- توردا
- 86 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-1
- تىزىملاتقان
- 2010-11-13
- شۆھرەت
- 819
- تىللا
- 463
- تۆھپە
- 440
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 2661
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 100
- تېما
- 13
- نادىر
- 4
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 808
- تۆھپە
- 440
- تىللا
- 463
- شۆھرەت
- 819
|
راستىنى ئېيتقاندا ئۆزبېكچە ئۆگىنىدىغان ماتېرىياللار رايونىمىزدا كۆپ ئەمەس، بۇ خىلدىكى ماتېرىياللارغىمۇ كۆپ ئېھتىياجلىق بولمايدىكەنمىز، چۈنكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزبېك تىلىنىڭ پەرقى ئاز بولغاچكىمىكىن، كۆپىنچىمىز سىستېمىلىق ئۆگىنىپ كەتمەيمىز، ئەلۋەتتە ئۆزبېك تىلىنى سىستېمىلىق ۋە ئىنچىكە ئۆگىنىش ئۈچۈن بۇنىڭغا بىر يۈرۈش ماتېرىياللار كېرەك بولىدۇ. بۇ خىل ماتېرىياللارنى رايونىمىزدىن تاپقىلى بولماسمىكىن. شۇڭا مېنىڭ تەكلىۋىم، سىز ئۆزبېكچە تور بېكەتلەردىن ئىزدەپ باقسىڭىز، ئۆزبېكلەرنىڭ چەتئەللىكلەرگە تەييارلىغان ‹ئۆزبېك تىلى› نى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىدىن پايدىلانىلىشىڭىز مۇمكىن، بۇلارمۇ كۆپىنچە ئىنگلىزچە ياكى رۇسچە بولىدۇ، ئۇيغۇرچىسى يوق. ھازىر سىز ئېلىپبەسىدىن باشلاپ ئۆگىنىۋاتامسىز ياكى ئوتتۇرىدىن باشلامسىز بۇنىسىنى بىلمىدىم. مېنىڭچە ئاۋۋال ئۆزبېك يېزىقىنىڭ ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان لاتىن ئېلىپبەسى بىلەن بۇرۇنقى كىرىل ئېلىپبەسىنى تولۇق ھەم مۇكەممەل ئۆگىنىۋالسىڭىز، ئۆزبېك تىلىغا ئائىت ھەر خىل يازما ماتېرىياللىرىنى توردىن تېپىپ بۇ تىلنىڭ بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بولغان ئىنچىكە تەرەپلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ كېتەلەيسىز. ئۆزبېكچە ماتېرىياللارنى ئوقىغاندا ياكى ئاڭلىغاندا بۇنىڭدىكى دىكلاماتسىيىمىز ئۇيغۇر تىلىدىكى بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، ئەمما رەسمىي دىكلاماتسىيە قىلىش ياكى ئۆز ئارا سۆزلىشىش جەريانىدا ئۆزبېكچىدىكى تاۋۇش چىقىرىش شەكىللىرى بىر قەدەر ئۆزگىچە، بەزىلىرى ئۇيغۇرچە بىلەن كەسكىن پەرقلىنىدۇ، ھەتتا بىر قىسىم ئۆزبېكچە ئاتالغۇلارنى چۈشەنمەكمۇ تەس، بۇ خىلدىكى ئاتالغۇلارنىڭ تولىسى رۇسچە ياكى پارسچە ئاتالغۇلار، شۇڭا يەنىلا كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۆگىنىش كېرەك. بولۇپمۇ ئاڭلاش ۋە سۆزلەش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئەڭ مۇھىم، شۇڭا كۆپرەك ئۆزبېكچە ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئاڭلاش سىزىمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، سۆزلەش ئىمكانىيىتىمىز بەك ئاز بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ يەرلەردە ئۆزبېكچە سۆزلىشىدىغانلار بەك ئاز، بىراق ئۆزبېك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېقىنلىقى تۈپەيلىدىن بىز ئۇيغۇرلار ئۆزبېكلەرنىڭ ھازىرقى يېزىقى ۋە ئىملا قائىدىسىنى ياخشى بىلىۋالساقلا سۆزلەش جەھەتتە كۆپ قىينىلىپ كەتمەيمىز.
بۇ توغرىسىدا مۇشۇنچىلىك پىكىر بېرەلەيمەن. |
|