- توردا
- 9 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-25
- تىزىملاتقان
- 2011-4-6
- شۆھرەت
- 258
- تىللا
- 154
- تۆھپە
- 173
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 867
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 58
- تېما
- 15
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 2038

- تۆھپە
- 173
- تىللا
- 154
- شۆھرەت
- 258
|
«Java پىروگرامما تىلىدىن ئاساس» ناملىق كىتاب

بىر قىسىم دوستلارنىڭ ئېسىدە بولغىنىدەك مەن ئالدىنقى قېتىم ئەھمىيەتلىك بىر ئىشقا تۇتۇش قىلىۋاتقانلىقىمنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئىدىم . بىر يىل ئىزچىل تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى « java پىروگرامما تىلىدىن ئاساس » ناملىق كىتابنى كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىغا سۇندۇم . كىتاب مۇشۇ يىلى تۆتىنجى ئايدا نەشىردىن چىقتى . ھازىر مەزكۇر كىتابنى ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى بارلىق شىنخۇا كىتابخانىلىرىن تاپقىلى بولىدۇ . مەزكۇر كىتاب ھەققىدە كەڭ بىلىك ئەھلى ۋە ئۇيغۇر تور دۇنياسىغا كىچىكىپ ئۇچۇر بەرگەنلىكىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن ، شۇنداقلا دوستلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . كىتابنى توپ ۋە پارچە سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ .
يانفۇن : 15026277654 ، ئېلخەت : uyghur.java@gmail.com . مەن ھازىر ئاقسۇ شەھەر ئىچىدە .
كىتابنىڭ مۇندەرىجىسى تۆۋەندىكىچە :
1.باب java ھەققىدە
2.باب java نىڭ ئاساسىي گىرامماتىكىسى
3.باب java ئىبارىسى ۋە كونترول قۇرۇلمىسى
4.باب ئوبيېكىتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما تۈزۈش
5.باب تۈرنىڭ ۋارىسلىقى ۋە كۆپ خىل ھالەتچانلىقى
6.باب بولاق،چېتىق ۋە نورمالسىزلىق
7.باب كۆپ قوللىنىلىدىغان سىستېما تۈرى
8.باب گىرافىك يۈزى
9.باب كۆزنەك ۋە تىزىملىك
10.باب كۆپ لىنىيەلىك مېخانىزم
11.باب گىرافىك ۋە كۆپ ۋاسىتىنى بىر تەرەپ قىلىش
12.باب java دىن بىر قىسىم تېخنىكىلار (بۇ بابتا ئاساسلىق قىلىپ ئۇيغۇرچە پىروگرامما ئېچىش سۆزلىنىدۇ)
ئاپتۇر ئىزاھاتى:
كىتابنىڭ يەككە باھاسى 45 سوم . ئەگەر مەندىن 10 تالدىن يۇقىرى ئالسىڭىز %10 ئېتىبار ، 20 تالدىن يۇقىرى ئالسىڭىز %20 ئېتىبار ، 30 تالدىن يۇقىرى ئالسىڭىز %30 ئېتىبار ، 50 تالدىن يۇقىرى ئالسىڭىز %40 ئېتىبار قىلىمەن . ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئېتىبار قىلالمايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alnuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-11 23:47
|
|