+==+  ئوقۇ، ئۆگەن، ئۆگەت، ئىزدەن، تىرىش، ئالغا باس. ئوقۇ، ئۈگەن، ئۈگەت، يولۇڭنى ئاچ، يوللارنى ئاچ، ئەلنى سۆي، ياخشى ئەمەللەردە بول، ھالال ياشا   +==+

ئىنتىل تورى

 

 

ئىزدەش
ئىنتىل تورى سەينا تور بىلىمى يېقىندىن بىرى تور سۈرئىتىڭى ...

كۆرۈش: 200|ئىنكاس: 9
go

يېقىندىن بىرى تور سۈرئىتىڭىز قانداقراق؟  

Rank: 3Rank: 3

[?]
تۆھپە
98  
تىللا
131  
شۆھرەت
155  
يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى. ئىككى ھەپتىدىن بىرى تور سۈرئىتىم بەك ئاستىلاپ كەتتى. ھەتتا چ چ غا چىقماقمۇ تەس. تور ئالدىراش بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ سەھەردە تورغا چىقساممۇ ئوخشاش. شۈنلېينىڭ چۈشۈرۈش سۈرئىتى 400ك ب سېكۇنتتىن 5~10 ك ب سېكۇنتلۇق سۈرئەتكە چۈشۈپ قالدى. دەسلەپتە مەزكۇر مۇنبەرگە چىقسام ieframe.dll دا مەسىلە بار دەپ ئېچىلمىغان. IE9 نى يۇيىۋىتىپ كۆرۈپ باقتىم. پايدىسى بولمىدى. Avent, Opera, Chrome لارنى قاچىلاپ كۆردۇم. بەزىسىدە مۇنبەرنىڭ ئۇيغۇرچە خېتى كۆرۈنمىسە، بەزىلىرى بەك ئاستا بولۇپ IE غا يەتمىدى. IE 10 نى قاچىلاپ باقتىم. سەل غەلىتە لايىھەلىنىپتۇ. كۆنەلمىدىم. يەنىلا IE9 غا قايتتىم. ئەمدى خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالمىغان بىلەن سۈرئەت مەسىلىسى ھەل بولمىدى. توردىن ياردەپ سوراپ باقتىم. DNS نى تەڭشەڭ دېدى. قەشقەرنىڭ 61.128.114.166 ئالدىن تاللاشقا، 61.128.114.133 زاپاس تاللاشقا كىرگۈزۈلەرمىش. كومپيوتېرغا تازا بەك چېۋەر بولمىغاندىن كېيىن، قۇلاق ئاڭلىغان، كۆز كۆرگەننى قىلىپ باقىدىغان گەپكەن. ئاخىرى ھېچقايسىسى ئاقمىدى. سۈرئەت يەنىلا بەك ئاستا. ئەمدى قەشقەردىكى دوستلاردىن «سىلەرنىڭ تور سۈرئىتىڭلار قانداقراق؟» دەپ سوراپ باقاي دەپ ئويلاپ قالدىم. بەزەن مۇلازىمېتېرغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تۈپەيلى ئاستىلاپ كەتكەن بولسا كۈتۈپ تۇرىمەن-دە.
بەزىڭلار سىستېماڭ قانداق دىيىشىڭلار مۇمكىن. Windows7.  بەزىڭلار 10000 غا تېلېفون قىل دىيىشىڭلارمۇ مۇمكىن. ئۆيۈم يىراقتا بولغاچقا سۈرئەت توغرىلىق ئەرز قىلمايدىغان بولۇپ، ھۆججەت يېزىپ بېرىپ ئاران ئەكىرگەن تور بۇ. بىراق يېقىندىن بىرى زادىلا بىنورمال. شۇڭا قىلمىغان قىلىقىم قالمىدى. قېنى سۈرئەت توغرىلىق بىر نېمە دەپ باقساڭلار.
ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى قارار چىقارسۇن.
alnuri   [ئىشەنچلىك ئەزا] 

Rank: 8Rank: 8

[?]
تۆھپە
1917  
تىللا
1516  
شۆھرەت
5216  

تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا ئاكتىپ ھەمكارلىق پىداكار تەشۋىقات تۆھپە داڭدار

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن قەشقەرنىڭ يوپۇرغا ناھىيە ئىچىدىن تورغا چىقىمەن، سىز تەرەپتە قانداق بولغىنىنى بىلمىدىم، ئەمما،  مىنىڭكىدە ھىچقانداق ئاستىلاپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلمىدى.
بۇ دۇنيا پەقەت مۇھەببەت ۋە مىھرى شەپقەت بىلەنلا شۇ قەدەر گۈزەلدۇر!  
alnuri   [ئىشەنچلىك ئەزا] 

Rank: 8Rank: 8

[?]
تۆھپە
1917  
تىللا
1516  
شۆھرەت
5216  

تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا ئاكتىپ ھەمكارلىق پىداكار تەشۋىقات تۆھپە داڭدار

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بولمىسا سىز ماۋۇ تېمىدىكى دېتال - 上网帮手نى ئىشلىتىپ بېقىڭ. سېستىما ياكى تور كۆرگۈچلەردە مەسىلە بولسا بىر تەرەپ قىلالايدۇ.
بۇ دۇنيا پەقەت مۇھەببەت ۋە مىھرى شەپقەت بىلەنلا شۇ قەدەر گۈزەلدۇر!  

Rank: 3Rank: 3

[?]
تۆھپە
112  
تىللا
167  
شۆھرەت
189  
يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۆي بىلەن ئارلىقى يىراق بولسا تور سۈرئىتى ھەرقانچە يۇقرى بولغان بىلەنمۇ سىم يۇلى ياكى باشقا بىر يەرلەردىن چاتاق چىقسىلا ئارانلا تۇردىكەن تور سۈرئىتى ئاستىلەپ كەتكىلى لىكىن مىنىڭ ئۈيۈم 500مىتىرمۇ كەلمەيدۇ يىراقلىقى شۇڭا ھەرقاچان شۇنداق ياخشى مەن باشقىلاردىن ئارلىق يىراق بۇلسا كاشلا چىققىلى ئارانلا تۇردىكەن چاتاق چىقسا تىلگىرافتىكىلەرگە ئوڭشاش خۇشاقمايدىكەن دەپ ئاغرىنغىننى كۆپ ئاڭلىغان لىكىن بىزنىڭ تۇرپاننىڭ تۇر سۈرئىتى خېلى يامان ئەمەس،سىز يەنىلا تىلگىراف ئدارىسىگە بارغىنىڭىز ياخشى ئۇ كاشىللارنى شۇلار بىلمىسە يەنىلا ئوڭشىماق تەس.

Rank: 3Rank: 3

[?]
تۆھپە
98  
تىللا
131  
شۆھرەت
155  
يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت، ئەلنۇرى بۇرادەر. سىناپ باقاي. بەك بولمىسا ئۇلارغا ھۆججەت بەرگىنىمگە خىلاپلىق قىلىپ ئەرز قىلىپ باقارمەن.
ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى قارار چىقارسۇن.

Rank: 3Rank: 3

[?]
تۆھپە
98  
تىللا
131  
شۆھرەت
155  
يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بايىلا تېلېگرافنىڭ بىزنىڭ رايونغا مەسئۇل خادىمى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ يېقىندا بىر تال نۇر كابىلنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى، لېكىن ئۈزۈلگەن يېرىنى تاپالمايۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى. ئىچكىردىن چىقىدىغان جايىدىن دەيدۇ. ئۇنداقتا ئەلنۇرى بۇرادەر يوپۇرغىدا تۇرۇپ نېمىشقا تەسىرگە ئۇچرىمىغاندۇ؟ ئۇ كىشى يەنە ئايدا 4000 دەك ئابونت كۆپۈيىۋاتىدۇ. سىزنىڭ ئۆيىڭىز يىراق، سۈرئەت ئاستىلىشى تۇرغانلا گەپ. نۇر كابىلنىڭ كاشىلىسى ئوڭشالسا سىزنىڭمۇ ئوڭشىلىپ قالار، باشقا تېخنىكىلىق مەسىلە يوق، دېدى.
ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى قارار چىقارسۇن.

Rank: 5Rank: 5

[?]
تۆھپە
1276  
تىللا
1346  
شۆھرەت
2481  

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇلارنىڭ سىزدىن ھۆججەت ئېلىۋالغىنى خاتا . ھەم ھېچقانداق قانۇنى كۈچكە  ئىگە ئەمەس . شۇڭا بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ .
سىز باشقا بىر كومپىيوتىر تېپىپ سىناپ بېقىڭ . يەنىلا شۇنداق بولسا ،
ئاۋۋال ئۇلارغا دەپ بېقىڭ  .  زادى بىر تەرەپ قىلمىسا ياكى سىز بىلەن كارى بولمىسا 12300غا تېلىفۇن قىلىڭ . بۇ چاغدا ئۇلار سىزنى ئىزلەشكە باشلايدۇ .
)تورنى بىجىرگەندىكى رەسمىيەت قەغەزلىرىنى تاشلىۋەتمىگەنسىز-ھە ؟!

Rank: 3Rank: 3

[?]
تۆھپە
590  
تىللا
583  
شۆھرەت
1509  

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ پىداكار

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىز 10000 نىڭ مۇلازىمەت خادىمىنىڭ چ چ نۇمۇرىنى قۇشۇۋىلىپ شۇنىڭغا دەڭ.800010000
ياكى ئۇچۇر مىنىستىرلىكىگە ئىلتىماس قىلىڭ.
http://www.chinatcc.gov.cn:8080/cmsadmin/shouli/shensu.jsp

Rank: 3Rank: 3

[?]
تۆھپە
590  
تىللا
583  
شۆھرەت
1509  

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ پىداكار

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يەنە بىرسى كومپىيوتورغا يىڭىدىن سىستىما قاچىلاپ سىناپ بىقىڭ.كوپ تور كورگۇچ ياكى ۋىرۇسخور قاچىلماڭ. ۋىرۇسمۇ سۇرئەتنى ئاستا قىلىۋىتىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

[?]
تۆھپە
1807  
تىللا
1696  
شۆھرەت
3464  

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا تەشۋىقات ھەمكارلىق

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۆيۈم يىراقتا بولغاچقا سۈرئەت توغرىلىق ئەرز قىلمايدىغان بولۇپ، ھۆججەت يېزىپ بېرىپ ئاران ئەكىرگەن تور بۇ. بىراق يېقىندىن بىرى زادىلا بىنورمال. شۇڭا قىلمىغان قىلىقىم قالمىدى.

شۇنداق بولغاندىكىن ھېچنىمە دىمەڭ ئەمدى، ئەڭ ياخشى ئامال يەنى 36تەدبىر ئىچىدە پەشنى قېقىپ كىتىش ياكى كىچىش ئەڭ ياخشى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|intil.cn 因特乐 知识信息网 ( 新ICP备10003688号 )

GMT+8, 2011-5-27 11:19 , Processed in 0.425339 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.