بۇ تېما ئەسلى مەنبە دىن كۈچۈرۈپ كىلىندى.
2011-يىلى IT ساھەسى يېڭىلىققا تولغان بىر يىل بولۇۋاتىدۇ. جۈملىدىن كومپيۇتېر ساھەسىدىمۇ يېڭىلىقلار ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ يېڭىلىقلار ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قىلماقتا. مەيلى تور بولسۇن ياكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بولسۇن ياكى مەتبۇئاتلىرىمىز بولسۇن، خېلىلا تەسىرگە ئۇچرىدى. شۇ قاتاردا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا ئاشكارە نەشىر قىلىنىدىغان، كومپيۇتېرغا ئائىت بىردىنبىر نەشىر ئەپكارى بولغان «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىمۇ يېڭىچە قىياپەتتە نەشىر قىلىنىپ، پوچتىخانىلارغا، كىتابخانىلارغا ئاللىقاچان تارقىتىلىپ بولۇندى.
ئالدىنقى قېتىملىق ئەسەر قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقىنىڭ روھى بويىچە «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى ئۈچۈن تاۋباۋ تور بېكىتىدە مەخسۇس تور دۇكىنى تەسىس قىلىندى.
تور دۇكىنىدا «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىغا يىللىق مۇشتەرى قوبۇل قىلىش ۋە پارچە سېتىش مۇلازىمىتى تەمىنلىنىدۇ. تور دۇكىنىدىن مەيلى پارچە سېتىۋېلىڭ ياكى يىللىق نەشىرلىرىنى سېتىۋېلىڭ .پوچتا ھەققى ئېلىنمايدۇ. بىردەك پوچتا EMS ئارقىلىق دۆلىتىمىزدىكى ھەممە جايلارغا تارقىتىلىدۇ.
كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەسەر ئەۋەتىشىنى، تەنقىدىي تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى، شۇ ئارقىلىق بىزنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تور دۇكىنى ئادرېسى: http://jornal.taobao.com
ئەسەر ئەۋەتىش، تەكلىپ-پىكىر بېرىش ئادرېسى: ug.pclife@live.com ug.pclife@live.cn
ھۆرمەت بىلەن: «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى
|