ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 535|ئىنكاس: 0

ھاراق ئەكەلگەن كۆز-ياش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2009-يىلى 25-كۆنەك ،ئاقتۇ ناھيىسى .  
مەمەت مەستلىكتە دەلدەڭشىپ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتتى . يول بويىدا پاراڭلىشىپ تۇرغان ئالىم بىلەن زاكىر بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۇنى قۇتقۇزۋالماقچى بولدى ،لىكىن مەمەت ئۇلارغا بوي بەرمەي ،يىقىلىپ -قوپوپ دىگۈدەك مىڭ تەستە ئۆستەڭدىن چىقتى ۋە كىيىملىرىنى قېقىشتۇردى . ئالىمنىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ _قانداق ،بىر ھازادىن كىيىن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ؛
_ئازىراق ئىچسەڭ بولمامدۇ ؟ قارا مۇشۇ غوغوقتا بوپ كەتكىنىڭىنى ،ماڭە سېنى ئىسسىقىراق بىر ئۆيگە ئەكىرىپ قويايلى ،_دېدى .
مەمەت ئالمىنىڭ ياخشى كۆڭلىگە پىچاق تىقىش بىلەن جاۋاپ قايتۇردى ۋە ئارىدىن ؛
_ماڭا ھېسداشلىق قىلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق ،مېنى قەلەندەر كۆرۈپ قالدىڭمۇ ،جىق ئىچەمدىم ،ئاز ئىچەمدىم ،نىمە كارىڭ ، ھاراق پۇلىنى يا سەن تۆلىمىسەڭ ،_دېدى .
ئۇلارنىڭ پارىڭىنى بىر چەتتە تىڭشاپ تۇرغان زاكىر كۆزىنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغاندا ، مەمەت ؛
_ئاغىنەڭ تېتىغاننى سەنمۇ تېتىپ باق !_دېگىنچە ئۇنىڭغىمۇ پىچاق شىلتىدى ۋە بىر نەچچە يېرىنى زەخمىلەندۈردى . زاكىر بىر ئاماللارنى قىلىپ ئالىمنى يۆلەشتۈرگىنىچە مەھەللىدىكى ئادەم توپلاشقان جايغا كېلىۋالدى . ئالىم بىلەن زاكىرنىڭ ئۈستى-بېشىدىكى قاننى كۆرگەن كىشىلەر پاتپاراق بولوپ كېتىشتى . ھەممەيلەن جىددىيلىشىپ ئۆيىگە يۈگۈرۈشكەن كۆرۈنۈششۇ تاپتا مەستلىكتە خۇدىنى يوقاتقان مەمەت ئۈچۈن ئىنتايىن قىززىقارلىق ئويۇندەك بىلىنىۋاتاتتى . ئۇ دەلدەڭشىپ يۈرۈپ قالايمىقان پىچاق شىلتىشكە باشلىدى ، بەزىلەر ئۆزىنى ئەپقاچسا  ،بەزىلەر پىچاقنى تارتىۋىلىشقا ئۇرىناتتى . بۇ چاغدا مەمەت تېىمۇ غالجىرلىشىپ ،پىچاقنى تارتىۋالماقچى بولغانلارغا ھەيۋە قىلاتتى . شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنى باتۇر ،ھېچ نەرسىدىن قورۇقمايدىغان قەھىرماندەك ھېس قىلىۋاتاتتى . ئۇ دەلدەڭشىگىنىچە بىر ھويلىغا كىردى . بۇ چاغدا قاسىماخۇن ھويلىدىكى ياغاچلارنى رەتلەۋاتاتتى . مەمەت ئىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئۇنىڭ كىرگىنىنىمۇ تۇيمىغان قاسىماخۇنغا ئاستا يېقىنلاشتى ۋە پىچاقنى تەڭلەپ ؛
_قولوڭنى كۆتۈر بولمىسا پىچاق يەيسەن !_دېدى ۋە ئارقىدىنلا قاقاھلاپ كۈلىۋەتتى .
قاسىماخون مەمەتكە تۇيدۇرمايلا ئەپچىل ياغاچتىن بىرنى ئالدى ۋە ئۆزىنى قوغدىدى ،مەمەت پىچاقنى ئىككى قوللاپ چىڭ تۇتتى_دە ،ئەتىراپقا قارىۋەتكەندىن كىيىن قاسىماخونغا تېخىمۇ ھەيۋە قىلغىلى تۇردى . قاسىماخوننىڭ ئوغلى ياسىن ''ئويۇن'' نىڭ ئۈستىگە كىرىپ قالدى .
<<(ئويۇننىڭ) _داۋامى تۇتۇلۇش >>
ياسىن ھاجەتخانىدىن چىقىپ ئاتىسىنىڭ كىمدۇر بىرى بىلەن ۋارقىرىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ دەرھال ھويلىغا چىقتى . ئۇ يۈگۈرگىنىچە بېرىپ ئاتىسىنىڭ قولىدىكى ياغاچنى ئالدى ۋە مەمەتنى ئىككى ئۇردى . مەمەت ياسىنغا چىپاق تىقماقچى بولوپ تەمشىلىۋىدى ،ئاتا-بالا ئۇنىڭغا بوي بەرمىدى . ئاتا-بالىنىڭ ئۆزىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن مەمەت قۇيرۇقىنى خادا قىلىدى . ئۇ قېچىپ كېتىشىگە ئالىم بىلەن زاكىر بىر توپ ئادەمنى باشلاپ قاسىماخۇننىڭ ھويلىسىغا كىرىپ كەلدى ۋە مەمەتنىڭ دېرىكىنى قىلىدى . قاسىماخۇن ئۇنىڭ قاچقان يولىنى كۆرسىتىپ قويدى . ئۇلار مەمەتنى قوغلىماقچى بولوپ ماڭغاندا ،تۇيۇقسىز ئالىم  قانسىراپ يىقىلىدى . ئەتىراپتىكىلەرنىڭ بىر قىسىمى ئالىمنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى ،بىر قىسىمى مەمەتنى قوغلاپچىقىپ كەتتى .
ئالىم دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى . ئەدىليەلىك باھالاشتا ؛''ئالىم ھايات ۋاقىتىدا تىغلىق ئەسۋاپ بوينىغا تىقىلىپ تومۇرى ئۈزۈلۈپ ،كان يوقىتىش خارەكتىرلىك شۈك بولوپ ئۆلگەن '' دەپ يەكۈن چىقىرىلدى . زاكىر قاتارلىق بىر نەچچەيلەن مەمەتنى تۇتۇپ ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەردى . جىنايەت گۇماندارى مەمەت شۇ كۈنىلا توختىتىلدى .
دېلو قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلىق ەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللاندى . ئوبلاستلىق خەلىق تپتىش مەھكىمىسى مەمەتنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (ئۆلۈشكە سەۋەبچى بولوش) جىنايىتى گۇمانى بىلەن 7-قەھىرتان قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى .
<<ھۆكۆم >>
قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلىق سوت مەھكىمىسى .
مەمەت يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئوڭىدا ياكى چۈشىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭقىرالمىغاندەك ،جاۋابكارلىق ئورنىدا گاڭگىرغىنىچە ئولتۇراتتى . قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلىق سوت مەھكېمىسى ئوبلاستلىق خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپنامىسى ،ئالاقىدار پاكىتلارغا ئاساسەن ؛
جاۋابكار مەمەتنىڭ قانوننى كۆزگە ئىلماي بىر ئادەمنى زەخمىلەندۈرۈپ ،ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلىمىشىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (ئۆلۈشكە سەۋەبچى بولوش ) جىنايىتى شەكىللىنىدۇ . ئەيىپلىگۈچى ئورگاننىڭ دېلونىڭ خارەكتېرى ۋە پاكىتىنى بېكىتىشى توغرا بولغان ،بېكىتىشكە بولىدۇ .
جاۋابكارنىڭ ؛ قانون ئېڭىمىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ،مەسىتلىكتە خۇدۇمنى يوقاتقانىلىقمىدىن جىنايەت سادىر قىپتىمەن ، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلساڭلار ،دىگەن پىكىرىنى قوللاشقا بولمايدۇ .
ئاقلىغۇچىنىڭ ؛ جاۋابكارنىڭ جىنايەت مۇددىئاسىنى پىلانلىقى ،ئۆچ-ئاداۋەت ياكى پۇل-مالنى كۆزلەپ جىنايەت سادىر قىلغان باشقا قاتىللىق دېلولىرىدىن پەرىقلەندۈرۈش كېرەك ،دېگەن ئاقلاش سۆزىنىڭ مەلوم ئاساسى بار ، قوللاشقا بولىدۇ . جاۋابكارنىڭ قىلىمىشىنىڭ ئاقىۋتى ئېغىر ،جەمىيەتكە كەلتۈرگەن تەسىرى يامان ،ئېغىر جازالاشقا تېگىشلىك دەپ قاراپ جاۋابارغا قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ،ئىككى يىل كېچىكتۈرۈشكە ،سىياسى ھوقوقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىشقا ؛ ئۆلگۈچى ئالىمىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ۋە زەخمىلەنگۈچى زاكىرغا جەمىي 131مىڭ 879يۈۋەننى ھۆكۆم كۈچكە ئېگە بولغاندىن كىيىن بىرلا قېتىم تۆلەشكە بۇيرۇدى .
ھۆكۆمنى ئاڭلىغان مەمەتنىڭ كۆزلىرىدن تاراملاپ ياش قۇيۇلدى ، ئۇنىڭ ھازىرقى تۇرىقىدىن دېلو سادىر قىلغان چاغدىكى ھالىتىنى كۆرگىلى بولمايىتتى . ئۇ شۇ تاپتا مەستلىكتە خۇدىنى يوقىتىپ ،ئۆمۈرلۈك ئەركىنىلىكىدىن مەھرۇم بولغانلىقىغا يىغلاۋاتامدۇ ياكى مەستلىكتە قويغان <<ئويۇن>>نىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرالمىغانلىقىغا ئۆكۈنۈپ ياش تۆكىۋاتامدۇ ،نامەلۇم ئىدى .
قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلىق سوت مەھكىمىسى يۇقىرقى ھۆكۆمنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يۇقۇرى خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەسىتىقىلىشىغا سۇندى .
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يۇقۇرى خەلىق سوت مەھكېمىسى بۇلتۇر 23- كۆنەك بۇ دېلوغا قايتىدىن قاراپ چىقىپ ،ئەسلى سوت ھۆكۆمىنى كۈچكە ئېگە قىلىش توغىرسىدا كېسىم چىقاردى .كەڭ ساي تورى
(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى ) <<قانونچىلىق گېزىتى >>.مۇخپىر پاتىگۈل ئەكبەر .

1-ئاي: قەھرىتان
2-ئاي:ھۇت
3-ئاي:نورۇز
4-ئاي:ئۈمىد
5-ئاي:باھار
6-ئاي:سەپەر
7-ئاي:چىللە
8-ئاي:تومۇز
9-ئاي:مىزان
10-ئاي:ئوغۇز
11-ئاي:ئوغلاق
12-ئاي:كۆنەك


  
  
ماقالە ئەسلى مەنبەسى : kangsay tori

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-1 21:44 , Processed in 0.100652 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat