ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن! گەپنى باشتىن باشلاي:مەن ئەسلىدە بىر مۇزىكا ھەۋەسكارى بۇلۇپ،ئانچە-مۇنچە گىتتار-رۇيال،دۇتتار-راۋاپ...دىگەندەكلەر بىلەن ھەپىلىشىپ تۇراتتىم.لىكىن يېقىندىن بۇيان بۇلۇپمۇ2000-يىلدىن كىيىن پىلاستىنكىلاردا چىقىۋاتقان مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ ‹‹ھازىرغا قەدەر20-30خىل ئىلكتىرۇنلۇق رۇيال چېلىپ بېقىپتىمەن بۇقانداق رۇيالنىڭ ئاۋاز تۈسىدۇ؟››دەپ ئويلاپ قالاتتىم.كىيىن‹‹كومپىيوتېردا ئىشلىگەن مۇزىكا ئىكەن›› دەپ ئاڭلىدىم.ۋە قىزقىشىم بۇيىچە كومپىيوتېر مۇلازىمەتخانىسى ئېچىپ،كومپىيوتېرنى تورغا ئۇلىغاندىن كىيىن ‹‹ماكان مۇزىكا مۇنازىرىسى››،‹‹ئەلى مۇزىكا مۇنبىرى››قاتارلىق تور بەتلەردىكى ئۇستازلارنىڭ يارىدەم بىرىشى ئارقىسىدا(بۇرۇن ئىلكتىرۇنلۇق رۇيالدىمۇ مۇزىكا ئىشلەپ باقمىغان بولساممۇ)ناھايىتى تىزلا كومپىيوتېر مۇزىكىسغا كىرىشىپ كەتتىم.ئەمەلىيەتتە بۇ ئانچە تەس ئىشمۇ ئەمەسكەن(سىزدە ئازىراق مۇزىكا سىزىمى بولمىسا بولمايدۇ ئەلىۋەتتە!).كىيىن يۇقارقى تور بەتلەرگە ئانچە-مۇنچە دەرسىلىك يوللاپ تۇرغۇدەك سەۋىيگە يەتتىم.(ماكان ئەپەندى ۋە ئەلى ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن) ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى سىز كومپىيوتېر مۇزىكىسغا قىزقسىڭىز-ئۇنداقتا دوسىت بۇلايلى!تەڭ ئىلگىرلەيلى! سىز مۇزىكا ئىشلەش ئۈچۈن چۇقۇم ئاۋاز تۈسىگە تايىنىسىز!ئۇيغۇرچە ئاۋاز چىقىرالايدىغان(راۋاپ،تەمبۇر،سۇناي...) ئاۋاز مەنبەلىرى ساماندەك(ئۇلارمۇ ئۈلگە ئاۋازدىن پايدىلىنىدۇ)لىكىن كۈرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى ئاۋاز مەنبەلىرى يوق.شۇڭا ئاۋاز مەنبەلىرى ۋە مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتاللىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدىكى يۇلۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە دوسىتلار بىلەن ئورتاقلىشش يۈزىسىدىن ئادەتتىكىچە بىر بلوگ قۇرۇپ چىقتىم. شۇ سەمىمىيىتمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ھازىر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان،ئاۋاز تۈسى كۆپ،سىغىمى كىچىك،كومپىيوتېر قاتتىق دىتال تەلىپى تۈۋەن،ئىشلىتىش ئۇڭاي بولغان heypr sonic 2ئاۋاز مەنبەسى دىتالىنىڭ ئۇيغۇرچە دەرىسىنى ئىشلەۋاتىمەن.دەرىسلىك جەمئى20قىسىم.دەرسىلىك كۇباس مۇھىتى ئىچىدە سۆزلەنگەن بولغاچقا ئۈگۈنۈش ئاسان.سىز مەيلى كومپىيوتېر مۇزىكىسىغا پىشقان كەسىپ ئەھلى بولسىڭىزمۇ بۇ دەرىسلەرنى بىر قېتىم كۈرۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.بەلكىم سىز ئويلاپ باقمىغان ئىقتىدارلارنى بايقىشىڭىز مۆمكىن. ئۇنداقتا بىلوگىمغا مەرھەممەت |