسقاتىدۇ.
11- يازما يوللىغاندا مەزمۇنغا تەسىرى بولماسلىق شەرتى بىلەن مەلۇم ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ئىشلىتىشنى بىلىۋېلىڭ. ئەلبەتتە بۇنىڭدا تىلغا باي بولىشىڭىز ، يېزىقچىلىق ئىقتىدارىڭىزنى ئۆستۈرۈشىڭىز كېرەك. 12- مەيلى قانداق بەت قۇرۇڭ ئىملاغا قاتتىق دىققەت قىلىڭ، ئىلمىي، پاساھەتلىك سۆزلەرنى يېزىڭ. بۇ ئانا تىلىڭىزنى ھۆرمەت قىلغانلىقىڭىز بولۇپلا قالماي ئۆزىڭىزنىمۇ ھۆرمەت قىلغانلىق. 13- مەيلى قايسى توربەتنىڭ ئاتامانى بولۇڭ كەمتەرلىك، دوستانىلىقنى يار تۇتۇڭ. 14- مەيلى قايسى كەسىپتە ئوقۇۋاتقان بولۇڭ، توربەت قۇرۇشقا قىزىقماڭ. ئاۋال ئوقۇشىڭىزنى ياخشى ئوقۇڭ. تور خۇمارىڭىز تۇتسا تەييار توربەتلەرنى زىيارەت قىلىڭ، بىلىمىڭىز بولسا شۇ توربەتلەردە تارقىتىڭ. 15- ئېسىڭىزدە مەھكەم تۇتۇڭكى توربەتچىلىك (توربەت قۇرۇش ) ، ھۈنەر ھېساپلانمايدۇ. توربەت قۇرۇپ جان باققىلى بولمايدۇ. جانغا ئەسقاتىدىغىنى يەنىلا پۇختا ئىگىلەنگەن بىلىم، يىتەرلىك كەسپىي ماھارەت. 16- ئاتامان بولاي دىسىڭىز، ئىرادىلىك بولۇڭ، نىشاننى توغرا تاللاڭ، نىشاننى تاللاپ ئىشنى باشلىغاندىن كىيىن، زىيانغا چىداپ ئالدىغا قاراپ مىڭىۋىرىڭ، زىياننى دەپ دۇكاننى بۇزماڭ.
17- ئاتامان بولاي دىسىڭىز، ئۆپكە كۆرسىتىپ قۇيرۇق ساتماڭ. مەسچىت دەپ نام قويۇپ قاۋاققا باشلىماڭ. (بىلىم دەپ تۇرۇپ ئويۇنغا )
18- ئاتامان بولاي دىسىڭىز، باشقىلارغا ھەقىقى ئاتامان بولاي دىسڭىز، يولنى بىرقەدەمدىن مىڭىڭ. كىلومىتىرنى بىرقەدەمدە ماڭىمەن دىمەڭ. ئونۋىرسالغا يۇگۇرمەڭ. ئونۋىرسال قىلغۇچە بىر بەت بولسىمۇ خاسلىققا ئىگە بەت قۇرۇڭ.
19- ئاتامان بولغۇڭىز بولسا ئالدى بىلەن باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلاشنى، باشقىلارنىڭ مەنپەتىگە ھۆرمەت قىلىشنى، ۋەدىسىدە تۇرۇشنى ئالدى بىلەن ھازىرلاڭ. 20- سىز توربەت قۇرماقچىمۇ؟ ئۇنداقتا ئاۋال ئۆزىڭىز قۇرىدىغان توربەتنىڭ خاراكتېرىغا ماس بولغان ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك تورنامىنى تاللاڭ، يادىڭىزدا بولسۇنكى تورنامى ئادەمنىڭ ئىسمىغا ئوخشاش مۇھىم نەرسە ، تور نامى قاملاشقان، توربەت خاراكتېرىگە ماسلاشقان بولسا گۈل—گۈلىگە كەلگەن بولىدۇ ، ئۇ توربەت خاراكتېرىگە ماس كېلىشى، يېزىلىشى ئۆلچەملىك بولىشى، باشقىلار خاتا ئوقۇپ قالمايدىغان بولىشى كېرەك. دەماللىققا « باشقىلار ئېلىۋاپتۇ، باھاسى يۇقۇرى ئىكەن» دەپ بىرەر ھەرىپنى ئۆزگەرتىپلا تورنامى ئالماڭ، پۇلىڭىز يەتسە تور نامىنىڭ باھاسى يۇقۇرى بولسىمۇ سېتىۋېلىڭ ئەگەر سېتىۋېلىشقا قۇربىڭىز يەتمىسە « ئۇيغۇر تىلى نامرات تىل ئەمەس» ماتىرىيال كۆرۈڭ، ئىزدىنىڭ باشقا مۇۋاپىق ئىسىمنى تاپالايسىز. 21- باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋالماڭ. بۇ سىزنىڭ ئالىيجاناپلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپلا قالماي تورىڭىزنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرىدۇ. 22- توربېتىڭىزنى باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىتىپ قىلماڭ، ئەڭ ياخشىسى تور بەتىڭىزدە ( ئۇسلۇب جەھەتتە) خاسلىق بولسۇن. 23- باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلىمەڭ. تور نامىنى باشقىلارغا تەقلىت قىلىپ ئېلىش يەنى باشقىلار com ئىسىمدا نام چىقارسا سىز cn ۋە باشقا تۈردىكىسىنى ئېلىپ ۋە ياكى بىرەر ھەرىپنى ئۆزگەرتىپ توربەت قۇرىدىغان ئىشنى قىلمىغىنىڭىز ياخشى. 24- ناۋادا باشقىلار قىلمىغان ، بىزدە كەم بولىۋاتقان توربەت قۇرسىڭىز تور بەتىڭىزنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ. 25- تور بېتىڭىزنىڭ زىيارىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىزلار نامىدا، ئوماق كىچىك قىزلارنىڭ باش سۈرىتىنى قوشۇپ تىزىملىتىپ تېما يوللايدىغان ئىشنى قىلماڭ.
26- توربەت ئاتامىغا لايىق ئىنكاس ۋە ئىمزا ئىشلىتىڭ. «ھى ھى» دەيدىغان خىنەك ئىنكاسنى يازماڭ، ئىمزايىڭىزمۇ چوڭ سۈپەت ئىلمىي بولسۇن « بۇ يەردە نېمە بار؟ »، « بۇ يەرنى باسماڭ» دېگەندەك ئىمزالارنى ئىشلەتمەڭ . چۈنكى بۇ ئېلان دەۋرى، ھارامزادىلىك دەۋرىدە بۇنداق ھىيلە گەپلەردىن بەك بىزار بولۇپ كەتتۇق. 27- ئاتامان بولماقچىمۇ؟ مېنىڭچە سىز تور دۇنياسىدا كەم دېگەندە 3 ئاي تۈزۈك ساياھەت قىلىڭ، تورنى، توربەتنى، مۇنبەرنى چۈشۈنۈڭ، ئەزالىق سالاھىيىتىدە ئۇنىڭ ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلىنىشنى ئۆگۈنۈڭ.
توربەت دېگەننى سىناپ قىلىپ باققىلى بولغان بىلەن سەرىپ بولغان ۋاقىت، زېھىن، ئىقتىسادنى ئورنىغا ئەكىلىۋالغىلى بولمايدۇ. ، ئاسانلا قۇرغىلى بولغان بىلەن ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئىنتايىن جاپالىق ئىش.
28- ئاتامان بولسىڭىز:تىما سانىغا ئەمەس سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىڭ. 18- قەۋەتتىكىكى تورداش irpan 29- مېنىڭچە ئالدى بىلەن كومپىيۇتېرىڭىزدا مۇلازىمىتىر قۇرۇپ توربەت سېستىمىلىرىنى چۈشۈنۈڭ(مۇنبەر -خەۋەر-كىنو -ناىشا سېستىمىلىرىنى ) ئاندىن پىلاننى موقىم تۈزىۋېلىپ ئاندىن كۆزىڭىز يەتسە قۇرۇڭ ،ھەرگىز‹‹فىلىم ئىشلىمىگەن مەن قالغانتىم›› دىگەندەك توربەت قۇرمىغان مەن قاپتىكەنمەن دەپ دوراپ قۇرماڭ.
نىشاننى چوقۇم بىرسىگە قارىتىڭبىر ھەپتىسى ئۈنۋېرسال بەت ،يەنە بىر ھەپتىسى مۇنبەر -يەنە بىر ھەپتىسى كىنو فىلىم بېتى قويماڭ .زىيارەتچىسى شۇنچە كۆپ تور بەتلەرمۇ كىچىكلىكتىن زورايغان . 19- قەۋەتتىكى تورداش irpan 30- ئاتا - ئانىڭىز، بالا- چاقىلىرىڭىز بىلەن تاماقنى بىللە يىيىشكە چوقۇم ۋاقت چىقىرىڭ. 31- تۈرلۈك سەۋەپ بىلەن توربېتىڭىز ئېچىلمىسا ياكى بۇزۇلۇپ قالسا زىيادە جىددىيلىشىپ كەتمەڭ. ئائىلىڭىز ۋە دوست- بۇرادەرلىرىڭىزگە چېچىلماڭ. 32- كۆڭلىڭىزگە خالىس نىيەت پۈكۈپ توربەت قۇرماقچى بولسىڭىز ياكى قۇرغان بولسىڭىز ئۆزىڭىز بىلەن ئوخشاش نىيەتتىكى كىشى بىلەن ھەمكارلىشىشمۇ ياخشى ئۇسۇل. بۇنىڭدا زېھىن ۋە كۈچ ئىسراپ بولمايدۇ. 34- توربەتكە مەجبۇرىي ئەزا قىلىش تور بېتىڭىزدىكى ئەخلەت ئەزانى كۆپەيتىشكە پايدىسى بار. بىزنىڭ ئەدەپ- ئەخلاق ئۆلچىمىمىز، ئۆرىپ- ئادىتىمىز نۇقتىسىدىنمۇ بۇنداق قىلىش ئىچى تارلىق بولۇپ قالىدۇ. يىراقنى كۆزلىسىڭىز، توربېتىڭىزنىڭ ئابرويىنى ئويلىسىڭىز قىسمىي مەزمۇننى يوشۇرۇش يولى بىلەن ئەزا كۆپەيتىشنى قىلماڭ.
2013- يىلى 7- ئاينىڭ 13- كۈنى يېڭىلاندى ( ھازىرچە مۇشۇنچىلىك، باشقا پىكىر كاللامغا كەلسە يازمىنى تەھرىرلەپ قوشۇپ قويىمەن) |