ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 579|ئىنكاس: 3

مەن دۇنيانى قانداق چۈشەندىم

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   
(تۇرمۇشتا)

  
مۇختار روزى
  


     دۇنيانى سىز كۆرگىنىڭىزگە ئوخشاش دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ ياشىسىڭىز مىنىڭچە تولىمۇ بەخىتلىك بولىسىز. بىراق مەن دەل مانا مۇشۇنداق بەخىتتىن مۇستەسنا.چۈنكى مىنىڭ كاللامدا نۇرغۇنلىغان تەسەۋۋۇر، خىيال، ئاڭ ، سەزگۈ ، ئىتقاد، روھ توغرىسىدىكى بىر پاتمان سوئاللار ئارلىشىپ كەتكەن شۇ سەۋەپلىك دۇنيانى سىز چۈشەنگەندەك چۈشىنەلمەيمەن.

مەن «دۇنيا يالغۇز بىزنىڭ ئەمەس» دىگەن قاراشنىڭ قوللىغۇچىسى،

مەن بىر چۈمۈلە، بىر ھاشارەتكە نىسبەتەن غايەت زور بىر مەخلۇق. ھەتتا بىر پاشا مىنى ئادەم دەپ قارماستىن قونۇش، ئۇچۇش سۇپىسى دەپ قارشى مۇمكىن. مەنمۇ ئادەتتە ئۇلارنىڭ ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىمنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن. بەلكىم پاشىلارنىڭ ياكى چۈمۈلىلەرنىڭمۇ ئالىملىرى بولسا مىنى تاشقى پىلانىتىغا يۈرۈش قىلىدىغان ئالەم بازىمىز دەپ قارمايدۇ دەپ ئىيتالمايمەن. ئۇنداقتا دۇنيادا مىنى چۈمۈلە كەبى دەپ چۈشىنىدىغان غايەت زور مەخلۇقلار يوق دەپ ئىيتالامدىمەن. بەلكىم مەنمۇ يەرشارىغا دەسسەپ تۇرۇپ ئۇنى بىر پىلانىتا دەپ ئاتىغانغا ئوخشاشلا يەرشارىمۇ ماڭا ئانچە ئىتبار قىلىپ كەتمەيدىغان غايەت زور مەخلۇق بولىشى مۇمكىن ئەمەسمۇ؟( كۈلكىلىك ھىس قىلماڭ)

ھازىرقى پەن تېخنىكا ساھەسى تەرەققى قىلىپ بىر دانە چاڭ توزان ئىچىدىمۇ بىر تالاي دۇنيانىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدۇق.ئۇنداقتا مەن مۇشۇ يازمىنى يىزىۋاتقاندا چاڭ توزان ئىچىدىكى مەلۇم بىر جانلىق ماڭا ئوخشاش بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ مەلۇم بىر مەشغۇلاتنى قىلمايۋاتىدۇ دەپ كىسىپ ئىيتىشقا جۈرئەت قىلالىشىم مۇمكىنمۇ ؟ ئەقلى ئىقتىدارلىق جانلىقلارنى تاشقى پىلانىتلاردىن ئىزدەشتىن سىرىت ئەتراپىمىزدىن نىمىشقا ئىزدەپ باقمايمىز؟

مەن ئاڭنىڭ ناھايىتى سۈيۈق نەرسە ئىكەنلىكىگە ئىشنىمەن. ئۇنى مەلۇم تەپەككۈر ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزىمىزگە خىزمەت قىلدۇرغىلى بولدىغانلىقىغا ئىشنىمەن، ۋاقتى كەلسە بىر چۈمۈلنى بىر تاغ، بىر تاغنى بىر چۈمۈلە دەپ تەسەۋۋۇر قىلالايمەن.دۇنيادىكى چۈمۈلىلەرنىڭ سانى ئىنسانىيەت نوپۇسىدىن نەچچە ئون ھەسسە كۆپ. بۇنداق ئىكەن ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا ئالاقە قىلدىغان يېزىقى ياكى تىلى يوق دەپ كىسىپ ئىيتالمايمەن. چۈنكى ئىنسانىيەت تېخى چۈمۈلە كەبى سەزگۈر ۋە دانا بولۇپ يېتىشمىدى. ئۇنداقتا كىچىككىنە چۆمۈلىدىن مەن ئەقىللىق دىيەلەيدىغان يۈرەكلىكلەردىن بىزدە قانچىلىك بار؟

ئۆسۈملۈكلەردە روھ بار دىگەن قاراشنى يۈرەكلىك ئوتتۇرغا قويۇش كىشلەرنى ئالاقزادە قىلدىغان زاماندىن ئۆتۈپ كەتتى.بىراق دۇنيادا بىر سىرلىق كۈچ بار دىگەن قاراشنى كىشلەر ھازىرغىچە ئىتراپ قىلغى ئۇنماي كەلدى.بىز شۇ قەدەر دانا، ئاقىل بولساق بەدىنىمىزدىكى ھەر بىر ھۆجەيرىنىڭ مىڭىش ، تۇرۇش، قايتىش نوختىللىرى نىمىشقا بىزنىڭ سەزگۈمىزگە، روھىمىزغا ياكى چوڭ مىڭىمىزنىڭ باشقۇرشىغا بوي سۇنمايدۇ. نىمىشقا قىنىمىز بىرەر قىتىم تەتۈر يۆنلىشتە ئايلىنىپ باقمايدۇ؟نىمىشقا بىز بەدىنىمىزدىكى كۆز بىلەن كۆرگەن ئۆزگۈرۈشلەرنى مىڭىمىزدە ئىنكاس شەكىلىدە كۆرەلەيمىز، بىراق ئىچكى ئەزالىرىمىزدىكى ھەركەتنى ، جىگەرنىڭ جاپالىق خىزمىتىنى. تالنىڭ ھارماي- تالماي ئىشلىشىنى، بۆرەكنىڭ تىنىمسىز خىزمىتىنى ھىس قىلالمايمىز.

ھەممىمىز ئاينىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنىلا بىلىمىز. بىراق ئەگەر ئاي پاچاقلىنىپ كەتسە چوڭراقى يەرشارىنىڭ ئۆز ئوربىتىسىدىن چىقىپ كىتىدىغانلىقىنى، قوياش بىلەن بولغان ئارلىقىنىڭ ئۆزگۈرۈپ كىتىدىغانلىقىنى،مۇزلۇقلاردىكى مۇزلارنىڭ ئېرىپ كىتىدىغانلىقىنى، كىچىكراقى دېڭىز، يەر تۈزۈلمىللىرىنىڭ ھازىرقى مۇكەممەلىكىنى يوقىتىپ قويدىغانلىقىنى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسىشىگە تەسىر يىتىدىغانلىقىنى،تىخىمۇ كىچىكراقى بولسا قوساقتىكى ھامىلە، چوڭ مىڭىنىڭ سەزگۈسى،تىرناقنىڭ ئۆسىشى، بەدەندىكى قاننىڭ ئايلىنىشى قاتارلىقلارغا قانداق تەسىر يىتىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. ھەتتە ئاي تولۇق چىققان كۈندىكى شەبنەم تامچىسىدىكى ماددىلار بىلەن ئاي چىقمىغان كۈنلەردىكى شەبنەم تامچىسدىكى ماددىلار ھەركىتىدە قانداق ئۆزگۈرۈش بولدىغانلىقىنى، ئادەم بەدىندىكى ھورمۇنلارنىڭ قانداق ئۆزگۈرۈش ياسايدىغانلىقىنى بىلدىغانلىرىمىز ساناقلىقلا بولساق كىرەك.سىزچە دارۋىننىڭ ( مىنىڭچە ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشقانلارنى نەپسى يامان موللىلاردىن تۆۋەن كۆرۈشكە بولمايدۇ) تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسى بۇ يەردە كارغا كىلەرمۇ ؟ شۇنچە يىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان بۇ كىشى ئاخىردا ئىنسانىيەتنىڭ ئاجىز ئەقلى بىلەن چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدىغان بىر سىرلىق كۈچنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن. بۇ نانكور موللىلارنىڭ ئاغزىدىلا تەڭرىگە ئىشىنىپ،ئۆز نەپسىنى باققىندىن ياخشى.

تەۋسىيەم : بىز ئەڭ ئاۋال ياراتقۇچىنىڭ «بەندىسى»مىز،ئەمما قۇل ئەمەس، دىمەكچى بولغىنىم پەقەت ئىنسانىيەتنىڭ نەزىردىكى مەناسى بىلەن ياراتقۇچى چۈشەنگەن مەنا ئوخشاش ئەمەس، بىز ياراتقۇچىنىڭ ياراتقان ئېسىل ئۈنچىللىرىدىن بىرى بولغانكەنمىز ئېگىمىزدىن ئۆرنەك ئېلىپ ئېجات قىلىشىمىز لازىم.ھاماقەت، نان كور، ھارامتاماق، نان قىپى موللىلار ئۆزىنىڭ سىسىق ئايىقىنىڭ ئىچىدە قانچىمىڭلىغان مىكروپنىڭ بارلىقىنى بىلمەستىن، زىمىننىڭ قانداق تىلسىملارغا تولغىنىنى بىلمەستىن، بىر تاھارەتتە قانچە مىڭلىغان سۇ مولكولىسىنى ئىشلەتكىنىنى بىلمەستىن، سۇنى ئاللاھنىڭ نىمە ئۈچۈن پاكلىغۇچى سۈيۈقلۈق قىلىپ ياراتقانلىقىنى بىلمەستىن،ئەڭ ئاددىسى جىگەر ۋە تالنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى چۈشەنمەستىن. ئۆزى ئىستىمال قىلىۋاتقان يىمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە نىمە بارلىقىنى بىلمەستىن < مەسچىتتە بۇ ھەقتە بىر كەلىمە ئاڭلىغان بولسام، ئۇ مەسچىتكە ۋەسلىمنى ئاتىغان بولاتتىم>« قورئان» ئايەتلىرىنى ( ئاللاھ بۇ كىتابنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن شۈكۈرلەر بولسۇن )كالتا ئەقىللىرى بىلەن چۈشىنىپ روھىمىزنى بۇلغىماسلىقى ئۈچۈن ئىزدىنشىمىز، يېڭلىق يارتىشىمىز،دۇنيانى چۈشىنىشىمىز،بىلىم ئېلىشىمىز لازىم.  

كىلىش مەنبەسى : مۇختەر رۇزى تور بىكتى  
ۋاقتى: 2011-5-10 23:04:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز دۇنيانى ھەققتەن چۇنۇپسىز داۋمىلىق چۇشۇنىڭ ...باشقىلارنى ھاقارەتلەش بىلملىك ئادەمنىڭ ئىشى  .........سىزنىمىنى ئىجات قىلدىنىڭىز سىز نىمىنى قىلاياسىز ..سىز كىتاپ ئوقۇق ..
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-5-10 23:56:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
boy0998 يوللانغان ۋاقتى  2011-5-10 23:04
سىز دۇنيانى ھەققتەن چۇنۇپسىز داۋمىلىق چۇشۇنىڭ ...باشقى ...

دوستۇم مۇنبەرگە يېڭى كىردىڭزمۇ قانداق ؟بۇ نىمە دىگنىڭز بۇ گەپنى سىز ماڭا دىمەكچىمۇ ياكى مۇختەر ئەپەندىمگە دىمەكچىمۇ ؟
گەپ سۆزدە ئازراق دىققەت قىلسىڭز قانداق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-5-11 00:00:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھۋالدىن قارغاندا سىز مۇختەر رۇزى ئەپەندىمنى تۇنۇمايدىغان ئوخشمامسىز ؟
http://www.rohlan.biz/thread-5977-1-1.html
بۇ يەرگە كىرىپ كۆرۇپ بېقىڭ !  مۇختەر ئەپەندىمنى تۇنۇش شەرىت ئەمەس شۇنداقتىمۇ بىزگە قىلۋاتقان ياخشللىقلرى ۋە بىزگە ھەقسىز تەمنلەۋاتقان دەرسلكلىرىگە كۆز يۇمالمايمىز . گەرچە مۇختەر ئەپەندىم بۇ تىمنى ئۆزى يازغان تىما بولسمۇ بىز بۇ تىمنىڭ پايدىلىق تەرىپدىن پايدىلنايلى دەپ يوللاپ قويدۇم . بۇ دۇنيادا ئالىم ،مۇتەخەسس، پىروفسسور ، ....لارنىڭ ھېچقايسى ھەممە نەرسنى بىلىپ كەتكەن بۇلۇشى ناتايىن چۈنكى شۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئىنسان
مەن مۇختەر ئەپەندىمنىڭ ئۇيغۇر كومپيوتىر تەرەققىياتى ئۇچۇن تۆھپە قېتىۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمالمايمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurmamatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-5-11 00:01  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-1 21:46 , Processed in 0.120064 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat