ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1976|ئىنكاس: 9

مېۋىلەرنىڭ شىپاھلىق رولى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شىپالىق مېۋىلەر ____ ئەنجۈر
200906204.jpg

ئەنجۈر
ئەنجۈر- چېچەكلىمەيدىغان،يىلىغا 3 قېتىم مېۋە بېرىدىغان، مېۋىسى تاتلىق، شىرنىلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا مېۋىلەردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئىسىل مېۋىلەرنىڭ بىرى.
تەبىئىتى:بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
تەركىبى: ئەنجۈر مېۋىسى تەركىۋىدە سۇ،گلۇكوزا،فروكتوزا،لىمون كىسلىتاسى، ماي، كۆپ مىقداردا ۋىتامىن A،C قاتارلىقلار بار.
شىپالىق رولى:ئوزۇق بولۇش،سەمرىتىش،يۈرەكنىڭ ئىسسىقلىقىنى سوۋۇتۇش، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش،ئىچ بوشۇتۇش،ئۈچەينى تازىلاش،ئىششىق قايتۇرۇش ، ئۆپكىنى ياشارتىش، بوۋاسىرنى داۋالاش رولىغا ئىگە.
ئەنجۈرنىڭ ئاددىلاشقان شىپالىق رېتسىپلىرى:
1)ئەنجۈر مۇرابباسى بەلغەمنى بوشىتىدۇ،2)ئەنجۈر قېقى بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى يوقىتىدۇ.3)ھۆللۈك ياكى سوغۇقتىن بولغان كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ . 4)ئەنجۈر قېقىنىڭ تالقىنى جاراھەت سۈيىنى يوقىتىدۇ.5) ئەنجۈر قېقى قاينىتىلغان سۇدا ئېغىز چايقالسا، تىل ۋە كاناي ئىششىقلىرى يانىدۇ،6)ھەسەل بىلەن قاينىتىلغان سۇيى كۆكرەكنى، ئۆپكىنى تازىلايدۇ. 7)ئەنجۈر سۇيى قوساق ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ. ئەنجۇر قېقى ياڭاق مېغىزى بىلەن سوقۇلغاندىن كېيىن كاپ ئېتىلسە، ئىشتەينى ئاچىدۇ.8)پىشقان ئەنجۇرنى ئۈزگەندە ساپىغىدىن ساقىپ چىقىدىغان سۇ(سۈت) سوگەل ئەتراپىغا 4-3 كۈنگىچە سۈركەپ بېرىلسە، سۆگەل چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇ تەمرەتكىگىمۇ شىپا بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
ئەنجۈرنى ھەددىدىن زىيادە ئىستىمال قىلىۋەتسە قورساقنى كۆپتۈرىدۇ.

بۇندىن باشقا يەنىمۇ كۆپ بىلىملەرنى بىلمەكچى بولسىڭىز www.xjizlar.com غا مەرھەمەت قىلغايسىز.
ۋاقتى: 2013-9-23 23:26:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈك ( ئۆرۈك)
ئۆرۈكنىڭ تەبئىتى:

بالدۇر پىشىدىغانلىرى - ھۆل سوغۇق ، كېچىكىپ تومۇز يەپ پىشىدىغىنى - ھۆل ئېسسىق، تومۇزنىڭ ئاخىرلىرى پىشىپ شاختا ئۇزۇنراق تۇرۇپ قالغانلىرى قۇرۇق ئېسسىق بولىدۇ.

خۇسۇسىيىتى: ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، سەپرانى قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ماددىلارنى يۇمشۇتۇش، راكنىڭ ئالدىنى ئىلىش، يۈرەكنى ئاسراش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بار.

زىيانلىق تەسىرى: سوغۇق مىزاجلىقلار كۆپ يېمىگەن ياخشى. ئاشقازان-ئۈچەينى ئاجىزلىتىپ قورساقنى ئاغرىتىدۇ، ئىچىنى سۈرىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى: ئۆرۈك مېغىزى، شىكەر، نانىخا...

ئۈرۈك گۈلىسىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى:

ئۈرۈك مېۋىسىنىڭ ئېتى سېرىق، يۇمشاق، يېقىملىق ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، شىرنىلىك بولۇپ، ياز پەسلىدىكى ئاساسلىق مېۋىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۆرۈكنى ھۆل پېتى ئىستېمال قىلىشقىمۇ، قاق قۇرۇتۇپ، بالقاق ياساپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى ئۈرۈك قېقى تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، ئامىگدالىن، شۇنىڭدەك كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. ئۈرۈك قېقى قېقىنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار، يەنە يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى ئازايتىش رولى بار. دائىم ئكرۈك قېقى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئۈچۈن مۇئەييەن دەرىجىدە پايدىسى بولىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: ئۈرۈك قېقى نەپەسلىنىش سىستېمىسىدا مەسىلە بارلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، شۇنىڭدەك ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن رادىئوئاكتىپلىق داۋالاش، خىمىيىلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلارنىڭمۇ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. تۇغۇتلۇق ئاياللار، كىچىك بالىلار، ئاغرىقلار، بولۇپمۇ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئۈرۈك قېقى ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. ئۈرۈك قېقى گەرچە يېيىشلىك بولسىمۇ، لېكىن زىيادە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئامىگدالىننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش مەھسۇلاتلىرى توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ تۇنجۇقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا مەركىزىي نېرۋىنى تورمۇزلاپ، نەپەسلىنىشنىڭ پالەچلىنىشىنى، ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما بالقاق تەييارلاش، قاق قۇرۇتۇش جەريانىدا، ئۈرۈك قېقى تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلار پارغا ئايلىنىپ ياكى ئېرىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۈرۈك قېقى قېقىنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ

مەنبە: 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت بلوگى
ۋاقتى: 2013-9-23 23:28:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈجمە ( ئۈژمە)
ئۈجمە يازلىق مېۋىلەر ئىچىدە ھەممىدىن بۇرۇن پىشىپ مېۋە بېرىدىغان مېۋىلىك دەرەخ بولۇپ، ئۇ دورىلىق قىممىتى ۋە ئىقتىسادىي قىممىتى (ئاساسلىقى يېپەكچىلىكتىن كىلىدىغان ئىقتىسادىي قىممىتى) ناھايىتى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇ ئاساسلىقى ئاق ئۈژمە ۋە قارا ئۈژمە، يەنى شاتۇت دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئاق ئۈژمىنىڭ مېۋىسى شىرنىلىك، تەمى تاتلىق، يۇمشاق؛ قارا ئۈژمىنىڭ مېۋىسى شىرنىلىك، يۇمشاق، تەمى چۈچۈمەلرەك بولىدۇ. ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان «ئۈژمە ئۆستۈرگەن كىشىنىڭ ئۈژمىسى پىشىپ مېۋىسى يەرگە تۆكۈلگەندە، ئۇنىڭ گۇناھى بولسا ئۈژمە بىلەن بىللە تۆكۈلىدۇ»، «ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دېگەنگە ئوخشاش ماقال-تەمسىللەر بىزگە خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان، ئۈژمىنى ئالاھىدە چوڭ بىلىپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئاق ئۈجمە مېۋىسىنىڭ قان كۆپەيتىپ، مېڭە، ئۆپكە، جىگەر، بۆرەككە قۇۋۋەت بىرىش، ماغدۇرلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار. مېڭىدىكى نۇرمالسىز سەپرا، سەۋدالارنى تەڭشەيدۇ. ئۇندىن باشقا قۇرۇق مىزاجلىقلارنىڭ بەدىنىگە ھۆللۈك تولۇقلاپ چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، قىزتما قايتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، تېرىگە جۇلا بىرىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، بەلغەم بوشۇتۇش، يۆتەل پەسەيتىش، سېمىرتىش خۇسۇسىيەتلىرى بار.

ئەسكەرتىش: ھۆل مىزاجلىقلارغا تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئازىراقلا يەپ بولدى قىلىش كېرەك. بەلغەم-ھۆل مىزاجلىق كىشىلەر كۆپ ئىستىمال قىلسا مېڭىدىكى ھۆللۈكنى كۈچەيتىپ، بەدەننى-پەينى بوشۇتۇپ ئىزلەڭگۈ قىلىپ ئۇيقۇنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. ئاشقازانغا زەرەر قىلىدۇ.





* ئاق ئۈجمە پىشقاندا كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 40 گىرامدىن 80 گىرامغىچە پاكىز يۇيۇپ يەپ بەرسە، ئىچكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بەدەننى، بۆرەكنى جىگەرنى كۈچلەندۈرىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، نېرۋىنى ياخشىلايدۇ، قان كۆپەيتىپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، قۇلاق غۇڭۇلداشقا، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
* ئاق ئۈجمە يوپۇرمىقىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن پاكىز يۇيۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ، يەلنى ھەيدەپ، قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، يۆتەل، باش ئاغرىقلىرى، كۆزدىكى قىزىللىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. توسالغۇلارنى ئېچىپ، قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ.
* ئاق ئۈجمە يېلتىزىنىڭ ئاق پوستىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئېلىپ پاكىز تازىلاپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكىنى ياشارتىدۇ، يۆتەلنى توختىتىدۇ. دەم سىقىلىشنى ياخشىلايدۇ، ئۆپكىنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ئاغرىقلىرى، قان تۆكۈرۈش، سۇلۇق ئىششىق، قورساق كۆپۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. (ئىزاھات: سوغۇقتىن بولغان يۆتەللەرگە بېرىلمەيدۇ)
* ئاق ئۈجمىنىڭ نوتا شېخىنى پاكىز تازىلاپ يالپاغداپ كېسىپ قاينىتىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىچىپ بەرسە، رېماتىزىملىق بوغۇم ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ، سوغۇق يەلنى ھەيدەپ، پۇت - قول ئۇيۇشۇشنى ياخشىلايدۇ، قاننى تازىلايدۇ.

* ئۈجمىنىڭ غازىڭىنى قاينىتىپ غار-غار قىلسا گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

* ئۈجمىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سىقىپ ، سۈيىگە سىركە قۇشۇپ ئىچىپ بەرسە ، قىزىتما قايتۇرىدۇ.
ۋاقتى: 2013-9-24 17:06:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈز- قىش پەسلىدىكى بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان 4 خىل مېۋە



بىرزات ئىلاۋىسى:ھەر قايسى ئىقلىم ۋە جۇغراپىيلىك شارائىت، يېمەك-ئىچمەك، ئوزۇقلىنىش ۋە تۇرمۇش ئادىتى، گېن-ئىرسىيەت ئامىلى دېگەندەك پەرقلەر سەۋەبلىك ھەر قايسى ئىقلىملاردا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىدە رۇشەن ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. شۇ سەۋەب ھەر قايسى جايلاردا تېرىپ ئۆستۈرىلىدىغان ئۆسۈملۈك-كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە بىرىدىغان تەسىرىدىمۇ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت. مەسىلەن: جۇڭگۇ تېبابىتىدە يۇمغاقسۈتنىڭ تەبئىتىنى ئىسسىق ياكى ئىسسىققا مايىل دەپ تەبىر بىرىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە يۇمغاقسۈتنى ئۆتكۈر دەرىجىدە سوغۇق دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككىلا قاراشنى ئوتتۇرغا قويغۇچىلارنىڭ قاراشلىرى ئۆز ئەمەلىيىتى ئاساسىدا ئوتتۇرغا چىققان بولۇپ بىرسىنىڭ قارىشىنى توغرا، يەنە بىرسىنىڭكىنى خاتا دەپ قاراش مۇۋاپىق ئەمەس، چۈنكى ئالدىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك پەرقلىق مىزاج ئالاھىدىلكىگە ئاساسەن يېمەكلىكلەرنىڭ بىرىدىغان تەسىرىدىمۇ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت. خەنزۇچە ياكى باشقا ئەل-خەلقلىرىنىڭ ساغلاملىق ۋە ئوزۇقلۇقلارنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدىكى تەرجىمە ماقالىلەرنى ئوقۇغاندا يۇقۇردا دەپ ئۆتكەن نۇقتىلارغا دېققەت قىلغايسىز! بىزنىڭ بەدىنىمىز ۋە ساغلاملىقىمىز تەكلىماكان بويلىرىدىكى قۇرغاق كىلىمات ۋە شۇ تۇپراقتا ئۆسۈپ چىققان نىئمەتلەرنى ئىستىمال قىلىش نەتىجىسىدە شۇنىڭغا مۇناسىپ مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان. ئۇيغۇر تېبابىتىمۇ شۇ ئاساستا تەرەققى قىلغان. تۆۋەندە خەنزۇچە ئائىلە دوختۇرى لىنىيىسىنىڭ <<كۈز- قىش پەسلىدىكى بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان 4 خىل مېۋە>> ماۋزۇسىدىكى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈلگەن ماقالىدە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان مېۋىلەر قاتارىدا ئۈزۈم، ئۈجمە قاتارلىقلارنى ساناپ قىلىپ ئارقىدىن قارقات ۋە چىلاننىمۇ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ دەپ چۈشەنچە يازىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ قارىشىدا ئالدىدىكى ئىككى خىل مېۋە ئىسسىقلىق ۋە قۇۋۋەت تەسىرىدىن بۆرەك ۋە باشقا رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ. كىيىنكى ئىككى خىل مېۋە بولسا قۇرۇق سوغۇققا تەۋە بولۇپ ئاساسلىقى قاننى سۈيەلتىپ قان تازىلاش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، ئىسسىقنى ئىلىش خۇسۇسىيەتلىرى بار. دېمەك ئىسسىق مىزاجلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كەلگىنى بىلەن سوغۇق مىزاج كىشىلەر كۆپ ئىستىمال قىلسا بەلكىم بەدەن-قاننى سوۋۇتۇپ بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشى مومكىن.  شۇڭا تەرجىمە ماقالىلەرنى كۆرگەندە رېتسىپ ۋە يېمەكلەرنىڭ بىزنىڭ بەدەن ھالىتىمىزگە، مىزاجىمىزغا ماس كىلىش-كەلمەسلىكىگىمۇ ئەھمىيەت بەرگەيسىز! تۆۋەندە مەزكۇر ماقالە دېققىتىڭىزدە بولىدۇ:

____________________ بىرزات

ئائىلە دوختۇرى لىنىيىسى خەۋىرى:
1.ئۈزۈم
كۈز، قىش پەسلى ئۈزۈم كۆپ مىقداردا بازارغا چىقىدىغان ياخشى پەيت، ئوزۇقلۇق قىممىتىدىن قارىغاندا، ئۈزۈمدە مېنرال ماددىلاردىن كالىتسىي، كالىي، فوسفور، تۆمۈر ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بولۇپلا قالماي، يەنە ئادەمنىڭ تېنى ئېھتىياجلىق كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالار بار. جۇڭگو تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، ئۈزۈم تەمى تاتلىق، چۈچۈمەل بولۇپ، تال، ئۆپكە، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۈزۈمنى كۆپ يېگەندە قاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ جىگەرنى ئاسرايدۇ. زور مىقداردىكى تىببىي تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئۈزۈم بۆرەك ياللۇغى بولغان بىمارلارنى ئەسلىگە كېلىشىدە بەلگىلىك قوشۇمچە داۋالاش ئۈنىمى بار ئىكەن.
ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، بازاردىكى ئۈزۈملەرنىڭ تۈرى ۋە رەڭگى كۆپ خىل بولۇپ، بۆرەكنى ئەڭ قۇۋۋەتلەيدىغىنى قىزىل ئۈزۈم (ياكى قارا ئۈزۈم) ئىكەن. ئۈزۈم سەل سوغاققا مايىل بولۇپ، ئاشقازىنى سوغاق بولۇپ كەتكەنلەر دىققەت قىلىشى، بىر قېتىمدىلا بەك كۆپ يەۋالماسلىقى كېرەك.
2. ئۈجمە
ئۈجمە تاتلىق، شىرنىلىك بولۇپ، كىشىلەر دائىم يەيدىغان مېۋىلەرنىڭ بىرى، «ئەل ئارىسىدىكى خاسىيەتلىك مېۋە» دەپ تەرىپلىنىدۇ. جۇڭگو تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، ئۈجمىنىڭ تەمى تاتلىق چۈچۈمەل بولۇپ، تەبىئىتى سەل سوغاق، يۈرەك، جىگەر، بۆرەككە پايدىلىق، قان تولۇقلاپ مەنپىيلىككە پايدا قىلىدۇ، جىگەرنى ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
ئۈجمىدە يەنە كۆپ خىل ۋىتامىن، ئامىنو كىسلاتا ۋە كاروتىن قاتارلىقلار بولۇپ، ئاياللارغا پايدىسى تېخىمۇ كۆرىنەرلىك، دائىم ئىستىمال قىلسا ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
3.قارىقات
قارىقاتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئالىملارنىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ھەر 100 گىرام قارىقاتتا 181 مىللىگىرام ۋىتامىن C، 322 مىللىگرام كالىي ۋە كالىتسىي، سىنىك، فوسفور، ماگنىي ۋە تۆمۈرلەر بار ئىكەن، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق رولى بار بولۇپ، ئاز ئۇچرايدىغان ئېسىل مېۋە.
بۇنىڭدىن سىرت، قارىقاتنىڭ يەنە ناھايىتى يۇقىرى دورىلىق قىممىتى بولۇپ، تەركىبىدىكى بىئولوگىيىلىك فلاۋون قان تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ياخشىلاش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار ئىكەن.
4. قارا چىلان
چىلان تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر دەرھال قىزىل چىلاننى ئەسكە ئالىدۇ، قىزىل چىلاننىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، قان تولۇقلاش ۋە قۇۋۋەتلەشتىكى ئېسىل مېۋە، بولۇپمۇ ئاياللارغا ئالاھىدە ماس كېلىدۇ. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، قىزىل چىلان قان تولۇقلاشتا كۆرىنەرلىك ئىكەن، قارا چىلان بولسا بۆرەك قۇۋۋەتلەشتە ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك ئىكەن، قارا چىلاننىڭ تەمىن قىرتاق، تەبىئىتى سوغاق بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، قەنتلەر ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بولۇپ، ۋىتامىن C ۋە كالىتسىي، تۆمۈر ماددىسى ئەڭ كۆپ ئىكەن، ئاشقازان ۋە تالنى قۇۋۋەتلەش، بۆرەكنى ئاسراش رولى بار ئىكەن. بۆرەكنى ئاسرىماقچى ۋە قۇۋۋەتلىمەكچى بولغانلار كۆپرەك قارا چىلان يەپ بېرىشى كېرەك.

(ئوكيان تورىدىكى نەپرەت تەرجىمە قىلىپ 80 خالتا تورىغا يوللىدى)
ۋاقتى: 2013-9-24 17:12:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزۈمنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە شىپالىق رولى

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن ( بىرزات)

ئۈزۈم بۇرۇندىن مەشھۇر مېۋە بولۇپ ئادەتتە مېۋە ئورنىدا ئىستىمال قىلىنغاندىن سىرت ئۇيغۇر تېبابىتىمىزدە  ئۈزۈمدىن ھەر خىل شاراب-ئىچىملىكلەرنى، شىرنە، سىركە دېگەندەكلەرنى تەييارلاپ ساقلىقنى ساقلاش ۋە كېسەل داۋالاشتا ئەتۋارلىنىپ ئىشلىتىلىدۇ. ياشانغان كىشىلىرمىز ئارىسىدا ئەتتىگەندە ناشتىدا ئۈزۈم بىلەن نان يېسە ئادەمنى ياشارتىدۇ دەيدىغان قاراش بار. ئۈزۈم بىلەن نان يېسە سۈننەت دەيدىغان گەپلەرنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەمەلىيەتتىمۇ مەيلى قۇرۇق ئۈزۈم بولسۇن ياكى ھۆل ئۈزۈم بولسۇن نان بىلەن يېسە ئالاھىدە ئېسىل ۋە يېيىشلىك بولىدۇ. ئۈزۈمنىڭ شىپالىق رولى ھەققىدە ئۇيغۇر تېبابەت مەنبەلىرىدە شۇنداق بايانلار بار: قايسى خىل سورتتىكى ئۈزۈم بولمىسۇن تەبئىتى ھۆل ئىسسىق. ئۇرۇقى: قۇرۇق سوغۇق.
شىپالىق رولى: ساپ قان پەيدا قىلىش، قاننى جانلاندۇرۇش ۋە ساپلاشتۇرۇش،  ئۈچەينى تازىلاش قەۋزىيەتنى راۋان قىلىش، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش، بەدەننى سەمىرتىش، ماغدۇرسىزلىقنى داۋالاش، زىھنى قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ ئۇنتىغاقلىقنى داۋالاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئۇرۇقىنىڭ مۇسكۇللارنى چېڭىتىش، مەنىينى تورمۇزلاش دېگەندەك رولى بار. تېبابىتىمىزدە ئىشلىتىلىدىغان ئۈزۈم خوتەن دىيارىدا كۆپ ئۆستۈرىلىدىغان قىزىل ئۈزۈمنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۇندىن قالسا قەشقەر بەشكىرەم، ئاتۇش موناقى ئۈزۈملىرى، تۇرپان كىشىمىشلىرى تەم، سۈپەت جەھەتتە ياخشى. لىكىن تۇرپاننىڭ كۆك كىشىمىشلىرىنى چىرايلىق، كۆرۈنىشى ئۇز قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيېنى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن تېۋىپلار دورىلانغان ئۈزۈمنى ئىستىمال قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
دىيارىمىزدا ئۈزۈمنىڭ ئۆستۈرلۈشى بەك قەدىمىيلىككە ئىگە بولۇپ ماتېرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ئۈزۈم دىيارىمىزدا 2000 نەچچە يۈز  يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ كىيىنچە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىلىپ بىرىپ ئۆستۈرگەن ئىكەن. ياۋرۇپالىقلار ئۈزۈمدىن ۋىنو (ئۈزۈم ھارىقى) ئىشلەپ كەڭ ئىستىمال قىلىدىكەن.

ئۈزۈمنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى:
ئۈزۈم تەركىبىدە ۋىتامىن  ئا، ۋىتامىن ب2 ، ۋىتامىن ب12، ۋىتامىن س ، ۋىتامىن ې، فلاۋونوئىد، شۇنىڭدەك كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كالىي، ناترىي، ماگنىي، مانگان قاتارلىق مېنىرال ماددىلار بار.
ئۈزۈم قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنى توسىدۇ، قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ ھەمدە بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتىدۇ. ئۈزۈم ساغلام ھۈجەيرىلەرنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىنى توسىدۇ ھەمدە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۈزۈم باكتتىرېيە ۋە ۋىرۇستىكى ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ، ئۇلارنى كېسەل تارقىتىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، ئۈزۈمنىڭ يۇلۇن سۇر ماددا ۋىرۇسى ۋە باشقا بەزى ۋىرۇسلارغا قارىتا ناھايىتى ياخشى ئۆلتۈرۈش رولى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە ئانتىتېلا  (抗体 kàng tǐ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى) پەيدا قىلىدۇ.
ئۈزۈمنىڭ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بىرىش رولى بار بولۇپ تال، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ. ئۈزۈم جىگەر، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ ياخشى خىلىت پەيدا قىلىدۇ. پەي-مۇسكۇللارنى چىڭىتىدۇ. قۇۋۋەتنى ، قاننى تولۇقلاش، كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار. قۇرۇق ئۈزۈمنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ بەرسە قان پىلاستىنكىسى ئازىيىپ كېتىشنى داۋالاش رولى بار. قان ئازلىق، يۇقۇرى قان بېسىم، سۇلۇق ئىششىق، نېرۋا ئاجىزلىققا گېرىپتار بولغانلار، چارچاپ كەتكەنلەر ئۈزۈمنى كۆپرەك يەپ بەرسە بولىدۇ. قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدە شېكەر، تۆمۈر مىقدارى بىر قەدەر يۇقۇرى بولۇپ ، بالىلار، ئاياللار، تېنى ئاجىزلار، قان ئازلىققا گېرىپتار بولغانلار قۇۋۋەت تولۇقلاش ئوزۇقلىقى سۈپىتىدە ئېستىمال قىلسا ياكى مېغىزلار بىلەن سوقماق تەييارلاپ ئىستىمال قىلىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. (خوتەننىڭ قىزىل ئاپتاۋى ئۈزۈمى ئالاھىدە ياخشى)

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار:
ئۈزۈمنىڭ قەنت مىقدارى يۇقۇرى بولۇپ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئۈزۈم ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتشى لازىم.
ئۈزۈمنى دىھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇرق زەھىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پاكىز يۇيۇپ ئىستىمال قىلىش كېرەك. ئۈزۈم يېگەندىن كىيىن دەرھال سۇ ياكى چاي ئىچمەسلىك كېرەك. بولمىسا ناھايىتى ئاسانلا ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ.
ئۈزۈم يېسە ئىچى سۈرۈپ كېتىدىغانلار ئۇرۇقىنىمۇ قوشۇپ يېسە ئېچى سۈرمەيدۇ.


لىموننىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە

لىمون تەركىبىدە ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B6 ، ۋىتامىن C، نىكوتىن كىسلاتاسى، شۇنىڭدەك كالتىسىي، تۆمۈر، كالىي، ناتىرىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. لىمون شىرنىسى بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنى توسىدۇ، ھەتتا شەككىللەنگەن تاشنى ئىرىتىۋېتەلەيدۇ.
لىمون يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ. كالتىسىي ئىئوننىڭ قاننى ئۇيۇتۇش رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، يۇقۇرى قان بېسىم ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ.
لىموننىڭ قىل قان تومۇرلارنى قورۇش، چىڭىتىش، ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىش، قاننىڭ ئۇيۇش ئىقتىدارىنى ۋە قان پىلاستىنكىلىرىىنىڭ سانىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش رولى بار، قاننىڭ ئۇيۇش ۋاقتى ۋە قان چىقىش ۋاقتىنى قىسقارتىدىغانلىقتىن ، قان توختىتىش رولىغا ئىگە.
لىمون ئارتېرىينىڭ قېتىشىشى ۋە قان نۆكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسىدۇ. نىترىتلارنىڭ شەكىللىنىشىنى تورمۇزلايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار.
لىمون ئىچ سۈرۈشنى داۋالايدۇ، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئىسسىقتىن بولغان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ، قان بۇزۇلۇش كېسىلى ۋە يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلىنى داۋالايدۇ، قان تەركىبىدىكى ياغنى تۆۋەنلىتىپ ، تاجىسىمان ئارتىرىيىلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىدۇ.
لىمون شىرنىسىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك باكتېريە ئۆلتۈرۈش رولى بار بولۇپ ، يېمەكلىكلەرنىڭ تازىلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق، تەجىربىدىن مەلۇم بولىشىچە، كىسلاتالىق دەرىجىسى ئىنتايىن كۈچلۈك لىمون شىرنىسى 15 مىنۇت ئىچىدە دېڭىزدا ياشايدىغان قۇلۇلىنىڭ قېپى ئىچىدىكى بارلىق باكتېريىلەرنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدىكەن.
لىمون ئاشقازاندىكى ئاقسىل پارچىلىغۇچى فېرمېنتنىڭ ئاجراتما ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلەىرى سۈرىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاشۇرىدۇ.
لىمون تېرىگە داغ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، لىموننىڭ يەنە قۇسۇسشنى توختىتىش، ھامىلە چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش رولى بار.
لىمون بەدەندىكى ماينى پارچىلاپ ۋە ئازايتىپ ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ.
ئەسكەرتىش: لىموننىڭ تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بىرىش رولى بولسىمۇ، ئەمما ئاشقازان يارىسى بارلار ۋە ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپىيىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ. چىشىنى قۇرت يېگەنلەر ۋە دىئابېت كېسىلى بولغانلار لىمون ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
لىمون زىيادە كۆپ ئىستىمال قىلىنسا، چىش ۋە ئاشقازان، ئۈچەينى زەخمىلەندۈرىدۇ.

قارائۈرۈكنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى

ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﮬﯚﻝ ﺳﻮﻏﯘﻕ

ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﺗﻨﻰ ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﺶ، ﻗﺎﻥ ﺳﻪﭘﺮﺍﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ، ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻕ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ، ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ:
ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﺳﻪﭘﺮﺍﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﺗﻤﺎ، ﻛﯚﭖ ﺋﯘﺳﺴﺎﺵ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﺶ، ﻗﯘﺳﯘﺵ، ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 10 ﺩﺍﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﻳﻪﭖ ﻳﺎﺗﺴﺎ ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﯩﻨﻰ ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺑﻮﺷﺘﯩﺪﯗ. ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﺷﯜﻣﯜﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﺳﺴﺎﺵ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﯞﻩ ﻗﯘﺳﯘﺷﻘﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺳﯜﻳﯩﺪﻩ ﺋﯩﻐﯩﺰﻧﻰ ﭼﺎﻳﻘﺎﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺑﺎﺩﺍﻣﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻰ، ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭼﯩﺶ ﻣﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯧﯖﯩﺘﯩﺪﯗ. 5-7 ﺗﺎﻝ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﯜﺭﯛﻛﻨﻰ ﺳﯘﺩﺍ ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ﺳﻪﻝ ﻳﯘﻣﺸﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﻗﯩﺰﺗﻤﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ: 10-30 ﺩﺍﻧﻪ
ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﻣﯧﯖﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ، ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻣﯩﺠﻪﺯﻟﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ: ﮔﯜﻟﻘﻪﻧﺖ، ﮬﻪﺳﻪﻝ، ﻣﻪﺳﺘﯩﻜﻰ، ﻛﯘﻧﺪﯗﺭ

بىھىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)

ﺑﯘ ﺋﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺑﯧﮭﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ.
ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﮬﯚﻝ ﺳﻮﻏﯘﻕ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ-ﭼﯜﭼﯜﻛﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﻮﻏﯘﻕ.
ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ﻛﯚﯕﯜﻟﮕﻪ ﺧﻮﺷﻠﯘﻕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ، ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﻣﯧﯖﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﺋﯩﭻ ﺳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﮬﻪﻳﺪﻩﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ: ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﺭﯦﺘﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﻣﯧﯖﻪ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ، ﺋﯩﺸﺘﺎﮬﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻖ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﮬﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯧﺰﯨﻜﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﯩﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﺶ، ﻗﯘﺳﯘﺵ ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺳﯧﯖﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ( ﺑﯘﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ) ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ - ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻰ: ﺑﯧﮭﻰ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ ( ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺟﺎﻝ) ﯞﻩ ﻣﯘﺭﺍﺑﺒﺎﺳﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻣﯩﺠﻪﺯﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﭽﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﻛﯚﭖ ﻳﯧﺴﻪ ﻳﯚﺗﻪﻝ، ﮬﯧﻖ ﺗﯘﺗﯘﺵ، ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ: ﮬﻪﺳﻪﻝ، ﺭﯗﻡ ﺑﻪﺩﯨﻴﺎﻥ
ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭﻯ: ﺋﺎﻟﻤﺎ
ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ:ﺳﻪﻓﻪﺭﺟﺎﻝ
ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ: ﺑﯧﮭﻰ
ﺋﻮﺭﺩﻭﭼﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ: ﺑﯧﮭﻰ
ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ: Quince
ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ:
wen po 温勃
بېھى ئادەتتە بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، قان كۆپەيتىش ، ماغدۇرسىزلىق ۋە روھسىزلىقنى تۈگىتىش ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . بېھىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى بىر نەچچە كۈن تۇرغۇزۇلۇپ ئېچىتىلغاندىن كېيىن ، تاشقى ئەزالارنىڭ ئىشىقىغا چېپىپ بېرىلسە ، مەنپەئەت قىلىدۇ . جىگەر كېسىلىگە يېڭىدىن گىرىپتار بولغانلار ، ئاشقازان – ئۈچەي كېسەللىكى ۋە ئىچى سۈرۈش ، ئىشتىھاسىزلىق كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشلەر مۇۋاپىق مىقداردا بېھى ئېستىمال قىلسا پايدىلىق . بولۇپمۇ بالىلاردا كۆرۈلگەن ئۈچەي – ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە بېھى ئالاھىدە شىپا بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئون گرام بېھى بىلەن ئون گرام بەھمەن 500 گرام ئەتراپىدىكى سۇدا 200 گرام قالغۇچە قاينىتىلىپ ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا بەش – ئالتە گرامدىن ئىچىپ بېرىلسە ، قان ئازلىق كېسەللىكى ، قان ئازلىق تۈپەيلىدىن بەدەن مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ۋە رېماتىزم خاراكتېرىنى ئالغان شامال دارىش كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ . - لېكىن يۇقىرىقىدەك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان سوغۇق مىجەزلىك كىشلەر بېھى ئېستىمال قىلسا بولمايدۇ . بىراق بېھىنى شېكەرگە ئارلاشتۇرۇپ مۇراببا ياساپ ياكى ھەسل ، ئارپىبەدىيان ۋە ئەنسون قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ .
بېھى.بېھى تەركىبىدىكى ۋىتامىنcئاپلېسىنغا قارىغاندا، ئىككى ھەسسە كۆپ بولۇپ، بۇ خىل مېۋىنى داۋاملىق ئېستىمال قىلىپ بەرسە، ئۆت خالتىسى كېسەللىكىلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بىھى شەربىتى
بىھىنى سېقىپ سۈيى ئىلىنىپ تەييارلانغان بۇ دورىلىق ئىچىملىك يۈرەك-ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ. يۈرەك، ئاشقازان-ئۈچەي ئاجىزلىقلىرى، نېرۋا، جىگەر كېسەللىكلىرىدە ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋائىي ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئىشتىھاسىزلىق، كۆڭۈل ئىلىشىش، سېزىكنى پەسەيتىش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىقلاردا ئىستىمال قىلىنىدۇ.
ئىچىش ئۇسۇلى:تاماقتىن بۇرۇن 1~2قۇشۇق ئىچىدۇ.

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
ۋاقتى: 2013-9-24 17:13:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توخۇ-قوغۇن قورىمىسى


خۇرۇچلىرى: قوغۇن ئېتىدىن 100 گىرام، سۆڭەكلىك توخۇ گۆشىدىن 200 گرام، سۇ يېغىدىن 100 گرام،جىياڭيۇدىن ئىككى گرام، غولپىياز، زەنجىۋىل، سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال، قايناقسۇ، تۇز قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.                                                
ئېتىش ئۇسۇلى:  توخۇ گۆشى ۋە قوغۇن ئېتىنى مونەك-مونەك توغرايمىز. قازانغا ياغ قۇيۇپ، ياغ چۈچۈگەندە غولپىياز، زەنجىۋىل سېلىپ، مەززىلىك پۇراق چىققاندا توخۇ گۆشىنى سېلىپ قورۇپ،سېرىق رەڭگە كىرگەندە، تەمىنى تەڭشەپ قايناقسۇ قۇيۇپ دۈملەپ پىشۇرىمىز. ئاندىن قوغۇننى سېلىپ ئۈستىگە سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال قۇيۇپ، قويۇقلاشقاندا ياغ تېمىتىپ، تەخسىگە ئالساق بۇلىدۇ.                                                              
تەبىئىتى:   ئىسسىققا مايىل.   
ۋاقتى: 2014-5-9 13:01:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىپالىق مىۋە -چىۋىلەر

1.ئۈجمە

ئۈجمە مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C، B، A، PP، گلۇكوزا، پىراكتوزا، ئالما كىسلاتاسى، ئاقسىل، تاننىن، كالتىسىي ۋە ئانئورگانىك تۇز قاتارلىقلار بار، ئۇلار جىگەر كېسەللىكى، بەدەن ئاجىزلىقى، قان ئاجىزلىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى، تال كىسەللىكى ۋە ئورۇقلاپ كەتكەنلەرنى سەمرىتىشنىڭ شىپالىق دورىسى ھىساپلىنىدۇ.

ئۈجمە مىۋىسى قۇرۇق ئىسسىق، زەھەرسىز، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ، جىگەر ھەم بۆرەكنى كۈچەيتىدۇ، ئىچكى ئەزانى قۇۋۋەتلەيدۇ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ، ئىچ قېتىشنى داۋالايدۇ، كەم قانلىق، قۇلاق غۇڭۇلداش، كۆز قاراڭغۇلىشىش كېسىلىگە ئالاھىدە پايدا قىلىدۇ. ئۈجمىنىڭ يوپۇرمىقىدا گلۇكوزا ۋە ئورگانىك كىسلاتا بار. ئۇنىڭ تەبىئىيتى سوغۇق دەپ قارىلىدۇ. ئۇ يەل تارقىتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇش، كۆزنى روشەن قىلى، ئىسسقتىن بولغان زۇكام، يۆتەل، باش ئاغرىقى، كۆزنىڭ قىزىللىقىنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك دورا ھىساپلىنىدۇ. ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىدا ئامرىن، گلۇكوزا، رىزىنناتنتول قاتارلىق ماددىلار بار. ئۇنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق دەپ قارىلىدۇ، ئۇ دەم سىقىلىشنى، قورساق كۆپۈشنى، سۇلۇق ئىششىقنى، قان تۈكۈرۈشنى داۋالاش رولىغا ئىگە.

ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستى ئۇزاق مۇددەت قاينىتىلىپ ئىچىپ بېرىلسە ئۆپكىنى ياشارتىدۇ. ئۈجمىنىڭ نوتا شېخىدا مول مىقداردىكى تاننىن ماددىلىرى بار، ئۇنىڭ يېڭى چىققان، چاتالمىغان، يوپۇرماقسىز نوتا شاخلىرى ئۇششاقلىنىپ، قاينىتىلىپ قويۇقلاشتۇرۇلۇپ ئىچىلسە، سوغۇق يەلنى يوقىتىپ، بوغۇملارنى ياخشىلايدۇ، رېماتىزىم، پىللاگرا، پۇت- قول قولىشىشلارنى داۋالايدۇ، قاندىكى يەلنى تۈگىتىپ، بەش ئەزانى ياخشىلايدۇ.

قارا ئۈجمە شىنىجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالغان مېۋىلىك دەرەخ. ئۇنىڭ يوپۇرمىقى بىلەن پىلە قۇرتى بېقىلىپ يىپەك ئىشلەپچىقىرىلغاندىن باشقا، مېۋىسى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن دورىلىق رول ئوينايدۇ. قارا ئۈجمە راسا مەي بولۇپ پىشقاندا ئۇنى ئوبدان قاينىتىپ، شىرنە قىلىپ ئىچىپ بەرگەندە، قان كەملىك كېسەلىكى شىپا تاپىدۇ. قارا ئۈجمە شىرنىسى يەنە بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلايدۇ، مىجەزنى تەڭشەيدۇ، بەدەندىكى ھەرخىل توسالغۇلارنى ئېچىپ، قان تومۇرنى تازىلايدۇ، تال، جىگەرنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ، تەرەتنى يۇمشىتىپ راۋانلاشتۇرىدۇ. بۆرەككە ياغ پەيدا قىلىدۇ، يۆتەلنى توختىتىپ ئۆپكىنى ياشارتىدۇ، تۈرلۈك سەۋەبلەردىن بولغان قان تۈكۈرۈشلەرگە شىپا بولىدۇ.

2.شاتۇت

شاتۇتنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى ئاچچىق- چۈچۈك. شاتۇت تىلنى قورۇيدۇ، زەھەرسىز كېلىدۇ. ئۇنىڭ تەركىۋىدە روتىن، كاروتىن، ۋىتامىن C، B، A، ئاقسىل، قەنت، ئانتوتسىئاندىن، ماي، ئەركىن كىسلاتا، ئۇچۇچان ماي، تاننىن، ئالوگول خلىدىكىلەر، كىنتا ئورىدىن، بوياق ماددىسى قاتارلىقلار بار.

شاتۇت ئىشتىھانى ئېچىش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، بۆرەكنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىسسىقتىن بولغان كاناي ئىششىقلىرىنى ياندۇرۇش، ھەيزنى نورماللاشتۇرۇش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. شۇڭا ئۇ قان بېسىم يۇقۇرى بولۇش، قان قېتىش، بۆرەك، ئاشقازان كېسەللىكلىرى، ئىششىقتىن بولغان كاناي ياللۇغى، ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

50گرام شاتۇت قېقى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا قايناق سۇ بىلەن 25گرامدىن دەملىنىپ ئىستىمال قىلىنسا، قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.

0.5گرام شاتۇت قېقى، 0.2كىلوگرام قىزىل زىرىق، 0.25كىلوگرام قارىئۆرۈك قېقى، 0.2كىلوگرام يەرلىك سېرىق چىلاننى تازىلاپ ئۇرۇقسىزلاندۇرۇپ، بىر كىلو سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا 15مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن 0.25كىلوگرام شېكەر بىلەن قىيام بولغۇچە قاينىتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15مىللىمىتىر ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، يۇقۇرى قان بىسىم، قان قېتىشىش، بۆرەك كىسەللىكى، ئاشقازان كېسەللىكى، ئىششىقتىن بولغان كاناي ياللۇغى، ئاياللار كېسەللىكلىرى شىپا تاپىدۇ.

ھۆل شاتۇت مېۋىسىنى سىقىپ ئۈچ كىلوگرامغىچە شاتۇت سۈيىنى تەييارلىغاندىن كېيىن ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سىرلىق تۈنىكە قاچىغا قۇيۇپ، ئىككى كىلوگرام شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا 30مىنۇت قاينىتىپ قىيام قىلىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، قان بېسىمى يۇقۇرى، ئىشتەيسىزلىك كېسەللىكلىرى ياخشىلىنىدۇ.

پىشقان شاتۇت مېۋىسىنىڭ سۈيى ئەلگەكتىن ئۆتۈزۈلگەندىن كېيىن كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 200مىللىلىتر ئىشلىتىلىپ ئېغىز چايقالسا، ئېغىز ئىچىگە چىققان ھەرخىل يارىلارغا شىپا قىلىدۇ.



3.ئۆرۈك

ئۆرۈك مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىنىپ بىرىلسە، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئۆرۈك بەدەن ئاجىزلىق، ئۆت كېسەللىكى، روھىي كېسەللىك، قىزىل داغلىق بۆرەك چاقىسىغا مەنپەئەت قىلىپلا قالماي، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، ئادەمنى روھلۇق قىلىدۇ، يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، سېزىمچانلىقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان ھەرخىل كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ.

ئۆرۈك غورىسىدىن ياسالغان مۇراببا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئۇزاققا سوزۇلغان پۇت- قول ئاغرىش ھەمدە سوزۇلما خاراكتېرلىك سپازمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۆرۈك قېقى قايناق سۇغا چىلىنىپ ئىستېمال قىلىنسا، سەپرانى پەسەيتىدۇ، سەپرادىن كېلىپ چىققان تال، جىگەر كېسەللىكلىرىگە ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۆرۈك مېغىزى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىنسا، بەدەن ئاجىزلىق، ھەرىكەت سىستېمىسىنىڭ بوشىشىدىن كېلىپ چىققان ھەرخىل كېسەللىكلەرگە ئوبدان شىپا بولىدۇ. ئۈچ گرام ئۆرۈك مېغىزى بىلەن ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئۈچ گرام ئاق پوستىنى قاينىتىپ ئىچكەندە، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل بېسىقىدۇ، بەلغەم توختايدۇ. ئۆرۈك چېچىكىدىن قاينىتىلغان شەربەت تۇغماس ئاياللاردىكى بالىياتقۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھامىلدار بولۇشنى تېزلىتىدۇ.

4.شاپتۇل

شاپتۇل سالامەتلىكنى ياخشىلاشقا، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇشقا، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاشقا ۋە ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق، قەۋزىيەت بولغانلار ۋە ھەيز كۆرمىگەنلەر ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.

شاپتۇلنىڭ تەركىبىدە كالىي كۆپ، ناترىي ئاز بولغاچقا، شاپتۇل سۇلۇق ئىششىق بىلەن ئاغرىغان كېسەللەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا تازا باب كىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شاپتۇل مېغىزىنىڭ زەھەر ماددىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قان قېتىش ۋە جىگەر كېسلىنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئۇ يەنە تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ ھەيز توختاپ قالغان ياكى ھەيز ئاغرىپ كېلىدىغانلار ئۈچۈن پايدىلىق.

بۇنىڭدىن باشقا، شاپتۇلنىڭ يېلىمى بىلەن خىلوس سىيىش، شېكەر سىيىش ۋە ئىدرا يوللىرىدا تاش تۇرۇپ قېلىش كېلىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. شاپتۇل يېلىمى ھەر قېتىمدا 10-20 گرام قاينىتىپ ئىچىلسە بولىدۇ.

شاپتۇلنىڭ يوپۇرمىغى بىلەن ھاشارەتلەرنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ، شاپتۇلنىڭ قۇرۇق يوپۇرمىقىدا جىنسىي يولنى تازىلاش سۇيۇقلۇقى ئىشلەپ، تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. بۇ خىل تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەش ئۇسۇلى: 30گرام شاپتۇل يوپۇرمىقى 1000مىللىلىتر سۇ بىلەن قاينىتىلسىلا بولىدۇ.

5.جىگدە

جىگدىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق، جىگدە بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى پەسەيتىدۇ.

جىگدىنىڭ كونىلىرىنى (ئىككى يىلدىن ئاشقىننى) ئىشلەتمەسلىك لازىم.

جىگدىدە ناھايىتى كۆپ قەنت ماددىسى بار. بولۇپمۇ نان جىگدىسىدىكى قەنت ماددىسى 50-60 پىرسەنتى تەشكىل قىلىدۇ. جىگدىنىڭ يېلىمى سانائەتتە ۋە داۋالاش ئىشلىرىدا سەمىقى ئەرىبىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

چەت ئەلدە جىگدە ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا، ئىچ ئۆتكۈنى توختىتىشقا، سىركىگە چىلىنىپ كۈندە بىر قانچە قېتىم 10-20 تامچىدىن ئىچىلىش ئارقىلىق بەدەننى قۇۋۋەتلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

جىگدە گۈلىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق، ئۇ مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، مەنىنى قوزغايدۇ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە مۇداپىئە قىلىدۇ.

جىگدە گۈلىنى شەربەت قىلىپ ئىچىش ھەرخىل مېڭە كېسەللىكلىرىگە، كۆكرەك ئاغرىقلىرىغا، دەم سىقىلىشقا، ئۆپكە جاراھەتلىرىگە، ئاشقازان، باھنى قۇۋۋەتلەشكە، جىگەر، تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئىچىشقا، يەللەرنى تارقىتىشقا، بەزگەك كېسىلىگە، تالنىڭ بۇزۇلغىنىغا ئوبدان پايدا قىلىدۇ.

جىگەر گۈلىنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ جاراھەتلەرگە تېڭىش ياكى قاينىتىپ موپاسىل، سۇسلاپ كەتكەن پەيلەرنى ياغلاش پايدىلىق، ئۇ يەنە چاچنى ئۆستۈرىدۇ.

6.چىلان

چىلان تەركىبىدە قەنت، ئاقسىل، ماي، كراخمال، كاروتىن، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، ناترىي قاتارلىق ماددىلار ۋە ۋىتامىن E، C كۆپ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «ۋىتامىن كۇمىلىچى» دېيىشىدۇ. چىلاننىڭ خۇسۇسىيتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق. چىلان بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ. قاندىكى ماي تەركىبى ئېشىپ كېتىش، قان تومۇر قېتىشىش، مۇسكۇللار قورۇلۇپ قېلىش، قول- پۇت مۇزلاش، چىش ياللۇغى، تۆۋەن قان بېسىم، يۇقۇرى قان بىسىم، نېرۋا ئاجىزلىق، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار چىلان تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ئۈنۈمىنى كۆرىدۇ.

7.ئاپتاپپەرەس

ئاپتەپپەرەسنىڭ مېۋىسى، چېچىكى، يوپۇرمىقى ۋە يىلىتىزى ھەرخىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

ئاپتەپپەرەس چېچىكى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىلسە مېڭە ۋە جىگەردىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ ۋە ئەقلىي قابىلىيەتنى ئاشۇرىدۇ؛ ئېزىپ خېمىر قىلىنىپ رېماتىزىم خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلسە، ئاغرىق پەسىيدۇ؛ بەلگە سۈركەلسە جىنسىي ئەزا قۇۋۋەتلىنىدۇ. ئاپتەپپەرەسنىڭ مېغىزى تىبابەتتە سىلىقلاشتۇرغۇچ ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرغۇچ دورا ھېساپلىنىدۇ. ئۇ خام پېتى ئىستىمال قىلىنسا، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىپلا قالماي، قىيىن تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، بالا ھەمرىيى ئاسان چۈشىدۇ، ھامىلدارلىق دەۋرىدىكى سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، سۈتنى كۆپەيتىپ ۋە راۋانلاشتۇرۇپ، سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بوۋاقلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ؛ ئادەم بەدىنىگە چىققان ھەرخىل جاراھەتلەر ئېغىز ئالماي تۇرۇۋالغاندا، ئاپتەپپەرەس مېغىزى سۇ بىلەن قوشۇپ يېيىلسە، جاراھەتنىڭ ئېغىز ئېلىشى تېزلىشىدۇ. ئاپتەپپەرەسنىڭ يىلتىزى قاينىتىلغان سۇدا ئېغىزنى چايقىغاندا، چىش ئاغرىقى پەسىيدۇ. قاينىتىلغان يىلتىز سۈيىدىن ئۈچ گرام ئەتراپىدا ئىچىلسە، سوغۇق مىجەز كىشىلەرنىڭ بۆرىكى قۇۋۋەتلىنىدۇ. يېمەك- ئىچمەك بىلەن زەھەرلىنىپ قالغاندا ئاپتەپپەرەس يوپۇرمىقىنىڭ 10-12 گرام سۈيى قىزىق چايغا ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىچىلسە، ئادەمنى دەرھال قۇستۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ؛ ئاپتەپپەرەسنىڭ يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىدىن 20-30 مىللىگرام ئىچكەندە، توختاپ قالغان ھەيز راۋانلىشىدۇ.

8.ئۈزۈم

ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن P بار، ئۈزۈم سالامەتلىك ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق.

1. ئۈزۈم ئۇرۇقى يېغىنىڭ پايدىسى ناھايىتى زور. ئۈزۈم ئۇرۇقىنىڭ يېغى 15گرام ئىچىلسە، مەيدە ئېچىشىشنى پەسەيتىدۇ؛ 12گرام ئىچىلسە ئۆتنى كۈچەيتىدۇ؛ 40-50گرام ئىچىلسە سۈرگە رولىنى ئوينايدۇ.

2. ئۈزۈم ھارىقى بىلەن قان پلاستىنكىلىرى ۋە دانلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. ئۈزۈم ھارىقى كۈنىگە 2-3 قېتىم، 10-15گرامغىچە ئىچىپ بىرىلسە بولىدۇ.

3. ھۆل ئۈزۈم ئىستېمال قىلىنسا قۇۋۋەتنى تولۇقلىغىلى، بۆرەك سۇيۇقلۇقىنى ئوزۇقلاندۇرغىلى، جىگەرنىڭ مەنپىي ئامىللىرىغا پايدا يەتكۈزگىلى، پەي، ئۇستىخانلارنى چىڭىتقىلى، يۆتەلنى توختاتقىلى ۋە بالىياتقۇنى تىنىچلاندۇرغىلى بولىدۇ.

4. ئۈزۈمنىڭ تېلى ۋە يوپۇرمىقىنى سوقۇپ چېپىش ئارقىلىق تاشقى ئىششىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ، ئۈزۈمنىڭ تېلى ۋە يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىنى ئىچكەندە، ئىدرا راۋانلىشىدۇ، ھامىلدار مەزگىلدىكى قۇسۇش توختايدۇ.
ۋاقتى: 2014-5-9 13:01:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

9.ئالما

تەركىبى: ئالىمىنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، قەنت، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن A، B1، B2، PP، Cلار، لىمون كىسلاتاسى، تاننىن كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.

خۇسۇسىيتى: ئالما جىگەر، يۈرەك، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە.

شىپالىق رولى: ئالما ئۇزاق مۇددەت ئىستىمال قىلىنسا، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشانغانلاردىكى قان تومۇر قېتىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەرخىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان كۆز كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ. ئالمىنىڭ سۈيىنى نورمال ئىستېمال قىلىپ بېرىش يېڭى ئوپراتسىيە قىلىنغان كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق. بىر دانە ئالمىنى پارچىلاپ تۇز سۈيىگە يېرىم سائەت چىلاپ ئېلىپ نورمال ئىستېمال قىلىش چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ ھەمدە ئاشقازان، جىگەر، بۆرەك، تال، نېرۋا قاتارلىق ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ، نەپەسلىنىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئىشتىھانى ئېچىپ تاماق سىڭدۈرىدۇ.

ئالما چېچىكىدىن ياسالغان گۈلقەنت مېڭە، يۈرەك كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ ۋە نېرۋا ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىققان خامۇشلۇقنى يوقىتىدۇ.

10.ياڭاق

بىر كىلوگرام ياڭاقنىڭ تەركىبىدىكى ئېنىرگىيە مىقدارى تەخمىنەن 4300كالورىيە بولۇپ، گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ئىنىرگىيە مىقدارىدىن تۆت ھەسسە كۆپ.

ياڭاقنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى ئىسسىق. ياڭاق زەھەرسىز بولغاچقا، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ ھەم قاننى تولۇقلايدۇ؛ بەلغەمنى بوشىتىدۇ، ئۆپكىنى ئىسسىتىپ، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرىدۇ؛ سوغۇق تېگىشتىن پەيدا بولغان زۇكام ۋە بەل، پۇت قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ؛ بۆرەكنىڭ خىزمەت قابىلىيتىنى ئاشۇرۇپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۆرەك ئاجىزلىقىدىن پەيدا بولىدىغان بەل، پۇت ئاغرىقى، قېرىلىقتىن پەيدا بولىدىغان يۆتەل، نەپەس سىقىلىش، چوڭ تەرەت راۋان بولماسلىق، تۇغۇتتىن كېيىنكى قەۋزىيەت، شۇنداقلا ئۇنتۇغاقلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ.

11.ئاچچىق بادام

مەيلى ئاچچىق بادام ياكى تاتلىق بادام بولسۇن، ئۇنىڭ مېغىزى يۇمشاق ئېزىلىپ، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ باشقا چېپىلسا، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. بادام مېغىزى بەك يۇمشاق ئېزىلىپ كۆزگە سۈركەلسە، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. بادام مېغىزى مۇۋاپىق يەپ بېرىلسە يۆتەل، كۆكرەك ۋە ئۆپكە ئىششىقى قاتارلىقلارنى ساقايتقىلى بولىدۇ. بادام مېغىزىنى ئېزىپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەپ بەرگەندە، جىگەر، تالنىڭ توسالغۇلىرى ئېچىلىدۇ ۋە جىگەر، تالدا بولىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدى ئىلىنىدۇ. بادام مېغىزىنى مۇسەللەس بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندە، بۆرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش، بۆرەكتىكى تاشنى ئېزىپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

1. ئاچچىق بادامنىڭ مېغىزى ئىزىلىپ، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ قولنىڭ ئالقىنىغا تېڭىپ بېرىلسە، يەڭگىل دەرىجىدىكى مېڭە كېسەللىكلىرى ۋە باش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.

2. ئاچچىق بادام مېغىزى ياغلىقارا قىلىنىپ كۆز جىيىكىگە سۈركەپ بىرىلسە، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.

3. ئاچچىق بادام مېغىزى ئىلىمان سۇدا ئېزىلىپ، ئىلىمان ھالەتتىكى سۈتكە ئارىلاشتۇرۇلۇپ قۇلاققا تېمىتىلسا، قۇلاق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ ۋە قۇلاق ئىچىدىكى كىر، يىرىڭلارنى تازىلاپ چىقىرىدۇ.

4. ئاچچىق بادام مېغىزى يۇمشاق ئېزىلىپ كۆكرەككە تېڭىپ بېرىلسە، ئۆپكە ۋە ئۆپكە شاخچىلىرىنىڭ ئىششىقىغا شىپا بولىدۇ.

5. ئاچچىق بادام مېغىزىنىڭ يېغى بىلەن مۇۋاپىق مىقداردىكى مائۇل ھەسەل (ھەسەلنىڭ سۇ بىلەن قوشۇلغان ئېرىتمىسى)نى قوشۇپ ئىچىپ بەرگەندە، ئۈچەيدىكى ھەرخىل توسالغۇلار يوقىلىدۇ.

6. يۇمشاق سوقۇلغان ئاچچىق بادام مېغىزىنى سانا، قارا ھېلىلە ۋە سېرىق ھېلىلە تالقىنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ھەركۈنى قايناق سۇ بىلەن يېرىم قوشۇقتىن ئىككى قېتىم ئىچىپ بېرىش جىگەر ۋە تالدىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ.

7. ئاچچىق بادام مېغىزىنىڭ يېغى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بېرىلسە، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىدىكى تاشنى ئېزىپ چىقىرىدۇ.

12.ئانار

ئانار يۇمىلاق، قىزىل مېۋە بولۇپ، تاتلىق، تەلۋە، ئاچچىق دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئانار ئوزۇق بولۇش، قاننى كۆپەيتىش، ئورگانىزىمنى قۇۋۋەتلەش، ئىچ توختىتىش خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. تەلۋە ئانار تاتلىق ئانارغا ئاساسەن ئوخشايدۇ، لېكىن تەلۋە ئانارنىڭ تەمى سەل ئاچچىق- چۈچۈك كېلىدۇ.

ئاچچىق ئانار 2-دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، ئىسسىقتىن بولغان جىگەر ھارارىتىنى، خاپىغاننى، مەستلىكنى پەسەيتىدۇ.

ئاچچىق ئانارنى تېشىپ، بىر كۈن سىركىگە چىلاپ، ئاندىن قاينىتىپ ئېلىپ، سوقۇپ خېمىر قىلىپ، كۇمىلاچ ياساپ يەپ بېرىش ئىسسىقتىن بولغان ئىچ سۈرۈشنى توختىتىشقا، ئۈچەي، مەقئەتلەرگە، قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق. ئاچچىق ئانار سۈيىدە ئېغىز چايقاش ئېغىز پۇرىغانغا، ئېغىز جاراھەتلىرىگە پايدىلىق. ئاچچىق ئانار سۈيى ھەسەل بىلەن قاينىتىلىپ ئىچىلسە، بالىلاردىكى نوما كېسىلىگە شىپا قىلىدۇ؛ قۇلاق، بۇرۇنغا تېمىتىلسا بۇرۇن، قۇلاقتىكى جاراھەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

پوستىدىن ئايرىماي سىقىپ چىقىرىلغان ئاچچىق ئانار سۈيى بەدەنگە چىپىلسا، قىچىشقاققا پايدا قىلىدۇ، ھەرخىل ئىششقلارنى ياندۇرىدۇ.

ئاچچىق، تاتلىق ئانار سۈيى يەڭگىل (كۆيدۈرۈۋەتمەي) قاينىتىلىپ ئىچىلسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چۈشۈرىدۇ، سۈيدۈك تېمىپ تۇرۇشقىمۇ پايدا قىلىدۇ.

ئانار يىلتىزىنىڭ قاينىتىلغان سۈيى چىش ئاغرىقى، چىش مىلىكلىرى كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىككى گرام قاينىتىلغان ئانار سۈيى ئىككى گرام ۋاسالغۇ بىلەن ئىككى گرام زىرىگە قوشۇپ ئىچىلسە قەينى توختىتىدۇ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ.

ئانار يىلتىزى قاينىتىلىپ ئىچىلسە، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىدىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ. سوڭى چىقىدىغان كېسەلنى ئانار يىلتىزىنىڭ قاينىتىلغان سوۋۇتۇلغان سۈيىدە ئولتۇرغۇزغاندا، كېسەلنىڭ سوڭى كىرىپ كېتىدۇ.

ئانار يىلتىزىنى يۇمشاق سوقۇپ ھەسەل بىلەن خېمىر قىلىپ جاراھەت ئورنىدىكى داغلارغا چاپقاندا، داغ يوقىلىدۇ. ئانار يىلتىزىنىڭ كۈلى ھەسەل بىلەن خېمىر قىلىنىپ، كۆكرەك ھەم ئاشقازان ئۈستىگە چېپىلسا، ئۆپكە ھەم ئاشقازاندىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.

ئانار سۈيى دىئابىت كېسەللىكلىرىگىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ. ئانار دەرىخىنىڭ قوۋزىقىنى سىركىگە ياكى سۇغا چىلاپ قويۇپ چىقىرىلغان روببە بىلەن ھەرخىل مەددىلەرنى چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.

ئانار پوستى سۆڭەك، پەيلەرنىڭ ئاغرىشى، بەل، پۇت ئاغرىقى، مەقئەت چىقىپ قېلىش، ئىچ سۈرۈش، قان تولغاق، مەنى ئېقىپ تۇتۇش، خۇن كېتىش، ئاق خۇن كېسەللىكى، كۆز ياشاڭغۇراش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ. ئانار پوستى كۆز ياشاڭغۇراشقا سىقىپ ئىشلىتىلىدۇ، باشقا كېسەللىكلەرگە بولسا قاينىتىپ بېرىلىدۇ ياكى قۇرۇتۇپ سوقۇپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئانار گۈلىمۇ كىشىلەر ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق، ئادەتتە ئىچ توختىتىش، قان توختىتىش، بەدەن قۇرۇتۇش، قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە.

13.ئەنجۈر

ئەنجۈر چېچەكلىمەيدىغان، يىلىغا ئۈچ قېتىم مېۋە بېرىدىغان، مېۋىسى تاتلىق، شىرنىلىك بولۇش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا مېۋىلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئېسىل مېۋىلەرنىڭ بىرى.

ئەنجۈر ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە سەمرىتىش، يۈرەكنىڭ قىزىقىنى ۋە ئاچچىقىنى ياندۇرۇش رولىغا ئىگە، دەپ قارالماقتا.

ئەنجۈر مۇرابباسى بەلغەمنى بوشىتىدۇ. ئەنجۈر قېقى بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى يوقىتىدۇ. ئەنجۈر قېقىنىڭ تالقىنى جاراھەت سۈيىنى يوقىتىدۇ. ئەنجۈر قېقى قاينىتىلغان سۇدا ئېغىز چايقالسا، تىل ۋە كاناي ئىششىقلىرى يانىدۇ. ئەنجۈرنىڭ ھەسەل بىلەن قاينىتىلغان سۈيى كۆكرەكنى، ئۆپكىنى تازىلايدۇ. ئەنجۈر سۈيى قورساق ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ. ئەنجۈر قېقى ياڭاق مېغىزى بىلەن سوقۇلغاندىن كىيىن كاپ ئېتىلسە، ئىشتىھا ئېچىلىدۇ. پىشقان ئەنجۈرنى ئۈزگەندە ساپىقىدىن ساقىپ چىقىدىغان سۇ (سۈت) سۆگەل ئەتراپىغا 3-4 كۈنگىچە سۈركەپ بېرىلسە، سۆگەل چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇ تەمرەتكىگىمۇ شىپا بولىدۇ.

14.بېھى

بېھى ئادەتتە بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قان كۆپەيتىش، ماغدۇرسىزلىق ۋە روھسىزلىقنى تۈگىتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بېھىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى بىر نەچچە كۈن تۇرغۇزۇلۇپ ئېچىتىلغاندىن كېيىن، تاشقى ئەزالارنىڭ ئىششىقىغا چېپىپ بېرىلسە مەنپەئەت قىلىدۇ. جىگەر كىسەللىكىگە يېڭىدىن گىرىپتار بولغانلارنىڭ، ئاشقازان- ئۈچەي كىسەللىكى ۋە ئىچ ئۆتكۈ، ئىشتىھاسىزلىق كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ مۇۋاپىق مىقداردا بېھى ئىستېمال قىلىشى پايدىلىق. بولۇپمۇ بالىلاردا كۆرۈلگەن ئۈچەي- ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە قارىتا بېھىنىڭ ئىشلىتىلىشى كېسەللىكنىڭ ئېغىر- يەڭگىللىكى ۋە كېسەلنىڭ ياش- قۇرامىغا ئاساسەن مۇۋاپىق بولسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئون گرام بېھى بىلەن ئون گرام بەھمەن 500گرام ئەتراپىدىكى سۇدا سۇ خوراپ 200گرام قالغۇچە قاينىتىلىپ، ھەركۈنى ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش- ئون گرامدىن ئىچىپ بېرىلسە، قان ئازلىق كېسەللىكى، قان ئازلىق تۈپەيلىدىن بەدەن مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ۋە رېماتىزىم خاراكتىرلىك ئالغان بېرى- بېرى (شامال) كېسەللىكىلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

لېكىن يۇقىرقىدەك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان سوغۇق مىجەزلىك كىشىلەر بېھى ئىستېمال قىلىسا بولمايدۇ، بىراق بېھىنى شېكەرگە ئارىلاشتۇرۇپ شەربەت ياساپ ياكى ھەسەل، ئارپىبەدىيان ۋە ئەنسون قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىسا بولىدۇ.

15.قوغۇن

قوغۇندا ئاقسىل، ياغ، قەنت، كالىتىسي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن B2، PP، Cقاتارلىق ماددىلار بار. قوغۇننىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق. قوغۇن ئىچنى يۇمشىتىش، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشنى ئېرىتىپ چىقىرىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، مېڭە ۋە بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، پالەچ- لەقۋا كېسەللىكىنى داۋالاش رولىغا ئىگە.

ئوبدان پىشقان قوغۇن مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ بىرىلسە، بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ، بەدەننى سەمرىتىدۇ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ، بۆرەك كېسەللىكى، جىگەر كېسەللىكى، دوۋساق ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. قوغۇن بىلەن زىرە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان مۇراببا ھەركۈنى تاماقتىن كېيىن ئىككى ۋاخ ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە ئىشتىھا تۇتۇلۇش، چارچاش، چاچ چۈشۈش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى تۆۋەنلەش، جىنسىي ئاجىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، بەدەن ئاجىزلىق، قان ئازلىق، پۇت- قول ئىششىپ قېلىش، جىگەر- بۆرەك زەئىپلىكى، ئۆپكە كېسەللىكى، يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.

قوغۇن ئۇرۇقىنىڭ مېغىزى ھۆل ئىسسىق بولغاچقا، چايغا سېلىپ ئېچىلسە جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، بۆرەكنى، دوۋساقنى، ئۈچەينى تازىلايدۇ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. قوغۇن ئۇرۇقى ياخشى سوقۇلسا، ئاندىن تۇخۇمى كاسىن (كاسن ئۇرۇقى)، بەدىيان بىلەن چاي قىلىنىپ ئىچىلسە يۆتەل، كۆكرەك ئاغرىقى، تىل ۋە گالنىڭ قۇرۇشى، تەپلەردىكى تەشنالىق، سۈيدۈكنىڭ كۆيدۈرۈپ ئېچىشىپ كېلىشى ئۈچۈن داۋا بولىدۇ ھەمدە بۆرەك ياللۇغىغا تېز تەسىر قىلىدۇ.

قوغۇن ئۇرۇقىنىڭ مېغىزى بىلەن قۇرۇتۇلغان قوغۇن شاپىقى سوقۇلغاندىن كېيىن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ يۈزگە، بەدەنگە چېپىلسا، بەدەننى يۇمشاق قىلىدۇ، تېرىنى پارقىرىتىپ يۈزدىكى داغلارنى چۈشۈرىدۇ.

ئۆپكە سىلى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى بار كىشىلەر قوغۇننى ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم. ئۇلار قوغۇن يېمەكچى بولسا، قوغۇننى ھەسەل ياكى زىرە قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

16.تاۋۇز

تاۋۇزنىڭ تەركىبىدە ئاساسلىقى سەۋزە ۋىتامىنى، ۋىتامىن B1، B2، C ھەمدە كالىي، فوسفور، كالتىسىي قاتارلىق ماددىلار بار. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئادەم ھەركۈنى 30-50 گرامغىچە سېللۇزىغا ئىھتىياجلىق، سېللۇلوزا يېتىشمىسە چوڭ ئۈچەينىڭ پائالىيتىەە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئادەم بەدىننى ئاجىزلاشتۇرۇۋىتىدۇ. ھەر يۈز گرام تاۋۇزنىڭ تەركىبىدە سېللۇلوزا 0.5گرام بولىدۇ. ئەگەر كىشلەر تاۋۇز بىلەن مۇۋاپىق ئوزۇقلانسا، سېللۇلوزىنى تولۇقلىيالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تاۋۇزنىڭ تەركىبىدە مېۋە يېلىمى بار، مېۋە يېلىمى ئۈچەي يوللىرىنى قوغدايدۇ.
ۋاقتى: 2014-5-9 13:07:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يىمەك - ئىچمەك رېتسىپلىرى
بادام
تەبىئىيتى: ھۆل ئىسسىق.
شىپالىق رولى: توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، مېڭىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ، پەيلەرنى بوشتىدۇ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ، ئاشقازاننى كۈچەيتىدۇ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ، يۆتەل ۋە زىققىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< چىلان>>
تەبىئىيتى : قۇرۇق ئىسسق
شىپالىق رولى: ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، ئىچ سۈرۈش، جىددى سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، قان ئازلىق، يۇقىرى قان بېسىم، سۇنۇق، كالتىسىي كەملىك، نېرۋا ئاجىزلىق، ئۆپكە تۇبېركىليۇزى ھەمدە كۆپ خىل يۇقۇملىنىشلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< ياڭاق >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق ئىسسىق
شىپالىق رولى: نېرۋا ئاجىزلىقى،بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان باش قىيىش، ئۆپكە تۇبېركىلىيۇزى، كۆكيۆتەل، سۈيدۇك يولىغا تاش چۈشۈش،ئەرلەر جىنسى ئاجىزلىقى، بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بەل - پۇت ئاغرىش، ئاشقازان ئاغرىش، قەۋزىيەت، تېرە ياللۇغى، ھۆل تەمرەتكە قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ.
<< ئانار >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق.
شىپالىق رولى: ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، ئۈچەينى سىلىقلايدۇ، يۈرەك، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، قان توختىتىدۇ. كونا تولغاق، ئىچ سۈرۈپ كېتىش، ھەرخىل قاناش بوۋاقلاردىكى سۇلۇق قاپارىتما قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قوشۇمچە: ئانار پوستى قان توختىتىدۇ، قۇرت چۈشۈرىدۇ، كونا ئىچ سۈرۈش، كونا تولغاقلارنى داۋالايدۇ، تەمرەتكىلەرگە داۋا بولىدۇ، بىراق كۆپ ئىشلىتىلسە زەھەرلەپ قويىدۇ.
<< ئۈزۈم >>
تەئىيتى: ھۆل ئىسسىق
شىپالىق رولى: باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ؛ ئۇسسۇزلۇق، جىگەر ياللۇغى، سېرىق داغ، تولغاق، قان ئازلىق سۆڭەك تۇبېركىلىيۇزى، ئۇرۇلغان يىقىلغان يارىلار، رېماتىزىم ئاغرىقى، قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىپ كېتىش، ھامىلدارلىق رېئاكسىيسى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< شاپتۇل >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق.
شىپالىق رولى: ياشانغانلاردىكى ماغدۇرسىزلىق، قەۋزىيەت، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت بولىدۇ.
<< ئۈرۈك >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: ئېغىز قۇرۇپ ئۇسساش، سوغۇقتىن بولغان يۆتەل، ئۈچەي ياللۇغى، تولغاق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قوشۇمچە راكقا قارشى تۇرۇش رولىمۇ بار.
<< ئۈجمە >>
تەبىئىيتى: ھۆل ئىسسق
شىپالىق رولى: قان ئازلىق، ياشانغانلاردىكى قەۋزىيەت، نېرۋا ئاجىزلىقى، بۆرەك ياللۇغى، رىماتىزىم،شىكەر سىيىش كېسىلى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< ئالما >>
تەبىئىيتى: ھۆل ئىسسىق
شىپالىق رولى:سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش، بوغماق ئۈچەي ياللۇغى، ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش، جىگەر قېتىشىش، ھامىلدارلىق رېئاكسىيسى، ئېغىز قۇرۇش، يۇقىرى قان بېسىم، سىنىك كەملىك، ئېغىر سۇلۇق ئىششىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< ئەنجۈر >>
تەبىئىيتى: ھۆل ئىسسق
شىپالىق رولى: تولغاق، ھەزىم ناچارلىقى، قەۋزىيەت، ئۈچەي ياللۇغى، زىققە، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، يۆتەل بوۋاسىر، ھەخىل يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< بۆلجۈرگەن>>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: كونا قۇرۇق يۆتەل، گال ئاغرىپ ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش، قان ئازلىق، ھەزىم ناچارلىقى، ئېغىز يارىسى، قەۋزىيەت، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، قان سىيىش، يۇقىرى قان بېسىمى، قاندا ماي يۇقىرلاپ كېتىش، كۆيۈك يارىسى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
***
ۋاقتى: 2014-5-9 13:07:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېمەك - ئىچمەك رېتسىپلىرى

<< قوغۇن>>
تەبىئىيتى: ھۆل ئىسسىق
شىپالىق رولى: ئۇسسۇزلۇق، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق، قەۋزىيەت، ئېغىز - بۇرۇنغا يارا چىقىش، ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< تاۋۇز >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش، قىزىتما، ئىسسىقتىن بولغان زىققە، ئۇسسۇزلۇق، ياز - كۈز پەسلىدىكى ئىچ سۈرۈش، كۆيۈك يارىسى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< نەشپۈت >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: يۈرەك، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۆپكىنى ياشارتىپ، بەلغەم بوشتىدۇ، يۆتەل توختىتىدۇ؛ نەپەس يولى ياللۇغى، ئۆپكە سىلى، كۆز قىزىرىپ ئاغرىش، قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< لىمۇن >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: ئۇسسۇزلۇق، يۆتىلىش، بەلغەم كۆپ كېلىش، شاخچە كاناي ياللۇغى، سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش، يۇقىرى قان بېسىم، ۋىتامىن c كەملىك كېسىلى، دانىخورەك قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< بانان >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: ئۈچەينى سىلىقلايدۇ، زەھەر ياندۇرىدۇ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ، تاماق سىڭدۈرىدۇ، ئۇسسۇزلۇق، قەۋزىيەت، بوۋاسىرقاناش، يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، قان تومۇر قېتىشىش، ھەزىم خاراكتېرلىك ئاشقازان يارىسى، بوغما ئۈچەي راكى، تېرە راكى، تېرە يېرىلىش، چىش ئاغرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< گىلاس >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، يەلتاشما، قان ئازلىق، قالقانسىمان بەز ئىششىقى، ئەسۋە، كۆيۈك يارىسى، ئۈششۈك يارىسى، رىماتىزىم، پالەچ، ئادەت خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراپ كېتىش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.
<< دولانا >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: ھەزىم ناچارلىقى، ئاشقازان كىسلاتاسى ئازىيىپ كىتىش، تولغاق، يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي ئېشىپ كىتىش، سېمىزلىك، ۋىرۇس خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، جىددى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، تۇغۇتتىن كېيىنكى قورساق ئاغرىقى، گالغا بىلىق قىلتىرقى تۇرۇپ قېلىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< بېھى >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: خوشلۇق كەلتۈرىدۇ، يۈرەك، مېڭە، جىگەر قاتارلىق ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ، تاماق سىڭدۈرىدۇ.
<< ئالۇچا >>
تەبىئىيتى:ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: تولغاق، ئاپتاپ ئۆتۈپ قىلىش، رىماتىزىم، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى، شېكەر سىيىش كېسىلى، قاناشلارغا شىپا قىلىدۇ.
<< ئامۇت >>
تەبىئىيتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: ئاشقازاننى، جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئىشتىھانى ئاچىدۇ، سەپرانىڭ تېزلىكىنى پەسەيتىدۇ. قان پەيدا قىلىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ.
<< جىگدە >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرىدۇ، تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
<< شاتۇت >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: چوڭ تەرەتنى قاتۇرىدۇ، سەپرانى پەسەيتىدۇ، ئىسسقتىن بولغان گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ، ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ.
<< جىنەستە >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق ئىسسىق
شىپالىق رولى: ئىشتىھانى ئاچىدۇ، بەدەننى سەمرىتىدۇ، ئاشقازان، بەل ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، ھەزىم قىلىشىقا ياردەم قىلىدۇ، بەدەنگە ئوزۇق بولىدۇ.
<< قارىئۆرۈك >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: ئىچىنى يۇمشىتىدۇ، باش ئاغرىقىنى، سەپرا خاركتېرلىك قىزىتمىلارنى پەسەيتىدۇ، تەشنالىقنى قاندۇرىدۇ، كۆڭۈل ئايىنىشنى توختىتىدۇ، قۇسۇشنى پەسەيتىدۇ.
<< كۆسۇلتان >>
تەبىئىيىتى: ھۆل سوغۇق
شىپالىق رولى: سەپرانىڭ ئېشىپ كېتىشىنى قۇسۇشنى، ھۆنى ۋە جۈدەتكۈچى قىزىتمىنى پەسەيتىدۇ، ئىچىنى يۇمشىتىدۇ، مېڭە ھەم بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ.
<< ئالىگىرات >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: سەپرانىڭ تېزلىكىنى، ئىچكى ئەزالارنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىدۇ، سەپرانىڭ ئاشقازان - ئۈچەيگە قۇيۇلىشىنى تىزگىنلەيدۇ، ئىچ سۈرۈشىنى توختىتىدۇ، ئاشقازان - جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
<< نارجىل >>
تەبىئىيتى: ھۆل ئىسسىق
شىپالىق رولى: تەبىئىىي ھارارەتنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئورگانىزىمنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، بەدەننى سەمرىتىدۇ، خىلىت پەيدا قىلىدۇ، باھنى كۈچەيتىدۇ، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
<< زىرىق >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: جىگەر، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، سەپرانى پەسەيتىدۇ، قان تازىلايدۇ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، كۆڭۈل ئايىنىشنى، ئىچ سۈرۈشنى توختىىتىدۇ.
<< ئالقات >>
تەبىئىيىتى: قۇرۇق ئىسسىق
شىپالىق رولى: قان ۋە سەپرانىڭ تىزلىكىنى پەسەيتىدۇ، جىگەر ھارارىتىنى پەسەيتىدۇ، قان تازىلايدۇ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
<< خورما >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق ئىسسىق
شىپالىق رولى: ئوزۇق بولىدۇ، قان پەيدا قىلىدۇ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بەدەننى سەمرىتىدۇ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، سوغۇقتىن، بەلغەمدىن بولغان كېسەللىكلەرنى يوقىتىدۇ، قان توختىتىدۇ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىدۇ، بوۋاسىرنىڭ ئىششىقىنى قايتۇرىدۇ، ئاشقازان - ئۈچەيلەرنى تازىلايدۇ، يۆتەل پەسەيتىدۇ.
<< جىغان >>
تەبىئىيتى: مۆتىدىل
شىپالىق رولى: يۆتەل توختىتىدۇ، نەملىك پەيدا قىلىدۇ. قىزىتمىنى ياندۇرىدۇ، ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، نېرۋىنى ياخشىلايدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، تال - ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
<< ئاپتاپپەرەس >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق ئىسسىق
شىپالىق رولى: ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ، ماددىلارنى تازىلايدۇ، مېڭنىڭ، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ، مېڭە، ۋە پەيلەرنىڭ سوغۇقتىن بولغان ئاغرىقلىرىنى، چىش ئاغرىقىنى، پەسەيتىدۇ، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ، باھنى قوزغايدۇ، بوۋاسىرنى، ئۆپكىنىڭ جاراھىتىنى، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۇششاق تاشلارنى ئېزىدۇ، قولىنجىنى يوقىتىدۇ.
<< ئاپلىسىن >>
تەبىئىيتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ، سەپرانىڭ تېزلىكىنى پەسەيتىدۇ، ئاشقازان، جىگەر، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ، دىئافراگما پەردىسىدە يەل تۇرۇپ قېلىشنى، ياندۇرۇش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
<< خاسىڭ >>
تەبىئىيتى: مۆتىدىل
شىپالىق رولى: يۆتەل، زىققە، كۆڭۈل ئايىنىش، بالىلاردىكى ھەزىم ناچارلىق، قەۋزىيەت، يۇقىرى قان بېسىمى، قان ئازلىق، قان پلاستىنكىسى ئازىيىش، يۇقىرى خولېستىرېنلىق قان كېسىلى، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، سۈت يىتىشمەسلىك قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-12 09:58 , Processed in 0.159931 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat