تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

Excel دا جەدىۋەلنى رەسىمگە ئايلاندۇرۇۋېلىش ئۇسۇلى

يوللىغۇچى: Ablimit-Tunyaz| يوللانغان ۋاقتى: 2010-8-14 16:52| كۆرۈلۈشى: 118| ئىنكاس سانى: 1

بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   Elqut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-8-14 16:57  

Excel دىكى مەلۇم دائىرىنىڭ ئىچىدىكى كاتەكچىلەرنىڭ مەزمۇنىنى رەسىم ھۆجججىتىگە ئايلاندۇرۇپ ، باشقا يۇمشاق دىتاللاردا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مۇنداق مەشغۇلات قىلىڭ :
ئالدى بىلەن Excel دىكى رەسىمگە ئايلاندۇرماقچى بولغان دائىرىنى تاللىۋېلىڭ ، ئاندىن كۇنۇپكا تاختىسىدىن Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىۋىلىپ تۇرۇپ تەھرىرلەش 编辑 تىزىملىكىنى باسسىڭىز ، تىزىملىككە رەسىمنى كۆچۈرۈش 复制图片 دىگەن بىر تۈرنىڭ قوشۇلغانلىقىنى بايقايسىز ، شۇ بۇيرۇقنى باسسىڭىز تاللىغان دائىرىنى قانداق ئېنىقلىقتا رەسىمگە ئايلاندۇرۇشنى سورايدىغان كۆزنەك چىقىدۇ . كۆزنەكتىكى 如屏幕所示Q دىگىنىنى تاللىسىڭىز ئىكران ئېنىقلىدا يەنى 96dpi ئەتراپىدا كۆچۈرىلىدۇ . ئەگەر 如打印效果P نى تاللىسىڭىز پىرىنتىردا بېسىپ چىققاندىكى ئېنىقلىقتا كۆچۈرىدىغان بولۇپ ، كەسپى لايىھىلەشلەردە ئىشلىتىكە بولىدۇ .

يېڭى ئىنكاسلار

Sezgurboy 2010-8-14 17:39
2- ئۇسۇل رەسىم ئاپاراتى قوشۇش
工具 دىن 自定义 نى بېسىپ 命令 بەتكۈچىگە ئۆتىمىز، 类别 نىڭ ئاستىدىن 工具 نى تاللاپ ئوڭ تەرەپتىكى 命令 نىڭ ئاستىدىن 照相机  نى تېپىپ ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇپ تارتىپ قوراللار تىزىملىكىگە ئاپىرىپ مائۇسنى قويىۋىتىمىز.
ئەمدى Excel  جەدۋىلىدىكى مەلۇم دائىرىنى تاللاپ قورال تىزىملىكىدىكى 照相机 نى بىرنى چىكىپ يەنە رەسىمنى چاپلايدىغان جاينى چەكسەكلا بولىدۇ.

لازىم قىلسىڭىز ئاۋۇ 计算器 نىمۇ تارتىپ ئاپىرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-9-10 05:50.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.