| 
  
  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئەھلى سەينا !   
ئالدى بىلەن « سېخىي سودا تورى » دىكى  باشقۇرغۇچىلار نامىدىن  ھەممىڭلارنىڭ تور تەرەققىياتىڭلارغا ئۇتۇقلار تىلەيمەن !  
         خەلقىمىز ئەلمىساقتىن تارتىپ « سېخىي » لىق توغرىسىدا  ماقال ـ تەمسىللەر ، ھېكايە ـ رىۋايەتلەر يېزىپ قالدۇرغان . ئۇلۇغ ئالىم ، مۇتەپەككۇر ئەدىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىز  سېخىيلىق توغرىسىدا مۇنداق ئېيتقان : « سېخىيلىق ، ئادەمگەرچىلىك ، مەنپەئەت ۋە ياخشىلىق، ئېنىقكى ، ياخشى كىشىلەردىن كېلىدۇ . ياخشى كىشى دوستلار  ئىچىدىكى ئەڭ ئەۋزىلىدۇر ، ياخشى ئىش ئىشلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر . دوستۇڭ ياخشى بولسا ، نېمە خالىساڭ قىلالايسەن ، ياخشى يول تېپىش ئۈچۈن ياخشى دوست كېرەك . ھوزۇر ـ ھالاۋەت ، ئارزۇ ـ نېئمەت ، غورۇر ۋە خوشال ـ خوراملىق ياخشىلىقنىڭ جاۋابى بولىدۇ .               قارا ، بۇ ياخشى كىشىلەرنى قانداقمۇ سۆيمەي ، بۇ ياخشى ئىشلارنى قانداقمۇ ماختىماي ؟!  »  
                                                                                                                             ـ يۈسۈپ خاس ھاجىپ  
 
         دەر ھەقىقەت ، شۇ تاپتا بازار ئىگىلىكىدە ياشاۋاتىمىز ،  سودا تەرەققىياتى دېڭىزىدا ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا لەيلەپ ـ شۇڭغۇپ ئۈزۈپ يۈرمەكتىمىز .  كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزىدىكى ئۆپكە سىغىمچانلىقى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ۋاقىت چېكى بىلەن ھېسابلاشماي يېرىم يولدا « سۇ » ئىچىۋېلىپ « ۋاز كەچتىم » كېمىسىگە ئېسىلىۋېلىپ ئارام ئېلىۋاتقان بولسا ، يەنە ئاز ساندىكى كىشىلەر پۇختا تەييارلىق ھالىتىدە سۇ ئۈزۈش ئەسۋابلىرىنى تەييارلاپ ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز قابىلىيىتىگە تايىنىپ ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ بېرىپ « مۇۋەپپەقىيەت » مېدالىغا ئىگە بولماقتا !   
         « سودىدا نەتىجە قازىنىش »  ئاللىقانداقتۇر تەلەي ياكى بىتەلەيلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماستىن شۇ شەخىسنىڭ تىرىشچانلىقى ھەم ئىقتىدارىغا بېرىپ تاقىلىدىغان سەزگۈر مەسىلە . 
         ئەمدى بىز ئىزباسارلار يۇقارقى پاراڭلارنىڭ مېغىزىنى تۇتقۇ قىلىپ ، « سودا » ئۇقۇمىنى دەستەك قىلىپ « سېخىي سودا تورى » نامىدىكى « تور يۈزىدە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئېلىم سېتىم سۇپىسى » نى كەڭ تورچىلارنىڭ ئىشلىتىپ ، سىناب بېقىشىغا سۇندۇق . « سېخىي سودا تورى » نى بىز بىلەن بىرلىكتە باشقۇرۇڭ ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئاساس تىكلەيلى . ھەرقايسى ساھەدىكى سودىغا قىزىقىدىغان  تور ئەھلىلىرىنىڭ پىكىر ـ تەكلىپى بىلەن روناق تېپىش يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزگىچە سودا مەيدانى ھازىرلاپ قالساق ئەجەب ئەمەس ! 
 
 
         تۆۋەندە سېخىي سودا تورىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز :  
 
تور نامى : سېخىي سودا تورى  
خەنزۇچە : 萨嘿商城  ( سودا تورىمىزنىڭ خەنزۇچە نەشىرى پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ ) 
تور ئادرېسى : http://www.sehiy.com 
تۇغ ئادرېسى : http://www.sehiy.com/logo.gif 
 
1) سودا ئالاھىدىلىكى : دۇكان ئېچىشتىن تاكى تاۋار يوللاش مەشغۇلاتى ھەممىسى ھەقسىز ؛ 
2) پۇل پېرېۋوت قىلىش  : ئەگەر سىزدە 支付宝  ، 财付通،   paypal ....قاتارلىق پۇل پېرېۋوت قىلىش سۇپىلىرىنىڭ خالىغان بىر خىلىنىڭ ھېسابات نومۇرى بولسىلا ئىلتىماس قىلىپ ئالغان « پۇل تاپشۇرۇۋېلىش قىستۇرمىسى » ئارقىلىق تور بېكىتىمىزدە سېتىپ چىقارغان تاۋىرىڭىزنىڭ پۇل سوممىسىنى بىۋاستا شۇ خىل سۇپا ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالالايسىز ، باشقا ھېساباتلارغا پۇل ئوبروت قىلالايسىز ؛  
3) مال سېتىۋېلىش ـ سېتىش : ساپ ئۇيغۇرچە يېزىقىمىزدا يوللانغان تاۋار ئىسىملىرىنى كۆرىسىز ، خالىسىڭىز ھارۋىڭىزغا ساقلاپ سېتىۋالالايسىز ، ساقلىۋالالايسىز .  
4) دۇكاندارلار ئىشەنچ دەرىجىسى : سىزنىڭ ساختا ياكى ئىشەنچىسىز تاۋارلارنى سېتىۋېلىپ قىلىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ،  تىزىملىتىپ دۇكان ئاچقان ھەر بىر سودىگەرنىڭ ئىسىمى ۋە سودا ئۇچۇرلىرى تور بېكىتىمىزنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن دۇكان ئېچىش ھوقۇقى بېرىلگەچكە ، ئارتۇقچە ئەنسىرەش ھاجەتسىز . 
5) مال يەتكۈزۈش ئۇسۇلى : ھازىرچە شىنجاڭ تەۋەسىدا سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەرلەرگە ماس كېلىدۇ . سودىگەرلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىكى مەل يەتكۈزۈش ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەر بىر تاۋارنىڭ يەتكۈزۈش ھەققىنىڭ جەدۋىلىنى ساقلىۋېلىپ ئىشلەتسە ئىستىمالچىغا تېخىمۇ قولاي بولىدۇ . ( مال يەتكۈزۈش ئۈچۈن « شىنجاڭ مۇستافا مال يەتكۈزۈش ئورنى » نى تاللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز  .  مۇستافا مال يەتكۈزۈشى ئورنى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى شەھەر ـ ناھىيەلىرىدە تارماق ئورۇنلارنى تەسىس قىلدى ھەم تەسىس قىلماقچى  : http://xjmsf.com/msf )  
6) دۇكانخۇسۇسىي تۈرى قوشۇش : دۇكان ئاچسىڭىز ، دۇكىنىڭىزنىڭ « باشقۇرۇش سەھىپىسى » دىن دۇكان خۇسۇسىي تۈرى قوشالايسىز ، بۇنداق بولغاندا چوڭ تۈر ۋە كىچىك تۈرلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ ، مال سېتىۋالغۇچىلارنىڭ تاۋار ئىزدىشىگە قولايلىق ياراتقان بولىسىز . 
 
مەقسىدىمىز بىر ، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تور سودا ئىشىغا تۆھپە قوشۇش  
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تور بېكىتىمىزگە يېقىندىن ياردەمدە بولغان خەتتات « كامال » ئەپەندى ۋە « بوز يىگىت » كە رەھمەت ئېيتىمىز . 
باشقا سەھىپىلەر ۋە تۈرلەر ھەققىدە مۇشۇ تېما داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرۇلىدۇ .  
بۇ تېما  « ئىنتىل سەيناسى »  دا تۇنجى بولۇپ يوللاندى . ئەگەر خالىس تەشۋىق قىلماقچى بولسىڭىز مەرھابا ! قارشى ئالىمىز .  سېخىي سودا تورى تۇنجى بولۇپ ھەمكارلاشقان ئۇشبۇ سەينا ئەھلىگە ،  سودا تورىمىز توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ تۇرىمىز . ھەر قانداق مەسىلىگە يولۇققان تورچىلارنىڭ مۇشۇ تېما ئاساسىدا پىكىر ـ تەكلىپ كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .   
 
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ دىققەت 
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىزنىڭ نامى لاتىنچە نامى : sehiy دەپ ئېلىندى ؛ ( بۇنى ئۆلچەملىك ئۇسۇلدا sexiy دەپ ئېلىشنى لايىق كۆرگەن ئىدۇق ، ئەمما sexiy دېگەن سۆزنى بەيدۇ ياكى گوگۇلدا ئىزدەپ ،  خەلقىمىز ئەخلاقىغا يات مەزمۇنلارنى 
 كۆرۈپ ،  شۇ سەۋەبلىك بىر ياخشى نام « سېخىي » نىڭ باشقىلارغا ساغلام بولمىغان مەزمۇننى تەشۋىق قىلىش ئوبىكتى بولۇپ قىلىشتىن قورۇقتۇق .  يەنە بىر تەرەپتىن ھازىرقى تور ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ  sexiy دەپ يېزىش دەرىجىسىگە تېخى 100% يەتمىگەنلىكى سەۋەبلىك sehiy دەپ ئېلىنىپ تۇرۇلدى . تور بېكىتىمىز UKIJ.org نىڭ تەشۋىقاتىنى ئىزچىل ھالدا بېكىتىمىزگە كىرىپ زىيارەت قىلىۋاتقان ھەر بىر شەخىسكە تونۇشتۇرۇپ ، 60% زىيارەتچىنىڭ يېزىش قابىلىيىتىنى شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن ئۆلچەلىك نامنى ئىشلىتىشنى قارار قىلدۇق . قىسقىچە : كۆپىنچىمىز ulinix.com نى خاتا دەيدۇ ، ئەمما ulinish.cn  نى ئالغان نەقulinix.com نى قۇرغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ . بەلكى ئۇ دوستىمىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە x نى « خ » دەپ ئوقۇشنى بىلىپ كەتكەندىن كېيىن لازىم بولۇپ قالار ـ دېگەننى ئويلاشقان بولىشى مۇمكىن . )  
 
 
 
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   serdar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-4-17 00:39   
 
 |