«ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ھەققى ۋە دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇشقا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق چارىسى»نىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە ئاساسىي مەزمۇنى:
بۇ «چارە» ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى جاپالىق، چەت رايونلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەرز پۇلىنى قايتۇرۇش يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ
«ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»، «مالىيە مىنىستىلىقى بىلەن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ‹ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ھەققى ۋە دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق چارە› نى تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ « گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى تارقاتقان 3-نومۇرلۇق ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نىڭ روھىغا ئاساسەن ئالاھىدە تۈزۈپ چىقىلدى.
2009-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاپالىق، چەت رايونلىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئۈچ يىلدىن ئارتۇق مۇلازىمەت قىلسا ( ئۈچ يىلنىمۇ ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئوقۇش ھەققىنى ئاپتونوم رايون مالىيەسى ۋاكالىتەن قايتۇرىدۇ، ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئالغانلار ئۈچۈن ۋاكالىتەن تۆلەنگەن ئوقۇش ھەققى دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى تولۇق قايتۇرۇشتىن ئىلگىرى شەكىللەنگەن ئۆسۈمنى قايتۇرۇشقا ئالدىن ئىشلىتىلىدۇ.
« چارە»دىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئوقۇش تارىخىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ( ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئاسپرانتلار، ئىككىنچى باكلاۋۇرلۇق ئۈنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇپ شۇ يىلى مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. نىشانلىق تەربىيەلىنىدىغان، ھاۋالە بىلەن تەربىيەلىنىدىغان ھەمدە
ئوقۇۋاتقاندا ئوقۇش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغانلار بۇ دائىرىگە كىرمەيدۇ.
«چارە» دىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ: ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار، جۈملىدىن، يېزا (بازار)لىق ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ تارماقلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، يېزا (بازار) ۋە يېزىلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ھەمدە ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى « قوش تىل» سىنىپى ۋە بالىلار باغچىسى، يېزىلىق مالىيە ئورنى، دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى دېھقانچىلىق (چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق) مەيدانى، سۇچىلىق – ئېلېكتىر پونكىتى، دېھقانچىلىق تېخنىكىلىرىنى كېڭەيتىش پونكىتى، چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق پونكىتى، يېزا-بازارلىق دوختۇرخانا، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى پونكىتى، يېزا -بازارلىق مەدەنىيەت پونكىتى قاتارلىقلار. خىزمەت ئورنى ناھىيە سىرتىغا جايلاشقان مېتېئورولوگىيە پونكىتى، گىدرولوگىيە پونكىتى، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش پونكىتى، كۆمۈر كان، كان، نېفىت قېدىرىش بازىسى، يايلاق ئىلمى پونكىتى، ئورمانچىلىق پونكىتى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدىكى جاپالىق ساھەلەردىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپى.
ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مالىيە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇش ھەققى ۋە دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ئاپتونوم رايون ۋاكالىتەن قايتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ قەرزىنى يىلغا بۆلۈپ ۋاكالىتەن قايتۇرۇش چارىسى قوللىنىدۇ، ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ھەر يىلى ئوقۇش پۇلى ياكى دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى سوممىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قايتۇرۇپ، ئۈچ يىلدا ۋاكالىتەن قايتۇرۇپ بولىدۇ.
« ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلاردىن چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، ھەربىي سەپكە بېرىپ مەجبۇرىيەت ئۆتەيدىغانلارنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىنى قايتۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئاساسىي مەزمۇنى :
« چارە» ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، ھەربىي سەپكە بېرىپ مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە ئىلھاملاندۇرۇش، ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ
« ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە « باش ئشتاب، باش سىياسىي بۆلۈم، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى شۇ يىلى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئەسكەرلىككە ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ ئالاقىدار روھىغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى. 2009-يىلىدىن ئېتىبارەن دۆلەت ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، ھەربىي سەپكە بېرىپ مەجبۇرىيەت ئۆتەيدىغانلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى قايتۇرىدۇ.
ئوقۇش مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئالغانلارنىڭ قايتۇرۇلىدىغان ئوقۇش پۇلى ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ دىرى، ئۆسۈمى ھەمدە ئۇنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بولۇشتىن ئىگىلىرى شەكىللەنگەن ئۆسۈمنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
«چارە» دە دىيىلىۋاتقان ئالى مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەسىس قىلىنغان، ئالىي مائارىپ يولغا قويۇلغان، مەركەز تارماقلىرى ۋە يەرلىككە قاراشلىق پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر، پۇقراۋى ئالىي مەكتەپلەر ۋە مۇستەقىل ئىنىستىتۇتلارنى كۆرسىتىدۇ.
«چارە» دە دىيىلىۋاتقان ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئالىي مەكتەپلەردىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرس ( ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئاسپرانت، ئىككىنچى باكلاۋۇرلۇق ئۈنۋانى ئۈچۈن ئوقۇپ شۇ يىلى مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان ھەمدە چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرى قوبۇل قىلىپ، ئادەتتىكى تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرسنى پۈتكۈزىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئوقۇش مەزگىلىدە بارلىق ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان، نىشانلىق تەربىيەلىنىدىغان، ھاۋالە بىلەن تەربىيەلىنىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسى كەسىپلىرىگە تەربىيەلىنىدىغان ئوقۇغۇچى، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغانلاردىن قىسىملار قوبۇل قىلغان كادىرلار ھەمدە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغانلاردىن بىۋاستە قوبۇل قىلىنغان كەنجى ئوفىتسېر قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ھەربىي سەپكە قاتناشقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۇلىنى قايتۇرۇش ۋە ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ دىرى، ئۆسۈمىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ ھەربىي سەپكە بېرىپ مەجبۇرىيەت ئۆتەيدىغانلارغا دۆلەتنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغانلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر ئوقۇش يىلىدىكى ئوقۇش پۇلىنى قايتۇرۇش ياكى دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمى، دىرىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇش سوممىسى كۆپ بولغاندا 6000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مەزگىلىدە ھەر ئوقۇش يىلى ئەمەلىي تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلى ياكى دۆلەتتىن ئالغان ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ دىرى، ئۆسۈمى 6000 يۈەندىن يۇقىرى بولسا، يىلىغا 6000 يۈەن بويىچە قايتۇرۇلىدۇ ياكى ۋاكالىتەن قايتۇرۇلىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مەزگىلىدىكى ھەر ئوقۇش يىلى ئەمەلىي تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلى ياكى دۆلەتتىن ئالغان ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ دىرى، ئۆسۈمى 6000 يۈەندىن كەم بولسا، ئوقۇش پۇلى بىلەن دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ دىرى، ئۆسۈمىدىن يۇقىرىسىنى ئۆلچەم قىلىش پىرىنسىپى بويىچە قايتۇرۇلىدۇ ياكى ۋاكالىتەن قايتۇرۇلىدۇ.
ئىككى «چارە» نىڭ تەپسىلاتىنى مائارىپ ئۇچۇر تورىدىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ.
تور ئادرىسى: www.xjedu.gov.cn
تېلېفون نومۇرى: 7606096،7606099-0991