ئۈزۈمدىكى ئىككى داغلىق يوپۇرماق تومۇزغىسىنى يوقۇتۇش ئۇسۇلى
ئۈزۈم ئىككى داغلىق يوپۇرماق تومۇزغىسى ئۈزۈم يوپۇرماق چىقارغاندىن باشلاپ زىيان سېلىشى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ ماڭىدۇ، باغۋەنلىرىمىزنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تېرەك تۈن پەرۋانىسىنىڭ زىيىنىدىن بالدۇررق قۇتۇلۇپ ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغاندەك مەھسۇلاتلارغا ئېرىشىشىگە ئاز تولا يارىدىمىم تىگەر دىگەن نىيەتتە بۇ تېخنىكىنىكىلىق ئۇسۇلنى يوللۇدۇم.
ئەسكەرتىش: چوقۇم قوشۇمچە ھۆججىتى(رەسىم) بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈڭ،چۈنكى قۇرۇتنى يوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇ خىل قۇرۇتنى تونۇش.
تېخنىكىلىق مەسلىلەردە قېيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز 1137872382@qq.com غا سۆز قالدۇرۇڭ.
پەيدا بولۇش ۋە زىيان سېلىش ئالاھىدىلىكى
ئۈزۈم ئىكـكى داغـلىق يـوپـۇرمـاق تـومـۇزغـىـسـى ئالـما، نەشپۈت، ئۆرۈك، شاپتۇل، گىلاس، دولانە قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخـلـەرگـە زىـيان سالىـدۇ. ئادەتتە يېـتىلـگەن ھاشـارىتى ۋە ياش قـۇرتـى يوپـۇرماق شىـرنىـسىـنى شـوراپ يوپۇرماقـنىڭ بالدۇر تۆكۈلۈپ كېـتىشىـنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىـتـتـا ئـۈزۈمـنـىـڭ ئـۆسـۈشـى ۋە گـۈل بىـخـلىـرىـنىـڭ شەكىلـلىـنىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، كېيىنكى يىللىق مەھسۇلاتـىـنى تۆۋەنـلىـتىۋېتىدۇ. زىيانغا ئۇچرىغان يوپۇرماقلارنىڭ يـۈزىدە دەسـلەپـتە ئاق چېكىتلەر پەيدا بولىدۇ، زىـياننىـڭ ئېغىـرلىـشىــشىغا ئەگىشىپ چېكىتلەر تۇتىشىپ ئاق داغ پەيدا قىلىدۇ. يىـلـدا 3―4 قېـتىـم ئـەۋلاد قالـدۇرىدۇ، يېتىلگەن ھاشارىتى تـۇپـراق يېـرىقـلىرىدا، قۇرۇغان ئوت – چۆپ ۋە تۆكۈلگەن يوپۇرماقـلار ئارىـسىـدا قىشتىن ئۆتىدۇ، 3- ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرىــدىـن بـاشـلاپ ئـالـما، نـەشـپۈت، ئۆرۈك، شاپتۇل، گىلاس قاتارلىق مېـۋىـلـىـك دەرەخـلـەرگـە زىـيـان سـالىـدۇ، ئـۈزۈم يوپۇرماق چىقارغاندىن كېيىن بىر قىسمى ئۈزۈمگە يۆتكىلىدۇ. بىـرىنـچـى ئـەۋلادى 5- ئايـنىڭ 20- كۈنلىرى ئەتراپىدا، ئىككىنچى ئـەۋلادى 6- ئايـنىڭ 25- كۈنـلىـرى ئەتـراپىـدا، ئۈچىنـچى ئـەۋلادى 8- ئايـنىڭ 15- كۈنـلىرى ئەتراپىدا، تۆتىنچى ئەۋلادى 9- ئاينىڭ 20- كۈنلىرى ئەتراپىدا پەيدا بولىدۇ، يېتىلگەن ھاشارىتىـنىـڭ ئۇزۇنـلـۇقـى 2.6―2 مىللىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش- يوقىتىش1)
كـۈز ياكى قىـش پەسلىدە باغدىكى قۇرۇق ئوت- چۆپ ۋە يـوپـۇرماقـلارنى يىـغىپ كۆيـدۈرۈش ياكى چوڭـقۇر كۆمۈش ئـارقىـلىـق ئـۈزۈم ئىكـكـى داغـلىـق يـوپۇرماق تومۇزغىسىنىڭ قىشلاش مۇھىتىنى بۇزۇش كېرەك.
2) مـۇۋاپـىـق چـاتـاش ئـارقىـلىـق كۈن نۇرى ۋە شامالنىڭ ئـۆتۈشـۈشىـنى ياخشىلاش، باراڭغا 30×24.5 سانتىمېتىرلىق سېـرىـق تـاخـتـا ئېـسىش (سېـرىق تاخـتا بىلەن يېـتىلـگـەن ھاشاراتلارنى ئالداپ يوقاتقىلى بولىدۇ) كېرەك.
3) ئۈزۈم ئىككى داغلىق يوپۇرماق تومۇزغىسىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئەۋلادى كۆپلەپ پەيدا بولۇش مەزگىلىدە 100 كىلوگىرام سۇغا 1 كىلوگىرام سوپۇن پاراشوكى، 0.5 كىلوگىرام دىـزېل مېيىنى قوشۇپ يوپـۇرماق كەينىگە چېچـىـش يـاكـى %10 لـىـك ئـەنـلـۈبـاۋ (安绿宝)نىڭ 2000 ھەسـسىـلىـك سۇيۇلدۇرۇلمىسى، %90 لىك ۋەنلىڭ (万灵) نەملىشـىشچـان پـاراشـوكـىنىڭ 3000―4000 ھەسسىلىك سۇيۇلدۇرۇلمىسى، %2.5 لىك تيەنۋاڭشىڭ (天王星) نىڭ 3000 ھەسسىـلىـك سـۇيـۇلـدۇرۇلـمىـسى قـاتـارلىـق دورىلارنىڭ خالىغان بىرىنى تاللاپ چېچىش كېرەك.
|