- توردا
- 264 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-17
- تىزىملاتقان
- 2010-7-25
- شۆھرەت
- 2126
- تىللا
- 1497
- تۆھپە
- 1001
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 7063
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 313
- تېما
- 89
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 68
- تۆھپە
- 1001
- تىللا
- 1497
- شۆھرەت
- 2126
|
屏幕录像专家V2011 دېتالى بولسا ئېكراننى مېكروفون بولغان شارائىتتا ئاۋاز بىلەن سۈرەتنى يۇقىرى ئېنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلىپ كۆرسەتمە فىلىملىك دەرسلىك ئىشلەشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىقتىدارى ۋە ساقلاش شەكلىنىڭ كۆپ خىل بولۇشى بىلەن كۆپلىگەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ دەرسلىك ئىشلەشتە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئالدىن تاللىشىغا ئايلانغان دېتال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.تۆۋەندە بۇ دېتالنى قاچىلاش،تىزىملىتىپ ھەقسىز قىلىش،ئىشلىتىش ،ھاسىلى ھۈججەتنى ساقلاش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.بۇ دەرسلىكنى كۆرۈپ قورسىقىڭىزدىكى بىلىملەرنى دەرسلىك قىلىپ ئىشلەپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنسىڭىز ئەجەپ ئەمەس:
ئۇنداقتا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلاردا بولسۇن:
ئالدى بىلەن ماۋۇ ئادرىستىن دېتالنى چۈشۈرۈڭ،تىزىملىغۇچىسى ئىچىدە بىللە:
屏幕录像专家_享安装版V2011.rar
چۈشۈرۈپ پىرىستىن يەشسىڭىز تۆۋەندىكى ھۈججەتلەرنى كۆرىسىز:
ئالدى بىلەن 屏幕录像专家 共享版 V2011.exe نامىدىكى دېتالنى مائۇسنىڭ سول كونۇپكىسى بىلەن قوش چىكىپ ياكى ئوڭ كونۇپكىدىن 打开 نى بېسىپ ئېچىڭ ۋە 下一步 نى بېسىپ قاچىلاڭ ،تاكى 完成 كۆرۈنگۈچە 下一步 نى داۋاملاشتۇرۇڭ.ئاخىرىدا ماۋۇ كۆزنەك ئېچىلىدۇ:
رەسىمدە كۆرسىتىلگەن جايدىكى 机器码 نى كۆچۈرۈۋېلىڭ ۋە بايامقى ھۈججەت قىسقۇچنى ئېچىپ 注册机.exe نى ئېچىڭ ۋە ئىستىدىكى كاتەككە بايامقى كۆچۈرگەن نومۇرنى چاپلاڭ ۋە ئوتتۇرىدىكى كۆزنەككە خالىغانچە نام كىرگۈزۈڭ،تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
ئەمدى ئۈچىنچى كاتەك ئاستىدىكى كونۇپكىنى بېسىڭ،شۇھامان ئۈچىنچى كاتەككە تىزىملاش نومۇرى ھاسىل بولىدۇ:
ھاسىل بولغان تىزىملاش نومۇرىنى كۆچۈرۈڭ ۋە بايامقى 机器码 نى كۆچۈرگەن كۆزنەكتىكى 注册 يەنى تىزىملاش دىگەننى بېسىپ چىققان كۆزنەككە تۆۋەندىكىدەك كىرگۈزۈڭ:
بايامقى ئابونت نامى ۋە ھاسىل بولغان تىزىملاش نومۇرىنى چاپلاڭ ۋە ئاستىدىكى 确定 نى بېسىڭ.بۇ مەشخۇلاتنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن دېتال رەسمىي قوزغىلىدۇ،تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
ئەمدى يۇقارقى رەسىمدە كۆرگىنىڭىزدىكىدەك ئەڭ يۇقىرىدىكى قىزىل رەڭلىك سۈرەت ئېلىش كونۇپكىسىنى بېسىشىڭىز ھامان دېتال ئاپتوماتىك ئوڭ تەرەپ ئاستى ۋەزىپە كۆزنىكىگە كىرىپ كېتىدۇ ۋە ئېكراننى رەسمىي سۈرەتكە ئېلىشكە باشلايدۇ.بۇ ۋاقىتتا سىز ئىشلىمەكچى بولغان دەرسلىكىڭىزنى ئىشلەپ بولدى دەپ قارىغان ۋاختىڭىزدا توختىتىش كونۇپكىسى يەنى كۋادرات شەكىللىك كونۇپكىنى باسسىڭىز توختايدۇ ۋە تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك سول تەرەپتىكى كىچىك رايون ئىچىگە ساقلىنىدۇ:
مەسىلەن 录像1 ياكى 录像2.lxe شەكلىدىكى ھۈججەت شەكلىدە ساقلايدۇ.بۇ شەكىلدىكى ھۈججەتنى موشۇ دېتالدىن باشقا فىلىم قويغۇچ ئوقۇيالمىغاچ بۇ ھۈججەتنى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 暴风 قويغۇچى،QQ قويغۇچى قاتارلىق قويغۇچلار قويالايدىغان ھۈججەت شەكلىگە ئايلاندۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولىمىز.بۇ ۋاقىتتا شەكلىنى ئايلاندۇرماقچى بولغان ھاسىلى ھۈججەتنى تاللىغاندىن كېيىن ئۈستىدىكى 工具 تىزىملىكىنى ئاچساق بىزگە لازىملىق قوراللار بىزنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ:
دىمەك يۇقىرىقى رەسىمدە كۆرگىنىڭىزدىكىدەك فىلەش شەكلى ۋە avi شەكلىدىكى فىلىم ھۈججىتىگە ئايلاندۇرۇپ ساقلاشقا بولىدۇ.فىلەش ھۈججىتىنىڭ سىغىمى كىچىك،سۈزۈكلۈكى يۇقىرى بولغاچ فىلەش ھۈججىتىگە ئايلاندۇرۇشنى تاللىدىم.يۇقارقى رەسىمدىكىدەك لازىملىق ھۈججەت شەكلىگە ئايلاندۇرۇشنى تاللاپ باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىپ مۇناسىۋەتلىك پارامىتىر ۋە ئۇچۇرلارنى تەڭشەشنى سورايدۇ.بۇ جايدىن ئايلاندۇرۇپ چىقىدىغان ھۈججەتنىڭ ماس ھالىتىنى تەڭشىيەلەيسىز.بىلمىسىڭىز بۇ جاي بىلەن ئېتىشماڭ ۋە 确定 نى بېسىڭ.
ئەمدى تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىپ ھۈججەتنى ساقلاش ئورنىنى كۆرسىتىشىڭىزنى ۋە ئىسىم قويۇشىڭىزنى سورايدۇ،ساقلىماقچى بولغان ئورۇننى تاللاپ خالىغانچە ئىسىم قويۇپ مۇقىملىسىڭىزلا بولىدۇ،تۆۋەندىكىدەك:
بۇچاندا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىپ ھۈججەتنىڭ ئاۋاز چاستوتىسىنى بەلگىلەشنى سورايدۇ،ماس ھالدا بىرەرسىنى تاللاپ مۇقىملاڭ:
بۇ ۋاقىتتا سىز بەلگىلەپ بەرگەن ئورۇنغا ئادەتتىكى فىلىم قويغۇچلار نورمال قويالايدىغان دەرسلىك فىلىم ھۈججىتى ھاسىل بولىدۇ.ئەمدى بۇ ھۈججەتنى بىكەتنىڭ ماتىرىيال يوللاش بوشلۇقىغا يوللاپ تورداشلارنىڭ ئىشلىگەن دەرسلىكىڭىزدىن ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ،سىزگە چەكسىز تەشەككۈرلەر ئېيتىپ ئولتۇرۇپ بىلىم ئۈگىنىشىگە تەمىنلىسىڭىز بولىدۇ.قانداق ئاسانمىكەن؟ئىشقىلىپ بەكمۇ تەس ئەمەس،يېڭىدىن ئۈگىنىۋاتقان تورداشلار كۆزدە تۇتۇلۇپ دەرسلىك سەل تەپسىلى ئىنچىكە نۇقتىلارغىچە ئەزۋەيلەپ سۆزلەندى.قېنى ،ئۈگىنىۋالغان بولسىڭىز نېمىگە قاراپ تۇرىسىز؟ سىناپ بېقىڭ،ئۆزىڭىزدە بار بولغان بىلىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىڭ.سىزگە ئامەتلەر يار بولسۇن.دەرسلىكنى ئاخىرىغىچە زىرىكمەي كۆرگىنىڭىزگە رەھمەت:
مەنبە:ۋولقان تور بىكىتى
http://www.wolqan.com/thread-1437-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arwah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-10 00:59
|
|