- جۇغلانما
- 7207
تىزىملاتقان2010-7-23
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
يوليار ئۇلىنىش تورىنىڭ ICP سىنى قايتا بېجىرىش مەزگىلىدە ۋاقتىنچە yolyar.muhtaj.biz نى ئىشلىتىپ تۇرغان ئىدۇق، 4- ئاينىڭ 30- كۈنى يېڭى ICP تەستىقلىنىپ قايتىدىن 1- دەرىجىلىك ئىسىمدا ئېچىلىدىغان بولدى.
بىز بۇ جەرياندا تورداشلارغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىمىزدىن خېجىلمىز.
نۆۋەتتە يوليارنىڭ ئادرىسى www.yolyar.com بىۋاستە ئېچىلمىسىمۇ يوليارغا تەۋە يەنە بىر تورنامى www.yolyar.net تا ئېچىلىدۇ. ( بىز ئىمكانقەدەر قىسقا ۋاقىتتا www.yolyar.com دا ئېچىلىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز)
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن « يوليار » نى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان تورداشلارغا بولۇپمۇ « يوليار » مەيلى نورمال ئېچىلسۇن ۋە مەيلى ئېچىلمىسۇن ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان لەۋزى ھالال توربەتلەرگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە « يوليار » غا ئۇلىنىش قوشقاندا يوليارنى ئۇلىنىشقا قوشۇپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن « يوليار » نى ئۆز بېكىتىدىكى ئۇلىنىشتىن چىقىرىۋەتكەن تورداشلارغا تۆۋەندىكىلەرنى ئۇقتۇرىمىز.
1- سىز « يوليار » غا تور بېتىڭىزنى قوشقاندا يوليارنى ئۆز بېتىڭىزدە ئۇلىنىشقا قوشقانلىقىڭىزنى ئەسكەرتكەچكە بىزمۇ « يوليار » نىڭ باش بېتىدىكى «تەۋسىيە» ۋە «تەۋسىيەلىك بېكەت تۈرلىرى» دە بېكىتىڭىز ئۇلىنىشىنى كۆرسەتكەن شۇنداقلا ماس ئۇلىنىش تۈرى ( باشبەتتە تۈر ئىسمىلا كۆرۈنىدۇ) دە «تەۋسىيە» لىگەن ئىدۇق. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا بىز سىز بېكەت قوشقاندىكى ئەسكەرتمە ۋە بىزنىڭ « بېكەت قوشۇش» شەرتىمىز بويىچە ئىزچىل شۇنداق قىلىپ كەلدۇق. سىزمۇ شۇنداق قىلغايسىز.
2- ناۋادا سىز «يوليار » نى ئۆز بېكىتىدىكى ئۇلىنىشتىن چىقىرىۋەتكەن بولسىڭىز yolyar@sina.com غا ئۇچۇر يوللاپ قويغايسىز. بىز ئۇچرىڭىزنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن «يوليار » نىڭ قائىدىسى بويىچە باش بەتتىكى ئۇلىنىشىڭىزنى ئېلىۋىتىمىز ئەمما تارماق تۈردىكى ئۇلىنىشىڭىز ساقلىنىپ قالىدۇ.
3- ناۋادا سىز « يوليار » غا ئۇلىنىش قوشقاندا يوليارنى ئۇلىنىشقا قوشۇپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن « يوليار » نى ئۆز بېكىتىدىكى ئۇلىنىشتىن چىقىرىۋەتكەن بولسىڭىز بىز بۇنى بايقاپ قالساق سىزگە ئايرىم ئېلخەت يوللىماي مۇشۇ يازما ئاستىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىشىمىز مۇمكىن.
4- يوليارغا بېكەت قوشۇش( باشبەت ئاستىدىكى«بېكەت قوشۇش» تا)شەرتى :
ئەگەر Yolyar-يوليار ئۇلىنىش -道友,网址导航,ulinish,ulinix,Ulinix,Uyghur,uyghur,tori,xinjiang Uyghur,[url]www.yolyar.com,维文网址,网址导航,ئۇلىنىش[/url] ئۇلىنىش ئىلتىماسىم تەستىقلانسۇن دېسىڭىز تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولىشى كېرەك 1- تور بېتىڭىزدا ئەكسىيەتچىل، سېرىق، قىمار مەزمۇنىدىكى نەرسىلەر، دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە خىلاپ ( ئېلانمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) بولسا تەستىقلانمايدۇ.
2- باشقىلارنى مەجبۇرلايدىغان ئېلان ، مەجبۇرىي باشبەت قىلىش دېگەندەك كىشىنىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى- تەرۇس قىلىدىغان ئىشلار بار توربەتلەر تەستىقلانمايدۇ.
3- ئەپلەپ- سەپلەپ ياسىۋالغان ، مەزمۇلارى باشقا توربەتتىن ئۇلىنىش قىلىۋالغان توربەتلەر تەستىقلانمايدۇ.
4- داڭلىق توربەتلەرنىڭ نامىنى دوراپ- تەقلىد قىلىپ قۇرۇلغان توربەتلەر تەستىقلانمايدۇ.”;
5- تور تۇرا ( بلوگ) دىن باشقا ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامىدىكى توربەتلەر تەستىقلانمايدۇ.
6- نورمال ئەھۋالدا زىيارەت قىلغىلى بولمايدىغان توربەتلەر تەستىقلانمايدۇ.
7- تور نامى ئۆلچەمسىز بولغان، ئوقۇلىشى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى بۇزىدىغان توربەتلەر تەستىقلانمايدۇ.
8- بىلىم تۈرىدىكى ۋە خەلققە پايدىلىق مەزمۇن بار توربەتلەر ئالدىن تەستىقلىنىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
تور بېتىڭىز يۇقارقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولمىسا ئۆزىڭىز ۋە بىزنىڭ ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلماڭ. تور بېتىڭىزنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرىنى تۆۋەندىكى كاتەكلەرگە ئەستايىدىل تولدۇرۇڭ.
باشقا مەسىلە بولسا QQ:358252912 ۋە yolyar@qq.com بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
بىزنىڭ باشقۇرىشىمىزدىكى توربەتلەر: ئىنتىل سەيناسى- www.intil.biz ، مۇھتاج ئۇچۇر تورى: www.muhtaj.biz
بىر قىسىم سودا خاراكتېرلىق توربەتلەر ۋە ئېلان بەرگۈچىلەر بىۋاستە ئالاقە قىلسا بولىدۇ.
بېكىتىمىز ئۇلىنىش قىلىنغان تورلارنىڭ تۈر ۋە چۈشەندۈرۈش مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ
5- يوليارنىڭ تۇغ رەسىمى ۋە ئېلان رەسىملىرىنىڭ ئادرىسى http://www.yolyar.com/logo ياكى http://www.yolyar.net/logo
6- يوليارنى باشقۇرۇشىمىزغا قارىتا تەكلىپ- پىكىر بولسا ئىنكاس قالدۇرۇلسا ، yolyar@sina.com ياكى yolyar@qq.com خەت يوللانسىمۇ ۋە ياكى يولياردىكى سۆز قالدۇرۇش ئورنىغا يېزىلسىمۇ ئوخشاشلا قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yolyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-2 11:37
|
|