ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 256|ئىنكاس: 0

ئالمىنىڭ ئاق توزان كېسىلىنى داۋالاش ئوسۇلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

hursan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
91
تىللا
81
شۆھرەت
223

ئاكتىپ تىرىشچان سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 21:16:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالمىنىڭ ئاق توزان كېسىلىنى داۋالاش ئوسۇلى


ئالمىنىڭ ئاق توزان كېسىلى ئالما بىخ چىقارغاندىن باشلاپ كۆرىلىدىغان بولۇپ زىيان سېلىشى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ ماڭىدۇ، باغۋەنلىرىمىزنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئالمىنىڭ ئاق توزان كېسىلىنىىڭ زىيىنىدىن بالدۇررق قۇتۇلۇپ ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغاندەك مەھسۇلاتلارغا ئېرىشىشىگە ئاز تولا يارىدىمىم تىگەر دىگەن نىيەتتە بۇ تېخنىكىنىكىلىق ئۇسۇلنى يوللۇدۇم.
ئەسكەرتىش: چوقۇم قوشۇمچە ھۆججىتى(رەسىم) بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈڭ،چۈنكى قۇرۇتنى يوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇ خىل قۇرۇتنى تونۇش.
تېخنىكىلىق مەسلىلەردە قېيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز 1137872382@qq.com غا سۆز قالدۇرۇڭ.

كېسەللىك ئالامىتى
ئـاق تـوزان كېـسىـلـى ئالـمىنىڭ مېۋە، يوپۇرماق، بىخ، چېـچـەك ۋە يـۇمـران شـاخـلىرىدا كۆرۈلىدۇ. يوپۇرماق يۇقۇمـلانغاندا، دەسلەپتە يوپۇرماقنىڭ ئارقا تەرىـپىـدە نېـپىـز بىـرقـەۋەت ئاق توزانسىمان ماددا پەيدا بولىدۇ، يېڭى چىققان يوپۇرماقلار سۇس سۆسۈن رەڭگە ئۆزگىرىپ، قورۇلۇپ غەيرىي شەكىلگە كېلىـپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يوپۇرماقنىڭ ئالدى تەرىپىدىمۇ ئاق توزانـسىمان مـاددا پەيـدا بولىدۇ- دە، يوپۇرمـاق گىرۋەكـلىرىنىڭ رەڭگى قوڭۇرغا ئۆزگىرىپ، ئاخىر يوپۇرماق قـۇرۇپ تـۆكـۈلـۈپ كېـتىـدۇ. يۇمران شاخ يۇقۇملانـغاندا، دەسلەپتە ئۈستىدىكى يوپۇرماقلار يېيىلالمايدۇ، يوپۇرمـاق تـومـۇرى ۋە يـوپـۇرمـاق سېپىدا قـارا داغ پەيـدا بولۇپ، يوپۇرمـاق ئاخىر قۇرۇپ قالىدۇ. يومران مېـۋىـدە يۇقۇمـلىـنىـش كۆرۈلـگەنـدە، دەسـلەپـتـە مېـۋىـنىـڭ گـۈل كاسىـسىـغا يېقىن تەرىپىدە ئاق توزانسىمان داغ پەيدا بولۇپ، مېۋىنىڭ چوڭىيىـشىـغـا ئـەگىـشىـپ تـورسىمان سېرىق داغقا ئۆزگىرىدۇ. بىختا يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەندە، بىخنىڭ ئـۆسۈشى ئاستىــلاپ، بىخ ئېچىلالمايدۇ، گۈل بەرگىلىرى سۇس يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، ئاخىر چاڭلىشالماي قۇرۇپ قالىدۇ.        
كېـسەللىكنىڭ پەيـدا بـولـۇش سەۋەبى
ئـاق تـوزان كېـسىلى مىكروبىنىڭ يۇقۇشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئەگەر ئەتىيازدا قۇرغاقچىلىق، يازدا ھۆل- يېغىن كۆپ بولسا، كېسەللىك مىكروبى تېز تارقىلىدۇ. مېۋىلىك دەرەخلەرنـى ئـازوتـلۇق ئـوغۇت بىلەنلا ئوغۇتلاش، كالىيلىق ئوغۇتنىڭ كەم بولۇشى، تۇپراقنىڭ يېپىشقاقلىقىنىڭ ئېـشىپ كېـتىشى، دەرەخ ئەتراپىغا سۇنىڭ يىغىلىپ قېلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر ئـاسانـلا كېـسەلـلىك پەيـدا قىـلىدۇ. كېـسەللىك مىكروبلىرى 33℃―6 لۇق شارائىتتا ھايات كەچۈرەلەيدۇ، نىسپىي نەملىك %70 تىن يۇقىرى، تېمپېراتۇرا 27℃―25 بولغاندا كېسەللىك تېـز تـارقىـلىـدۇ، شـۇڭا 5-، 6- ئايـلاردا بـۇ كېـسەللىكنىڭ تارقىلىشى نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش- يوقىتىش 1)
ھەرقايسى مەزگىلـلەردىـكى چـاتـاشـقا بىرلەشتۈرۈپ، كېـسەلـلىـك ئـالامـىـتـى كـۆرۈلـگـەن شـاخـلارنـى چـاتىۋېتىش بىـلـەن بىـر ۋاقىتتـا، دەرەخ ئـەتـراپىـدىـكى كېـسەلـلەنـگـەن يـوپـۇرمـاق ۋە كـونـا قـوۋزاقـلارنـى يىـغىـپ كۆيدۈرۈۋېـتىـش، پـەرۋىشـنـى كۈچـەيـتىـش، ئـورگانـىـك ئوغۇت بىلەن كۆپرەك ئـوغـۇتـلاش، ئـازوتـلـۇق، فـوسـفورلۇق، كالىيلىق ئوغۇتلارنى دەرەخـنـىـڭ ئېھـتىـيـاجىـغـا قـاراپ بېـرىـش، قـالايـمـىـقـان ئوغۇتلاشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2) ئالما بىخلىنىشتىن ئىلگىرى 3―5 بائوم گىرادۇسلۇق ھاك- گۈڭگۈرت بىرىكمىسىنى چېچىش، چېچەك ئېچىلىشتىن ئىلگىرى ۋە %70 چېچەك تۆكۈلۈپ بولغاندىن كېيىن %15 لىـك فىنـشـيۇنىـڭ (粉锈宁) نەمـلىـشىشـچان پاراشوكىنىڭ 1000―1500 ھەسـسىـلىـك سۇيۇلـدۇرۇلمىـسىنى بىـر قېـتىم چېـچىـش، ئۆسـۈش مـەزگىـلىـدە كېسەلـلىكـنىڭ ئېـغىـر - يېنىكلىكىگە قـاراپ %70لىك تىـئوفانات مېـتىل (جياجىليۇجۈنلىڭ 甲基硫菌灵) نىڭ 1000 ھەسسىلىك سۇيۇلدۇرۇلـمىـسى، %30 لىـك باۋىستىن (دوجۈنلىڭ 多菌灵) نەملىـشىشچان پاراشوكىنىڭ 1000 ھەسـسىلىك سۇيۇلدۇرۇلمىـسى، %25 لىك بايـلېـتون (سەنزوتوڭ 三唑酮) نەمـلىـشىشـچان پاراشوكىنىڭ 3000 ھەسسىلـىـك سۇيۇلــدۇرۇلمىسى قاتارلىق دورىـلاردىـن خـالىـغـان بىرىـنـى تـالـلاپ، ھەر 15 كۈندە بىر قېتىمدىن جەمئىي 3―4 قېتىم چېچىش كېرەك.
苹果1.jpg

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Koinlun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-5-12 21:30  

苹果2.jpg
苹果3.jpg
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-4-18 04:44 , Processed in 0.659429 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش