ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 617|ئىنكاس: 0

زامان، ماكان چەكلىمسىگە ئۇچرىمايدىغان سىگنال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]



     چوڭ مىڭە كەلگۈسى دۇنيانىڭ ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلالايدۇ.

ئىنسانىيەت تارىخىدىكى داڭلىق بىشارەت شۇناسلار چوڭ مىڭە قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلار چوڭ مىڭىدە ساقلىنىدۇ دىگەن قاراشقا ئىشىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئادەم ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئاستىنقى قەۋەتتىكى ساقلانغان ۋە ئانچە ئىتبارغا ئىلىنمىغان ئۇچۇرلار ئۈستىگە ئۆرلەپ ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتۈپ ئادەم مىڭىسىدە چۈش بولۇپ ئەكىس ئىتىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى چوڭ مىڭە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان ئەمما كەلگۈسىدە بولدىغان ئىشلارنى قانداق ھىس قىلالايدۇ؟ كەلگۈسىدىكى ئىشلارنىڭ ئۇچۇرى قايسى ۋاقىتتا چوڭ مىڭىگە ساقلىنىپ قالغان، ئىتبارسىز قارلىپ تۆۋەنكى قەۋەتكە چۈشۈپ قالغان ؟ دىگەندەك سوئاللارغا ئۇلار ئەگىپ ئۆتۈپ كىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ مۇجمەل جاۋاپلارنى بېرىپ ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.

چوڭ مىڭە بىز ھىس قىلالمايدىغان بىر خىل سىگىنال قوبۇل قىلالايدۇ. بۇ خىل سىگىنال زامان ، ماكان چەكلىمسىگە ئۇچرىمايدۇ.
ئۈرۈمچى بىلەن مىنىڭ يۇرتۇمنىڭ ئەڭ قىسقا ئارلىقىنى مۆلچەرلىگەندىمۇ (تۈز سىزىقلىق ئارلىقنى) 7-8 يۈز كىلومىتىر كىلىدۇ. بىراق مەن ئۆزۇمدىن ئۆزگۈرۈشلەردىن قىرىنداشلىرىمىنىڭ بەزىللىرىنىڭ ھىسسى تۇيغۇسىغا ھۆكۈم قىلالايمەن. ھۆكۈم قىلغاندىمۇ بىر قانچە سائەت ھەتتا بىر قانچە كۈن بۇرۇن ھىس قىلالايمەن. بۇ خىل ھادىسە بىر قىتىملا ئەمەس بىر قانچە قىتىم يۈز بەرگەن. مانا بۇ چوڭ مىڭىدىكى تۇيغۇنىڭ، شۇ خىل سىزىمنىڭ ياكى سىگنال قوبۇل قىلىشنىڭ ماكان چەكلىمسىگە ئۇچرىمغانلىقى، ئەگەر بۇ خىل سىگىنال يوق دەپ قارساق مەندىكى بۇ خىل ئۆزگۈرۈش ۋە ھىس قىلىشنى نىمە دەپ چۈشنىش مۇمكىن.

13 ~ 14 ياش ۋاقىتلىرىم بولسا كىرەك پەيشەنبە بىلەن جۈمە ئارلىقىدىكى كىچىدە بىر غەلىتە چۈش كۆردۇم. چۈشۈمدە ئۆيمىزگە قارا ساقال ، چا ساقال ۋە ئاق ساقاللىق ئۈچ كىشى كىرىپ كەلدى. ئاندىن بوسۇغا قىشىغا قويۇلغان مەشنى چۈرىدەك تۇرۇشتى. شۇ ۋاقتتا كۆڭلۈمگە شۇنداق بىر خىيال كەچتى. «مۇنۇ قارا ساقال تەلەتى سۈرلۈك تۈرغىنى ئەزرائىل ئىكەن. ئاۋۇ ساقىلى ئاق ئارلىغىنى بولسا جىبرىئىل ئىكەن، ئاپپاق ساقاللق ئاۋۇ كىشى بولسا خىزىر ئىكەن » . . . ئاندىن ئۆزۇمنىڭ ئۈستىگە قارسام بىر ئېغى يىرتىلىپ كەتكەن كالتا ئىشتاندىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. خىجالەت بىلەن قولۇمدا ئۇياتلىق يىرىمنى ئىتىپتىمەن. شۇ ۋاقىتتا ئۈچ كىشى ھىچقانداق گەپ قىلماستىن دوئاغا قول كۆتۈردى ۋە دوئا قىلدى. ئەتتگەندە بىر خىل تۇيغۇ ئىچىدە مەكتەپكە باردىم. بۇ ئايلاردا كىچىك ھەدەم ئىغىر ئاياق ئىدى.ئىككىنچى سائەتلىك دەرستىن كىيىن بازاردىكى ئۆيمىزدىن ( مەن بۇ چاغدا يىزىدا ئىدىم. ھەدەملەر بازاردا ئىدى) ھەدەمنىڭ كۆزى يورۇپ بىر ئوغۇل پەرزەنتىلىك بولغانلىق خەۋىرى كەلدى. بىر ئاز خوش بولساممۇ كىچىدىكى چۈشۈمنى ئويلاپ بىر خىل بولۇپ قالدىم. يىرىم سائەتمۇ ئۆتمەستىن ھەدەمنىڭ قوشكىزەك ئوغۇل تۇققانلىق خەۋىرىنى ئالدىم. ئۇنداقتا بۇ سەزگۈ ياكى بۇ چۈش قانداق بولۇپ بىر قانچە سائەت بۇرۇن مەندە ئەكىس ئىتىدۇ. بازار بىلەن يىزىنىڭ ئارلىقى ساق 4 كىلومىتىر كىلەتتى. بۇ ئارلىققۇ ئانچە چوڭ ئارلىق دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ . بىراق كەلگۈسى زاماندا بولدىغان ئىشلارنى ئالدىن چۈشۈمدە كۆرشىم بىر خىل غەلىتە تۇيۇلدى.

چوڭ يەڭگەم ئېغىر ئاياق ۋاقىتلار ئىدى . تەخمىنەن ئالدىنقى چۈشۈمدىن ئانچە ئۇرۇن ۋاقىت ئۆتمىگەن چاغلار، چوڭ ئاكام بىلەن يەڭگەم چوڭ ئۆيگە كەلسىلا ئائىلىمىزدىكىلەر خوشال بولۇپ كىتەتتۇق. ئاكام ھەر قىتىم كەلسە مىنىڭ بالام ئوغۇل توغۇلىدۇ دەپ سۆزلەپ كىتەتتى. بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بىر ئىش بار چوڭ ئاكام ۋە يەڭگەم ئوخشاشلا دوختۇر يەنە كىلىپ يەڭگەم ئاياللار دوختۇرى، كۆڭلىمدە شۇنداق تەخمىن ئىتىمەنكى بەلكىم شۇ ۋاقىتلاردا بالنىڭ جىنسىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن ۋە شۇ سەۋەپلىك شۇنداق سۆزلىگەن بولىشى مۇمكىن. يەڭگەمنىڭ كۆزى يورۇشقا بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتلار قالغان بىر كۈنى ئۇلار يەنە چوڭ ئۆيگە كەلدى. سۆز ئارىسىدا يەنە شۇ گەپلەر بولدى. مەن ئاكامغا بىر قانچە قىتىم _ خۇدا بۇيرىسا دىگىىن _ دىدىم. ئاكام بولسا - ئوغۇل تۇغۇلدۇ دىدىمۇ ، ماڭا ئىشنىڭلار، بالام ئوغۇل - دىدى. شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىر چۈش كۆردۇم. چۈشۈمدە بىر باغنىڭ سۇ كىردىغان سۈڭگۈچىنىڭ بىشىدا ئولتۇرسام ئاپام بىر قارا مۇتۇق كىچىك قىز بالىنى كۆتۈرۋاپتۇ ، بالا تەخمىنەن يېشىغا توشقىلى قالغان بالا ئىدى. شۇ ھامان سۇ سىڭمەس ئۆستەڭنىڭ يانتۇ گىرۋىكىدە ئولتۇرغۇدەكمەن. ئاندىن ئاپامدىن - ئانا، كىمىنىڭ بالىسىنى كۆتۈرۋالدىڭ - دەپ سورىسام ، ئاكاڭنىڭ بالىسى ، خۇدا بۇيرىسا دە دىسەڭ خۇدا بۇيرىسا دىمىگەنلىكى ئۈچۈن مانا بالا قىز تۇغۇلدى. - دىگۈدەك، ئەتىسى ئاكاملار كەلدى. ئاكامغا شۇ ۋاقىتتا - خۇدا بۇيرىسا دىمەي ئوغۇلنى قىزغا تىگىشتىڭ - دىگىنىم يادىمدا . ئاردىن بىرئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن يەڭگەمنىڭ كۆزى يورىدى ۋە بىر قىز پەرزەنتىلىك بولدى. قىزى چۈشۈمدە كۆرگىنىمدەكلە سەل بۇغداي ئۆڭ چوڭ بولدى.

ئۇنداقتا مەن بىر ئاي بۇرۇن يەنە بىر ئايدىن كىيىن بولدىغان ئىشنى قانداق ھىس قىلدىم. مىنىڭچە مىڭە بىز ھىس قىلالمايدىغان بىر خىل سىگىنالنى قوبۇل قىلالايدۇ. بۇ خىل سىگىنال زامان، ماكان چەكلىمسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئۇ ھەرگىز داڭلىق بىشارەتشۇناسلارنىڭ دىگىنىدەك ئالدىن كۆرگەن نەرسىللىرىنىڭ كىچىسى ئاتالمىش ئاستىنقى قەۋەتتىن مىڭىنىڭ ئۈستىنكى قەۋتىگە پارلاپ چىقىشى ئەمەس. بەلكى تېخى يىشىلمىگەن بىر خىل سىرلىق سىگىنالنىڭ تەسىرى.
كىلىش مەنبەسى : مۇختەر رۇزى تورى  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-2 03:48 , Processed in 0.120042 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat