ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 961|ئىنكاس: 3

ئىلقۇت بلوگى تەييارلىغان ماي بايراملىق سوۋغاتلار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالام تورداشلار،
ئىلقۇت بلوگى ھەر قېتىملىق بايرام مەزگىلىدە ئىزچىل ھالدا تورداشلارغا ئازراق بولسىمۇ بايراملىق سوۋغات تەييارلاشنى ئۇنتۇپ قالماي داۋاملىق تورداشلارغا يېڭى-يېڭى سوۋغاتلارنى سۇنۇپ كەلگەن، بۇ قېتىممۇ ئىلقۇت بلوگى تورداشلارنىڭ ماي بايراملىقى ئۈچۈن ئازراق سوۋغا تەييارلىدى. تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كىتاب ھەققىدە ھېكمەتلەر

كىتاب — ئىنسانلار دۇنياسىنى بىلىش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتەك ئۇزۇن يىللىق كۆرەش ئەمەلىيىتى جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ئەقىل – پاراسەت جەۋھىرى.
بىر ياخشى كىتاب بىلەن ئۇچراشسىڭىز بىر ياخشى دوست ياكى بىر ئالىم بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ، گۈزەل ئەتىنىڭ، پارلاق يېڭى ھاياتنىڭ چىرتىيوژىنى سىزىۋاتقاندەك ئىپتىخارلىق ھېسسىياتتا بولىسىز.
ئۆي ۋە ھۇجرىڭىز ھەر قانچە ھەشەمەتلىك بېزەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىرەر پارچە كىتاب بولمىسا، خۇددى سۈيى يوق كۆلگە ئوخشايدۇ.
بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي گۈل يوق باغقا ياكى يېشىللىق يوق تاغقا ئوخشايدۇ.
بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي ئادەمسىز بازارغا ئوخشايدۇ. كۆچۈرۈپ يۆتكەش ياخشى ئىش ئەمەس.
بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي بىر تالمۇ يۇلتۇز يوق قاراڭغۇ ئاسمانغا ئوخشايدۇ.
بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي ھېچقانداق ئۇچار قۇش بولمىغان جىمجىت ئورمانلىققا ئوخشايدۇ.
بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي سېمىز پاقلان گۆشىدە قايناتقان، ئەمما تۇزى يوق شورپىغا ئوخشايدۇ.


بۇ قېتىملىق سوۋغات ئاساسلىقى ئېلكىتاب تۈرىدىن بولۇپ، بۇ ئېلكىتابلارنى مەن بوش ۋاقتىمدا توردىن ئۇچرىتىپ رەتلەپ ساقلاپ قويغان ماتىرىياللاردىن بولۇپ، ئۇلار «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى لۇغەت بۆلۈمى تۈزگەن)»

جەمئىي 5-بۆلەك

«تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» (مۆمىن ئابدۇللا تۈزگەن)


«HITT Yabancilar Icin Turkce تۈركچە ئۆگىنىش ماتىرىيالى» (ئىشىمەنكى بۇ ماتىرىيال تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ياخشى ماتىرىيال بولالايدۇ)


ئەدەبىي ئەسەرلەردىن:
«ئانا يۇرت» رومانى
ئۈچ قىسىم
«ئويغانغان زېمىن» رومانى

ئىككى قىسىم
«تارىخى رەشىدى» رومانى

ئىككى قىسىم
«ئىز» رومانى

«تۈركىي تىللار دىۋانى»

تۆت بۆلەك
قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
بۇ قېتىم ئېلكىتابلارنىڭ چۈشۈرۈش مەنبەسى بىر قەدەر كۆپ تەمىنلەندى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكى بوشلۇقلارغا يوللاندى. تورداشلار ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ چۈشۈرۈپ پايدىلانسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن، چۈشۈرۈش مەنبەسىنى داۋاملىق كۆپەيتىشىمىز مۇمكىن.

تورداشلار سەمىگە:
ئىلقۇت بلوگىدىن يازما كۆچۈرگەندە چۈشۈرۈش ئادرىسىنىڭ ئۇلانمىسى ئىشلىمەي قاپتۇ، شۇڭا بۇ يەرگە بىرمۇ بىر رەتلەپ چىقىشقا ۋاقتىم يار بەرمىدى. شۇڭا تورداشلار چۈشۈرۈشنى خالىسا ئىلقۇت بلوگىدىن چۈشۈرىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە كەلتۈرگەن ئاۋارىچىلىق ئۈچۈن سىلەردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن.

مەنبە: http://blog.ilqut.com/index.php/archives/2365.html


ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
مەزكۇر ئېلكىتابلارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىپ رەتلەنگەن، ئېلكىتاب ياساش ھوقۇقى يەنىلا ئەسلى ياسىغۇچىغا تەۋە!
ئىلقۇت بلوگى پەقەت كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈنلا بۇ ماتىرىياللارنى قايتا رەتلەپ چىقتى! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   PengiYar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-5-1 15:46  

ۋاقتى: 2011-5-2 00:11:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ كونا ئۇۋامدا سىز باركەنسىز ھە
ۋاقتى: 2011-5-2 00:38:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىش قىپسىز، مۇشۇ رەتلەشنىڭ يەنە بىر ياخشى تەرىپى ئېلكىتاپ ناملىرى ئۆلچەملىك بوپتۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-5-2 01:10:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللانغان ۋاقتى  2011-5-2 00:38
ھىقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىش قىپسىز، مۇشۇ رەتلەشنىڭ يەنە ...

ئىنتىلكامنىڭ ياقتۇرغىنىغا رەھمەت. ئاللاھ نىسىپ قىلسا بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ تىرىشىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-1 03:15 , Processed in 0.099656 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat