تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

ياردەم: ئىسىمنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىدىغان جەدۋەل

يوللىغۇچى: Ablimit-Tunyaz| يوللانغان ۋاقتى: 2010-8-13 14:30| كۆرۈلۈشى: 189| ئىنكاس سانى: 5

دوستۇم توردىن بىر جەدۋەل چۈشۈرۈپ ئەپكەپتىكەن ، بۇ جەدۋەلنىڭ بىر قۇرىغا ئۇيغۇرچە كىشى ئىسىملىرىنى يېزىپتۇ ، ئاندىن يېنىدىكى قۇرغا بىر فورمۇلا كىرگۈزۈپلا تۇتۇپ بىر تارتسا ئۇيغۇرچە كىشى ئىسىملىرى بۇ قۇردا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ چىقىدىكەن . بۇنىڭ ئارىسىدا بىرنىمە 宏 ئىشلىتىلگەن دەيدۇ ، بىز بۇ جەدۋەلنى ئاچقاندا چوقۇم启用宏 دىگەننى تاللىمىساق ئوبدان ئىشلىمەيدىكەن .
ئەمدى سەينا دىكى ئۇستازلاردىن مۇشۇنى قانداق ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى سورىماقچىمەن .
جەدۋەل مانا :
thunder://QUFodHRwOi8vZGQucXVwYW ... jBiOTU3ZWE5MDA0NFpa
ئەگەر ئۇلىنىش توغرا بولمىغان بولسا بۇ يەردىن ئېلىۋىلىپ كۆرۈپ بېقىڭلار
http://prother.qupan.com/6570937.html

يېڭى ئىنكاسلار

Ablimit-Tunyaz 2010-8-13 15:26
يەنە كىلىپ بىز يېڭىدىن جەدۋەل تۈزسەك ئاۋۇ جەدۋەلدە چىققان فورمۇلا بىز تۈزگەن جەدۋەلدىكى فورمۇلا- فونكىتسىيەلەر تىزىملىكىدىن چىقمايدىكەن :(
Atush 2010-8-13 16:59
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   Atush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-8-13 17:02  

مىنىڭ چۈشەنچەم:
ئۇنى ماكرو (宏) ئاقىلىق ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ماكرو دىگىنىمىز: Visual Basic (كومپىيوتىر تىلى)  تىلى ئارقىلىق يېزىلغان بىر جۈملە سۆزدىن ياكى ئابزاستىن تەركىپ تاپقان، مەلۇم مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان بىر پۇتۇن مەزمۇن. كۇد دىگىنىمىز ماكرونى تەشكىل قىلغۇچى جۈملىلەردىن ئىبارەت.
سىز جەدۋەل نامى(sheet1 دىگەندەك) نى مائوسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىدا چىكىپ، كۈرۈنگەن كۆزنەكتىن كۇدنى كۈرۈش (查看代码) نى تاللاپ ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ سول تەرەپ ئۈستى كۆزنەكتىن بۆلەك 1 (模块1) نى قوش چەكسىڭىز يۇقۇردا دىيىلگەن ماكرونى كۆرەلەيسىز.
بۇ جەدىۋەلدە uh دىگەن فونكىسىيەنى ئۆزى بەلگىلىگەن، يەنى قوشۇش(sum)فونكىسيەسى دەل ئاشۇنداق مەلۇم بىرخىل كومپىيوتىر تىلى ئارقىلىق يېزىلغان كۇد لاردىن تەركىپ تاپقان شۇنداقلا excel گە ساقلانغان، شۇڭا بىز قوشۇش فونكىسيەسىنى ئىجرا قىلساقلام بولىدۇ، بىراق تەرجىمە قىلىش فونكىسيەسى ئالدىن لاھىلەنمىگەن شۇڭا يېزىشقا توغرا كىلىدۇ. بايا سىز كۆرگەن ماكرو دەل شۇ.
ماكرو يېزىشنىڭ  ئۆزىگە تۇشلۇق قائىدىسى ۋە ئۆلچىمى بولىدۇ، خۇددى ماقالە يېزىش قائىدىسىدەكلا.
يۇقارقى ماكرودا مىقدارلارنى بەلگىلەش، تونۇتۇش ، ئايلاندۇرۇد ،... قاتارلىق بىر بر قاتار سۆز ۋە كۇدلار ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرنى كومپىيوتىرنىڭ تونۇيدىغان a, b c  ھەرەپلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەرىپلەر بويىچە كومپىيوتىردا ئەسلى بولغان خەنزۇچە خەتنى  调出来 (تەرجىمە قىلالمىدىم) قىلىش ئارقىلىق تەرجىمە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.
باشقا دەپتەرلەردا  uh فونكىسيەسىنى قوللىنىش ئۈچۈن چوقۇم ماكرونى شۇ دەپتەرگە يۆتكەش كېرەك ياكى بولمىسا excel نىڭ 脚本编辑器 سىغا كىرىپ، شۇ يەردە excel دىكى بۇيرۇق جۈملىلەر يېزىلغان تىل ئارقىلىق يېزىپ، excel بىلەن بىر گەۋدە قىلىۋىتىش كېرەك، شۇندىلا باشقا دەپتەرلەردە ماكرونى كۈچۈرمەي تۇرۇپ باشقا فونكىسيەلەردەك نورمال ئىشلەتكىنى بولىدۇ.
تورداشلارنىڭ تۈزىتىش پىكىرلىرىنى سەمىمى قوبۇل قىلىمەن.
Intil 2010-8-13 17:42
بۇ بىر دوستىمىز ئازراق ئۆزگەرتكىنى ( ئاخىرىنى تۈزەشكە ۋاقتى يار بەرمەي تاشلاپ قويغان)  قىزىققۇچىلار تۈزەشتۈرۈپ بېقىڭلار

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش
jahankizar 2010-8-13 19:26
مەن بۇنى خەنزۇچە ئىسىمنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئويلىغان بولساممۇ، بىراق قىلالمىدىم. ئۇستازلارنىڭ ئويلىشىپ بېقىشىنى سورايمەن.
Atush 2010-8-14 00:18
ئىنكاس قايتۇرۇش Intil نىڭ تېمىسى

ئۈستىدىكى كاتەككە ئۇيغۇرچە كىرگۈزسە بولىدۇ.
excel دا ئىسىمنى ئۆز-ئارا تەرجىمە قىلىش تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ، بولىدۇ دىگەندىمۇ پىروگىراممىر بولىشى كىرەك، شۇنداقلا كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
بەزى ئەمەلىيەتكە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.
قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-9-10 05:50.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.