كۆپچىلىكنىڭ تىرىشىشى بىلەن Mozilla شىركىتىنىڭ توركۆرگۈسى Firefox ھازىر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ٪56 تاماملاندى. تەرجىمە بىلەن ماس قەدەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈش ھۆججىتىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئىشلىنىپ ماڭدى. بۇ ئىقتىدار Firefox نى تەرجىمە قىلىش بېتىنىڭ ئىقتىدارى بولۇپ، تەرجىمە قانچىلىك تاماملانسا شۇنچىلىك ئۇچۇر تىل ھۆججىتىگە قوشۇلۇپ ماڭىدۇ.
Firefox نىڭ توردا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش بېتىنىڭ ئادرېسى:
https://l10n.mozilla.org/narro/narro_project_list.php
يۇقىرىقى ئادرېسنى ئېچىپ language نى چەكسىڭىز تىللار تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ، 6- بەتتە ئۇيغۇر تىلىنى چەكسىڭىز بۇ تەرجىمە قۇرۇلۇش بېتىنىڭ كۆرۈنۈشى ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ. ئاندىن سىز تىزىملىتىپ بۇ تەرجىمە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشالايسىز. تىزىملىتىشقا ئېلخەت ئادرېسىڭىز بولسىلا تىزىملىتالايسىز.
تىزىملاتقاندىن كېيىن تەرجىمە قىلالايسىز، ھەمدە باشقىلارنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرەلەيسىز.
~~~~~~~~~~~~~~~~~ تۆۋەندە Firefox نى ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشتە ئىشلىتىشنىڭ ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
1- ئالدى بىلەن Firefox نىڭ 4.0 نەشرىنىڭ ئىنگلىزچىسىىنى توردىن چۈشۈرۈپ كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلايسىز.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
بۇنى بېسىپ 4.0 نىڭ ئېنگلىسچىسىنى چۈشۈرۈڭياكى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
http://www.mozilla.com/en-US/firefox/new
2- نىڭFirefox كۆرۈنۈشىنى ئالماشتۇرۇش قىستۇرما دېتالى Quick Locale Switcher نى قاچىلايسىز.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://releases.mozilla.org/pub/ ... -fx+mz+tb+sb+sm.xpi
بۇ ھۆججەتنى Firefox توركۆرگۈ كۆزنىكىگە سۆرەپ تاشلىسىڭىز قاچىلاش ھەققىدە ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ.
install now ھازىر قاچىلايمەن دېگەننى چەكسىڭىز يېڭى كۆزنەك كۆرۈنىدۇ.
يۇقىرىدىكى كۆزنەكتىن Restart Firefox نى چېكىپ Firefox نى قايتا قوزغاتسىڭىز بۇ قىستۇرما كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
3- ئەمدى Firefox 4.0 گە ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنى قوشىمىز. ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
http://u.115.com/file/f0ddb80b77#Download ئىسمى Firefox_4.0.x-ug_20110418_rtl.xpi.zip
ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنى پىرىستىن يىشىپ تەييارلىۋېلىڭ. Firefox نى قوزغىتىپ tools تىزىملىكىدىن Add-ans نى چەكسىڭىز تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن Options نى چېكىپ، ug-CN-Uighur ) PRC) نى تاللاڭ ھەمدە يۇقىرىدىكى locale دېگەن ئورۇنغا ug-CN نى تولدۇرۇڭ، ئەگەر باشقا تىللاردىكى كۆرۈنۈشنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئوخشاش ئۇسۇلدا قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ. تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن OK نى چېكىپ جەزملەپ Firefox كۆزنىكىگە قايتىڭ.
4- ئەڭ ئاخىرىدا Firefox توركۆرگۈنىڭ ئوڭ ئاستىنى چەكسىڭىز تۆۋەندىكى تىزىملىك كۆرۈنىدۇ.
ئۇيغۇرچىنى تاللىسىڭىز يەرلەشتۈرۈش ئۆزگەردى، قايتا قوزغىتىپ ئۆزگەرتىشنى كۆرەمسىز؟ دېگەن ئۇچۇر كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ. OK نى چېكىپ جەزملەپ قايتا قوزغاتسىڭىز Firefox نىڭ كۆرۈنۈشى ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدۇ.
ئەسكەرتىش:
Firefox نىڭ 4.0 نەشرىدىن باشلاپ، قىستۇرما ۋە كېڭەيتىلمىلەرنى ئورنىتىش مىخانىزىمى ئازراق ئۆزگەردى، شۇڭا بەزى قىستۇرمىلارنى 4.0 قوللىسىمۇ ئەمما ئورناتقىلى بولمايدۇ دېگەن خاتالىق ئۇچۇرى كۆرۈنۈۋالىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن موزىللا شىركىتى ئۆزى تەمىنلىگەن ماسلىشىشچانلىقنى سىناش قىستۇرمىسىنى ئورنىتىۋەتسىڭىزلا ئورناتقىلى بولىدۇ.
ئادرېسى:
https://addons.mozilla.org/en-US/firefox/addon/add-on-compatibility-reporter/?src=api
يۇقارقىلارنى پىرىسلاپ بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم. بىراقلا چۈشۈرەي دېسىڭىز بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
http://u.115.com/file/f0a8e4c967#Download ئىسمى Firefox4.0+ug[www.intil.biz].rar |