- توردا
- 102 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-15
- تىزىملاتقان
- 2010-7-30
- شۆھرەت
- 1092
- تىللا
- 2095
- تۆھپە
- 601
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 5108
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 218
- تېما
- 22
- نادىر
- 2
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 132
- تۆھپە
- 601
- تىللا
- 2095
- شۆھرەت
- 1092
|
ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان جوڭگۇدىكى تور چايخانىللىرىنىڭ سەركىسى بولغان 碧聊 تورى 2011-يىلى4-ئاينىڭ 28-كۈنىسى بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 10 بىلەن تاقالماقچى....
碧聊 تورى 1998 -يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، جوڭگۇ تېلېگىرافى پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان كۆڭۈل ئېچىش،ئاۋازلىق-سۈرەتلىك پاراڭلىشىش، ئويۇن ئويناش بىر گەۋدە قىلىنغان جوڭگۇدىكى تەسىر دائېرىسى كەڭ مەدەنىيەت تۈرىدىكى توربىكەتلەرنىڭ بىرسى .
碧聊 13يىللىق تارىخقا ،13يىللىق بوران چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىپ بۆگۈنكى كۈندە تاقالماقچى بولغان .
碧聊 نىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى : 碧聊 ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇرلاردا ئومۇملاشقان پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنلىرىنىڭ بىرى ، مەيلى ئىلگىرىكى ئۇنىۋېرسال بىكەتلەر بولسۇن ۋەياكى ھازىرقى ئۇنىۋېرسال بىكەتلەر بولسۇن ھەممىسى 碧聊 نىڭ سۈرەتلىك چايخانىسىنى ئىجارە ئېلىپ ،ئۆز تور بېكىتىنىڭ سەھىپىسى شەكلىدە ئېچىپ كەلگەن ئىدى . 碧聊 چايخانىسى ھەرقايسى كەسىپتىكىلەرنى بىر- بىرسى بىلەن جەم بولۇشقا مۇئەييەن دەرىجىدە پۇرسەت يارىتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قەدەمدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سورۇنىغا ئايلانغان . ئۇچۇر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ چايخانىلار ئاستا-ئاستا مودىدىن قېلىشقا باشلىغان .گەرچە چايخانىلار مودىدىن قېلىشقان بولسىمۇ ھېلى ھەممۇ كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار مۇشۇ چايخانا ئارقىلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مەقسىدىگە يىتىپ كەلگەن . چايخانىلار ئۇيغۇرلارغا مۇئەييەن دەرىجىدە ئۈنۈم ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا بىرقىسىم ئەخلاقسىزلارنى تەربىيەلەيدىغان قارا ئۇۋىمۇ بولغان .
ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ شەھۋانىي ئۇچۇرلارنى تازلاش مەخسۇس ھەركىتىنىڭ تەسىرى ۋە 碧聊 تور بېكىتىنىڭ ئېلان كىرىمىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەسلىكى سەۋەبىدىن 碧聊 تورىنىڭ تىجارىتى نورمال يۈرىشەلمىگەن . 碧聊 تورىنىڭ بارلىق مۇلازىمېتىر ئاپاراتلىرى تولۇق بولۇپ ئومۇمىي مۇلازىمىتىر قىممىتى 10مىليۇن يۈەندىن ئاشقان . 碧聊 تورى كۆپ قىسىم بۆلەكنى باشقا تارماق چايخانىلارغا ئىجارە بىرىش ئارقىلىق چىقىمىنى قامدىغان.
گەرچە 碧聊 ئۆزى شەھۋانىي ھەركەتلەرنى ئويۇشتۇرمىغان بولسىمۇ تارماق بىكەتلەرگە قويۇلغان جەرىمانىنى توختىماي تۆلەشكە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ سىگنالىغا ۋە ئىقتىسادىي كىرزىسقا بەرداشلىق بىرەلمىگەن.
http://www.bliao.com
碧聊 نىڭ تاقىلىشى بىزگە شۇنىڭدىن دىرەك بىردۇكى : دۆلەت سىياسىتىگە تاقاشقان ھەرقانداق توربىكەت رەتكە سېلىنىدۇ.
مۇقىم ئىقتىسادىي كېرىمى ۋە مۇقىم ئېلان ئىستىمال پىلانى بولمىغان ھەرقانداق توربىكەت ئۇزاققا قالماي تاقىلىپ قالىدۇ.
قىياس تورى |
|