- توردا
- 17 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-7-23
- تىزىملاتقان
- 2011-4-12
- شۆھرەت
- 78
- تىللا
- 70
- تۆھپە
- 55
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 295
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 14
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 2076
[?]- تۆھپە
- 55
- تىللا
- 70
- شۆھرەت
- 78
|
ئۇستازلار :
كومپىيۇتېر سەۋىيەمنىڭ كۈنسىرى يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ تور بەت توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىممۇ كۆپەيمەكتە ، شۇ سەۋەپتىن ئۇستازلاردىن تور بەت توغرىسىدا چۈشەنچە سورىماقچىمەن . مەسخىرە قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن . ئۇيغۇر تور بەتچىلىگىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ، يېقىندىن بۇيان كىشلەردە تور بەت قورۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . ھەمدە تور بەتلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى . تور بەت توغرىسىدىكى چۈشەنچەم ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا بۇ توغرىسىدىكى بىر قىسىم ئاتالغۇ ۋە يۇمشاق دېتال توغرىسىدا ئۇستازلاردىن ياردەم سوراشنى لايىق تاپتىم . ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.
1. تور بەت قۇرۇشتىكى ھازىر مودا بولىۋاتقان دىسكاز دىگەن نىمە ؟ مېنىڭ چۈشەنچەمچە دىسكاز تور بەت قورۇش تەييار پىروگرامما قېلىپلىرى دەپ چۈشەندىم . تور بەت قۇرۇشتا نىمە ئۈچۈن دىسكازدىن پايدىلنىمىز . دىسكازدىن پايدىلانمايمۇ تور بەت قۇرۇش مۇمكىنمۇ ؟
2. يېقىندا مۇختەر رۇزى ئۆزى ئىشلەپ روھلان مۇنبىرىدە تارقاتقان ى توربەت قۇرۇش دەرسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان asp, php, css, ajax , ... تېخنىكىلىرى بىلەن دىسكازنىڭ قانداق پەرقى بار ؟ prontpage2003دىن پايدىلنىپ تور بەت ياساش دىگەننى ئاڭلىغان ئىدىم بۇ قانداق دېتال ؟
3.تور بەت قۇرۇشتا تور نامىنى نەگە تىزىملىتىمىز ؟ بوشلۇقنى نەدىن ئالىمىز ؟ مۇشۇ مۇنبەردىكى ئامېرىكا ، كورىيە ، چوڭ قۇرۇقلۇق تور نامى تىزىملىتامسىز دىگەننى قانداق چۈشىنىمىز . نىمە ئۇچۈن تور نامىنى باشقا يەرگە تىزىملىتىمىز ؟ تور بەت قۇرۇشتا تېلگىراق شىركىتىگە تىزىملىتىش كېرەكمۇ -يوق ؟
4. تور بەتچىلىكتىكى مۇلازىمىترنى قانداق چۈشىنىش كېرەك ؟ نىمە ئۈچۈن مۇلازىمىتىر باشقا جايدا بولىدۇ ؟
5. تور نامىدىكى cn, com, org , cc ۋە ھازىرقى كۆپىنچە تور بىكەتلەر ئىشلىتىۋاتقان biz دىگەنلەرنىڭ قانداق پەرقى ۋە ئالاھىدىلىگى بار ؟
6.تور بىكەتنىڭ كىرىمى قايسى يول ئارقىلىق كېلىدۇ ؟
7.تور بىكەت قۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم پىروگىراممىر بولۇش كېرەكمۇ ؟ پىروگرامما يېزىشنى بىلمىسىمۇ تور بەت لايىھەلىگىلى بولامدۇ ؟
بەلكىم تور بەت توغرىسىدا ماڭا ئوخشاش چۈشەنچىسى ئېنىق بولمىغان تورداشلار بولىشى ، شۇڭا مۇمكىم بولغاندا ئۇستازلارنىڭ مۇشۇلار توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . |
|