ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1899|ئىنكاس: 5

ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىقى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
      ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىنىش ئەھۋالىنى ھېسابلاپ چىقىش ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل-يېزىقى تەتقىقاتىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىشقا تېگىشلىك ياردىمى تېگىدۇ.
      تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلار «ئالپسوفت كۆپ تىللىق لۇغەت» يۇمشاق ماتېرىيالىدىكى ئۆلچەملىك سۆز ئامبىرىدىن ئىلمىي ئۇسۇلدا ھېسابلاپ چىقىرىلغان. سانلىق مەلۇماتلارنىڭ توغرىلىق نىسبىتى ئىشەنچلىك.
      1- سېلىشتۇرما جەدۋەلدە ھېسابلاشقا ئىشلىتىلگەن سۆزلۈك 648391 دانە سۆز، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان بارلىق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەمئىي ھېسابلانغان ھەرپ سانى: 5555926 بەش مىليون بەش يۈز ئەللىك بەش مىڭ توققۇز يۈز يىگىرمە ئالتە دانە.



     تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلار «ئالپسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق ماتېرىيالى (كەسپىي نۇسخىسى) دىكى ئۆلچەملىك سۆز ئامبىرىدىن ئىلمىي ئۇسۇلدا ھېسابلاپ چىقىرىلغان.
      2- سېلىشتۇرما جەدۋەلدە ھېسابلاشقا ئىشلىتىلگەن سۆزلۈك 332822 دانە سۆز، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان بارلىق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەمئىي ھېسابلانغان ھەرپ سانى: 3103213 ئۈچ مىليون بىر يۈز ئۈچ مىڭ ئىككى يۈز ئون ئۈچ دانە.



     تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلار «ئالپسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق ماتېرىيالى (كەسپىي نۇسخىسى) دىكى ئۆلچەملىك سۆز ئامبىرىدىن ئىلمىي ئۇسۇلدا ھېسابلاپ چىقىرىلغان.
      3- سېلىشتۇرما جەدۋەلدە ھېسابلاشقا ئىشلىتىلگەن سۆزلۈك 205276 دانە سۆز، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان بارلىق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەمئىي ھېسابلانغان ھەرپ سانى: 1655203 بىر مىليون ئالتە يۈز ئەللىك بەش مىڭ ئىككى يۈز ئۈچ دانە.



    مەزكۇر جەدۋەلدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى كىتاب-ژۇرناللاردا، توردا پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغانلار  ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى ھاجەتسىز. ئەمما، ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىپ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2011-5-14 17:29:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ژ » ھەرىپى  ھەقىقەتەنمۇ بەك ئاز ئىشلىتىلىدىكەن !
ۋاقتى: 2011-5-14 18:52:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ژ » ھەرىپى بىلەن «ف» ھەرىپى چەت تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرگە ئىشلتىلدىغان بولغاچقا تەكرارلىقىنىڭ ئەڭ ئاز بولۇشى تەبئى.
ۋاقتى: 2011-5-14 19:02:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورغا دەسلەپ چىققان ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق سانلىق مەلۇماتنى كۆرۈپ « قانداقمۇ ساناپ بولغاندۇ؟ ھەجەپمۇ بىڭسى باركەن؟ » ھەيران قاپتىكەنمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-5-14 22:13:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامان، بۇلارنى ساناپ ئولتۇرمايمىز، ھازىر Excel نىڭ ئۆزىدە VBA بۇيرۇقى بىلەنمۇ ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ بۇنداق سانلىق مەلۇماتلارنى.
بۇ ئۈچ جەدىۋەلنىڭ ئۆزگىچە پايدىلىنىش تەرەپلىرى بار، مەسىلەن:
1. ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ئىشلىتىلىش تەكرارلىق قېتىم سانىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
2. چەتئەل تىللىرىدىن تىلىمىزغا ئۆزلەشكەن تاۋۇشلار، مەسىلەن: ژ، ف، ھ، خ، ۋ لاردىن ئىبارەت تاۋۇشلارنىڭ ھازىرقى تىلىمىزدا ئىشلىتىلىش تەكرارلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.
3. ئۇيغۇر تىلىدا ئەسلىدىن بار بولغان تاۋۇشلار بىلەن كېيىن ئاجىزلاپ پەيدا بولغان، مەسىلەن: ئۈ، ئۆ، ب، ج، ئې لاردىن ئىبارەت تاۋۇشلارنىڭ ھازىرقى تىلىمىزدىكى ئىشلىتىشلىش تەكرارلىقى بىلەن كېيىن چەتتىن ئۆزلىشىشىپ قالغان تاۋۇشلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى، تەكرارلىقىنىڭ ئېشىش ياكى چۈشۈش ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ.
4. ھازىر خېلى كۆپ كىشىلەر تۈركچە كىنولارنى كۆرۈۋاتىدۇ، بۇ كىنولاردا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى ‹مەن› سۆزىنى ‹بەن›، ‹مىڭ› سۆزىنى ‹بىن›، ‹مەڭگۈ› دېگەن سۆزنى ‹بەنگۈ› دەپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى، خېلى كۆپ ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ ‹م› بىلەن باشلىنىدىغانلىرىنىڭ ‹ب› بولۇپ كېلىدىغانلىقىنى. ئۇيغۇرلار ‹بار› دېسە، تۈركلەرنىڭ ‹ۋار› دەيدىغانلىقى، ئۇيغۇرلار ‹پالتا›، ‹پۈتۈن›، ‹پۈتۈك› دېسە تۈركلەر بۇ سۆزلەرنى ھازىر ‹بالتا›، ‹بۈتۈن›، ‹بىتىك› دەيدىغانلىقىنى ئاڭلايمىز. بۇنىڭدىن شۇنى يۇقىرىقى جەدۋەللەرگە سېلىشتۇرۇپ بەزى يەكۈنلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، يەنى ‹پ› تاۋۇشىنىڭ ‹ب› غا ئاجىزلىشىش ئەھۋالىنىڭ غەرپكە سۈرۈلگەنسېرى ئېغىر بولىدىغانلىقىنى، ‹ب› تاۋۇشىنىڭ ‹ۋ› غا ئاجىزلاشقانلىقىنى، ‹مەن› ۋە ‹بەن› سۆزلىرىدىكى ‹م› بىلەن ‹ب› نىڭ ئالمىشىشىدا ئەڭ قەدىمكى شەكلىنىڭ ‹م› ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلىشقا بولىدۇ. يەنە، ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇرغۇنلىغان ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە تەۋە بولغان سۆزلەر تۈرك تىلىدىكىگە قارىغاندا بىر قەدەر ساپلىقىنى ساقلىغان، ھەم خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. تۈرك تىلىدا يېڭىدىن ياسالغان سۆزلەر، بولۇپمۇ كەسپىي ئاتالغۇلارنىڭ تۈركىيچە سۆزلەر بىلەن ياسالغانلىرى كۆپرەك، فامىلە ئىشلىتىشتە تۈركلەر ساپ تۈركچە سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ، شۇڭا بىر جەھەتتىن تۈرك تىلىدىكى ساپلىقمۇ خېلى يۇقىرى.
5. ھازىر ئۇيغۇر تىلى ساپ ئەمەس دەپ ئاغرىنىمىز، توغرا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىغا چەت تىللاردىن سېڭىپ كىرگەن سۆزلەر ھەقىقەتەن كۆپ، بۇ خىل ئەھۋالنى ئۈچ خىل جەدۋەلنىڭ سېلىشتۇرمىسىدىن كۆرۈۋېلىشقىمۇ بولىدۇ. دۇنيادىكى بارلىق تىللار خوشنا تىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ئۆز ئارا سىڭىشىپ كېتىدۇ. ھازىر تۈركلەر تۈرك تىلىنى تۈركىي تىللار ئىچىدە ئەڭ ساپ تىل دەپ قارايدۇ، ئەمما مەن ئۇنداق قارىمايمەن. ئۇلارنىڭ كىنولىرىنى كۆرسىڭىز، يەنە نۇرغۇنلىغان پارسچە، فرانسۇزچە، ئىتالىيانچە، ئەرەبچە، ئىبرايچە سۆزلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ سالماقنى ئىگىلەپ تۇرغانلىقىنى بىلىسىز. ئۇلار ئاشۇ تىلدا ئىشلىتىۋاتقان سۆزلەرنى بىز ئۆز ئانا تىلىمىزدا ئىشلىتىۋاتىمىز، ھەتتا بەزى سۆزلىرى ئۇيغۇرچىدىمۇ ئىشلىتىلگىنى بىلەن ئاڭلىتىدىغان مەناسى ئوخشاش ئەمەس. بۇ جەھەتتە بىزگە يەنە باشقىچە تەسىرات بېرىدىغىنى ئۇلار ئىشلىتىۋاتقان بەزى ئىسىملار ۋە بارلىق فامىلىلەر تۈركىيچە، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت ئاتالغۇلىرىغىمۇ قەدىمكى تۈركىي تىللاردىن سۆز تېپىپ ھازىرقى تىل ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش جەھەتتە تۈركلەرنىڭ ئۆزگىچە تۇتقان پرىنسىپى بار. بۇ جەھەتتىن ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ باشقا تۈركىي تىللارغا قارىغاندا ساپ كۆرۈنىدۇ. باشقا تۈركىي تىللاردا ئاساسەن چەتتىن كىرگەن سۆزلەر ئىشلىتىلىدۇ.
شۇڭا تاشقى جەھەتتە تېخى شەكىلگە تولۇق كىرمىگەن ھالەتنى كۆرۈپلا تولۇق يەكۈن چىقىرىشقا بولمايدۇ، ئىچكى ماھىيەتكە قاراش كېرەك. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىدىغان ھەم تەتقىق قىلىدىغانلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇنچىلىق دەرىجىدە ساپلىقىنى يوقاتقان ئەبگا تىل دېيىلگىنىدەك بىر تىل ئەمەسلىكىنى ھەرخىل دەلىللەر ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   AlpSoft تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-5-14 22:21  

باھا سۆز

سەيياھ
ياخشى: 5   ۋاقتى: 2011-5-16 02:08
ياخشى: 5
رەھمەت ئۇيغۇرنىڭ پەخرى.  ۋاقتى: 2011-5-16 02:08
ۋاقتى: 2013-8-19 22:02:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1- تېمىدا جەدۋەلنى كۆرمۈدۈم.
2-
ئاتامان، بۇلارنى ساناپ ئولتۇرمايمىز، ھازىر Excel نىڭ ئۆزىدە VBA بۇيرۇقى بىلەنمۇ ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ بۇنداق سانلىق مەلۇماتلارنى.

تەپسىلىيرەك دەپ بەرسىڭىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 09:14 , Processed in 0.153419 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat