بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن يەنى 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى بىز قۇتيار تور ژۇرنىلى 2011 - يىللىق 1 - سانىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغانىدۇق. بىز ئەسلىدە 2 ئايدا بىر سان ژۇرنال ئىشلەپ تارقىتىمىز دەپ ئويلىغان ۋە پىلانغان شۇنداق ئالغانىدۇق ئەپسۇس بۇ ئىشلار پىلان بويىچە بولماي تور بېكەتنىڭ، خەتلىك كىنونىڭ ۋە باشقا ئىشلار تۈپەيلى 4 - ئايدا چىقىدىغان ژۇرنال بىر ئاي كېچىكىپ مانا بۈگۈن ئاران ئېلان قىلىندى. ۋەدىمىز ۋە پىلانىمىز جايىدا بولماي قالدى شۇڭا بارلىق تورداشلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمىز.
خوش ئۇنداق بولسا بۇ سان ژۇرنال ھەققىدىكى بىر قانچە نۇقتىلارنى ئازراق تونۇشتۇرۇپ ئۆتسەم.
بۇ ژۇرنالغا تۆۋەندىكدەك ئالاھىدىلىكلەر قوشۇلدى:
1 . بارلىق ماقالىلەرنىڭ ئىملالىرى 2 كوررېكتورنىڭ قولىدىن ئۆتتى.
2 . بەت چۆرىسىگە مىللىيچە نەقىش ۋە ھەر قايسى سەھىپىلەرنىڭ ماۋزۇسىغىمۇ نەقىش قىستۇرۇلدى.
3 . يانفون سەھىپىسى تەسىس قىلىنىپ يانفون ھەققىدىكى دەسلەپكى بىلىملەر قوشۇلدى.
4 . مۇندەرىجىدىكى ھەر بىر سەھىپىنىڭ ئىسىمىنى چەكسە شۇ سەھىپىگە بارىدىغان قىلىپ تەڭشەلدى.
5 . مۇندەرىجىدىكى ئۇلانمىلارنىڭ توغرا ئۇلانماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ بارلىق ئۇلانمىلار توغرا ئۇلاندى.
6 . بۇ سانمۇ PDF ۋە SWF شەكىلدە ئىشلىنىپ تورداشلارغا قولايلىق ئېلىپ كېلىنىدى.
7 . بۇ ساندىن باشلاپ ھەقلىق ۋە ھەقسىز ئېلان ئورنى تەسىس قىلىنىدى. ( يەنى بىر قىسىم تېمىلارنىڭ ئاخىرسى ئېشىپ قالغان بولغاچقا ئۇ يەرگە ھەر قايسى تور بېكەتلەرنىڭ ۋە شەخس، شىركەت ۋە ياكى شۇنىڭدەك توردا ئېلان بېرىدىغانلارنىڭ ئېلانلىرىنى كېيىنكى ساندا قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئورۇن ئاجىرىتىلدى.)
8 . بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر بىر سانغا «بىلىۋېلىڭ» سەھىپىسىگە بىر ئۇيغۇرچە مەھسۇلاتنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە ئىقتىدارى ھەققىدە بىر تېما قوشۇپ مېڭىش بېكىتىلدى. ( بۇنداق بولغاندا بىر قىسىم داڭلىق ئۇيغۇرچە دېتاللارنىڭ كۆپلەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق بىلمىگەنلەر بىلدۈرۈش ۋە شۇنى ياسىغان شەخسلەر ۋە شىركەتلەرگە ئاز بولسىمۇ نەپ ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بۇ ئورۇننى تەسىس قىلدۇق)
9 . ....
ھازىرچە ژۇرنىلىمىزدا بار ئىقتىدارلار ۋە قوشۇلغان تۈرلەر مۇشۇنچىلىك. ئەلۋەتتە تورداشلارنىڭ تەكلىپى ۋە تەلەپلىرى بويىچە ئاستا ئاستا قوشۇدىغاننى قوشۇپ ئالىدىغاننى ئېلىۋەتسەك بولىدۇ.
ژۇرنالنى چۈشۈرۈش
PDF نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
SWF نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
توردا بىۋاستە كۆرۈش
PDF نى كۆرۈش ئۈچۈن Adobe Acrobat ياكى Foxit Reader نى ئىشلىتىڭ !
swf نى كۆرۈش ئۈچۈن Flash Player نى ئىشلىتىڭ!
بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانمىز:
ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان ھەر قايسى تور بېكەتلەر، شەخسلەر ۋە شىركەت ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ بۇ تور ژۇرنىلىنىڭ توختاپ قالماي مېڭىشى ۋە تور بېكەتلەرنىڭ تەشۋىقاتى، شەخسلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ دېتاللىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارغان ئاساستا ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش.
بۇنىڭدىن كېيىن قۇتيار تور بېكىتى بۇ ژۇرنالنى ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسلا ھەر ئىككى ئايدا چوقۇم بىر ساننى نەشردىن چىقىرىشىنى قاتتىق كۈچەپ ئىشلەيدۇ. شۇڭا تورداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى ۋە يېقىدىن قوللاپ ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن قۇتيار تور بېكتى
2011 - يىلى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى
|