ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 388|ئىنكاس: 0

Maya نى چۈشىنەمسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تۆھپە
214
تىللا
245
شۆھرەت
336
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 10:04:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


http://www.xjcfan.com/uploads/allimg/101120/7_101120095100_1.jpg
بۇ فىلىملەرنى كۆرگەنمىدىڭىز؟ كۆرگەن بولسىڭىز فىلىمدىكى تېخنىكىلىق كۆرۈنۈشلەر ئەقلىڭىزنى لال قىلغانمۇ؟  ئەنە شۇ سىزنى «ۋاھ» دېگۈزگەن كۆرۈنۈشلەر تېمىمىزدىكى Maya دېتالى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان.
نېمە، كۆرمىدىم دەمسىز؟ بۇ بولماپتۇ، تورغا چىقىپ شۇنداقلا ئىزدىسىڭىز بۇ فىلىملەرنى ئالدىڭىزغا تۆكىۋىتىدۇ. كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن بۇ تېمىنى قايتا بىر ئوقۇغايسىز ...


Maya نى چۈشىنەمسىز؟

    Maya دېتالى ئامېرىكا Alias|Wavefront شىركىتى 1998-يىلى ئىشلىگەن ئۈچ ئۆلچەم (三维) لايىھىلەش دېتالى بولۇپ، 2005-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى Autodesk شىركىتى 182 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن بۇ شىركەتنى سېتىۋالدى.
    Maya دېتالى بارلىققا كېلىشتىن ئاۋۋال ۋە بارلىققا كەلگەندىن كېيىن نۇرغۇن ئۈچ ئۆلچەم لايىھىلەش دېتاللىرى ئىشلەنگەن ۋە ئىشلىنىۋاتقان بولسىمۇ، Maya ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقى، فىلىم ئۈنۈملىرىگە جان كىرگۈزىدىغانلىقى، يېقىشلىق كۆرۈنمە يۈزى بىلەن كىنو، تېلېۋىزىيە، ئېلان، ئويۇن قاتارلىق ساھەلەردە ئۆز رولىنى يېتەرلىك جارى قىلدۇرۇپ، ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
    بۇ دېتال ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ۋە پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك مودېل ، كارتون، كۆپتۈرمە ئۈنۈم لايىھىلەش دېتالى» دېگەن باھاسىغا ۋە ئوسكار پەن-تېخنىكا تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
    Maya ئۈچ ئۆلچەم جەھەتتىلا ئەمەس، ئىككى ئۆلچەم (تەكشىلىكتە لايىھىلەش) جەھەتتىمۇ كۈچلۈك ئىقتىدارغا ئىگە. كىنو-تېلېۋىزىيە سەنئەتكارلىرى، ئويۇن ئىشلىگۈچىلەر، تور بەت لايىھىلىگۈچىلىرى ۋە مەتبەئە لايىھىلىگۈچىلىرى Maya دېتالىنى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ.

    بىز بىلىدىغان كىنو-فىلىملەردىن مۇمىيا (木乃伊) ، ئەقىللىق چاشقان (精灵鼠小弟) ، ماشىنا سەپەرۋەرلىكى (汽车总动员) ، ئۆزگىرىشچان ۋاجرا (变形金刚) ، avatar (阿凡达) قاتارلىق فىلىملەرنىڭ تېخنىكىلىق كۆرۈنۈشلىرى Maya دىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغان.



    Maya تۆۋەندىكى ئۈچ خىل نەشىر نۇسخىسى بار:
    1. Maya ئاخىرقى نۇسخىسى (Maya Unlimited) :
    بۇ نۇسخا Maya نىڭ بارلىق ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ نۇسخا ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر چىقىشالمىغۇدەك دەرىجىدە قىممەت.
    2. Maya تولۇق نۇسخىسى (Maya Complete) :
    بۇ نۇسخا Maya نىڭ كۆپ قىسىم ئىقتىدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
    3. Maya شەخسىي نۇسخىسى (Maya Personal Learning Edition) :
    بۇ نۇسخا Maya نىڭ كۆپ قىسىم ئىقتىدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يەنە كېلىپ ھەقسىز نۇسخا بولۇپ، تولا چىقىۋالىدىغان «سودا ئۈچۈن ئىشلەتمەڭ» دېگەن ئەسكەرتمە ئۇچۇرلاردىن زېرىكمىسىڭىزلا ھاجىتىڭىزدىن تولۇق چىقىدۇ.
    Maya بىلەن 3DMAX نىڭ پەرقلىرى
    1. ئىشلىتىش ئورنى پەرقلىنىدۇ: Maya كىنو، تېلېۋىزىيەلەردە كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. 3DMAX قۇرۇلۇش، بىناكارلىق لايىھىلىرىدە كۆپرەك ئىشلىتىدۇ.
    2. ئۆگىنىشتىكى قىيىنلىق دەرىجىسى پەرقلىنىدۇ: Maya ئۆگىنىش 3DMAX ئۆگەنگەنگە قارىغاندا قىيىنراق.
    3. ...


    Maya يىلنامىسى
    1983-يىلى Stephen Bindham ، Nigel McGrath ، Susan McKenna ، David Springer قاتارلىق كىشىلەر كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە كىنو-فىلىملەرگە ئۈنۈم قوشۇش دېتاللىرىنى كەسىپ قىلغان Alias نامىدا شىركەت قۇردى.
    1984-يىلى Mark Sylvester ، Larry Barels ، Bill Ko-vacs قاتارلىق كىشىلەر ئامېرىكا كالىفورنىيەدە Wavefront نامىدىكى گرافىك بىر تەرەپ قىلىش شىركىتىنى قۇردى.
    1995-يىلى مىكروسوفت بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان Silicon Graphics Incorporated شىركىتى (قىسقارتىلىپ SGI دەپ ئاتىلىدۇ) مىكروسوفتنىڭ Softimage نى سېتىۋالغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، Alias ۋە Wavefront شىركەتلىرىنى مەجبۇرلاپ دېگۈدەك سېتىۋېلىپ، ئىككى شىركەتنى بىرلەشتۈردى.

    1998-يىلى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى بولغان ئۈچ ئۆلچەم لايىھىلەش دېتالى Maya (جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى قەدىمىي مايا مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە نام قىلغان) بارلىققا كەلدى. بۇ ۋاقىتتا Alias|Wavefront ئىلگىرىكى بارلىق ھەرىكەت لايىھىلەش دېتاللىرىنى ئېچىشنى توختاتتى.
    دۇنيادىكى فىلىم ئۈنۈمى ئىشلەش شىركەتلىرى Softimage نىڭ ئورنىغا Maya نى ئىشلىتىشكە باشلىدى.
    1999-يىلى Maya دىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن مۇمىيا (木乃伊) قاتارلىق فىلىملەر بازارغا سېلىنىپ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى.
    2000-يىلى Alias|Wavefront شىركىتى Universal Rendering نى ئىشلەپ، Maya نى ھەرخىل مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى يارىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا Maya دېتالى Mac OSX ۋە Linux مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى.
    2001-يىلى Alias|Wavefront شىركىتى Maya نىڭ Mac OSX ۋە Linux مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا ئىشلەيدىغان يېڭى نەشرىنى ئېلان قىلدى. بۇ ۋاقىتتا Maya ئۆز ئورنىنى تىكلەپ بولغان ئىدى.
    2003-يىلى Alias|Wavefront شىركىتى ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ۋە پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك مودېل ، كارتون، كۆپتۈرمە ئۈنۈم لايىھىلەش دېتالى» دېگەن باھاسىغا ۋە ئوسكار پەن-تېخنىكا تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
    شۇ يىلى Alias|Wavefront شىركىتى ماركا نامىنى Alias قا ئالماشتۇردى.
    2005-يىلى ۋەيران بولاي دەپ قالغان SGI شىركىتى Alias نى شەخسىي پاي شىركىتى Accel-KKR كە سېتىۋەتتى. نەچچە ئايدىن كېيىن Alias يەنە بىر قېتىم سېتىلدى. بۇ قېتىم سېتىۋالغۇچى Autodesk شىركىتى ئىدى.
    2006-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى Alias Maya نامى Autodesk Maya غا ئۆزگەرتىلدى.
    شۇنداق قىلىپ AutoCAD ، 3ds Max ، Maya قاتارلىق ئەڭ نادىر ئۈچ ئۆلچەم لايىھە دېتاللىرى بىر شىركەتنىڭ تۇغى ئاستىغا يىغىلدى...



كىلىش مەنبەسى:كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى توربىكىتى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-4-17 04:06 , Processed in 0.641018 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش