بۇ تېمىنى ئاخىرىدا Nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-8-15 23:22
ئادەم ۋە ھەۋۋانىڭ ئېدېن بېغى شىنجاڭنىڭ خوتەندە(4) 1899-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى شىۋېتسىيىلىك سەيياھ(ئېكسپېدىتسىيىچى) سىۋېن ھېدىن ئىككى ئادەمنى باشلاپ يەكەن ناھىيىسىدىن قۇلۋاققا ئولتۇرۇپ تارىم دەرياسىنىڭ مەنبەسى بولغان زەرەپشان دەرياسىدىن باشلاپ ئېقىپ، 12-ئاينىڭ 7-كۈنى دەريا يولى توسۇلۇپ قالغانلىقتىن كورلىدا قىرغاققا چىققان. بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، زور كەلكۈن مەزگىلىدە تارىم دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىمى نىيە دەرياسىدىن ئېقىپ لوپنۇر كۆلىگە بېرىشقا كەتكەن ۋاقىت «ئىنجىل»دىكى 110 كۈن بىلەن ئۆز ئارا ماس كېلىدۇ. 1996-يىلى شىنجاڭدا يۈز يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان زور كەلكۈن ئاپىتى بولدى، ئۇ شىنجاڭدىكى بارلىق تۆمۈريول ۋە بارلىق مۇھىم تاشيوللارنى بىرلا ۋاقىتتا پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى، كۆپ ساندىكى ئۆيلەر بۇزۇلۇپ كەتتى، كەلكۈن سۈيىگە غەرق بولغان ئادەم سانى نوھ زامانىدىكى كەلكۈنگە غەرق بولغانلارنىڭ سانىدىن كەم ئەمەس ئىدى. بۇنىڭدىن «ئىنجىل»دىكى بايانلاردىكى شىنجاڭدا ئون مىڭ يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان زور كەلكۈن ئاپىتىنىڭ كۆلىمى ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋىتىگە پۈتۈنلەي ئىشىنىشكە بولىدۇ. نىيە خارابىلىقى ئۇندىن باشقا: (1) نىيا دەرياسىدىكى «نىيا» بىلەن «نويا»(诺亚)نىڭ تەلەپپۇزى ئوخشاش. «نويا»(诺亚)نىڭ ئېنگلىزچىسى «Noah»، «نىيا»نىڭ سانسكرىتچىسى «Niya»، ئىككىسىنىڭ تەلەپپۇزى ئوخشاش. (2) نوھ كېمىسى ئەمەلىيەتتە بىر ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي. «ئىنجىل»دا، كېمە تىلغا ئېلىنغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە كېمە بۆلمىسى، پالۇبا، ماچتا، يەلكەن قاتارلىق كېمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سۆزلەر ئۇچرىمايدۇ، ئەكسىچە ئۈچ ئېغىز ئۆي، ئىشىك، دەرىزە ۋە تۈڭلۈك قاتارلىق بىر رەت بىر قەۋەتلىك ئۆي ياكى بىر بىناغا ئوخشاش سۆزلەر ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا، كېمە، ئەمەلىيەتتە، ئۈچ ئېغىز ئۆز ئارا تۇتاش ياغاچ قۇرۇلمىلىق بىر قەۋەتلىك ئۆي ياكى بىر ئۈچ قەۋەتلىك ياغاچ قۇرۇلمىلىق بىنادۇر. 1901-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ستەيىن قاتارلىقلار نىيا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى نىيا خارابىسىغا يېتىپ باردى ھەمدە ئۇنىڭغا قارىتا تارىختىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ باردى. كېيىن ستەيىن ئۆزىنىڭ دوكلاتى «غەربىي يۇرتتا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى»دە مۇنداق دەپ يازغان:«مەن ئىلگىرى (نىيا خارابىسىدىكى) ئىككى قاتار پاراللېل قۇمۇش چىتلاق ئوتتۇرىسىدا مېڭىپ باققان، ئۇ چېغىر يول ھازىرمۇ يېزىلاردىكى يوللارغا ئوخشايدۇ، 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشايدۇ. بۇ ئادەمنىڭ بارلىق ۋاقىت قارىشىنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىپ، غەيرىي تۇيغۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا پۈتۈنلەي يېتەرلىك... ئەنئەنىۋىي مەنىدىكى نىيا خارابىسى نيا بۇددا مۇنارى (نىيا ناھىيىسى ناھىيە مەركىزىدىن شىمالغا تەخمىنەن 150 كلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇملۇق ئوتتۇرىسىدا)نى مەركەز قىلغان، شىمالدىن جەنۇپقا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 25 كلومېتىر، شەرقتىن غەرپكە كەڭلىكى تەخمىنەن 10 كلومېتىر، بىر نەچچە تۈركۈمگە ئايرىلىپ قۇم بارخان ئويمانلىقلىرى ئارىلىقىغا تارقالغان، قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۇل قىسمى كۆچمە قۇملار تەرىپىدىن كۆمۈۋېتىلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە زور كۆپچىلىكىنىڭ پەقەت قالدۇقلىرىلا قالغان، ھەممىسى دېگۈدەك ئۈچ ئېغىزدىن ئون ئېغىزغىچە ئوخشىمىغان ساندىكى تاملىرى قۇمۇشلارنى توقۇپ سامان لاي بىلەن سۇۋالغان بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردۇر. ستەيىننىڭ تەكشۈرگىنى پەقەت ئەنئەنىۋىي مەنىدىكى نىيا خارابىسى ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇ «17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشايدۇ» دەپ يازغان. 1996-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»گە مۇنداق دەپ ماقالە بېسىلغان:«يېقىندا، جۇڭگو ۋە ياپونىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خىزمەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى تەكلىماكاندا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈۋاتقاندا، تاساددىپىي ھالدا ئەنئەنىۋىي نىيا خارابىسىنىڭ شىمالىدىن تەخمىنەن 40 كلومېتىر يىراقلىقتا بىر ئۆينىڭ خارابىسىنى بايقىدى. بۇ ئۆينىڭ كۆپ قىسمى كۆچمە قۇم تەرىپىدىن كۆمۈۋېتىلگەن، ئۇنىڭ كۆرۈنۈپ قالغان قىسمىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ بىر قالدۇق تېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3.3 مېتىر، يەر يۈزىدىن يەنە 9 دانە تىك تۈۋرۈك قالدۇقى تېپىلدى. ئۆي خارابىسىنىڭ ئەتراپىدىن ئارخېئولوگىيە خادىملىرى يەنە يېغىلىق دەۋرى(چۈنچيۇ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرى)دە ياسالغان تۇچ قوراللارنى ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان چاناق، تاش ئورغاق، ساپال ئېدىش، تۇچ پىچاق، يىپ ئىگىرىش چاقى، سۆڭەك مارجان قاتارلىق ھەرخىل تىپىك مەدەنىي يادىكارلىك بويۇملىرىنى تېپىپ چىقتى.» ئەگەر ستەيىن ئەينى چاغدا بۇ يەرگە كەلگەن بولغان بولسا، ئۇ چوقۇم «غەربىي يۇرتتا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى»دە:«ئاشۇ بىر قاتار كۆچمە قۇم بىلەن كۆمۈۋېتىلگەن قۇمۇش چىتلاق قۇرۇلمىلىق بىر قەۋەتلىك ئۆيلەر 2100 يىلدىن ئارتۇق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن، ئۇ ئىتالىيىدىكى دۇنياغا داڭلىق پومپېي قەدىمىي شەھىرىدىنمۇ ئاز دېگەندە 200 يىل بۇرۇن بىنا بولغان ھەمدە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۇلۇغ، دۇنياۋىي ئەھمىيەتكە تېخىمۇ بەكرەك ئىگە» دەپ يازغان بولاتتى. قاراڭ، ئاۋۇ ئۈچ ئېغىزلىق تېمى قۇمۇشنى توقۇپ سامان لاي بىلەن سۇۋالغان بىر قەۋەتلىك ئۆي (تۆۋەندىكى سۈرەتكە قارالسۇن) «نوھ كېمىسى»نىڭ مودېلى ئەمەسمۇ؟ چۈنكى «ئىنجىل»دا مۇنداق خاتىرىلەنگەن: 40 كېچە-كۈندۈز قاتتىق يامغۇر ياغدى... سۇ ئۈستىگە ئۆرلەپ كېمىنى يەر يۈزىدىن لەيلەتتى... كېمە سۇ يۈزىدە ئۇيان-بۇيانغا لەيلەيتتى... جەمئىي 150 كۈن...» بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى 40 كېچە-كۈندۈز ياغقان يامغۇردىن كېيىن، ئاشۇ ئەڭ مۇستەھكەم بولغان نوھنىڭ تېمى قۇمۇشلارنى توقۇپ سامان لاي بىلەن سۇۋالغان بىر قەۋەتلىك ئۈچ ئېغىز ئۆيىنىڭ تېمىنىڭ لېيى پۈتۈنلەي يامغۇر سۈيىدە ئېقىپ كېتىدۇ ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا سۇ تەرىپىدىن «يەر يۈزىدىن لەيلىتىلىدۇ»، چۈنكى ھەقىقىي كېمە بولمىغانلىقتىن، «سۇ يۈزىدە ئۇيان-بۇيانغا لەيلەيدۇ... جەمئىي 150 كۈن لەيلەپ ئاقىدۇ.» 3-ئىسپات: لوپنۇر كۆلى ھەقىقەتەنمۇ نوھنىڭ كەپتىرىنى پۇت قويغۇدەك جاي تاپقۇزمايدۇ. لوپنۇر كۆلىنىڭ ئاسماندىن تارتىلغان سۈرىتى «تەۋرات»تا مۇنداق خاتىرىلەنگەن:«ئۇ (نوھنى كۆرسىتىدۇ) سۇنىڭ يەر يۈزىدىن چېكىنگەن-چېكىنمىگەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى (ئەمەلىيەتتە، قىرغاققا كەلدىمۇ-يوق شۇنى بىلمەكچى، مۇئەللىپتىن) بولۇپ، يەنە بىر كەپتەرنى قويۇۋەتتى، بىراق ھەممە جاي سۇ بولغاچقا، كەپتەر قونغۇدەك جاي تاپالماي يەنىلا نوھنىڭ كېمىسىگە قايتىپ كەلدى.» «تاغ - ئېزىملار قۇرئى»دە مۇنداق دېيىلگەن:«(لوپنۇر كۆلىنىڭ) دائىرىسى 400 چاقىرىم كېلىدۇ، ئۇنىڭ سۈيى سۈزۈك ھەم تۇرغۇن بولۇپ، قىشمۇ-ياز ئازايمايدۇ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا شىددەت بىلەن ئايلىنىدىغان قاينام بار، ئۇنىڭغا يولۇققانلىكى نەرسە غەرق بولىدۇ، ئۇچار-قاناتلار ئۇنى كېسىپ ئۇچۇپ ئۆتمەكچى بولسا، شەكسىزكى، چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىرى يوق.» بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، لوپنۇر كۆلى ھەقىقەتەنمۇ نوھنىڭ كەپتىرىنى پۇت قويغۇدەك جاي تاپقۇزمايدۇ. 4-ئىسپات: تەكلىماكان، ئۇيغۇر تىلىدا ئۇنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار، بىرى «تەكلىماكان»(ئىلگىرىكى ماكان)، يەنە بىرى «تەكتىماكان»(تەكتىگە بايلىق كۆمۈلگەن ماكان). بۇ ئىككىلا مەنىسى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، تەكلىماكان ئىلگىرى «ئىنسانلارنىڭ بۇرۇنقى ماكانى» يەنى ئېدېن باغ، زور كەلكۈن ۋە زور كۆچمە قۇملار تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئاستىغا كۆمۈۋەتكەن قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزنالىرى ۋە قىممەتلىك بايلىق مىراسلىرى ھەددى-ھېسابسىز. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ مەنزىرىسى تەكلىماكان 5-ئىسپات: دۇنيادا Milan (مىرەن) دەپ ئاتىلىدىغان يەر نامى ياكى دەريا نامى ۋە ياكى تاغ نامى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان. 1980-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىتالىيىنىڭ مىلان شەھىرىدىكى لالېيد ۋىليام ئەپەندى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك دىۋىزىيىسى 36-پولكى تۇرۇشلۇق جاي مىرەنگە بىر پارچە خەت يېزىپ مۇنداق دېگەن:« بىز دۇنيادىكى بارلىق مىلان دەپ ئاتىلىدىغان شەھەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىشنى خالايمىز. بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىزچە، ئۇلاردىن ئوتتۇز ئۈچى بار، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تۆتى ياۋروپادا، 23ى لاتىن ئامېرىكىسى(جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى)دا، بەشى ئاسىيادا، بىرى ئافرىقىدا.» تاڭ نۇرىغا چۆمۈلگەن مىرەن بۇددا مۇنارى مۇشۇنى يىپ ئۇچى قىلىپ، مۇئەللىپ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئىزدەپ كۆردى. بايقىلىشىچە دۇنيادا مىلان(مىرەن) دەيدىغان يەر نامى دۇنيانىڭ ھەممە جايىغا تارقالغان ھەمدە دۇنيادا مىلان(مىرەن) دېيىلىدىغان جاي ئەڭ كۆپ بولۇپ، سانى باشقا ھەرقانداق بىر نام بىلەن ئاتىلىدىغان يەر نامى سانىدىن خېلىلا بەك ئېشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى دەل ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ ئەۋلادىنىڭ زور كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ مىرەننى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغانلىقىدىندۇر. 6-ئىسپات: «ئۈدۈن»(于阗)، «ئېدېن»نىڭ تەلەپپۇزى ئوخشاش. 于阗 دېگەن بۇ يەر نامى ئەڭ ئاۋال سىماچيەن (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 145-يىلدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 87-يىلىغىچە) يازغان «تارىخنامە»نىڭ 123-تومىدا ئۇچرايدۇ. 于阗 تۈركىي تىلىدىكى «üdün»نىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى (11-ئەسىردىكى «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا قارالسۇن). 于阗 دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى توغرىسىدا تاڭ سۇلالىسىدىن تا ھازىرغىچە بولغان 1300يىلدىن بۇيان جۇڭگو ۋە چەتئەللىك ئالىملار بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ تېخى بىرلىككە كېلەلمىدى. مالىكۋات قەدىمىي شەھىرى، ئېيتىلىشىچە بۇ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۈدۈن شەھىرىكەن. تاڭ شۈەنزاڭنىڭ «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى»نىڭ 12-تومىدا مۇنداق يېزىلغان: «شۇنىڭ بىلەن، تاغ-جىلغىلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، 800 چاقىرىمدىن ئارتۇق ماڭغاندىن كېيىن، كۇستانە دۆلىتى (يەنى تاڭ دەۋرىدىكى ئۈدۈن دۆلىتى)گە يېتىپ كېلىدۇ. يېرى مۇنبەت، پۇقرالىرى سىپايە. بۇ جاي قەدىمدە خەننا دۆلىتى(汉那国) دەپ ئاتىلاتتى، ھونلار ئۈدۈن(于遁) دەپ ئاتايدۇ، غۇزلار خوتەن(豁旦) دەپ ئاتايدۇ، ھىندىلار چۈدەن(屈丹) دەپ ئاتايدۇ، قەدىمكىلەر يۈتيەن(于阗) دەپ ئاتىغان، بۇلار ئېيتىلىشتىكى ئوخشىماسلىقتۇر،خالاس.» بۇنىڭدىكى «ھونلار ئۈدۈن دەپ ئاتايدۇ» دىكى«于遁» بولسا 11-ئەسىردىكى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «üdün» دەپ يېزىلغان،«于阗»،«伊甸»لارنىڭ تەلەپپۇزىنىڭ ئوخشاشلىقى ئەڭ ئاخىرىدا يۇقىرىقى كۆز قاراشلارنىڭ ھەقىقىيلىكىنى ئىسپاتلىدى. ---------------- تەرجىمە قىلىشتا پايدىلانغان مەنزىللەر: http://outdoor.travel.sohu.com/20060921/n245466559.shtml http://blog.sina.com.cn/s/blog_4b2e9551010009qm.html http://www.out99.com/outdata/html/info2149.html http://culture.china.com/zh_cn/history/kaogu/11022843/20060925/13648763.html |