- جۇغلانما
- 15671
تىزىملاتقان2010-8-12
ئاخىرقى قېتىم1970-1-1
توردا سائەت
دوست
|
Gmail دە ئۇيغۇرچە خەت ئالاقە قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا خېلى ئۇزۇن بولغان. ئەمما ئۇيغۇرچە خەتلەر بىلەن لاتىنچە خەتلەر ئوخشاش بىر قۇردا ئارلاش كەلسە، ياكى تىنىش بەلگىلىرى كەلسە، لاتىنچە خەت ياكى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئورنى قالايمىقان بولۇپ كېتەتتى. بۇ مەسلىمۇ ئوڭشىلىپتۇ. تەپسىلاتى:
Gmail دە ئۇيغۇرچە خەتلەرنى 100 پېرسەنت نورمال يېزىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشقا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.
1. Gmail ھىسابىڭىزنىڭ تەڭشەش ئورنى (ئۈستى تەرەپتىكى Email ئادرېسىڭىزنىڭ يېنىدىكى كونۇپكا) دىن كىرىپ، يوللايدىغان خەتلەرنىڭ كودلاش ئۇسۇلىنى UTF-8 گە توغىرلاپ قويىسىز. يەنى
Outgoing message encoding دىگەن تۈر. بۇ تۈر تەڭشەش بېتىنى ئاچسىڭىزلا ئاستىدىراق.
Use Unicode (UTF-8) encoding for outgoing messages دىگەن تۈرنى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر Email نىڭ تىلى خەنزۇچە بولسا 设置 دىن كىرىپ . ئەڭ ئاستىدىكى 外发邮件编码 دىگەن تۈردىن
对于外发邮件使用 Unicode (UTF-8) 编码
نى تاللاپ ساقلايسىز.
2. خەت يازغاندا ئاۋال تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن كونۇپكىنى بېسىۋېتىپ، ئاندىن يازىسىز. بۇ كۇنۇپكا خەت يېزىش رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى خەت ئۇسلۇبىنى تەڭشەيدىغان قوراللار ئىچىدە
3. خەتنىڭ Font نى خەت يېزىش رامكىسى ئۈستىدىكى قوراللاردىن F نى چېكىپ Tahoma غا توغىرلايسىز.
شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە خەتلەر بىمالال يېزىلىدۇ، يوللىنىدۇ ۋە تاپشۇرۋېلىنىدۇ.ئەگەر ئوخشاش بىر قۇردا ئۇيغۇرچە ۋە باشقا سولدىن - ئوڭغا يېزىلىدىغان يېزىقلار ئارلاش كەلسىمۇ قالايمىقانچىلىق يۈز بەرمەيدۇ. تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئورنىمۇ ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.
بۇنداق يېزىلغان ئۇيغۇرچە خەتلەرنى نورمال كۆرسىتەلەيدىغان ئېلخەتلەر:
Hotmail, Yahoomail, Gmail, AolMail قاتارلىقلار.
مەنبە: تەكلىماكان
|
|