تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

3DS MAX ئۈگۈنۈشتىن تەجىرىبىلەر

يوللىغۇچى: atash| يوللانغان ۋاقتى: 2010-8-15 21:03| كۆرۈلۈشى: 30| ئىنكاس سانى: 0

ئۇنى-بۇنى دەپ 3DS MAX ئۈگەنگىلى تۇرغىلى ئازغىنە كەم ئىككى يىل بولغىلى تۇرۇپتۇ. بۇ جەرياندا بەزىدە ئوڭ مېڭىپ،بەزىدە تەتۈر مېڭىپ،بىردەم توختاپ قىلىپ،بىردەم ئىلگىرلەپ دېگەندەك ئانچە مۇنچە بىر نېمە يۇققانمۇ بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئويلاپ باقسام بۇ دېتالنى ئۈگۈنۈش توغرىسىدا ئۆزۈمدە بەلگىلىك چۈشەنچە ۋە تەجىرىبە ھاسىل بولدى دەپ قاراپ ،3DS MAX ئۈگۈنۈشنى ئويلىشىۋاتقان ۋە يېڭىدىن كىرىشكەنلەر پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلاپ بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. بۇ يازما مۇكەممەل بولغان تەجىرىبە تونۇشتۇرۇش بولالمىسىمۇ يېڭدىن ئۈگەنگۈچىلەرگە مەلۇم دەرىجىدە پايدىسى بولىشى مۇمكىن.
1.      ئالدى بىلەن بۇ دېتالنى نېمىشقا ئۈگەنمەكچى بولغانلىقىڭىزنى،ئۈگۈنۈپ قانچىلىك سەۋىيگە يەتمەكچىلىكىڭىزنى چىن كۆڭلىڭىزدىن ئويلاڭ،ئەگەر بۇ جەھەتتە ئوي-پىكىرىڭىز مۇجمەل بولسا،ئاخىرىغا چىقىشقا ئىشەنچىڭىز بولمىسا ئەڭ ياخشىسى ئۈگۈنۈشنى باشلىماڭ،بۇ دېتال بىر ئىككى كۈندە ئىقتىدارلىرىنى بىلىپ بولىدىغان كىچىك تىپتىكى دېتال ئەمەس،بۇ دېتالنى ئۈگۈنۈشكە چىدام غەيرەت ،قوپالراق قىلىپ ئىيتقاندا بېسىپ ئولتۇرالايدىغان قوڭ بولىشى كېرەك.
2.      ئۆزىڭىزدە بىر خىل قىزىقىش ۋە ئىرادە تىكلەنگەندىن كېيىن ئەمدى سىز ئۈگۈنۈشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭدا ئەڭ ياخشى ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى شارائىت بولسا مەخسۇس تەربىيلەش ئورۇنلىرىدا تەربىيلىنىش،لىكىن ئۇنداق تەربىيلىنىش ئورۇنلىرىدا تەربىيلىنىشكە شارائىت بولمىغاندىچۇ؟ ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈشتىن باشقا چارە يوق. بۇ يەردە دېيلىۋاتقان ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈش ھەرگىزمۇ دېتالنى كومپيۇتېرىمىزغا قاچىلىۋىلىپلا ،دېتالنى قوزغۇتۇپ،ئۇيەر بۇيەرلىرىنى بېسىپ كۆرۈپ ئۈگۈنۈشنى كۆزدە تۇتمايدۇ. (ئەگەر ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون ئىشلەش دېتاللىرىغا نىسبەتەن مەلۇم چۈشەنچە بولسا بۇ خىل ئۇسۇلمۇ بولىشى مۇمكىن،لىكىن بۇ بۇنىڭغا كېتىدىغان ۋاقىت مۇناسىپ ھالدا كۆپ سالماقنى ئىگەللەپ كېتىدۇ) شۇڭا ئەڭ ياخشىسى باشقىلارنىڭ سۆزلىگەن دەرسلىرىنى توردىن چۈشۈرۈپ ئاڭلىسىڭىزمۇ بولىدۇ،لىكىن بۇ تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك دېتال بولغاچقا توردىكى دەرسلەرمۇ تولۇق بولىشى ناتايىن. شۇڭا توردىن چۈشۈرگەن دەرسلىكلەرگە    مۇناسىپ كىتابلارنى سىتۋىلىپ بىرلەشتۈرۈپ ئۈگەنسىڭىز بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . بولسا كىتاپ سىتۋالغاندا قىممەترەك بولسىمۇ ئوقۇتۇش پىلاستىنكىسى قوشۇپ بېرىلىدىغان كىتابلارنى تاللاڭ،بولمىسا كونىلارنىڭ «ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق»دېگەن سۆزىنىڭ تىگىگە يېتىپ قالىسىز.
3.      كىتاپ ۋە توردىن چۈشۈرگەن ئاساىي ماھارەت دەرسلىرىگە قاراپلا ئولتۇرماي،توردىن ھەرخىل ئەمىلىي مىساللارنى ئىزدەپ كۆرۈڭ ،داۋاملىق ئاساسىي بىلىم مەزمۇن قىلىنغان دەرسلىكلەرنى كۆرىۋەرسە ئادەمدە بىرخىل بىزارلىق تۇيغۇسى شەكىللىنىپ قالىدۇ. شۇڭا ئەمىلىي مىسال ئاساس قىلىنغان دەرسلىكلەرنى بىر تەرەپتىن كۆرۈپ،بىر تەرەپتىن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىڭ، بۇنىڭ تېخنىكىنىڭ ھەر تەرەپتىن ئۆسىشىگە كۆپ پايدىسى بار.  3DS MAX视频教程 ، 3DS MAX实例 ،3DS MAX制作  دېگەندەك ئاچقۇچلۇق سۆزلەر بىلەن توردىن ئىزدەپ كۆرسىڭىز ئۆزىڭىز ئويلاپ باقمىغان ياخشى بىلملەر ئۇچراپ قالىدۇ.
4.      ئۆزىڭىزنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ياكى قىزغىنلىقىڭىزنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ئۈگەنگەن دائىرىسىدە لايىھە ۋە ئەسەرلەرنى ئىشلەپ چىقىپ،ئەسەرلەرنىڭ مۇۋاپىقىيتىدىن ھوزۇرلىنىڭ،بولسا سەۋىيرىڭىزدىن بەك يۇقىرى چەككە ئىسىلىۋىلىپ،ئۈمۈدسىزلىنىش بولۇپ قالمىسۇن،بۇنىڭ تەسىرى ئەڭ يامان.
5.      ئەمىلي تۇرمۇشىڭىز جەريانىدىمۇ ھەرخىل ئوبىيكىتلارنىمۇ كۈزىتشكە ئەھمىيەت بېرىڭ،يەنى 3DS MAX نىڭ مودىل قۇرۇش ئۇسۇلى،ماتېرىيال-سۈپەت ئۈنۈمى بېرىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ كۆزىتىڭ.
مەسلەن: مۇشۇ ئوبىيكىتنى قايسى ئۇسۇللارنى قوللانسام ئەڭ ئاز كۈچ بىلەن مودىلىنى قۇرالايمەن؟ قانداق ماتېرىيال-سۈپەت ئۈنۈمى بېرىش كېرەك؟ ...دېگەندەك.
چوقۇم بۇلارنى ئويلىغان ۋاقتىڭىزدا دېتالنىڭ مۇناسىۋەتلىك قوراللىرىنىڭ ئىقتىدارىنى،بولسا كۆرنىشىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. بۇنىڭدا ئادەم ئۈگەنگەنلىرىنى كومپيۇتېر يوق شارئىتتىمۇ تەكرارلىغىلى ۋە مەشىق ئېلىپ بارغىلى،ئەڭ مۇھىمى ئۈگەنگەنلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ،ئانالىز ئېلىپ بېرىشقا كۆپ پايدىسى بولىدۇ. ( بۇ خىل ئۇسۇلنى گۈزەل سەنئەت كەسپىدىكى كەسىپداشلارغىمۇ كەڭ تەۋسىيە قىلىمەن)
6.      3DS MAX ئۈگۈنۈش بىلەنلا بولۇپ كەتمەي، دېتالغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل بىلملەرنى ئۈگۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىڭ، 3DS MAX نى ئۈگۈنۈپ سەۋىيڭىز ئاشقانچە، بولۇپمۇ ئۈگۈنۈپ ھەرىكەت (كارتون) ئىشلەش دائىرىسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن بۇ دېتالنىڭ چىتىلىدىغان پەن دائىرىسىنىڭ ھەقىقەتەن كۆپلىكىنى ھىس قىلىسىز . شۇڭا فىزىكا ،ماتېماتىكا قاتارلىق پەنلەرنىمۇ ئۈگۈنۈپ قويۇڭ، بۇكېيىنكى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك چىقىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
7.      ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم يۇمشاق دېتالنىڭ تىلى بىلەن نەشىرى مەسلىسى.
مەن دەسلەپتە ئۈگەنگەندە ئىنگىلىز تىلى بىلمىگەچكەخەنزۇچە نەشىردىكى 3DS MAX نى ئاساس قىلىپ ئۈگەنگەن(ھازىرمۇ خەنزۇچە نەشىرىنى ئىشلىتىمەن) ،كېيىن مۇشۇ ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم بالىلار بىلەن كۆرۈشۈپ،ئۇلارنىڭ ئىنگىلىزچە نەشىردىكى 3DS MAX نى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم(بۇلارنىڭ بەزىسى ئىنگىلىز تىلىغا تۈگۈل خەنزۇچىدىمۇ 0 سەۋىيدە ئىكەن) ،ھەتتا توردىن چۈشۈرگەن دەرسلەردىمۇ بىر قىسىم دەرسلەر ئىنگىلىزچە نەشىردىكى 3DS MAX تىن سۆزلەنگەنلىكگە قاراپ،ئۆزۈمىڭ ئەڭ دەسلەپتە بۇقەدەمنى خاتا ئالغانلىقىمنى ھىس قىلغان. بۇ يەردىكى پەرق نەدە دېگەندە ئەسلىي تىلدىكى يۇمشاق دېتالنىڭ مۇقۇملىقىنىڭ ياخشىلىقى ۋە 3DS MAX مۇناسىۋەتلىك كۆپ ساندىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ تىلىنىڭ ئىنگىلىزچە بولىشى قاتارلىقلار ئىكەن .
شۇڭا يېڭىدىن ئۈگەنمەكچى بولغانلارغا تەۋسىي ئەسلىي تىلىدىكى نەشىرىنى ئۈگۈنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. لىكىن شۇنى تەكىتلەش كېرەككى مۇھىمى قايسى تىلدىكى نەشىرىنى ئىشلىتىش ئەمەس،قانداق ئەسەر ئىجاد قىلىشتا. مېنىڭچە بۇ ئەڭ مۇھىم.
يەنە بىرسى 3DS MAX نىڭ ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى نەشىرىنى ئىشلەتمەڭ. يەنى ھازىرقى نەشرى 2011 نەشىرى بولسا 2010نى ياكى 2009 نى ،بولسا ئالاھىدە ئىھتىياج بولمىسا8.0ياكى 7.0 نى ئىشلىتىڭ. بۇنداق دېيشىم يۇقىرى نەشىردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ مۇقۇملىقى ۋە ئىقتىدارى مۇكەممەل بولسىمۇ ،شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا سىستېما بايلىقىنى ئىگەللەش نىسبىتىمۇ كۆرىنەرلىك ئاشىدۇ،مېنىڭچە بىزنىڭ ھازىرقى سەۋىيمىزدە ئۇ ئىقتىدارلار ۋە يۇمشاق دېتالنىڭ مۇقۇملىقىنى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىشىمىز مۇمكىن،ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى نەشىردە بىرەر مودىل قۇرۇپ، مەلۇم بىرخاتالىق تۈپەيلى ھۆججەت بۇزۇلۇپ كەتكەندە بۇ ھۆججەتنى شۇ نەشىرىدە ئاچالمىغان شارائىتتا تۆۋەن نەشىرىدە ئەلۋەتتە ئاچالمايمىز،لىكىن تۆۋەن نەشىرىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن ھۆججەتنى يۇقىرى نەشىردە ئاساسەن ئاچقىلى بولىدۇ.(بۇنداق ئىش مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن) شۇڭا تۆۋەن نەشىردىكى 3DS MAX نى ئىشلىتىشىمىز سىستېما بايلىقىنى تىجەش ۋە مەلۇم دەرىجىدە ئىمكانىيەت قالدۇرۇشتىن ئىبارەت .
خاتىمە:
يۇقاردا بىر نەچچە يىللىق 3DS MAX ئۈگۈنۈش تەجىرىبە-ساۋاقلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتتۈم ،بۇلاردا دېيىلگەن بەزى كۆز-قاراشلار بەلكىم بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە بولىشى مۇمكىن،شۇنداقتىمۇ تورداشلارنىڭ «مىغىزىنى قوبۇل قىلىپ،شاكىلنى چىقىرىپ تاشلاش» پىرىنسىپى بويىچە مۇۋاپىق پايدىلىنىشىنى سورايمەن
ئەسلى ماقالە ئادرىسى :    ئاتەش گۈزەل سەنئەت بلوگى   http://atashart.blogbus.com/logs/73100837.html

باھا سۆز

ياخشى: 5.0

Intil   يوللانغان ۋاقتى 3  كۈن ئالدىدا

ياخشى: 5

يېڭى ئىنكاسلار

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-8-18 04:46.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.