بىرقانچە داڭلىق توربەتلەرگە كىرسەم ھەممىسىدە شۇ ئەھۋال. مەلۇم بىر داڭلىق بەتتىكى ئەھۋال مۇنداق ؛ بۇ يىل بېشىدا كىرسەم ئېلانمۇ ئاز ئىدى، قولىنى تەڭلەيدىغان ( سەكرەپ چىقىدىغان) ئېلانلىرىمۇ يوق ئىدى، ئۆزەم خالاپ ئانچە- مۇنچە چىكىپمۇ قوياتتىم. مانا ھازىر ئېلانلىرى كۈندىن- كۈنگە رەڭدارلاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە « بىزنىڭ كىرىم مەنبەيىمىز» دەپ بىر كۆزنەك قولىنى تەڭلەپ تۇرۇدىغان بولىۋالدى. يەنە تېخى يازمىغا ئۆسمە چىققاندەك ياراشمىغان ھەم يوغانلا ئېلان قىستۇرۇۋاپتۇ.
يەنە بىرسى بار . «چۈشۈرۈش» دېگە خەتنى گوگىل ئېلانىنىڭ ئىچىگە قوشۇۋەتكەنكى بۇنىڭغا قاراپ بۇ توربەتنىڭ ئىقتىدارىغا قايىل بولىمەنيۇ شۇنچە ئىقتىدارلىق كىشىنىڭ « گۈللەللە» شىركىتىنىڭ قىلىقىنى قىلغىنىغا قارام ئىچىم ئاغرىپ ئەپسۇسلىنىمەن. ئۇيغۇر توربەتچىلىكىدىكى « مەدەنىي تىلەمچىلىك» (تۇرسۇنبەگە ئىبراھىم ئەپەندىمنىڭ « ئېلان دەۋرى»، « يالتىراق دەۋرى» دېگەن گەپلىرى يادىمغا كەلدى) كە قاراپ ئۆز- ئۆزەمگە سۇئال قويىمەن.
توربەتچىلەر راستلا كەمبەغەلمۇ؟ بۇلار مۇشۇ توربەتچىلىك بىلەن جاننى باقالامدۇ؟
بىزنىڭ كىرىم مەنبەيىمىز
بىزنى قوللاڭ
تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن...
سىلەر مەندىن « بىكاغا توربەت ئېچىپ بەرسە يەنە بۇنداق دەيدىغانغا نېمە ھەققىڭ بار؟» دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. توغرا ئۇلار تور بېتىنى ماڭا بىكاغا ئېچىپ بەردى ، بىكاغا كۆردۈم، بىكاغا چۈشۈردۈم.
قايسى تورغا كىرسەم ئاشۇنداق ياڭزىمۇ- ياڭزا ئېلانلىرى، لوگولىرى باركەن ( بەزىلىرىنىڭ ناز- كەرەشمىسى خېلى بار) . شۇنىڭ كۆپ كىرىپتىمەن، كىرسەم مازارلىقتا يۈرۈيدىغان جۇلدۇر كىپەن تىلەمچىلەردەك قولىنى تەڭلەپ تۇرغان. ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىدى ھەم ئېچىندىم.
مېنىڭچە ئۇلارنى توربەت قۇرۇڭ دەپ بىركىم زورلىمىدى ھەم زورلىمايدۇ. قۇرسا ئوغۇل بالا ئەركەكتەك چوڭ سۈپەت، مەردانە قۇرسا بولمىسا قۇرمىسا دەيمەن.
كوچىدىمۇ ئېلان با، دەنشىدىمۇ ئېلان با.
مىللىتىم دەپ قۇرغان شۇ توربەتتىمۇ ئېلان با.
ئۆلۈپ كەتتى مومايلار گۆش كۆرسىتىپ ئۆپكىنى،
كاسىلدايدۇ بىر بوۋاي پۇلاڭلىتىپ بۆكىنى.
غىتمەك بولدى يىگىتلەر، ئېلان ئۈچۈن ياسىنىپ. غىلجىڭلاشتى جۇۋانلار مىڭ ياڭزا ناز قىلىشىپ.
ساقاللىقتا ئىمان يوق، روماللىقتا ھايا يوق.
نەگە باشلار ئۇيغۇرنى شۇ ئالدامچى ئېلانلار.
(مېنىڭ ھىچكىم بىلەن مۇنازىرە ۋە تالاش- تارتىش قىلغۇم يوق، ھازىر تۈزۈكرەك بەتلەر قالماپتۇ. كۆڭلۈمدىكى گەپنى يوللىغىم كەلدى، يوللىدىم.
چىرايلىق مۇنازىرىڭىز بولسا قالدۇرسىڭىز بولىدۇ ، بولمىسا يازمامغا ئىنكاس چۈشمەپتۇ دەپ خاپا بولمايمەن)
|