ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 349|ئىنكاس: 2

ئۈرۈكتىكى يىشىل قۇرۇتنى يوقۇتۇش تەدبىرلىرى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

hursan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
91
تىللا
81
شۆھرەت
223

ئاكتىپ تىرىشچان سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 16:37:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈرۈكتىكى يىشىل قۇرۇتنى يوقۇتۇش تەدبىرلىرى


ئۈرۈكتىكى يىشىل قۇرۇتنىىڭ رايۇنىمىز تەۋەسىدە بىرلىككە كەلگەن نامى تېرەك تۈن پەرۋانىسى بولۇپ، ئۈرۈك چىچىكى تۆكۈلگەندىن باشلاپ زىيان سېلىشى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ ماڭىدۇ، باغۋەنلىرىمىزنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تېرەك تۈن پەرۋانىسىنىڭ زىيىنىدىن بالدۇررق قۇتۇلۇپ ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغاندەك مەھسۇلاتلارغا ئېرىشىشىگە ئاز تولا يارىدىمىم تىگەر دىگەن نىيەتتە بۇ تېخنىكىنىكىلىق ئۇسۇلنى يوللۇدۇم.
ئەسكەرتىش: چوقۇم قوشۇمچە ھۆججىتى(رەسىم) بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈڭ،چۈنكى قۇرۇتنى يوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇ خىل قۇرۇتنى تونۇش.
تېخنىكىلىق مەسلىلەردە قېيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز 1137872382@qq.com غا سۆز قالدۇرۇڭ.

پەيدا بولۇش ۋە زىيان سېلىش ئالاھىدىلىكى
تـېـرەك تـۈن پـەرۋانىـسى ئـاساسـلىـقى ئالما، نەشپۈت، ئـۆرۈك، شـاپـتـۇل، ئـۈجـمـە قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقـلىـرىـغـا لىـچىنـكـا ھالىـتىـدە زىـيان سالىـدۇ. زىيانغا ئۇچرىغان يوپۇرماقـنىڭ چوڭ تومۇرىلا قېپــقـالىـدۇ، بـەزىدە مېۋىگىمۇ زىـيان سـالىدۇ، يىـلدا بىـر ئـەۋلاد قالدۇرىدۇ. 15―10 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى نەمخۇش تـۇپـراق قـاتـلىــمىدا قورچاق ھالىتىدە قىشتىن ئۆتىدۇ. تېرەك تۈن پەرۋانىــسىـنىـڭ يېـتىلـگەن ھاشارىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مىللىمېتىر ئەتراپىدا، چوڭ ياشلىق لىچىنكىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 45 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. بـۇ ھاشارات 3- ئايـنىڭ بېشىدا پـەيـدا بـولۇپ تۇخۇملاشقا باشلاپ، 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا تۇخۇملىشى ئەۋجىگە چىقىدۇ. تۇخۇملاش مەزگىلى 6―24 كۈن، لىچىنكـا مـەزگىـلـى 20―43 كـۈن، قـورچاق مـەزگىـلى 286―331 كۈن، يېتىلگەن ھاشارات مەزگىلى 3―14 كۈن بولىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش- يوقىتىش ئۇسۇل
1) تـوڭ يـاتـقـۇزۇش، يـەر ئاغدۇرۇش ئارقىلىق قىشلىغان قـورچاقـلارنى يـوقىـتىش، ھـەر 10―15 مو باغقا 20 ۋاتـلىق خىرە نۇرلۇق چىراغـدىـن بىـردىن ئېـسىش ئارقىلىق يېتىلگەن ھاشاراتلارنى ئالداپ يوقىتىش كېرەك.
2) تېرەك تۈن پەرۋانىسىنىڭ تۇخۇمـدىـن چىـقىشىـنىڭ ئەۋج ئېلىش مەزگىلىدە (4- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا) %2.5 لىـك دېـكامېتـرىـن (دىـشاسـى 敌杀死) سۈتسىمان مايلىق دورىسىنىـڭ 1500 ھەسـسىـلىـك سـۇيـۇلـدۇرۇلـمىـسى يـاكى %48 لىـك لورسبان (لېـسىـبېن 乐斯本) سۈتسىمان مايلىق دورىسىنىڭ 1000 ھەسسىلىك سۇيۇلدۇرۇلمىسى، %40 لىك سۇپراستىد (سۇپۇشا 速扑杀) سۈتسىـمان مايـلىق دورىسىنىڭ 1000 ھەسسىلىك سۇيۇلدۇرۇلمىسى، Bt نەملىشىشچان پاراشوكىنىڭ 800―1000 ھەسسىلىك سۇيۇلدۇرۇلمىسى، %25 لـىـك مېـيـۇنـياۋ (灭幼脲) 3- نـومـۇر يېـلىمسىمان دورىنىڭ 2000―3000 ھەسسىلىك سۇيۇلدۇرۇلمىسى قاتارلىق دورىلارنىڭ خالىغان بىرىنى تاللاپ چېچىش كېرەك.

1.jpg
1.jpg
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
14179
تىللا
18599
شۆھرەت
25546

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 21:57:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
alnap 实名认证 

مۇشاۋۇر

ئەلگە نەپ.ئەلدىن ئەلگە نەپ.

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
408
تىللا
589
شۆھرەت
767
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-13 22:43:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ پىتنى يۇقىتىدىغان ئامال بارمۇ؟؟؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-4-18 04:23 , Processed in 0.715117 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش