ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 1744|ئىنكاس: 22

百度 ئېلان بىرلەشمىسى ئۇيغۇرچە توربەتلەرگە ئېلان بىرىشنى توختاتتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
601
تىللا
2095
شۆھرەت
1092

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ پىداكار داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 01:27:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەيدۇ ئىلان بىرلەشمىسى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى توربەتلەرگە ئېلان بىرىشنى توختاتتى .(بۇ گەپ چىققىنى خېلى بولغان ) ئەمما بۈگۈن ئەمەلىيلەشكەن ئوخشايدۇ.
ھەممەيلەنگە بىلىمىز توربىكەت قۇرغان ئىكەنمىز. ئېلان كىرىمى ئارقىلىق مەلۇم توربەت چىقىمىنى قامداشقا توغرا كىلىدۇ، ئۇيغۇر چە توربىكەتلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش بولغان بىرقانچە ئېلان سۇپىسى بار .(مەسلەن: گوگىل ، ياخۇ دىگەندەك ...) ئەلۋەتتە ئىلان بىرلەشمىللىرىنى ساناپ كىلىدىغان بولساق .ئەڭ ئاۋۋال كاللىمىزغا چوقۇم  گوگىل ۋە بەيدۇ قاتارلىق ئىناۋىتى يۇقىرى ئىلان بىرلەشمىللىرى كىلىدۇ . ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئېلان كىرىمىنىڭ يۇقىرلىقى كىشلەرنى تىزلا ئۆزىگە جەلىپ قىلالايدۇ.مەسلەن گوگىل نىڭ ئەڭ تۈۋەن يەككە چىكىلىش باھاسى : 0.06يۈەن خەلق پۇلى .   ئەڭ يۇقىرى يەككە چىكىلىش باھاسى : 65يۈەن خەلىق پۇلى . (قىياس دۇنياسى ئۇيغۇر توربىكىتىگە يەككە چىكىلىش باھاسى 25يۈەن بولغان ئېلانلارنى بىر قانچە قېتىم كۆرۈلدى  . بۇ ئېلانلار ئاساسلىقى  مۇلازىمىتىرغا تەۋە ئېلانلار .

تىمىدىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، بەيدۇ ئېلان بىرلەشمىسى بولسا ، دۆلىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق كۆلىمى كەڭرى ئېلان بىرلەشمىسى . ئاساسلىق ئىشلىتىدغان يېزىق خەنزۇچە .
يېقىندىن بۇيان توربىكەت قۇرۇپ پۇل تېپىش يولىدا، كۆپلىگەن بىكەت باشلىقلىرى ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن ، خەنزۇچە بىكەت پىروگراممىسىنى قويۇپ بەيدۇ بىرلەشمىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ بولۇپ ،ئۇيغۇرچە بەتلەرگە ئېلان قويۇشقا باشلىدى.  گەرچە بۇ بىر ياخشى باشلىنىش دەپ قارالغان بولسىمۇ، ئاقىۋەتتە بەيدۇ ئېلان بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۆنۈمسىز ئېلان دەپ قارىلىپ . پەقەت ئېتىلىپ چىقىدىغان  ئېلانلار ۋە جىنسىيەتكە دائېر ئېلانلارنى ئۇيغۇرچە توربەتلەردە نۇرمال كۆرۈنىدىكەن . نۆۋەتتە بەيدۇ ئېلان بىرلەشمىسىنىڭ تارقاتقان ئېلانلىرىدا ئۇيغۇرچە توربەتلەردە پەقەت ئاممىۋى ئېلانلارلا كۆرۈنگەن پەقەت ئېتىلىپ چىقىدىغان ۋە ياكى يان ئىستونغا چىقىدىغان  ئېلانلارغا نۇرمال كۆرۈنگەن .
گەرچە بەيدۇ ئېلان بىرلەشمىسى ئېتىلىپ چىقىدىغان ئېلاننى تەمىنلىگەن بولسىمۇ ، بۇخىل ئېتىلىپ چىقىدىغان ئېلان گوگىل ئىزدەش ماتورى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئەكىرىلىدۇ .(نەدە ئۇنداق دەپ قالماڭ بۇ پەقەت ۋاقىت مەسلىسى)
بەلكىم ئۇزاققا قالماي ئۇيغۇرچە توربەتلەردە بەيدۇ ئېلانى تولۇق ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن . ھازىر بەيدۇ ئېلان بىرلەشمىسى ھەر بىر ئۇيغۇرچە توربەتلەرگە بىر پارچىدىن ئۇقتۇرۇش يېزىۋاتىدۇ.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر توربەتچىلىكى دۇچ كىلىدىغان يەنە بىر مەسلە بار.
ھازىر كۆپ قىسىم ئۇيغۇرچە توربەتلەر بەيدۇ ئېلان بىرلەشمىسى تارقاتقان ئېلان كىرىمى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ چىقىمىنى قامداپ كىلىۋاتقان ئىدى .

بەيدۇ ئېلان بىرلەشمىسى ئېلانلارنى توختـاتسا  بۇ توربىكەتلەرنىڭ كىرىم مەنبەسىمۇ ئۈزۈىلىدۇ . كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى كۆپ قىسىم توربېكەتلەرنىڭ گوگىل ۋە ياكى ياخۇ قاتارلىق ئېلان بىرلەشمىللىرىنىڭ ئېلانىنى قويۇشنى خالىمايدۇ ۋە ياكى ئاسانلا ئېلان ھىساۋاتى توختاپ كىتىدۇ.
.......
ئەمدى دىققەت قىلىدىغان نوقتىغا كەلسەك  : بىرقىسىم بىكەت باشلىقلىرى بەيدۇ ئېلان بىرلەشمىسى ئېلاننى توختاتقاندىن كىيىن چىقىمنى قامداش ئۈچۈن  بىرقىسىم جىنسىيەت ئېلانلىرىنى ۋە ياكى چ چ نىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكتەك ساقتا ئېلانىنى قويىشى مۇمكىن.
نۆەتتە بىرقىسىم بىكەت باشلىقلىرى ھەركىتىنى باشلاپ:
www.tjq.com
u.admin5.com
www.899.net
قاتارلىق ئېلان بىرلەشمىللىرىگە يۈزلەندى . كۆقىىملىرىغا قارايدىغان بولساق ئۇيغۇرچە توربەتلەرگە بىرىدىغنى يەنىلا جىنسىيەت ئېلانى ....
ئۈستىدە ئۇلانما قالدۇرغىنىمدىن ياخشىراقى :
u.admin5.com

alimama ئىشلىتىپ پۇل تاپىمەن دەپ ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماڭ .


ئۇيغۇرچە ئېلان سۇپىسىنىڭ سەدارى ئاتىلىۋاتقان 890 ئېلان سۇپىسىمۇ بەيدۇنىڭ خەۋېرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئەزا قوبۇل قىلىشنى توختاتقان
QQ截图未命名.png


بۇ قېتىملىق بەيدۇئېلانىنىڭ توختاپ كتىىشى توربەت پاخالچىلىقىنى ئازايتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرچە توربىكەت مۇھىتىغا يەنە بىر قېتىم  جىنسىيەت ئېلانى تەشۋېقات كۆرىشى ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن .


قېنى تورداشلار بۇ توغرىسىدا پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسا.....
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
17276
تىللا
21572
شۆھرەت
30052

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 01:57:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىملىق بەيدۇئېلانىنىڭ توختاپ كتىىشى توربەت پاخالچىلىقىنى ئازايتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرچە توربىكەت مۇھىتىغا يەنە بىر قېتىم  جىنسىيەت ئېلانى تەشۋېقات كۆرىشى ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن

بۇ ئېھتىماللىقنى چەتكە قېقىشقا بولمىسىمۇ بىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم توربەتلىرىمىزنىڭ ئاتامانلىرى يەنىلا ۋىجدانلىق، پۇل ئۈچۈن ئەخلاقنى، غۇرۇرىنى سېتىۋىتىدىغانلاردىن ئەمەس.  شۇنداقلا توربەت قۇرۇشنى جان بېقىشنىڭ ۋاستىسى قىلمىغان.
بۇ يەردە توربەتچىلەرنىڭ تولىسى پەش قىلىدىغان « توربەتنىڭ چىقىمى» دەيدىغان مۇنداق بىر گەپنى قوشۇپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ.
نۆۋەتتە بىزدە توربەت قۇرۇش تەس ئىش ئەمەس چۈنكى توربەت پروگراممىسى ھەقسىز، ئۇنى ئورنىتىشمۇ تەس ئەمەس.
ئاددىي بىر ھېساۋات قىلىپ باقايلى:
تور نامى: 80.00 يۈەن.
100 م ب لىق ياخشى بوشلۇق 200.00 يۈەن.
توربەتنى بىرەرسىگە تەڭشىتىپ قالسا 500.00 يۈەن كەتتى دەپ قارىساق.
بىر توربەتنىڭ بىر يىللىق چىقىمى 800.00 يۈەن خەلق پۇلىغا بارمايدۇ. بۇنى كۈنگە سۇندۇرساق كۈنلىكى 2.50 يۈەنگىمۇ بارمايدۇ.
ئۆز مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت، تور ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئازدۇر- كۆپتۈر تۆھپە قوشۇشنى نىيەت قىلغان ھەرقانداق بىر توربەتچى بۇنچىلىك چىقىمنى كۆتۈرۈشكە تامامەن رازى بولىدۇ.  مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا بەيدۇنىڭ ئۇيغۇرچە توربەتلەرگە ئېلان بەرمەسلىكى ياكى توختىۋىتىشى بىزگە پايدىلىق ئىش دەپ قارايمەن.
چۈنكى، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قىسىم نېمىنىڭ غۇرۇر نېمىنىڭ ئەخلاق ئىكەنلىكنى بىلمەيدىغان ، توربەت قۇرۇشنى ئويۇننىڭ ئورنىدا كۆرۈپ پۇل تېپىشنىلا ئويلاپ مىللىتى ۋە ئەۋلاتلىرىنىڭ كەلگۈسى بىلەن كارى بولمايدىغان، بۈگۈنى ئۆتسە ئەتىسىنىڭ قانداق بولىشى بىلەن كارى يوق  ئازغۇنلارنىڭ ئۆزى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولىشى مۇمكىن.

باھا سۆز

خەنجەر  ئېسىل ئىنكاس  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 11:37:26
سەيياھ    يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 18:01:31
turpan  ئىنتىلكامنىڭ دىگىنى توغرا .شۇ نەچچە يۈز يۈئەننى دەپ ئۇنداقمۇ قىلىپ كەتمەس ئۇلار ......  يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 18:01:30
kuresh  ياخشى تەكلىپ  يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 15:48:38
svkvt  ئىسىل تەكلىپ.  يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 12:01:08
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
639
تىللا
882
شۆھرەت
1156

تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 13:08:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بولغاندا بەيدۇ ئېلان بېرىشنى توختىتىپ ئەخلاقسىز ئېلانلارنى چىقىرىپ قويۇشنى پىلانلىغان ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە ھەممىسىنى بىراقلا توختىتىۋەتكەن بولسىچۇ.....
دىسەك گەپ تولا. تور بەت قۇرۇپ پۇل تاپىمەن دېگەن ئەمدى نېمە گەپ. تور بەت قۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ توردا ساتىدىغان ياكى ئېلان قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرى بولمىسا. ئۇنىڭدىن كۆرە تور بەت قۇرۇپ ئىسراپ قىلغان ۋاقىتنىڭ ئورنىغا راۋرۇس ئۆگىنىپ بىرلىككە كېلىپ ئوبدانراق ئىشەنچلىك ئېلان سۇپىسىدىن بىرنى قۇرسا ياخشى ئەمەسمۇ. مەن قارلۇق شىركىتىنى بەك قوللايىتتىم. ھەم ئانچە - مۇنچە مۇناسىۋىتىممۇ بار ئىدى. ئەمما... 890 ئېلان سۇپىسىنىڭ ئىشى بىلەن قارلۇق شىركىتىنىڭ مۇشۇ مۇلازىمىتىدىن قاتتىق نارازى بولدۇم (مەن تور بېتىمگە 890 ئېلانى ھەم باشقا ھەر قانداق ئېلان قويمىغان بولساممۇ بارلىق ئۇيغۇر تور بىكەت قۇرغۇچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئويلىغان ئاساستا دېدىم).
www.shahdiyar.com ۋە www.xayar.net بۇ ئىككى تور بىكەتتە جەمئىي 4 ئىسىم بار. بىكەت بوشلۇقىمۇ قىممەت. ساندان بوشلۇقىمۇ خېلى چوڭ. بىر يىلدا تۆلەيدىغان چىقىمىم 1500.00 يۈەنگە يېقىنلا بېرىپ قالىدۇ. ئەمما، مېنىڭ تور بىكەت قۇرۇشۇم پۇل تېپىش ئەمەس. ئادەم بولماس بەك تەسكەن. پۇل تېپىشنى نىيەت قىلساق ئادەم بولالمايلا ياشاپ ئۆتۈپ كېتىدىكەنمىز. ئادەم دېگەندە ۋىجدان، غۇرۇر، ئىنساپ، ئىمان، ھايا ... مۇشۇ 5 نەرسە چوقۇم بولۇشى كېرەك. ھازىر پۇل تېپىۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمىدا بۇ 5 نەرسە تولۇق ئەمەس.
Google ئېلان سۇپىسىدىمۇ ئىلگىرى ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرگە ئېلان بەرمەيىتتى. ھازىر قانداقكىن. بېشىدا خەنزۇچە بەت قويۇپ كېيىن ئۇيغۇرچە  بەتكە ئۆزگەرتىپ ئېلان ئالامدۇ... ئىشقىلىپ تور ئېلانىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيمەن. ئەمما... ھەر قانداق ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر بارلىق قېرىنداشلارنىڭ راستچىل، ھايالىق، ۋىجدانلىق، ئىنساپلىق، ئىمانلىق، غۇرۇرلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئارتۇق كەتكەن يەرلىرى بولسا ئەپۇ قىلغايسىزلەر. كەم قالغان جايلىرى بولسا تولۇقلاپ قويارسىزلەر.

باھا سۆز

سەيياھ  ياخشى: 0   يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 14:31:12
svkvt  ياخشى: 0
  يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 14:31:11
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
17276
تىللا
21572
شۆھرەت
30052

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 13:31:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Shahdiyar نىڭ يازمىسى
پۇل تېپىشنى نىيەت قىلساق ئادەم بولالمايلا ياشاپ ئۆتۈپ كېتىدىكەنمىز.

بۇنداق قاراشقىمۇ بولمايدۇ، مۇھىمى يەنىلا شۇ ئادەمنىڭ ساپاسى ۋە تەدبىرىگە باغلىق.
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
639
تىللا
882
شۆھرەت
1156

تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 13:52:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللانغان ۋاقتى  2011-4-23 13:31
ئىنكاس قايتۇرۇش Shahdiyar نىڭ يازمىسى

مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، پۇل تېپىشنى ئويلىماسلىق دېگىنىم ئەمەس. بەلكى يولى بويىچە تېپىشنى بىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئۈستىدە بەزى مەزمۇنلارنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەپتىمەن. ئىشنىڭ كۆپلىكىدە سەل چارچاپ قالغان ئوخشايمەن.
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
17276
تىللا
21572
شۆھرەت
30052

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 13:52:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئىشنى بىر ھېساپتا ياخشى بوپتۇ دەپ قارىدىم.  چۈنكى بۇ ئىشنى دەل ئۆزىمىز يەنى ئۆزىمىزنىڭ ئاچكۆزلىكى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
2008- يىلى 2009- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا Google ئېلانى قويۇش تازا ئاۋجىگە چىققان ( تورلىرىمىزمۇ ئالامەت گۈللەنگەم ھەم ئاۋات ئىدى). يەنە ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ۋە بۇ يىل ھازىرغىچە خۇددى توربەت قۇرۇۋالمىسا كېيىن مۇمكىن بولمايدىغاندەك ھەممە ئادەم بەس- بەستە توربەت قۇردى.
ئالدىنقى مەزگىلدە Google ئېلانىنى توپلىشىپ چەكتۇق، ھازىر Google بەرمىسە baidu دىن ئالدۇق بۇ ئىككىسىمۇ بەرمىسە بىرىدىغاننى ئىزدىدۇق سېرىق بولامدۇ، كۆك بولامدۇ يەنە بىرقانداق بولامدۇ نېرى- بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەي پۇللا بەرسە ئېلاننى قويۇۋەردۇق. قىستۇرغان كىنولىرىمىزنىڭ ئاستىغا نومۇس قىلماي « بۇنى چەكسەڭ تېز قويۇلىدۇ» دەپ يازدۇق، تور بېتىمىزگە كىرگەن زىيارەتچىگە رەھمەت- ھەشقاللا دېيىشتىن ئىرىندۇقيۇ « ئېلانىمنى چېكىپ قويۇڭ» ،« xxx » يەنە ئۇچى- بۇچى دېگەنلەرنى زىيارەتچىنىڭ كۆزىگە تەڭلەپ تۇردۇق. ئاز بولسىمۇ بارىغا شۈكرى قىلمىدۇق.
ئىشقىلىپ مەيلى ئېلان بەرگۈچى بولسۇن ۋە مەيلى زىيارەتچى بولسۇن ھەر ئىككىسىنى ئاخماق قىلدۇق، ئالدىدۇق. قىلمىشىمىز بۇنداق ساختىپەزلىك، بىزەڭلىك بولىۋاتسا...  
ئىككى قېتىملىق ناچار توربەتنى تازىلاش چاقىرىقى بىلەن بۇ خىل قىلمىشلار خېلىلا تۈگىگەن ئىدى. مانا ئەمدى توربەتچىلەرنىڭ 3- كېرىم مەنبەيى بولغان بەيدۇ تەدبىر قوللىنىپ چىقىپتۇ.
بەزىلەر 890 بار دېيىشى مۇمكىن، توربەتچىلىرىمىز ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرمىسە 890 نىمۇ تۆت كۈندە كاردىن چىقىرىشى تۇرغانلا گەپ.
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
316
تىللا
221
شۆھرەت
566

تۆھپە تىرىشچان

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 16:44:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوپ بوپتۇ بۇرۇنلا مۇشۇنداق قىلىش كىرەكتى تور بەت قۇرىدىم دەپلا ئىشتانسىز يالىڭاچ رەسىملەرنى قويۇپ مىللەتنى بۇزىدىغانلار بەكلا كۆپ بۇ بەيدۇ ئېلانلىرىدا ھەممىدىن كۆپ قارىسا ساغلاملىق ئېلانىدەك كۆرۈنگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە سېرىق رەسىم چەكلىۋەتتىم دىسىمۇ كۆرۈنىدىغان ئېلانكەن ھەتتا داڭلىق بولىۋالغان روھلان مۇنبىرىدىمۇ دائىم چىقىپ تۇرىدىكەن بولسا توختاتقىنى ياخشى
serdar 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
242
تىللا
434
شۆھرەت
458
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 21:32:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ ھەقىقەتەن ياخشى مۇلاھىزە بوپتۇ !


تۆر قاتاردىكى Qiyas.biz بۇرادەرنىڭ : « ئېلان قويۇپ پۇل تېپىش » ھەققىدە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بەرگىنىگە تەشەككۈر !
مۇشۇخىل ئەتراپلىق پايدىلىنىش قىممىتى بولغان يازمىنى ھەر بىرىمىزنىڭ كۆرۈپ پىكىر قاتناشتۇرماقلىغىمىز زۆرۈر دەپ قارايمەن .  تۆر قاتاردىكى Qiyas.biz بۇرادەردىنسوراپ باقسام  ، alimama.com دىن ئېلان ئېلىپ پۇل تېپىش توغرىسىدا ئېيتقان كەسكىن سۆزىڭىزنى قىسقىچە چۈشەندۈرسىڭىز {:1_1:}

دىۋان قاتارىدىكى ئىنتىل ئەپەندىمنىڭ : ئېيتقان سۆزلىرى ، ھازىر تور بېكەت قۇرغان ۋە قۇرماقچى بولغانلارنىڭ ساپاسىنى دۇرۇسلىۋىلىشى ئۈچۈن جانلىق پىكىر بولۇپتۇ .

كۆپچىلىك تورچىلار يەنە يېڭى مەزمۇنلاردا داۋاملىق ئورتاقلاشساق  ..



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   serdar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-4-23 22:16  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
601
تىللا
2095
شۆھرەت
1092

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ پىداكار داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 01:55:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاستىدىكى رەسىمدىن كۆرىۋالغايسىز .
قىياس بايرىقى ئاستىدىكى مەلۇم توربىكەتنىڭ 6ئايلىق alimama  كىرىمى
11.png


يەنە شۇ بىكەتنىڭ بىركۈنلۈك گوگىل ئېلان كىرىمى
22.png



Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
601
تىللا
2095
شۆھرەت
1092

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ پىداكار داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 01:59:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
u.admin5.com
  ئىلان بىرلەشمىسىمۇ بەيدۇغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرچە توربىكەتلەرگە ئېلان بىرىشنى توختىتىپتۇ
Nida 实名认证 

باشقۇرغۇچى

نىدا ئىشخانىسى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1296
تىللا
5207
شۆھرەت
2816

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 16:53:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىماما خېلى بولدى ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى تەستىقلىمايدۇ، ئېلان ھەققى بېرىلمەيدۇ.

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1575
تىللا
1252
شۆھرەت
2592
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 18:49:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە جاپا بۇنچە جاپا تارتىپ توربەت قۇرۇپ؟  ھازىرقى 1000 دانە پاخال توربەتتىن چوڭ سۈپەت توربەتتىن 100 ى بولسا ياخشى ئەمەسمۇ؟ نەگە بارسا ئېلاننىڭ گېپى.  مەدىكار ئىشلىسىمۇ خېلى پۇل تاپىدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە پاكىز شۈبھىسىزدەڭلار.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   burkut1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-4-24 18:57  

بىلسەم يازىمەن، بىلمىسەم سورايمەن

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
639
تىللا
882
شۆھرەت
1156

تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 22:12:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئىش تاپالمايۋاتقانلار مەن بىلەن ئالاقىلاشسۇن. بېكار قۇرۇق تور بەت قۇرۇپ قۇرۇق ئېلان قويىمەن دەپ ۋاقىت ئىسراپ قىلماي مەن بىلەن ئالاقىلاشسا بىرلىكتە باغ پەرۋىش قىلىمىز، يەر تېرىيمىز
ھازىر بىزنىڭ بۇ يەردە ئىش خېلى كۆپ.
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
17276
تىللا
21572
شۆھرەت
30052

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 23:03:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش Shahdiyar نىڭ يازمىسى
ئەگەر ئىش تاپالمايۋاتقانلار مەن بىلەن ئالاقىلاشسۇن. بېكار قۇرۇق تور بەت قۇرۇپ قۇرۇق ئېلان قويىمەن دەپ ۋاقىت ئىسراپ قىلماي مەن بىلەن ئالاقىلاشسا بىرلىكتە باغ پەرۋىش قىلىمىز، يەر تېرىيمىز

چاخچاق ئەمەستۇ؟
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
601
تىللا
2095
شۆھرەت
1092

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ پىداكار داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-25 00:39:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
burkut1 يوللانغان ۋاقتى  2011-4-24 18:49
نېمە جاپا بۇنچە جاپا تارتىپ توربەت قۇرۇپ؟  ھازىرقى 1000 د ...

ھەممە ئادەم مەدىكار ئىشلەش ئۈچۈنلا تۇغۇلغانمۇ ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-11 19:27 , Processed in 0.190061 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش