ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 809|ئىنكاس: 1

خوتۇن ئالماشتۇرۇش تور بېكىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«خوتۇن ئالماشتۇرۇپ» بارلىق بىساتىدىن ئايرىلىپ قالغان زەردار

بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن جېڭ چۈنمېي خاربىن شەھىرىدىن ئىدى. ئۇ 1992 – يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىدىن ئۈچ ياش چوڭ لى مىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ئېغىر – بېسىق، تەقى – تۇرقى جايىدا لى مىڭ جېڭ چۈنمېيدا ياخشى تەسىر قالدۇردى. 1997 – يىلىغا كەلگەندە لى مىڭ سودىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى. بۇ چاغدا جېڭ چۈنمېي خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ لى مىڭغا ياردەملەشتى ھەم ئاتا – ئانىسىنىڭ يىغقان پۇلىنى ئارىيەتكە ئېلىپ لى مىڭغا بەردى. ئەر – خوتۇننىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا لى مىڭ ئاخىر قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ بىر شىركەت قۇردى ھەم مەخسۇس ئىشخانا بۇيۇملىرى تىجارىتى قىلدى.
شۇنداق قىلىپ ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتكەندە ئۇلار خاربېن شەھىرىدىكى ئىشخانا بۇيۇملىرى تىجارىتى قىلىدىغان ئەڭ چوڭ تىجارەتچىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
بۇ چاغدا جېڭ چۈنمېي ئېرى بىلەن ئۆتكەن 13يىللىق ھاياتىنى ئەسلەپ، ئەمدى بىرەر بالىلىق بولۇپ، ئېرى ۋە بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى نىيەت قىلدى. بىراق بۇ يىل 4 – ئايدا ئېرىنىڭ دېگەن بىر ئېغىز گېپى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتتى.
بۇ يىل 4 – ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچتە جېڭ چۈنمېي تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتى. تورغا چىقىۋاتقان لى مىڭ تۇيۇقسىز ئۇنى چاقىردى ھەم ئۇنىڭغا بىر تور بېكىتىنى كۆرسەتتى. ئەسلىدە بۇ «خوتۇن ئالماشتۇرۇش تور بېكىتى»بولۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن تورداشلارنىڭ خوتۇن ئالماشتۇرۇش كەچۈرمىشلىرى ۋە تەسىراتلىرى بار ئىدى. ياندا تۇرغان لى مىڭ بۇ چاغدا تۇيۇقسىز :«قارىماققا بولىدىغاندەك قىلىدۇ، ھازىر بىزنىڭ تۇرمۇشمىزنىڭمۇ ئانچە مەززىسى قالمىغانىدى، بولمىسا بىزمۇ بۇ ئويۇننى ئويناپ باقامدۇق؟» دېدى. لى مىڭنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ چۈشەنگەن جېڭ چۈنمېي ئېغىزىنىڭ ئۇچىدىلا :«ئەگەر سىز رازى بولسىڭىز، چاتاق يوق!» دەپ قويدى. بىراق لى مىڭ ئۇنىڭ بۇ چاقچىقىنى راست دەپ چۈشىنىپ قالدى.
7 - ، 8 – ئايلاردا لى مىڭ خوتۇن ئالماشتۇرۇش ئىشىنى توختىماي تىلغا ئالدى. دەسلەپتە ئىككىسى بۇ ئىش سەۋەبلىك جېدەللىشىپ يۈردى، ئاخىردا جېڭ چۈنمېي ئاڭلىمىغانغا سالىدىغان بولۇۋالدى. لى مىڭ خوتۇنىنىڭ ئۆزى بىلەن سوقۇشمىغىنىنى كۆرۈپ قاتتىق - يۇمشاق ۋاسىتىلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى، ھەتتا ئاخىردا نىكاھتىن ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.ئېرىنىڭ توختىماي يالۋۇرۇشلىرى، تەھدىتلىرى ئاخىر جېڭ چۈنمېينى بۇ ئىشقا ماقۇل بولۇشقا مەجبۇر قىلدى.

9 – ئاينىڭ 17 – كۈنى كەچ سائەت يەتتىلەردە لى مىڭ ئەر – خوتۇن ۋە قارشى تەرەپ ئەر – خوتۇن ئالدىن كېلىشكىنى بويىچە بىر قاۋاقخانىدا ئۇچراشتى. ئۇلار ئۆزئارا توي خەتلىرىنى كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، بىر پارچە خوتۇن ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزدى. كېيىن بىر مېھمانسارايغا كېلىپ ئىككى ئېغىز ياتاق ئاچتۇردى. چېڭ چۈنمېي ئېرىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ خوتۇنى بىلەن بىر ئۆيگە كىرىپ كەتكەنلكىنى كۆرۈپ، كۆڭلى بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىتتىكلا ئورنىدىن تۇرۇپ گەپ – سۆز قىلمايلا سىرتقا ماڭدى ھەم بۇنداق بىمەنە ئىشنى قىلىۋاتقان ئېرىدىن ئاجرىشىپ كېتىش قارارىغا كەلدى.
بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن جېڭ چۈنمېي نىكاھتىن ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە لى مىڭدىن نوپۇسىنى ئايرىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى، بىراق لى مىڭ قەتئىي قوشۇلمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا جېڭ چۈنمېي سوتقا ئەرز سۇنۇشقا تەييارلىق قىلدى. لى مىڭ ئىشنىڭ سىرتقا تارقىلىپ كېتىشىنى خالىمىغانلىقتىن، شۇنداقلا خوتۇنىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلىپ قالغانلىقتىن ئىلاجىسىز خوتۇنىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش تەلىپىگە قوشۇلدى. ئاخىردا بانكىدىكى نەچچە مىليون پۇل، 100 نەچچە كۋادرات مېتىرلىق ئىككى يۈرۈش ئۆي، بىر ئالىي دەرىجىلىك پىكاپ ۋە شىركەتنى جېڭ چۈنمېي ئالدى. لى مىڭغا بولسا ئەر – خوتۇن ئىككىسى دەسلەپ توي قىلغاندا ئىدارىدىن بېرىلگەن ئوننەچچە كۋادرات مېتىرلىق بىر ئۆيلا قالدى ...
ئۇنداقتا خوتۇن ئالماشتۇرۇش قانۇنغا خىلاپمۇ؟ خىلاپ بولسا قانداق جىنايەت بېكىتىلىدۇ؟ بۇ ھەقتە قانۇن ساھەسىدىكىلەرنىڭمۇ پىكرىدە قىسمەن ئىختىلاپ ساقلانماقتا.
خېيلۇڭجياڭ خۇڭبۇ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى جېڭ شيۇلەن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«كەسپىي ئادۋوكات بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنداق دېلولارنى بېجىرىشنىڭ ‹بىر قەدەر تەسلىكى› نى ھېس قىلدىم. گەرچە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 301 – ماددىسىدا :‹توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ياكى بۇزۇقچىلىققا كۆپ قېتىم قاتناشقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئازدۇرۇپ توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىشقا قاتناشتۇرغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ› دېگەن بەلگىلىمە بولسىمۇ، بىراق جىنايەت نامىنى بېكىتىشنىڭ قاتتىق تەرتىپى بولغانلىقتىن جىنسىي مەسىلىنىڭ چەك –چېگرىسىنى ئايرىش تەس بولغانلىقتىن، بۇنىڭغا جىنايەت بېكىتىش تەسكە توختايدۇ. شۇڭا تۆت تەرەپ خالىغان ئەھۋالدا: خوتۇن ئالماشتۇرۇش بىر خىل ئېغىر ئەخلاقىي مەسىلە، ھالبۇكى قانۇنىي مەسىلە ئەمەس».
خاربىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر سودىيىسى بۇ ھەقتە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ ، بۇ ئىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «خوتۇن ئالماشتۇرۇش» نىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى نىكاھ قانۇنىنىڭ تۈپ پرىنسىپىغا خىلاپ ئىكەن، يەنى مەيلى ئوچۇق –ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بولسۇن، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ياكى بىر خوتۇن كۆپ ئەرلىك بولۇش ئوخشاشلا دۆلىتىمىز قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش» تۈزۈمىگە خىلاپ ئىكەن، يەنە بىر جەھەتتىن ئەر –خوتۇننىڭ ئۆز ئارا سادىق بولۇش، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش پرىنسىپىغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن.
خاربىن شەھەرلىك 1 – مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ پسىخولوگىيە مۇتەخەسسىسى جاڭ يى مۇنداق دېدى :«پسىخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ‹خوتۇن ئالماشتۇرۇش› قىلمىشى بىنورمال پسىخىكىغا تەۋە. نىكاھ كىشىلەرگە بىر خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ، ھالبۇكى ‹خوتۇن ئالماشتۇرۇش› قىلمىشى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، نىكاھ ھېسسىياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. نىكاھ سىرتىدىكى جىنسىي قىلمىش نىكاھنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىپ، ئەر – خوتۇننىڭ نىكاھ ئائىلە تۈزۈمىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەكىللىنىپ كەلگەن ئەخلاق تۈۋرۈكى يىمىرىلىدۇ.

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن

  
  
ماقالە ئەسلى مەنبەسى : kangsay tori

ۋاقتى: 2011-5-11 00:39:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ! نېمىدىگەن قالتىس زەردار ئۇ؟
بىزلەر ھەرگىز مايمۇنچاقلىق قىلمايلى!!؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-2 03:43 , Processed in 0.132198 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat