ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 503|ئىنكاس: 0

قۇسۇش قانداق يۈز بىرىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

(تۇرمۇشتا)

  
مۇختار روزى
  


     تۇرمۇشمىزدىكى كىچىك ئىشلار دائىم بىزنىڭ ئادەتلىنىپ قالغان خاراكتىرمىز بويىچە پۈزۈتسىيە تۇتۇلغاچقا بىزگە ھىچقانداق غەلىتىلىكتەك ھىس قىلىنمايلا قالماستىن بەلكى تەبىئي شۇنداق بولىشى كىرەك دەپ قارايمىز. بۇ خىل قاراش بىزنىڭ ھاياتقا بولغان كۆز قارشىمىز ۋە دۇنيانى چۈشىنىشىمىزگە توسالغا بولىشى مۇمكىن. زامانىمىزدىكى ئۆزىنى قابىليەتلىك ساناپ كىلىۋاتقان نۇرغۇن كىشلەردىن تۇرمۇشتىكى ئاددى سوئاللارنى سورىغاندا ئۇلارنىڭ ھەيرانلىقتا ئاغزىنى ئاچقىنىچە جاۋاپ بېرەلمەي قالدىغانلىقى ئېنىق.
ئۇنداقتا مۇشۇ تېمىدىن باشلاپ بىز ئاددى مەسلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزدىن سوراشقا تىگىشلىك سوئاللارنى سوراپ كۆرەيلى.
قوسۇش زادى قانداق يۈز بېرىدۇ؟
تۇرمۇشىمىزدا قوسۇش ھادىسسىنىڭ ئانچە - مۇنچە يۈز بېرىپ تۇردىغانلىقى ھەمىمىزگە ئېنىق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ بىزگە ئانچە غەيرى بىلىنىپ كەتمەيدۇ.مەيخورلارنىڭ مەسچىلىكتە قەي قىلىشى<قۇسۇشى>، كىسەللەرنىڭ ئازاپتىن قەي قىلشى ياكى زەھەرلەنگەنلەرنىڭ قەي قىلىشى خۇددى تەبئىيلا شۇنداق بولىشى كىرەكتەك بىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ ھەرگىزمۇ بۇنداق ئاددى مەسلە ئەمەس.
ئادەتتە قۇسۇش ئىنكاسى قوزغالغاندا ئۇنى توختىتىپ قالغىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئادەم بەدىنى زەھەرلىك ماددا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا بىرخىل چۈچۈمەل شىلىمشىق ماددا ئىشلەپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشقازان مۇسكۇللىرى بوشۇشۇپ، كىچىك ئۈچەي لۆمۇلدەشكە باشلايدۇ. ۋە بۇ خىل چۈچىمەل شىلىمشىق ماددىنى ئاشقازانغا ئىتتىرىپ كىرگۈزىدۇ.بۇ ۋاقىتتا ئاشقازان مۇسكللىرى قىسقىراپ سۈيۈقلۈق ۋە ئاشقازاندىكى ھەزىم قىلىپ بولىنمىغان يىمەكلىكلەرنى قىزىلئۆڭگەچكە ھەيدەيدۇ. ئەمەلىيەتتە نۇرمال ۋاقىتلاردا ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ لۆمۈلدىشى يىمەكلىكلەرنى تۆۋەنگە ھەيدەيدۇ. لىكىن قۇسىدىغان ۋاقىتتا بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە يۇقىرغا يەنى قىزىلئۆڭگەچكە قاراپ ھەيدەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قىزىلئۆڭگەچ بوشىشىپ ئېغىزغا قارتا بىر يول ئىچىلىدۇ ۋە يىمەكلىكلەرنى ئېغىزغا ئىتتىرىپ چىقىرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە يۇقارقى بىر قاتار جەريانلارنىڭ يۈز بېرىشىدا نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان بىر ئامىل چوڭ مىڭىنىڭ كونتروللىقى بولۇپ، زەھەرلىك ماددىلار بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن ئەڭ ئاۋال ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ نىرۋا سىستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ سىگىنال نىرۋا سىستىمىسى ئارقىلىق چوڭ مىڭىگە يوللىنىدۇ. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە چوڭ مىڭە ھەزىم قىلىش سىستىمىسىغا زەھەرلىك ماددا ھەزىم قىلىنغانلىق سىگنالىنى تارقىتىدۇ. بىزنىڭ ئىچكى ئەزالىرىمىز زەھەرلىك ماددىنى ئىستىمال قىلىپ پالەچ ھالغا چۈشۈشكە ئۈلگۈرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا سىگنالنى قوبۇل قىلىپ بۇ خىل زەھەرلىك ماددىنى قۇسۇش ئارقىلىق چىقىرۋىتىدۇ.
ئەلبەتتە كاللىڭىزغا -مۇشۇنداق بولغان ئىكەن زەھەرلىك ماددا ئىستىمال قىلىۋالغاندا قوسۇش ئارقىلىق ھاياتىمىزنى ساقلاپ قالىدىكەنمىز ،نىمىشقا زەھەر ئىستىمال قىلغانلار ھاياتىنى ساقلاپ قالالمايدۇ ؟ دىگەن قاراش كەلگەن بولىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىلا مەسلە ئەمەس. ئۆتكۈر زەھەرلىك ماددىلارنى ئىستىمال قىلغاندا نىرۋا سىستىمىسى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇنداق پالەچلىك چوڭ مىڭىگە يەتكۈزدىغان ئۇچۇرغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەھەر قانغا ئۆتۈپ قان ئارقىلىق ھەرقايسى ئەزالارغا تاراپ كەتسە بولۇپمۇ رەئىس ئەزالارغا ، مىڭە ، يۈرەك ، تال ، جىگەر قاتارلىق ئەزالارغا تاراپ كەتسە بىزنىڭ نىرۋا سىسىتىمىمىز ۋە ئۇنىڭدىكى سىگىناللارمۇ پۈتۈنلەي قالايمىقان بولۇپ كىتىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن بەدەندىكى قىسمەن ئورۇنلاردا ئاغرىش ئالامىتى سىزىلىدۇ ۋە ئۆتكۈز زەھەرلەنگەنلىك سەۋەپلىك ھاياتمىزغا خەۋىپ يېتىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈز زەھەرلەنگەندە ئىمكان بار بىمارنى دوختۇرخانىغا يۆتكەپ بىر تەرەپ قىلىش كىرەك.

كىلىش مەنبەسى : مۇختەر رۇزى تورى  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-2 15:50 , Processed in 0.139025 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat