+==+  ئوقۇ، ئۆگەن، ئۆگەت، ئىزدەن، تىرىش، ئالغا باس. ئوقۇ، ئۈگەن، ئۈگەت، يولۇڭنى ئاچ، يوللارنى ئاچ، ئەلنى سۆي، ياخشى ئەمەللەردە بول، ھالال ياشا   +==+

ئىنتىل تورى

ULY

 

 

ئىزدەش
ئىنتىل تورى سەينا يانفۇن ئاندرويىد تېلېفونلار ئۈچۈن ...

كۆرۈش: 277|ئىنكاس: 9
go

[Android] ئاندرويىد تېلېفونلار ئۈچۈن دىتال تەرجىمە قىلىش    

Rank: 3Rank: 3

[?]
تۆھپە
138  
تىللا
260  
شۆھرەت
311  

شەرەپ تۆھپە تىرىشچان پىداكار داڭدار ئىشەنچ

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-16 23:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

1- تەييارلىق باسقۇچى
1. ج د ك(JDK) نى  ماۋۇ توربەتتىن چۈشۈرۈڭ ھەم قاچىلاڭ.
2. ماۋۇ يەردىن apktool1.3.2.tar.bz2 ۋە apktool-install-windows-2.2_r01-3.tar.bz2 نى چۈشۈرۈڭ. ئاندىن چۈشكەن بولاقنى يىشىپ چىققان apktool.jar، aapt.exe ۋە apktool.bat ھۆججىتىنى سىستېما قاچىلانغان دېسكىدىكى Windows مۇندەرجىسىگە كۆچۈرۈڭ.
3. ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان دىتالنى چۈشۈرۈڭ ۋە ئۇنى س دېسكىنىڭ غول مۇندەرجىسىگە قويۇڭ (باشقا يەرگە قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، لىكىن دوس بۇيرىقى يازغاندا ئادرىسنى بەلگىلەشكە دىققەت قىلىڭ).
2- دىتالنى يېشىش باسقۇچى
1. باشلاش تىزىملىكى ئىچىدىكى قوزغىتىش(运行) دىگەن ئورۇنغا smd دەپ كىرگۈزۈپ سىستېمىنىڭ دوس ھالىتىنى قوزغىتىڭ.
2. قوزغىلىپ بولغاندىن كىيىن سىز
apktool d "C:\qutbilik.apk" "C:\qutbilik"
دىگەن بۇيرۇقنى بىرىڭ (qutbilik.apk دىگەننى سىز چۈشۈرگەن دىتالنىڭ نامىغا ئۆزگەرتىڭ، qutbilik دىگەننى ھەم ئاشۇ دىتالنىڭ نامىغا ئۆزگەرتىڭ[چوقۇم ئەمەس]).
3. بۇيرۇقنىڭ ئىجرا نەتىجىسى تۈۋەندىكىدەك بولىدۇ.
C:\>apktool d "c:\qutbilik.apk" "c:\qutbilik"
I: Baksmaling...
I: Loading resource table...
I: Decoding resources...
I: Copying assets and libs...
ھەمدە س دېسكىنىڭ qutbilik مۇندەرجىسىگە qutbilik.apk ناملىق دىتالنىڭ بارلىق يىشىۋىتىلگەن ھۆججەتلىرى پەيدا بولىدۇ.
3- مۇندەرىجە بىلەن تونۇشۇش
1. قۇتبىلىك مۇندەرىجىسى ئىچىدە lib, res, smali قاتارلىق ھۆججەت قىسقۇچلار ۋە AndroidManifest.xml بىر دانە ھۆججەت پەيدا بولىدۇ.
2. بىز تەرجىمە قىلماقچى بولغان بايلىق ھۆججەتلەر ئادەتتە res ئىچىدە، شۇڭا قالغان ھۆججەتلەرگە چېقىلمايمىز. بۇنىڭ ئىچىدە values دىگەن ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى xml ھۆججەتلەر ئىچىدە بىز تەرجىمە قىلماقچى بولغان لازىملىق سۆزلەر بار بولۇپ بىز شۇ سۆزنىڭ ئۆزىنىلا تەرجىمە قىلىپ قويساق بولىدۇ، ئەگەر دىتالدا پەقەت بىرلا تىل بولىقى بولسا values بىر دانە بولىدۇ، ئەگەر بىر دىن ئارتۇق تىل بولىقى بولسا values نىڭ ئىچىدە ئېنگىلىزچە تىل بولىقى بولىدۇ، values-XX-YY دە باشقا تىل بولىقى بولىدۇ(XX دۆلەتكە، YY دۆلەت ئىچىدىكى مەلۇم بىر يېزىققا ۋەكىللك قىلىدۇ). values-zh-rCN بولسا جوڭگۇچە ئاددىي يېزىقنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ بىز ئادەتتە مۇشۇنى تەرجىمە قىلىپ قويساقلا كۇپايە، سىستېمىنىڭ تىلى خەنچە ھالەتكە تەڭشەلگەندە مۇشۇ ھۆججەت ئۈنىمىنى كۆرسىتىدۇ (سىستېما ئىچىدە ئۇيغۇرچە دىگەن تۈر بولمىغانچە ھازىرچە مۇشۇنداق ئىپتىدئىي ئۇسۇلدا تەرجىمە قىلىپ تۇرىمىز، بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ، ھەممىسى ۋاقىت مەسىلىسى...).
3. values-zh-rCN نىڭ ئىچىدىكى strings.xml ھۆججىتىنى خاتىرە دەپتەر پروگراممىسى ئارقىلىق ئاچىمىز، ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ شەكلى ئادەتتە
4. 兔子评测
5. بولىدۇ، بىز بۇنىڭدىن پەقەت兔子评测 دىگەن خەتنىلا تەرجىمە قىلىپ قويساق كۇپايە.
6. بارلىق تىل ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بولۇپ ئۆز ئورنىغا ساقلايمىز(ھۆججەت ئىچىدىن ساقلاش دىگەننى چەكسىڭىزلا بولىدۇ).
7. drawable دەپ بىر ھۆججەت قىسقۇچ بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە دىتالنىڭ رەسىم ھۆججەتلىرى ساقلانغان. ئەگەر ئۆزگەرتىش ئىھتىياجى بولسا مۇشۇ يەردىكى رەسملەرنى ئۆزگەرتسەك بولىدۇ.
8. layout دىگەن ھۆججەت ئىچىدە ھەرقايسى كونتروللارنىڭ خاسلىقى ساقلانغان بولۇپ سىز دىن UI لايىھلەش ئىقتىدارى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى ھازىرچە چقىلماي تۇرۇڭ. Color دەپ بىر ھۆجەت قىسقۇچ بار بولۇپ بۇنىڭدا دىتال يۈزدىكى رەڭ بىرىلگەن كونتروللارنىڭ رەڭ پارامىتىرى ساقلانغان، بەك زۆرۈر ئىھتىياج بولمىسا بۇنىڭغىمۇ چېقىلماڭ.
4- دىتالنى بولاقلاش.
1. تەرجىمە قىلىش ۋە رەسىملەرنى ئۆزگەرتىش ئاياغلاشقاندا سىز qutbilik ناملىق ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى ئېچىغلىق ھالەتتە تۇرغان بارلىق ھۆجەتلەرنى تاقاپ بايىقى دوس بۇيرۇقى ھالىتىدىكى قارا ئىكراغا يېنىپ كىلىڭ، ئۆچۈرۋەتكەن بولسىڭىز قايتا قوزغۇتۇڭ.
2. دوس بۇيرۇقى يېزىش كۆزنىكىگە سىز تۈۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ بىر ئاز ساقلاڭ.
apktool b "c:\qutbilik"
بۇيرۇقنىڭ نەتىجىسى تۈۋەندىكىدەك بولىدۇ.
C:\>apktool b "c:\qutbilik"
I: Checking whether sources has changed...
I: Checking whether resources has changed...
I: Copying libs...
I: Building apk file...
سىز ئەمدى qutbilik ھۆجقەت قىسقۇچى ئىچىگە كىرىپ dist دىگەن ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىن qutbilik.apk دىگەن ھۆججەتنى تېپىڭ ۋە ئۇنى كۆچۈرۈپ ئۈستەل يۈزىگە چاپلاڭ.
ھۇھ دىتالنى يىشىش، تەرجىمە قىلىش، بولاقلاش ئاخىرلاشتى، ئەمدى بۇ دىتالغا قول قويىمىز.
5- دىتالغا قول قويۇش
مەن تەمىنلىگەن ئىمزا قويۇش دىتالىنى يىشىپ ئىچىگە qutbilik.apk دىگەن ھۆججەتنى كۆچۈرۈڭ(دىمەكچى سىز تەرجىمە قىلىپ بولاقلاپ ئالغان apk ھۆججەتنى مۇشۇ ئورۇنغا كۆچۈرۈڭ)
2. كۆچۈرگەن دىتالنىڭ ئىسمىنى qutblog.apk قىلىپ ئۆزگەرتىڭ( ئەگەر ئۆزگەرتىشنى خالىمىسىڭىز Bashlash.bat ھۆججىتى ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلانى تەھرىرلىۋالسىڭىز بولىدۇ)، ئاندىن Bashlash.bat دىگەن ھۆججەتنى قوزغىتىپ بىردەم ساقلاڭ، تۈۋەندىكىدەك ئۇچۇر كۆرۈنسە ئىمزا قويۇش ئاياغلاشقان بولىدۇ.
QutBilik签字工具
Uyghur Android blog Sizni Qarshi Alidu
Welcome to Uyghur Android Blog
欢迎光临维吾尔安卓研究博客
Blog: Www.Qutblog.Com
Diqqat: Hazir qutblog.apk Namliq Hojjatka imza Qoyup qutblog_signed.zip Namliq
Hojjat Hasil Qilidu;
Diqqat: Imza Qoyush Tamamlandi...
请按任意键继续. . .
يۇقارقى گەپلەرنىڭ مەنىسى بولسا قۇت بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ، پات-پات كەپ تۇرۇڭ، ئاندرويىد ھەققىدە ئىسىل بىلىملەر بار دىگەن گەپ، مۇشۇ گەپلەر چىقىپ بولغاندىن كىيىن سىز qutblog_signed.zip ناملىق بىر دىتالنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرىسىز، بۇ دىتالنى تېلېفونىڭىزغا قاچىلاپ كۆرۈپ بېقىڭ، نىمىنى كۆردىڭىز؟
يۇقارقى ئۇسۇلدا تەرجىمە قىلىنغان دىتال ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەت نۇسخىسى قاچىلانغان ھەم نىگىزىدىن ئۇيغۇرچە قوللايدىغان تېلېفونلاردا نورمال ئىجرا بولىدۇ(خەتلەر نورمال كۆرىنىدۇ)، ھازىر قېرىنداشلار ئارسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ئاندرويىد تېلېفونلارنىڭ كۆپىنچىسى نىگىزىدىن ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدىغان بولغاچقا ھەم خەت نۇسخىسى قاچىلانمىغان بولغاچقا، بۇ ئۇسۇلدا تەرجىمە قىلىنغان دىتالنىڭ خەتلىرى نورمال كۆرۈنمەيدۇ، بۇنى يەنە بىر قېتىملىق يازمىدا تەپسىلى تونۇشتۇرىمەن. دىىقىتىڭىز داۋاملىق قۇت بلوگىدا بولسۇن.
مەزكۇر ماقالە مەنبەسى: قۇت بىلوگى Www.QutBlog.Com
سىناق تەرجىمە ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن دىتال قۇت بلوگىدا ئېلان قىلىنغان سۆيۈملىك ئاندرويىد تېلېفونىڭىزنىڭ دەرىجىسى قانچە؟ ناملىق تېمىدىكى « دەرىجىدىن تاشقىرى توشقان » ناملىق دىتال.
ئۇيغۇر ئاندرويىد ناملىق چ چ توپىنىڭ نۇمۇرى : 147414066
قۇتبىلىك ئەپەندىنىڭ چ چ نۇمۇرى: 137936175
(ئالاھىدە مۇھىم شەخسى پاراڭ بولمىسا چ چ توپى ئارقىلىق ئالاقە قىلىڭ، سىزگە، ماڭا ھەم كۆپچىلىككە ياخشى)
ئېلان : قۇت بلوگى ھەرساھە-ھەر كەسىپتىكى ئاندرويىد ھەۋەسكارلىرىنى قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا ئوخشىمىغان سەۋىيەدىكى ئاندرويىد ھەۋەسكارلىرىغان ئاندرويىد تېلېفونلارنى ئىشلىتىش، ئاندرويىد تېلېفوننىڭ دىتاللىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئاندرويىد تېلېفونلارغا پروگرامما تۈزۈش، ئاندرويىد تېلېفونلار ئۈچۈن قاچىلاش سىستېمىسى(刷机包) ياساش... دىگەندەك نادىر بىلىملەرنى ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، ھەۋەسكار دوستلارنىڭ قۇت بلوگىنى كەڭ تورداشلارغا تەشۋىق قىلىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
3

باھا خاتىرىسى

  • jahanger

  • kuresh

  • Intil

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

[?]
تۆھپە
9639  
تىللا
14663  
شۆھرەت
18928  

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 01:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چۈشكەن بولاقنى يىشىپ چىققان apktool.jar، aapt.exe ۋە apktool.bat ھۆججىتىنى سىستېما قاچىلانغان دېسكىدىكى Windows مۇندەرجىسىگە كۆچۈرۈڭ.

بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ مەشغۇلات كومپيۇتېردىكى  Windows  تا بولىدىكەندە؟
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

[?]
تۆھپە
914  
تىللا
970  
شۆھرەت
1623  

شەرەپ تىرىشچان

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 14:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭ سىتىۋالغىنىم htc نىڭ تاغ تۇراسى ئوخشايدۇ، لىكىن بىر يىرى ھەقىقى نۇسقىسدا ئىجرا بولغان نەرسىلەر ئوخشاشلا ئىجرا بولىدىكەن، ھەممە يىرى ئوخشاش، پەرىقى شۇ ئاپاراتى 320 مىڭ پىكسىل، سۈرئەت سەل ئاستا..........
قۇتبىلىك بۇرادەر، ئۇنداقتا مەنمۇ سىناپ باقسام بولامدۇ؟
خاپا بولماي ماڭا بىر تەلىم بەرگەن بولسىڭىز!
رەھمەت

Rank: 3Rank: 3

[?]
تۆھپە
138  
تىللا
260  
شۆھرەت
311  

شەرەپ تۆھپە تىرىشچان پىداكار داڭدار ئىشەنچ

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 15:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش Intil نىڭ يازمىسى

مەشغۇلات ئەلۋەتتە كومپيۇتېردا بولىدۇ دە؟ ھەي بەك يامان ئادەم جۇمۇ سىز، مۇشۇ كىچىككىنە خاتالىقنىمۇ بوش قويىۋەتمەپسىز.

Rank: 3Rank: 3

[?]
تۆھپە
138  
تىللا
260  
شۆھرەت
311  

شەرەپ تۆھپە تىرىشچان پىداكار داڭدار ئىشەنچ

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 15:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش ibrat نىڭ يازمىسى

ئەلۋەتتە بولىدۇ، قىينالغان يەرلەر بولسا مەن بىلەن ئالاقە قىلىڭ!

Rank: 8Rank: 8

[?]
تۆھپە
691  
تىللا
699  
شۆھرەت
1554  
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 20:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ ، مەنمۇ android  قا كۆچسەم بۇلامدۇ نىمە ؟ Symbian نى ئويناشتىن زىرىكىپمۇ قالدىم .....
WWW.UYS60.COM  ئۇيغۇر يانفۇن  ھەۋەسكارلىرى سىزنى قارشى ئالىدۇ

Rank: 5Rank: 5

[?]
تۆھپە
201  
تىللا
276  
شۆھرەت
381  

ئاكتىپ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 21:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇشۇ  android   Symbian  دىگەننى قانداق چۈشىنىمىز؟ تەپسىلى چۈشەندۇرۇلگەن تېما بولسا ئادىرىسىنى يوللاپ قويساڭلار چۈشەنچىگە ئىگە بوپ قالسام !

Rank: 3Rank: 3

[?]
تۆھپە
298  
تىللا
779  
شۆھرەت
552  

تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان سالاپەت داڭدار پىداكار

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-18 00:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بىر يېرىم ئاي ئىلگىرى Moto ME525  دىن بىرنى ئالغان ، ھازىر ئاندىرويىد سىستىمىسىغا خىلىلا كۆنۈپ قالدىم ، ئۇنىڭ يۇمشاق دىتاللىرى ھەققەتەن كۆپكەن . قۇتبىلىك ئەپەندىنىڭ «ئاندىرويىدتىكى ئۇيغۇرچە» دىگەن تىمىسىدا ئۇيغۇرچە دىتاللارغا خىلى بۇرۇن تۇتۇش قىلغانلىقىنى بىلگەندىم ، قۇتبىلىك ئەپەندىنى بۇ ھەقتە كۆپىرەك تىما يوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . ئاندىرويد تا قايسى خىل ئۇيغۇرچە فونىت ئەڭ ئۆلچەملىك ، ئەڭ نۇرمال ؟

Rank: 3Rank: 3

[?]
تۆھپە
103  
تىللا
163  
شۆھرەت
198  
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-18 16:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى بوپتۇ، مەنمۇ بىر سىناپ باقاي، بولسا ئاندرويىد تېلفۇنلارغا ئۇيغۇرچىنى %100 تونۇتقىلى بولغان بولسا ھە؟
بىلىم بولغۇسى ئاسمانغا تۈۋرۈك!

Rank: 3Rank: 3

[?]
تۆھپە
138  
تىللا
260  
شۆھرەت
311  

شەرەپ تۆھپە تىرىشچان پىداكار داڭدار ئىشەنچ

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-19 21:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش muhpul نىڭ يازمىسى

بۇلىدۇ، ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى. ئۇيغۇرچە فونت توغرىسىدا ماۋۇ ئۆلچەملىك دەپ ئېيتالمايمەن، لىكىن ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان بىر فونت بار، ئالىپ ئەپەندى ياسىغانغۇ دەيمەن. ئۇيغۇر ئاندرويىد ناملىق چ چ توپىنىڭ بوشلىقىدا بار، قاچىلاپ سىناپ بېقىڭ، بىزنىڭكىدە ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىۋاتىدۇ. چ چ توپى :147414066
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|intil.cn 因特乐 知识信息网 ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2011-8-30 10:49 , Processed in 0.300787 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.