ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 1731|ئىنكاس: 24

[مۇسابىقە] ئالپ سوفت (AlpSoft )نىڭ ماركا-تۇغ لايىھەسى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
454
تىللا
490
شۆھرەت
851

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان سالاپەت پىداكار داڭدار ھەمكارلىق دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 23:44:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار.
مەن ئۆزۈم لايىھەلىگەن ئۈچ نۇسخا ماركىنى يوللاپ قويدۇم، باھالاپ باقارسىلەر.
لايىھە 1:
alp_marka_1.gif

ماركا-تۇغ نامى: alpsoft
چوڭ-كىچىكلىكى: 358X358
سىغىمى: 25K
تۇغنىڭ چۈشەندۈرىلىشى: ماركىغا ئىشلىتىلگەن رەڭ كۆك رەڭ بولۇپ، IT ساھەسىنىڭ خاس رەڭگىگە ئاساسەن ئېلىنغان. ئۈستىگە ئېلىنغان alp دېگەن لاتىنچە يېزىق خەت نۇسخىسى شەكلىدە مەخسۇس ئىشلەنگەن، ھەم خاس بەلگە قىلىنغان، ماركىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلەيدىغان مەنىسى alpsoft دېگەن ماركا نامى بولۇپ، بۇ لاتىنچە ھەرپ Alp Tuz Tom خەت نۇسخىسىنىڭ لاتىنچە يانتۇ يېزىلىشىدىن تەشكىل تاپقان. يۇقىرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان alp دېگەن لاتىنچە ھەرپنىڭ ئاستىغا خەنزۇچە 阿力普 دەپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئالپ دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە ئۆرۈپ يېزىلىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

لايىھە 2:
alp_marka_2.gif

ماركا-تۇغ نامى: ئالپ
چوڭ-كىچىكلىكى: 358X358
سىغىمى: 39K
تۇغنىڭ چۈشەندۈرىلىشى: بۇ ماركىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا لاتىنچە A ھەرىپىنىڭ ئۆزگىچە لايىھەسى بولۇپ، شەكىل بىر ئىگىز تاغقا ئوخشىتىلغان. ماركىدىكى شەكىللەرگە يېشىل رەڭ ئاساس قىلىنغان، بۇ يېشىل بوستانلىقلارغا سىموۋۇل قىلىنغان، ماركىنىڭ ئوڭ ۋە سول قىسمىغا نەقىشلەنگەن ئۈچ بۇرجەكلىك شەكىلدىن ئىككىسى بار، بۇ ئىگىز تاغلاردا ياشايدىغان غايىۋى قۇش توغرۇل ناملىق قۇشنىڭ قانات قېپىپ ئۇچۇش ئالدىدا تۇرغان ھالىتىگە سىموۋول قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماركىدا ‹تاغ›، ‹بوستانلىق›، ‹توغرۇل› دىن ئىبارەت ئۈچ ئۇقۇم گەۋدىلەندۈرۈلگەن. تاغ: شەكلى تەڭرىتاغلىرىغا سىموۋۇل قىلىنغان. بوستانلىق: تارىم بوستانلىقىغا سىموۋۇل قىلىنغان. توغرۇل: بۈركۈتنىڭ بىر تۈرى بولغان توغرۇلغا سىموۋۇل قىلىنغان.
ماركىنىڭ ئاستىغا لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ALP SOFTWARE (ئالپ يۇمشاق دېتاللىرى) دەپ يېزىلغان. بۇ، بۇ ماركىنى قوللانغۇچىنىڭ يۇمشاق دېتال ئىشلەش كەسپىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

لايىھە 3:
alp_marka_3.gif

لايىھە 4:
alp_marka_4.gif

ماركا-تۇغ نامى: ئالپباي
چوڭ-كىچىكلىكى: 358X358
سىغىمى: 17K
تۇغنىڭ چۈشەندۈرىلىشى: بۇ ماركا ئاساسلىقى ‹ئالپباي›، ‹alpbay› ، ‹阿力百› دىن ئىبارەت ئۈچ خىل يېزىقتا لايىھەلەنگەن. ماركىغا قىزىل رەڭ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئالپباي دېگەن سۆزدىكى باي سۆزىنىڭ بايلىق، مەمۇرچىلىق، باياشاتلىق دېگەن مەنىلىرىگە ئاساسەن قىزىل رەڭ ئىشلىتىلگەن.
ئالپباي دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئالپتەك باي كىشى، باتۇر ۋە باي كىشى دېگەن مەنىلەرگە ئىگە.
خەت شەكلىگە: ئالپباي دېگەن ئۇيغۇرچە سۆزگە Alp Qara (لايىھە 3 تىكى) ۋە Alp Qolyazma Bold (لايىھە 4 تىكى) خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلگەن. ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشتۇرۇلغان alpbay دېگەن سۆز سىزىپ چىقىرىلغان.

- ئالپ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AlpSoft تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-5-20 02:50  

كونا ئەزا

دوستانە

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
502
تىللا
732
شۆھرەت
980

ئاكتىپ تەشۋىقات پىداكار داڭدار تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 00:51:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لايىھەلەر بەك ياخشى چىقىپتۇ ،مەنمۇ «ئالپ سوفت »نىڭ تۇغىنى لايىھەلەپ كۆرگەن ئىدىم ،ئەتىلەردە يوللارمەن ...

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
798
تىللا
1241
شۆھرەت
1238

تىرىشچان پىداكار داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 00:53:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  
مىنىڭچە  لايىھە 1:   ۋە لايىھە 3:  مۇشۇ ئىككى لايىھە نىڭ  بىرى بولسا مۇۋاپىقتەك  تۇرىدۇ.
   
alnuri   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

باشقۇرغۇچى

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
3344
تىللا
3289
شۆھرەت
8839

تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا ئاكتىپ ھەمكارلىق پىداكار تەشۋىقات تۆھپە داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 01:00:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت چىقىرالماي قېلىشتىن ئەنسىرەۋاتاتتىڭىز، لىكىن، تۇنجى بولۇپ سىز يوللاپسىز، قارىغاندا كۈنسېرى كۆپيىۋاتقان مۇكاپات بويۇملىرى قىزىقتۇرۇپ قويۇپتۇ - دە سىزنى؟
لاھىيەلىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.
بۇ دۇنيا پەقەت مۇھەببەت ۋە مىھرى شەپقەت بىلەنلا شۇ قەدەر گۈزەلدۇر!  
Koinlun   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

ئاتامان

تەۋرەنمەس تاغ

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
5288
تىللا
4139
شۆھرەت
8967

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 01:03:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ بىرىنچى لايىھە ھەقىقى ياخشى چىقىپتۇ ھەم ھەيۋەتلىك ھەم مەنىلىك ئىكەن.ئۇتۇپ چىقىشىڭىزنى چىقىشىڭىزنى چن دىلىمدىن تىلەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Koinlun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-5-20 01:04  

alnuri   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

باشقۇرغۇچى

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
3344
تىللا
3289
شۆھرەت
8839

تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا ئاكتىپ ھەمكارلىق پىداكار تەشۋىقات تۆھپە داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 01:29:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە، بىرىنچىسىگە ئۇيغۇرچە قوشۇلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن. شۇڭا، مەن 3- لاھىيەنى ئەڭ ياخشى دەپ قارايمەن.
بۇ دۇنيا پەقەت مۇھەببەت ۋە مىھرى شەپقەت بىلەنلا شۇ قەدەر گۈزەلدۇر!  

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
66
تىللا
62
شۆھرەت
70
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 02:16:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لايىھە ياخشى بوپتۇ بولسا بىزنىڭ بەتكىمۇ بىر لايىھە ئىشلەپ باقساڭلار ھە دوستلار.........
ھى ھى ھى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
454
تىللا
490
شۆھرەت
851

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان سالاپەت پىداكار داڭدار ھەمكارلىق دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 02:47:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئورنۇمدىن قوپۇپلا شىركەتنىڭ ئىشلىرىغا تازا خوش ياقمىدى، كۈندە ئوخشاش بىر ئىشنى قىلىۋەرسىمۇ ئادەم زېرىكىپ قالىدىكەن، شۇڭا كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە كۆزۈمنى ئۇگىلاپ كومپيۇتېر ئالدىغا كېلىپ كومپيۇتېرنى ئېچىۋېتىپ، ناشتىدىن كېيىنلا ئېنتىلنى ئېچىپ بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقتىم. ئاندىن بۈگۈن قىلىدىغان ئىشلارنى قويۇپ قويۇپ، ماركا لايىھەلەپ باقاي دەپ ئويلاپ، بۇرۇن بار لايىھە ۋە ئۆزۈم ئويلىغانلىرى بويىچە بۇ بىر نەچچە ماركىنى يوللاپ قويدۇم. قارىسام مۇكاپاتلارنىڭ تۈرىمۇ بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ بارىدۇ، شۇڭا .....
تور بېكەتلىرىگە ماركا لايىھەلىتىدىغان تور بېكەت باشلىقلىرى ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان تەلەپ ۋە شەرتلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ قويسۇن، بۇنداق بولغاندا ماركا-تۇغ لايىھەلەپ يوللايدىغانلارغىمۇ ئاسان بولاتتى. مەسىلەن: تور بېكىتىنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، لاتىنچە (ئىنگلىزچە) توغرا يېزىلىشىنى بولسىمۇ يوللاپ قويۇش كېرەك، بولمىسا قانداق لايىھەلىگۈلۈك، يەنە تور بېكىتىنىڭ ئادرېسىنى، تور بېكىتىنىڭ خارەكتېرىنى، رەڭ ۋە يېزىققا بولغان تەلىپىنى، ھەم باشقا تەلەپ-پىكىرلىرى بولسىمۇ تولۇقراق يوللاپ قويۇش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا قول سېلىپ ماركا-تۇغ لايىھەلەپ بېرىدىغانلار چىقىدۇ. ئۇچۇر ئېنىق بولمىسا لايىھەلەشكىمۇ بەلگىلىك قېيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
ئادەتتە ماركا-تۇغلارنى لايىھەلىگەندە يېزىق شەكلى بىلەن رەڭ بەك مۇھىم ئامىل، ماركىنىڭ يىراقتىن بىر قاراپلا تونۇشقا ئاسان بولۇشى ئۈچۈن يېزىق بىلەنلا ئىپادىلەش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، ئاندىن بۇ يېزىق شەكلىدە ئېلىنغان ماركىغا رەڭ تاللاشمۇ بەك مۇھىم، بەزى رەڭلەر شۇ خەت شەكلىدىكى ماركىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىمۇ ئۆزگىچە رولغا ۋە مەناغا ئىگە. مەسىلەن: SONY ، Panasonic ، TOYOTA دېگەندەك ماركىلارمۇ پەقەت يېزىقتىنلا تەشكىل قىلىنغان. بىراق خەت شەكلى ئۆزگىچە، ھۆسنىخەت شەكلىدىكى خەت شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماركىلارنى لايىھەلەش ئۈچۈن ھازىر بار بولغان خەت نۇسخىلىرىمىزدا بىرىنچى باسقۇچلۇق شەكلىنى چىقىرىۋېلىپ، يەنە بىر قاتار پىششىقلاپ ئىشلەش، رەڭ بېرىش ئارقىلىق مۇكەممەل بىر ماكا چىقارغىلى بولىدۇ. شۇڭا، ماركا لايىھەلىتىدىغانلار تەكلىپىم بەك مۇرەككەپ شەكىللەرنى تاللىماڭ، ماركىنى كىچىكلەتسىمۇ ئوچۇق چىقىشىغا ۋە شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاددىي ھەم ئىخچام بولغان خەت شەكلىدىنلا تەشكىل تاپىدىغان لايىھەنى تاللىشىنى ۋە لايىھەلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
老鼠 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
374
تىللا
881
شۆھرەت
801
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 09:49:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ 1-لاھىيە بەك ياخشى چىقىپتۇ.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
945
تىللا
882
شۆھرەت
1236

شەرەپ ئاكتىپ سالاپەت پىداكار داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 13:38:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالپ ئەپەندىنىڭ ئىجايىتىدىن ئىلھاملىنىپ ئۆزەەرتىپ باقتىم، بولامدۇ بىلمىدىم.
ئۇيغۇرچە ئالپسوفت دىگەن خەتنىڭ رەڭگىنى ئوخشاش رەڭلىك قىلالمىدىم،ياراپ قالسا ئۆزگەرتىپ قويارسىز.
alp_marka_oz1.gif

alp_marka_oz2.gif

alp_marka_oz3.gif

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
454
تىللا
490
شۆھرەت
851

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان سالاپەت پىداكار داڭدار ھەمكارلىق دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 16:42:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئافراسىياپ ئەپەندىمنىڭ ئۆزگەرتىپ چىققىنىغا ئاساسەن، ئۆزۈممۇ 1- لايىھەنى ئازراق ئۆزگەرتىپ چىقتىم. باھا بەرگەيسىلەر:

alp_marka_5.gif

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
454
تىللا
490
شۆھرەت
851

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان سالاپەت پىداكار داڭدار ھەمكارلىق دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 16:50:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋەندىكىلىرى ئۆزۈم لايىھەلىگەن بىر قانچە خىل مۇقاۋا، كالىندار، ئېلىپبە جەدۋىلى قاتارلىق لايىھەلەر، بۇنى بۇرۇن لايىھەلەپ قويغان، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە پائالىيىتىدە قاپ، مۇقاۋا لايىھەلىرىمۇ بولسا بولىدۇ دەپتىكەن شۇڭا يوللاپ قويدۇم.
1. شىركىتىمىز ۋە مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇش ژۇرنىلىنىڭ ئىچ مۇقاۋىسى، بۇ بەتتىكى <گۈللەن ئالپ> ناملىق ھۆسىن خەتنى بىر خەتتات يېزىپ بەرگەن.


2. <گۈللەن ئالپ> - ئالپ مەڭگۈ پارلىغاي، چولپان كەبى چاقنىغاي.


3. يۇقىرىقىسىنىڭ رەڭ بېرىلمىگەن شەكلى.


4. شىركىتىمىز ئىشلىگەن بايبول سودا باشقۇرۇش يۇمشاق ماتېرىيالىنىڭ دىسكا مۇقاۋىسى.


5. ئالپ كۆپ تىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزىق كىرگۈزگۈچ يۇمشاق ماتېرىيالىنىڭ دىسكا مۇقاۋىسى.


6. ئالپ كۆپ تىللىق لۇغەت يۇمشاق ماتېرىيالىنىڭ دىسكا مۇقاۋىسى.


7. قوش تىل ئوقۇ-ئوقۇتۇش ياردەمچىسى يۇمشاق ماتېرىيالىنىڭ دىسكا مۇقاۋىسى.


8. «رۇس تىلى ئېلىپبەسى» ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ ئالدى مۇقاۋا يۈزى.


9. «رۇس تىلى ئېلىپبەسى» ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ ئارقا مۇقاۋا يۈزى.


10. «رۇس تىلى ئېلىپبەسى» نىڭ ئىچ مۇقاۋىسىغا بېرىلگەن رۇس تىلى ئېلىپبەسى جەدۋىلى.


11. «رۇس تىلى ئېلىپبەسى» نىڭ ئاۋازلىق مەشىق قىسمىغا بېرىلگەن رۇس تىلى ئېلىپبەسى جەدۋىلى.


12. «رۇس تىلى ئېلىپبەسى» نىڭ كالىندارلىق ئېلان تەشۋىقات ماتېرىيالى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AlpSoft تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-5-20 17:06  

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
454
تىللا
490
شۆھرەت
851

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان سالاپەت پىداكار داڭدار ھەمكارلىق دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 17:08:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Yeshilnur يوللانغان ۋاقتى  2011-5-20 00:51
لايىھەلەر بەك ياخشى چىقىپتۇ ،مەنمۇ «ئالپ سوفت »نىڭ تۇغ ...

ئالپسوفتنىڭ تۇغ-ماركىسىغا لايىھە چىقىرىشنى ئويلىشىپسىز، سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، يوللانغاندا كۆرۈشكە ئالدىراپ كېتىپ بارىمەن، سىزگە ئۇتۇقلۇق، ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
945
تىللا
882
شۆھرەت
1236

شەرەپ ئاكتىپ سالاپەت پىداكار داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 18:22:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالپ ئەپەندىنىڭ يېڭى لاھىيەسى ئاساسىدا ئۆزگەرتكىنىم.
بولامدۇ بىلمىدىم.باھا بەرگەيسىلەر.
alp_marka_oz5.gif

ئۆزگەرتىش ئىدىيىسى.
1.كونا يېزىقتىكى ئالپ بىلەن لاتىن يېزىقىدىكى alp نىڭ بىرىكمىسى ئۈنۈمىنى چىقىرىشنى ئاساس قىلدىم. يەنى ئوڭدىن ئوقۇغاندا ئالپ، سولدىن ئوقۇغاندا  alp بولۇدۇ.
2.سىممىتىرىكلىكنى ساقلاشقا تىرىشتىم، شۇڭا ئالپ تىكى پ نىڭ ئۈچ چېكىتىنى سىممىتىرىك ھالدا پەس تەرەپكە بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇردۇم.
3. خەنزۇچە يېزىلىشىنى ماس ھالدىكى alp نىڭ ئاستىغا ئالدىم،يەنى a阿         l力       p普 بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدىم.
alp_marka_oz51.gif

4.ماركىنىڭ ئۈچ خىل يېزىقتىكى ئاتىلىشىنىڭ تولۇق ئىپادىلىنىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشتىم.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
945
تىللا
882
شۆھرەت
1236

شەرەپ ئاكتىپ سالاپەت پىداكار داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-20 18:37:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alp_marka_oz52.gif

ئالپ ئەپندىنىڭ لاھىيەسىدىن ئىلھاملىنىپ ئۆزگەرتكىنىم،بۇنىڭدا alp نىڭ يېزىلىشى ئاساس قىلىنىپ لاھىيەلەندى.
باھا بېرىپ باققايسىلەر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-11 23:23 , Processed in 0.215656 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش