ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 1867|ئىنكاس: 18

ساقلاپ قويغۇدەك ھېكمەتلىك سۆزلەر     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
2021
تىللا
1608
شۆھرەت
3257
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 10:46:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
***  دۈشمىنىڭنى كەچۈرىۋەت ، ئۇ ھەر قانچە زىيان سالسىمۇ سەن يېقىن بىلگەن ، ئىشەنگەن دوستۇڭدەك زىيان سالالمايدۇ .   
***  ساڭا يامانلىق قىلغان ئادەمنى ئازاپلايدىغان ئىش ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىش ،  
***  ئازاپ ۋە دەرتكە مۇپتىلا بولغاندا چۈشكۈنلەشمەسلىك ، قاتتىق ھاياجانلانغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش كېرەك .  
***  بېشىڭغا بەخىت قۇشى قونغاندا دوستۇڭ سىنى چۈشىنىدۇ ، بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە سەن دوستۇڭنى چۈشىنىسەن .  
***  ھايۋاننى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقت كەتمەيدۇ ، ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ .  
***  ئەڭ يېقىن ئادىمىڭلا سىنى ئەڭ قاتتىق ئازاپقا سالالايدۇ .  
***  مەسلىھەتنى چېچى ئاقارغانلاردىن ئەمەس ، دىلى ئاقارغانلاردىن سۇرا .  
***  ئىنسان يىغلاپ تۇغۇلۇپ ، باشقىلارنى يىغلىتىپ كېتىدۇ .  
***  ئازاپلانغان ، قايغۇرغان ۋاقتىڭدا ساڭا تەسەللى بەرگۈدەك بىرەرىنىڭ يوقلۇقى روھىڭنى تاۋلايدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت .  
***  ئادەم قانچىكى كۆڭۈلچان بولسا زىممىسىدىكى يۈكى شۈنچە ئېغىر بولىدۇ .  
***  سەۋر - تاقەت ئىناق تۇرمۇشنىڭ بايلىقى .
***  بىر - بىرىگە مەپتۇن بولۇش ئائىلە ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئولى .
***  بىلىم ئۆگىنىش ئائىلە ئىتتىپاقلىقىنىڭ جەۋھىرى .
***  پەرزەنت _ چىن ئەقىدىنىڭ يېلتىزى .  
***  قىمار ئويناش ئائىلىنى ئوتتا كۆيدۈرگەنلىك .

** ھەممە كىشى سىناق ئۈستىدە؛ ئالدىغۇچى ئالدىنىدۇ، ئەزگۈچى ئىزىلىدۇ.

** ھېچكىمنى كەمسىتمە، باشقىلارغا ئورا كولىغان كىشى ئۆزى دۇمۇلايدۇ.

** ئەڭ چوڭ بالا تىلدىن كېلىدۇ.

** كىشىنىڭ ئىشى بولسا ئىشى، سۆيەر ئۇنى ھەر كىشى، كىشىنىڭ ئىشى بولسا كىشى، راۋاج تاپماس ھېچ ئىشى.

** مۇھەببەتنىڭ ئاساسى ئۆزئارا ئىشەنچتۇر. ئىشەنچ بولغان يەردە مۇھەببەت بولىدۇ. ھەر ئىككىسى بولغاندا غەلىبە قولغا كېلىدۇ.

** مۆمىن ھەر دائىم ئىھتىياجنى قاندۇرىدىغان غىزاغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك.

** ئالدىنى دۇنياغا قىلغان كىشىنىڭ دوستى بولمايدۇ، ئالدىنى ئاخىرەتكە قىلغان كىشىىنىڭ دۈشمىنى بولمايدۇ.

** "ياخشى بولسا مۈشۈنچىلىك بولا" دېيىلىدىغانلار بىلەن بىرگە بولغانلار بەخت قۇچىدۇ.

** قەلبنى ئەڭ كۆپ نۇرلاندۇرىدىغان نەرسە، سېنى غەزەپلەندۈرگەن كىشىنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىشتۇر.

** قۇل ھەققىدىن قورققان كىشى پۇتىنى ئۇزۇتۇپ، راھەت ئۇخلىيالمايدۇ.

** مەردلىك – سېنى ياخشى كۆرمىگەن كىشىگە ئىھسان قىلىش ۋە سەن ياخشى كۆرمىگەن كىشى بىلەن تاتلىق تىلدا سۆزلىشىشتۇر.

** تىلى تاتلىق موزاي ئىككى ئانىنى ئىمىدۇ، تىلى ئاچچىق موزاي بىر ئانىنىمۇ ئىمەلمەيدۇ.

** مۇرۇۋۋەت – ئىنسانلىق ۋە ياخشىلىق قىلىش ئارزۇسىدۇر.

** ياخشىنىڭ يامان، ياماننىڭ ياخشى ئادىتى  بولۇشى مۇمكىن. ياخشى ئادىتىنى ئۈلگە قىلىش لازىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: "بىر مۆمىننىڭ ياخشلىقىنى ئۇنتۇپ، يامانلىقىنى ئېسىدىن چىقارمىغان كىشىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ" دېگەن.  

** تەقۋادارلىق ئەقىل بىلەن قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. ئاللاھ تائالاغا ئاسىي بولۇش، ئەخمىقانە قىلغان ئىشلارنىڭ ئەڭ قەبىھىدۇر.

** بېخىل ئىنسانلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

** ئۆمرىنى پايدىسىز، بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشى، ئېتىزغا ئۇرۇق سېلىش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولىدۇ. ۋاقتىدا ئۇرۇق سالمىغان كىشى مەھسۇل ئالىدىغان چاغدا چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ.

** ئىككى مۆرەڭدە ئىككى مۇپەتتىش بار، سېنى ھەر دائىم تەپتىش قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا ئاز سۆزلىگىن ۋە سۆزۈڭنىڭ ياخشى ياكى يامان دەپ يېزىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇما.

** بىر نەرسە دېمەكچى بولساڭ، ھەم ئۆزۈڭنىڭ ھەم ئاڭلىغۇچىنىڭ ئاخىرىتىنى ئويلاپ سۆزلە. ئاتىلىرىمىز "مىڭ ئويلاپ، بىر سۆزلە" دەپ بىكار ئېيتمىغان.

** ھەر قانداق كىشىدە باشلىق بولۇش ئارزۇسى بار. بۇ ئارزۇ پەقەت يۈزى ئاخىرەت تەرەپكە بولغان كىشىدە بولمايدۇ.

** تەبەسسۇمنى بىلمىگەن كىشىنىڭ سۆيۈملۈك ۋە مۆتىبەر بولۇشى ناھايىتى قىيىن.

** مۇسۇلمان باشقا مۇسۇلمانلار يېنىغا ھاجىتىنى سوراپ بېرىشتىن تارتىنىدىغان بولسا، يېنىغا تارتىنغان ھالدا بېرىلىدىغان مۇسۇلماننىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىنىدۇ.

** ئۆلۈمنى ئەسلەش ئۆمۈرنى ئۇزىتىدۇ. ئۇزۇن ياشاش ئارزۇسى ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ. ئۇزۇن ياشاش ئارزۇسى بىلەن ياشىغان كىشى ئۈچ نەرسىگە ھەسرەتتە كېتىدۇ. ئىستەكلىرىگە قانالمايدۇ؛ ئارزۇسىغا ئېرىشەلمەيدۇ؛ ئاخىرىتى ئۈچۈن يېتەرلىك تەييارلىق قىلالمايدۇ.

** ھالىڭدىن دەرتلەنمە، ياماننىڭ يامىنى بار.

** يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ يۇقماسلىق ئېھتىمالىمۇ بار. ئامما بىر بىنادا بىر يامان كىشى بولسا، ئۇنىڭ يامان خۇيلىرىنىڭ باشقىلارغا يۇقماسلىق ئىھتىمالى يوق.

** مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىررى تەبەسسۇم، تاتلىق تىل ۋە گۈزەل سىياسەتتۇر. گۈزەل سىياسەت ھەممە كىشىنىڭ خۇرسەن بولۇشىدۇر.

** مۇھەببەت يېقىنلىق تەلەپ قىلىدۇ، يىراقلاشقان مەھرۇم بولىدۇ.

** باشقا كەلگەن ھەر بىر خاپىلىقنىڭ سەۋەبى گۇناھ ئىشلەشتۇر.

** كىبىر ۋە ئاچچىقلىنىش ئىنساننىڭ بېشىغا نۇرغۇنلىغان بالالارنى كەلتۈرىدۇ.

** ياخشىلار بىلەن دوست بولغان كىشى يامانلارنىڭ شەررىدىن خاتىرجەم بولىدۇ.

** قەلبتە قانچىلىك كىبىر بولسا، ئەقىلدە شۇنچىلىك نۇقسانلىق پەيدا بولىدۇ.

** باشقىلارغا يۈك بولغان كىشى خورلىنىدۇ.

** گەپ توشوش ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلىقتۇر.

** ئۆزىگە ئىچى ئاغرىمىغاننىڭ باشقىلارغا ھەرگىز ئىچى ئاغرىمايدۇ.

** ئالىم بىلەن يۈرگەن ئەزىز، بىلىمسىز بىلەن يۈرگەن زەلىل بولىدۇ.

** مۆمىن ئاز سۆزلەيدۇ، كۆپ ئىش قىلىدۇ. مۇناپىق كۆپ سۆزلەيدۇ، ئاز ئىش قىلىدۇ.

** ئەدەپ ـ ئەخلاق، ئەقىلنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىدۇر. كىشىنىڭ ئەقلى ئەخلاقى قەدەردۇر.

** ئەقلىدەك سەرمايە، ياخشى خاراكتىردەك دوست، ئەدەبتەك مىراس، ئىلىمدەك شەرەپ بولمايدۇ.  

** تىل يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ، قويۇپ بەرسەڭ سېنى پارچىلاپ تاشلايدۇ.

** كىشى تىلىنىڭ ئاستىدىدۇر، قانداقلىقى سۆزىدىن مەلۇم بولىدۇ.

** يامان ئادەم ھەممە كىشىنى ئۆزىگە ئوخشاش يامان دەپ قارايدۇ.

** پۈتكۈل يامانلىقلارنىڭ بېشى يامان دوستتۇر.

** دىل پاك بولسا، تىلدىن چىرايلىق سۆزلەر چىقىدۇ.

** ئۆز قارىشىغىلا ئېسىلىۋالغان كىشى ھەقىقەتنى تاپالمايدۇ.

** ھەر قانداق ياخشىلىق سەۋر قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ.

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
2021
تىللا
1608
شۆھرەت
3257
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 10:48:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر دانىشمەن شۇنداق دەپتۇ
ئى پەرزەنىتلىرىم ، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى 5 نەرسىدىن ۋاپا كۈتمەڭلار !
‹1› بۇلۇتنىڭ سايىسى ،ئۇ قاراپ بولغۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ .
‹2› غەرەزلىك دوست ، ئۇ ھامان ساڭا ئەسقاتمايدۇ .
‹3› يالغاندىن تەرىپلەش ، ئۇمۇ ئىز بېسىپ تۇرالمايدۇ .
‹4› چىرايلىقلارنىڭ جامالى ، ئۇ ئاخىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ .
‹5› بۇ دۇنيانىڭ مېلى ، ئۇمۇ ئاقىۋەت ئىگىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ .
دۇنيادا 7 نەرسە 7 نەرسىگە باغلىق بولىدۇ ؛
‹1› خوتۇننىڭ ئىززىتى ئەر بىلەن .
‹2› بالىنىڭ ئىززىتى ئاتا بىلەن .
‹3› شاگىرىتلارنىڭ ئىززىتى ئۇستازى بىلەن .
‹4› لەشكەرلەرنىڭ قۇۋۋىتى سەردار بىلەن .
‹5› پۇقرالارنىڭ خاتىرجەملىكى پادىشاھ بىلەن .
‹6› پادىشاھنىڭ ئىززىتى ئادىللىق بىلەن .
‹7› ئادىللىقنىڭ روناق تېپىشى ئەقىل ۋە ھوشيارلىق بىلەن باغلىق

ھېكمەت ئۇچقۇنلىرى




1-قىزلار بۇزۇلغاندا ھاياسىزلىشىدۇ،ئۇغۇللار بۇزۇلغاندا ۋاپاسازلىشىدۇ.

2-ئەقىلدىن بەكرەك ھىسىياتقا، غايىدىن بەكرەك ھەۋەسكە،ئۈگۈنۈشتىن بەكرەك ئويناشقا ئەھمىيەت بىرىۋاتىمىز.نەتىجە:ھىسىيات ئەقىلسىزلىككە، ھەۋەس- ھۇرۇنلۇققا، ئۇيۇن- تاماشا كۆز ياشلىرىمىزغا پىلتە بۇلۇپ بىرىۋاتىدۇ.

3-ئۇڭۇشسىزلىققا يۇلۇقىۋەرسەڭ چۈشكىنلىشىپ كىتىسەن،ئوخشاشلا،داۋاملىق غەلبە قىلىۋەرسەڭمۇ بىخۇدلىشىپ كىتىسەن.

4-ئاياللار كىيىم- كىچەكنىڭ پارىڭىغا چۈشكەندە،شەيتاننىڭ دۇمبىقى ئەڭ بەك چېلىنىدۇ.

5-يوقسۇزلۇقتىكى مۇھتاجلىق- ۋاقىتسىز كەلگەن ئەجەلدۇر.

6-قېرىنداشلىرىڭنىڭ قەدرىنى ئۈلۈم- يىتىم ۋە توي تۈكۈندە،دوسلىرىڭنىڭ قەدرىنى يوقسۇزلۇق ۋە ئۇزۇن سەپەردە،سۆيگۈنۈڭنىڭ قەدرىنى يالغۇز قالغاندىلا بىلەلەيسەن،

7-باشقىلارغا مۇھتاج بۇلۇپ باقمىغانلار ئىنساننى،سەرسانلىقنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغانلار دۇنيانى چۈشۈنەلمەيدۇ.

8-ئۆز يۇرتۇڭدا خورلىنىشىڭ- سەرسانلىقىڭغا پىلتە بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.

9-ئاغرىپ قالغاندا ساغلاملىقنىڭ، سەكراتقا چۈشكەندە ھاياتنىڭ قەدرىگە يىتىمىز. شۇڭا تارىختا ئەڭ كۆپ خاتىرلەنگىنى پۇشايمان ياشلىرى.

10-ئوغۇللار ئېرىشكەندىن كىيىن بۇزۇلۇدۇ،قىزلار ئېرىشىش ئۈچۈن بۇزۇلۇدۇ.

11-مەنساپدارلىق تەختىدە شىردەك ھۆركىرگەنلەر ھۇقۇقتىن چۈشكەندە مۈشۈكتەك ياۋاشلاپ كىتىدىكەن. بۇنداق چاغدا ئىلگىرى يېلىنىپ ھالى قالمىغانلارمۇ تۈكۈرۈپ ئۈتۈشىدىكەن....ئويلاپ قالدىم:خەلىقنىڭ لەنەت- نەپرىتىگە ئۇچرىغۇچىلار بۇ ئالەمدە قىيامەت ئازابىنى ئەڭ بۇرۇن تارتقۇچىلار بولسا كىرەك.

12-نىمە ئۈچۈن كۆزىمىز قانلىق ياشلاردىن قۇرىمايدۇ؟

چۈنكى قاغا-قاغىنىڭ كۆزىنى چۇقۇمىغان بىلەن، ئىنسان- ئىنساننىڭ كۆزىنى چۇقۇيدۇ ئەمەسمۇ.

13-ئۇلۇغ ئىشقا تۇتۇش قىلغىنىڭدا بولسۇن، ياكى ئاچچىق قىسمەتلەردىن يىغلىغىنىڭدا بولسۇن، سەن ئۈچۈن كۆكرەك كىرىپ ئالدىغا چىقالمىغان قېرىندىشىڭ،بىر كۈنلەردە سىنىڭ گۆركارىڭ بوپ قېلىشى مۇمكىن.

14-ئىگىزگە چىقساڭ يىراقنى كۈرەلىگىنىڭ بىلەن ،قانچە ئىگىزگە چىقساڭ ئەمىلىيەت ساڭا شۇنچە كىچىك، شۇنچە غۇۋا كۆرىنىدۇ.

15-ھەقىيقى مۇھەببتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەكچى بولساڭ ئانا قولىدىكى بوۋاققا قارا.

16-خۇشامەتتىن قەددىڭ قانچە پۈكۈلسە ئۆزگىلەرنىڭ بېشىڭدا ياڭاق چاقمىقى شۇنچە ئاسان بولىدۇ.

17-ئالدىڭغا نىمە كەلسە يەۋەرسەڭ ھايۋانغا ئوخشاپ قالىسەن.ئوخشاشلا نىمىنى كۆرسەڭ دوراۋەرسەڭ،ئۆزگىلەر نىمىنى قىلسا شۇنى قىلىۋەرسەڭمۇ بىر كۈنلەردە مايمۇنغا ئايلىنىپ قېلىشىڭ مۇمكىن.

18-سۆزلەر قانچە چىرايلىق كۆڭۈلگە ياققۇدەك ئېيتىلغانسىرى سەمىمىيەتتىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ.

19-پۇل تاپماي تۇرۇپ ئايال تاپقان بولسىڭىز،شۇبھىسىزكى ئەرلىك غۇرۇرىڭىزنى قوغداشقا ئامالسىز قالىسىز.

20-بىزلەر ئۆز- ئارا ئەيىپ نوقسانلىرىمىزنى ئېچىپ سۆككەنسىرى خەقنىڭ شۇ ئەيىپ-ئاجىزلىقىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتقانلىقى كىشىنى ئېچىندۇرۇدۇ.


بىر دانىشمەن شۇنداق دەپتۇ ؛
          ئى پەرزەنىتلىرىم ، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى 5 نەرسىدىن ۋاپا كۈتمەڭلار !
‹1› بۇلۇتنىڭ سايىسى ،ئۇ قاراپ بولغۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ .
‹2› غەرەزلىك دوست ، ئۇ ھامان ساڭا ئەسقاتمايدۇ .
‹3› يالغاندىن تەرىپلەش ، ئۇمۇ ئىز بېسىپ تۇرالمايدۇ .
‹4› چىرايلىقلارنىڭ جامالى ، ئۇ ئاخىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ .
‹5› بۇ دۇنيانىڭ مېلى ، ئۇمۇ ئاقىۋەت ئىگىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ .
  دانىشمەن يەنە شۇنداق دەپتۇ ؛ '
دۇنيادا 7 نەرسە 7 نەرسىگە باغلىق بولىدۇ ؛
‹1› خوتۇننىڭ ئىززىتى ئەر بىلەن .
‹2› بالىنىڭ ئىززىتى ئاتا بىلەن .
‹3› شاگىرىتلارنىڭ ئىززىتى ئۇستازى بىلەن .
‹4› لەشكەرلەرنىڭ قۇۋۋىتى سەردار بىلەن .
‹5› پۇقرالارنىڭ خاتىرجەملىكى پادىشاھ بىلەن .
‹6› پادىشاھنىڭ ئىززىتى ئادىللىق بىلەن .
‹7› ئادىللىقنىڭ روناق تېپىشى ئەقىل ۋە ھوشيارلىق بىلەن باغلىق بولىدۇ .
پەرزەنىتلەر دانىشمەننىڭ سۆزلىرىدىكى پاساھەت ۋە چۇڭقۇر مەنالارغا قايىل بولۇشۇپ ، ئۆزئارا باش لىڭشىتىشىپتۇ .
                                                 بوۋام ئېيىتقان ھېكمەتلەر -

بوۋام بىر كۈنى بىزگە تەربىيە قىلىپ شۇنداق دېدى ؛
ئېسىڭلاردا بولسۇنكى ،ھەرقانداق كىشى مۇنۇ 5 خىسلەتنى ئۆمۈرنىڭ سەرمايىسى ۋە يول جابدۇقى قىلسا ، قەيەرگە بارسا غەرىزى ھاسىل بولىدۇ ۋە ئۆزىگە مۇھەببەت تېپىپ ئىززەتلىك بولىدۇ ؛
‹1› بەتقىلىقتىن يىراق بولماق
‹2› ياخشى ئىش قىلىدىغان بولماق
‹3› تۆھمەت ۋە زىيان قىلىدىغان ئىشلاردىن پەرھىز قىلماق
‹4› ياخشى خۇيلۇق بولماق
‹5› ھەممە ۋاقىتتا ئەل بىلەن ياخشى چىقىشماق ۋە ئەدەب ساقلىماق .
بوۋام يەنە شۇنداق دېدى ؛
ماۋۇ خىلدىكى 3 خىل كىشى ھامان ھالاك بولىدۇ ،
‹1› ئۆزىنىڭ كۈچ – قۇدرىتىگە چەكسىز ئىشىنىپ كېتىدىغانلار
‹2› تائام ۋە شاراپنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار ‹3› ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ خۇشامەتلىرىگە ئالدانغانلار .
بوۋام يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ؛
3يەنە شۇداق 3 خىل كىشى باركى مەڭگۈ غەم – ئەندىشىدىن قۇتۇلالمايدۇ ،
‹1› ھەمىشە يامان ئىشنىڭ قەستىدە يۈرگەنلەر -
‹2›قۇدرىتىنىڭ بارىدا ياخشى ئىش قىلمىغانلار `
‹3›نادانلىق بىلەن ئويلىماي ئىش قىلىپ ئاخىرىدا ھەسرەتتە قالغان كىشلەر .
بوۋام سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ نۇرلۇق ۋە ئۆتكۈر كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكتى .بىز بوۋامنىڭ سۆزلىرىدىكى ئۆلمەس ھەقىقەت ۋە چۇڭقۇر پاساھەتلەرگە قايىل بولۇشۇپ ، ئۆزئارا باش لىڭشىتىشتۇق .

ئاياللار ھەققىدە 9 ھىكمەت
1. بىز كۆرىۋاتقان ئاياللار ھايات چەمبىرىكىدىكى ئۇپا-ئەڭلىك،كىيىمگەبولغان شەيدالىقنىڭ ئورنىنى ئىلىم،كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىك،توي-تۈكۈن،چاي-ئولتۇرۇشلارغا بولغان خۇمارنىڭ ئورنىنى،يۈرەك-پارىلېرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن تەر تۈكۈش ئىگەلىگەن،غايىمىز ۋە پەخىرىمىز ناخشىچى،ئۇسولچى ئەمەس،دوكتور-ئالىملارنى يىتشتۈرۈش بولسىدى،خەلقىمىز يىڭى ئەسىرنىڭ غۇۋالىقلىرىدىن ئۈمۈدلۈك كەلگۈسىنى كۆرگەن بۇلاتتى.
2.ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە تەپەككۈر يۈرگۈزگۈچى ئاياللار مىللەتنىڭ نۇرلۇق كىلەچىگىنى يارىتالايدىغان ئىقتىدارلىق ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرەلەيدۇ.
3.بىز ئىنسانىيەت تارىخىدا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان،تالاي بۈيۈك ئىمپىرىيە،قۇدرەتلىك خاندانلارنىڭ پاجىئە-سەۋەبلېرىدىن بىرى ئەقلى ۋە ئەخلاقى جەھەتتە چىرىگەن ئاياللار ھالاكىتى دەپ ئېيتالايمىز.چۈنكى ھەرۋاقىت ئۆز يىلتىزىدىن ئۇزۇق ئىلىپ بۈگۈنى ۋە كىلەچىكى ئۈستىدە ئويلانمىغانئادەمنىڭ تىككەن كۈچەتلېرىگىمۇ خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش بەركەتسىزلىك ۋە يوقىلىش ئاقىۋىتى پۈتۈلگەن بۇلىدۇ.
4.ئايالنىڭ ۋاقتى ۋە زىھنى ئۆزى ئەتىۋارلىغان،كۆزىگە قارىغان بالىلېرىنى ئاتا-ئانىنىڭ ھامىلىقىدا ئەمەس ھىچكىمنىڭ خەيرىخاھلىقى بولمىغان كەلگۈسىدە نىنىنى پۈتۈن تىپىپ يىيەلەيدىغان ئۆزىگەئۆزى خوجا ياراملىق ئىز باسار قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈندۇر .
5.ئايالنىڭ ۋاقتى ۋە زىھنى بىلىم ۋە قابىليەت بىلەن مەۋجوتلۇق قىممىتىنى يارىتىش، ئېرىغا ھەمنەپەس بۇلۇپ،ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈندۇر.
6.ئايالنىڭ ۋاقتى تۈگىسە مىللەتنىڭ ۋاقتى تۈگەيدۇ،ئاياللاردىكى ئالامەتتىن كىشىلەر زامان ئاخىرىنىڭ بەلگىلېرىنى كۆرەلەيدۇ.
7.ئاياللارنىڭ تەۋەلىكى ۋە ئەخلاقى بىر مىللەتنى يىڭىدىن يارىتالايدۇ ،ئاياللارنىڭ بۇزۇلۇشى بولسا مىللەتنى ھالاكەتلىك يوقىلىش گىرداۋىغا سۆرەپ ئاپىرالايدۇ.
8.ئانا–ئاياللىق خاراكتىردىكى ئەۋرىشىملىك ،يۇمشاقلىق،مىھىر-مۇھەببەت بىلەن بالا تەربىيىسىدىكى زور مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى. مەكتەپ ۋە جەمئىيەت توغرا پەرۋىش قىلىنغان مايسىنى تېخىنۇ كۆكلىتەلەيدۇكى، باغۋەننىڭ ئەجرىسىز قىڭغىر ئۆسكەن كۈچەتنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەنمۇ مېۋىگە كىرگۈزەلمەيدۇ.
9.ئەرلەرنىڭ بىشى چۈشۈپ،ئىززەت-ھۆرمىتى تۈۋەنلىگەن،ئەرلىك سالاھىيىتى ئۆز ئورنىنى تاپمىغان جەمئىيەتتە،ئاياللارنىڭ تەربىيىسى تۇلىمۇ مۇھىم ھەمدە ئاياللارنىڭ بىر كىشىلىك مەسئولىيىتى بار،چۈنكى ئاياللار ئەرلەرگە كۈچ ۋە شىجائەت ئاتا قىلغۇچى،بالىلارنى ئىشەنىچ ۋە ئەقىل بىلەن چوڭ قىلغۇچى.
بىلسەم يازىمەن، بىلمىسەم سورايمەن

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
2021
تىللا
1608
شۆھرەت
3257
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 10:53:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىللىق قىز بولاي دېسىڭىز
1. سىزگە ئىتىۋار قىلمىغان يىگىتتىن يىراق تۇرۇڭ، چۈنكى سىزگە كوڭۇل بۆلمىگەن يىگىتتىن ئايرىلالماي يورۇش ياكى داۋاملىق ئۇنىڭ ئۇچۇن مېھرىبانلىق ۋە سويگۇڭىزنى ئىپادىلەش ئاخماقلىق بولىدۇ.
2. ھەر قانداق چاغدا بىر مەسئۇلىيەتسىز يىگىت ئۇچۇن ئازابلانما، قىزلار ئاسان ئازابلىنىپ قالىدۇ.. بىراق چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇ ئەرزىمەيدۇ چۈنكى بەكرەك ئازاپلىنىدىغىنى ئاخىرى يەنىلا ئۆزىڭىز بولىسىز شۇڭا ئازاپلىنىشلارنى يىغىشتۇرۇپ خوشال ياشاشنى بىلىڭ.
3. ياخشى كۆرگەن يىگىتىڭىزنىڭ ئەتراپىدا توختىماي ئايلىنىپ يۈرمەڭ،سىز ئۇنى ئۆزگىچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ بىراق يەنىلا ئۇنىڭ ئۇچۇن بىر بوشلۇق بېرىشىڭىز كېرەك ، بولمىسا ئۇنى بىزار قىلىپ قويىسىز..
4. ئەگەر يىگىت سىزگە :"ئايرىلىپ كېتەيلى!.." دېگەندە ھەرگىز كۆز يېشتى قىلىپ يۈرمەڭ،غەيرەتلىك بولۇپ كۇلۇپ تۇرۇپ :"خوش!" دەڭ.
5. ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، ئوزىڭىزگە مۇئامىلىلىڭىز ھەرۋاقىت ياخشى بولسۇن،چۈنكى ھاياتلىق سىزنىڭ.
6. ھەر كۇنى ئەتىگەن ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا يارىشىملىق كىيىنىپ كۇلۇمسىرەپ چىقىڭ.
7. يىگىتىڭىز ئۇچۇن كۇلۇمسىرىشىڭىزنى ئايىماڭ.
8. بەدەن شەكلى ۋە تېرىڭىزنى ئاسىراشنى بىلىڭ.
9. تاماكا چەكمەڭ، ھاراق ئىچمەڭ.
10.ئىچىڭىز پۇشىپ كەتسىمۇ قاۋاقخانىلارغا بېرىپ يۈرمەڭ،يالغۇز قالغان چاغدا شۇ يالغۇزلۇقتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ.
11. ھەرگىز يالغان ھېسىياتتا بولماڭ، بۇنداق قىلىش يۇرۇكىڭىزگە ئاچچىق تامغا بېسىپ قويىدۇ.
12. ئېگىز پاشىنىلىق ئاياق كىيىپ يۇرۇڭ، بىراق بەك ھەددىدىن ئىگىز بولۇپ كەتمىسۇن.
13. يالغۇز قالغىنىڭىزدا سىزنى :"ياخشى كورىمەن" دىگەن ئىنساننىڭ نىمىشقا سىزنى يالغۇز قالدۇرغانلىقىدىن ئازابلىنىپ كەتمەڭ.بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇ ئوبدان بىلىدۇ.
14. ئومۇرلۇك ھەمرىيىڭىزنى تاللىغاندا كوزىڭىزنى چوڭ ئېچىڭ. ئەگەر خاتا تاللاپ قويغان بولسىڭىز ۋاختىدا ئايرىلىپ كېتىڭ. سۇنىڭ ئېقىشىغا باقماڭ.بۇ ئىككىڭلار ئۇچۇن ياخشى.
15. يىگىتلەرگە قول ئۇزارتماڭ. چۈنكى بىرىنجىدىن: سىز ئۇلار بىلەن تەڭ بولالمايسىز. ئىككىنجىدىن: سىز بىلەن قول ئۇزارتىشىپ سوقۇشقان يىگىت چوقۇم ساراڭ .. شۇڭا ئۇرۇشقاندىن ئۇرۇشمىغان ياخشى.

16. دائىم سىرتلارغا چىقىپ ساھايەت قىلىپ كېلىڭ.بۇ سىزنى ناھايىتى ئۇمۇتلۇك ۋە روھلۇق قىلىدۇ.
17. دائىم ئۆزىڭىزگە تەملىك چاي دەملەپ ئىچىپ ، كىتاپ كۆرۇپ، مۇزىكا ئاڭلاپ ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ.
18. ئۆزىڭىزگە لايىق كىيىم-كېچىك سېتىۋېلىشنى بىلىڭ. ئۆزىڭىزگە يارىغىنى خانغا يارىغىنى. ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئۇستى بېشغا ھەۋەس قىلىپ كەتمەڭ.
19. سىز ياخشى كورمىگەن يىگىتنىڭ سوغىسىنى ئەڭ ياخشىسى قوبۇل قىلماڭ.
20. بىر قېتىمدا پەقەت بىرلا يىگىتنى سۆيۇڭ .
21. ئوزىڭىزنىڭ نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ يىگىتلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.
22. ئوزىڭىزنى پەقەت يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇنلا خالىغان بىر يىگىت بىلەن ئارلاشماڭ، بۇ سىز ۋە ئۇنىڭ ئۇچۇن تەڭسىزلىك بولىدۇ. ھەمدە ھىسياتىڭىزغا نىسبەتەن تولىمۇ مەسۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ.
23. سىز ياخشى كورمىگەن يىگىت ئەتىراپىڭىزدا پەرۋانە بولسىمۇ ، سىز چوقۇم ھىسياتىڭىزنى ئەنىش ئىپادىلىشىڭىز كېرەك.
24. خىزمىتىڭىزگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ. خىزمەت بەلكىم سويگۇدەك يۇرىكىڭىزنى تىتىرىتەلمەسلىكى مۇمكىن، بىراق خىزمەت سىزنىڭ قوسۇغىڭىزنى تويغۇزىدۇ، تۇرغىدەك ئۆيگە ئىگە قىلىدۇ. بىراق مۇقۇملاشمىغان سويگۇ سىزگە بۇلارنى بېرەلمەيدۇ.... شۇڭا چوقۇم ياخشى ئىشلەڭ.
25. ئىللىق كەيپىيات ساقلاشنى بىلىشىڭىز كەمەك. قانداق سورۇنغا قانداق كىيىنىپ بېرىشنىمۇ بىلىشىڭىز كېرەك .


دائىم ئەسلەپ يۇرۇشقا تىگىشلىك 29 جۈملە سۆز
1. ھەر كۈنى ئۈزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن يارايمەن!»دەڭ.
2. ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.
3.. سىز ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز،ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ھاۋارايىغا بولغان بىزار بۇلۇش كەيپىياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز. 4. ئوي-پىكىرىڭىز ھەركىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،ھەركىتىڭىز ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،ئادىتىڭىز مىجەز-خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،مىجەز-خاراكتىرىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.   
5. ئىرىشكەنلىرىڭىز بىلەن ھىساپلاشماي توختىماي تەر تۆكىۋېرىڭ،بىر كۈنى پايدىسىنى كۆرىسىز.   
6. قىش كەلدى.شۇنداقلا باھار بىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى |  
7. ئىلكىڭىزدە بارىدا قەدىرلەڭ،ئايرىلىپ قالغاندا پۇشايمان قىلماڭ.   
8. ھەر ۋاقىت كەينىڭىزدىكى ئىشىكنى يېپىپ مېڭىڭ.(يەنى بۇرۇنقى نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلىرىڭىز ئۆتمۈشكە مەنسۇپ،ئۇلارنى ئۇنتۇپ كىتىڭ.).   
9 .ئەگەر ئايدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭىزغا يىغلاپ ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىز،ئۇنداقتا يۇلتۇزلاردىنمۇ قۇرۇق قالىسىز  
10. ئەخمەقلەر تىنى ئارقىلىق روھىنى باشقۇرىدۇ،دانالار روھى ئارقىلىق تىنىنى باشقۇرىدۇ.
11.. خوشال ئۈتۈشنىڭ سىرى:ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ.باشقىلارنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ.ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن باشقىلارنى جازالىماڭ.  
12. ئاچچىقلىنىش-باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاشتۇر.   
13. سىز مۇھەببەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشەلەيسىز،شۇنداقلا ئۆچمەنلىك ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىىلىپ قالىسىز.
14. بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە ئۆزەڭنىڭ خۇي-پەيلىدىن كۆر.   
15. مەيلى قايسى ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرۇڭ،ئەڭ مۇھىمى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن پۇشايمان قىلماڭ.  
16. خۇدا كىشلەرنىڭ ئەخمەقلىقىدىن ئەسلا ئاغرىنمايدۇ،ئەمما كىشىلەر دائىم خۇدانىڭ تەڭسىزلىگىدىن ئاغرىنىدۇ. 17. دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ ھارغۇزىدىغىنى كۈنلەرنى بىكارچىقتا مەنىسىز ئۆتكۈزۈشتۇر.   
18. ھاياتىڭىزدىكى بىرىنچى ياشلىقنى خۇدا ئاتا قىلىدۇ،ئىككىنچى ياشلىقنى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىسىز.. 19.ئۇچالايدىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ،سۆيەلەيدىغان ۋاقتىڭىزدا سۆيگىدىن ۋاز كەچمەڭ.   
20. ئاۋال ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز كۆزگە ئىلغاندىلا،باشقىلار ئاندىن سىزنى كۆزگە ئىلىدۇ.
21. ئۈمىدلىكلەر ئاپەت ئىچىدىكى پۇرسەتنى كۆرەلەيدۇ،ئۈمىدسىزلەر پۇرسەت ئىچىدىكى ئاپەتنى كۆرىدۇ.. .22 .ئوقۇش،خىزمەت،نىكاھ،ئائىلە ھاياتنىڭ تۆت چوڭ مەزمۇنى،ھەممىسىگە تەڭ ئىتتىبار بىرىش كېرەك.قايسى بىرسىگىلا كۈچەپ،قالغانلىرىنى تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. !_  
23. ئەگەر بىز ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نوقتىسىدا تۇرۇپ،كەينىمىزگە قارايدىغان بولساق،بىزنىڭ ئورۇق-تۇغقان،دوست-بۇرادەرلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتىمىزنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.بۇنى بىلىپ تۇرۇپ بىز يەنە ئۆز-ئارا
24. مەسلىك-نەسلىك ،ئاقىۋىتى- پەسلىك!
25. قارغۇنى كۆزدىن ئايرىغان خۇدا ھاسىدىن ئايرىماپتۇ.خۇدا ئىشىكنى تاقاپ قويغان بىلەن تۈكلۈكنى ئېچىپ قويىدۇ،ۋاقتى كەلگەندە ھامان ئامال تېپىلىدۇ. l  
26. نىكاھ بىر جۈپ ئۈتۈك. پۇتنى قىستىغان ياكى قىستىمىغانلىقىنى پەقەت كىيگەن ئادەمنىڭ پۇتى بىلىدۇ.  
27. سىزنىڭ توغرا بولغاندىن كىيىن ئاچچىقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق،سىزنىڭ خاتا بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاچچىقلىنىشقا تېخىمۇ ھەققىڭىز يوق. ئۇنداقتا يەنە نىمىشقا ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋالالمايسىز؟   
28. باشقىلارغا كەڭ قۇرساقلىق قىلغانلىق ئەمىليەتتە ئۆزىن ئاسرىغانلىق. `  
29. ئامال بار ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەننى تاللاڭ،شۇنداقلا تاللاپ بولغان ئىكەنسىز،چۇقۇم ئۆزىڭىز تاللىغىنىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ.

ھېكمەتلەر

ھاياتنى ئىككىلىنىش ۋە تەشۋىش ئىچىدە ئۆتكۈزۋەتمەسلىك كېرەك. ئۈمۈر ناھايىتى ئۇزۇن ، ئەگەر سىز ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىسىڭىزلا . ئىنتىلىش قانچە كۈچەيسە ،ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى شۇنچە ئاشىدۇ .
تەلىمنىڭ ئىنسان ئۈچۈن بۈيۈك قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق،مەلۇماتسىز ئادەملەر ھەم قوپال ،ھەم نامرات،ھەم بەخىتسىز بولىدۇ.
            بارلىق مۆجىزىلەر ئىچىدىكى ئەڭ گۈزىلى -ياخشى تەربىيە ئالغان ئىنساندۇر. ھىچقانداق بەدەل تۆلەشنى خالىمايدىغان ئادەم مەڭگۇ ھىچنىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
            مەن ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ساختا كۈلۈمسىرەشلىرىدىن راستچىللىق بىلەن ئېيتقان تەنبىھلىرىنى مىڭ ئەۋزەل كۆرىمەن . مەن شۇنچە يىل تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىنى ئىزدەپ غاپىللاردىن ،نادانلاردىن ئېتىقاتسىز كىشىلەردىن نەپرەتلىنىپ ،ئۇلارنى ئۆزگەرتىمەن دەپ ياشاپ كەپتىمەنۇ ،بىراق كۆز ئالدىمدىكى ئەنە شۇنداق ئالىجاناپ ،ئىسىل تەبىئەتلىك كىشىلەرنى تۇنۇپ يېتەلمەپتىمەن ،ھاياتتا شۇنداق بىر ھەقىقەت مەۋجۇت ئىكەن:بىز ساختا نەرسىلەرگە ئالدىنىپ ئۇنى ھەقىقەت دەپ يۈرىدىكەنمىز ،بىراق ھەقىقەتنى كۆرەلمەي ،قەدىرلەشنى بىلمەيدىكەنمىز .
                بالىلارنىڭ ئەڭ سېغىنىپ ئەسلەيدىغىنى يەنىلا ئانا مۇھەببىتىدۇر. قىزلار ۋاقتىنى قەپەز ياساش بىلەن ئەمەس ،تور تۇقۇش بىلەن ئۆتكۈزگەچكە كۆڭۈلدىكىدەك تويلار شۇ قەدەر ئاز.  ئىشىكنى يېپىپ ئاياللارنىڭ ئىستىبداتىنى سولاپ قويسىڭىز ئىشىكىنىڭ يوچىقىدىن قېچىپ چىقىدۇ ،ئىشكنىڭ يوچىقىنى ئېتىپ قويسىڭىز ،ئىس -تۈتۈن بولۇپ مورىدىن قېچىپ چىقىدۇ .
                  سىرنى يۇشۇرۇن تۇتۇشنىڭ ئىككى پايدىسى بار :بىرى،كۆزلىگەن ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا پۈتتەرگىلى بولىدۇ ،يەنە بىرى،ئەگەر تەدبىر تەقدىرگە مۇۋاپىق كەلمىگەن بولسا ،كۆڭىلدىكى غەرىزى ۋۇجۇتقا چىقمىغان بولسا ،دۇشمەنلەر ئۇنىڭدىن بىخەۋەر قىلىشىۋېرىدۇ .
                ھەرقانداق كىشىنىڭ مەئىشىتىگە ھاجەتمەن كىشىلەر شېرىك بولالمايدىغان بولسا ،ئۇنداق كىشى باي ھىساپلانمايدۇ ،ھەرقانداق كىشى ئۆز ھاياتىدا ياخشى نام قالدۇرمايدىغان بولسا ،ھەممە ئۈمرىنى ئۈلۈم ھىساۋىدا بىلسە بولىدۇ .
دوست تۇتۇش توغرا كەلسە ئۈچ تاپىئەدىن دوست تۇتماق كېرەك :بىرى،ئالىم ۋە ئابىد،ئۇنىڭ سۆھبىتىنىڭ بەركىتى بىلەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى تاپقىلى بولىدۇ ؛ئىككىنچىسى،مەرت ۋە ياخشى ئەخلاقلىق كىشىلەر ؛ئۇلار يار دوستتىنىڭ خاتاسىنى تاپالايدۇ ۋە نەسىھىتىنى ئايىمايدۇ ؛ئۈچىنچىسى،زاتى پاك كىشىلەر ،ئۇلار غەرەزسىز ۋە تەماسىز بولۇپ ،دوستلۇق بىناسىنى ساداقەت ۋە ئىخلاس ئاساسىغا قويىدۇ.يەنە ئۇچ خىل كىشىنىڭ دوستلىقىدىن پەرھىز قىلماق كېرەك ؛ئۇلارنىڭ بىرى پاسىق كىشىلەر ،ئۇلارنىڭ ھىممەتلىرى نەپسىنىڭ ئارزۇسىغا سەرىپ بولىدۇ ؛ئىككىنچىسى ،يالغانچىلار ،ئۇلارنىڭ سۆھبىتى قاتتىق ئازاپ ۋە ئۈلپىتى -چوڭ بالا،ئۇلار ھەمىشە سەندىن باشقىلارغا يۈز بەرمىگەن ۋەقەلەر ئۈستۈدە سۆز تۇشۇيدۇ،ھەم پىتنە پاسات تارقىتىدۇ.ئۈچۈنچىسى،نادانلار ،مەنپەئەت يۈزىسىدىن ئۇلارغا يۈلۈنگىلى بولمايدۇ ،چۈنكى ئۇلار پايدا يەتكۈزدۈم دەپ تۇرۇپ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.


بىلسەم يازىمەن، بىلمىسەم سورايمەن
alnuri   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

باشقۇرغۇچى

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
3342
تىللا
3343
شۆھرەت
8857

تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا ئاكتىپ ھەمكارلىق پىداكار تەشۋىقات تۆھپە داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 11:49:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپلا قويماي، چوقۇم ئۇگۈنىپ قويغۇدەك ھىكمەتلەركەن، ھارمىغايسىز!
老鼠 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
374
تىللا
881
شۆھرەت
801
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 12:25:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى كىتابلاردىن تاپقانسىز بۇ ھىكمەتلەرنى؟ نىمىدىگەن ياخشى ھىكمەتلەر بۇ.رەھمەت چوقۇم ئۈگۈنۈشكە تىگىشلىككەن.
ئەر كىشى ئۆمرىدە چوقۇم كۆرۈشكە تىگېشلىك كىنو‹‹قەيسەر يۈرەك››.ftp://dygod1:dygod1@d062.dygod.co

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1997
تىللا
2188
شۆھرەت
3275

ئاكتىپ داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 13:11:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ۋەخشى ھىكمەتلەركەنغۇ بۇ دوستۇم رەھمەت جۇما !مەن ھەرقېتىم مۇشۇنداق ھىكمەتلك سۆزلەردىن ئىبرەت ئېلىپ ياخشى نەتىجلەرنى قولغا كەلتۇرۇپ كېلۋاتىمەن ئەمەسما ! ھەممىز ئۇگۇنۇپ قويغۇدەك ھىكمەت ئىكەن ...

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
649
تىللا
902
شۆھرەت
1175

تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 19:00:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ھېكمەتلەر يەنە بولسا باشقا يەرگە يوللاپ ئولتۇرماي مۇشۇ تېما ئاستىغا قالدۇرۇپ قويۇڭە. ئاسانلا تاپىمىز.

باقاۋۇل

مىللىتىم ئۈچۈن

Rank: 4

تۆھپە
180
تىللا
183
شۆھرەت
317
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 23:22:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىز ئۇگۇنۇپ قويغۇدەك ھىكمەت ئىكەن ...
kuresh 实名认证 

تۇرشاۋۇل

كۈرەش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
848
تىللا
956
شۆھرەت
1860
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 23:51:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇلارنى كۆچۈرۈپ مەخسۇس ئۆزۈمگە ئاتاپ بىر كىتاب ياسىۋالسام بولغۇدەك .   رەھمەت سىزگە ھارمىغايسىز! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuresh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-4-11 23:56  

www.anatil.net  ئانا تىل يانفون سىزنى قارشى ئالىدۇ

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
235
تىللا
462
شۆھرەت
472
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-12 00:22:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى كۆپ ئەجىر قىلىپسىز. ...................................................................
yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
2343
تىللا
1755
شۆھرەت
3696
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-13 18:33:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمۈر خۇددى چاقماق تىزلىكىدە ئۈتۈپ كىتىدۇ، شۇنى سەزمەي، غەپلەت دەرياسىدا غەرق بولمىغىن.
- مۇھەممەت ئىبنى ئابدۇللا خاراباتى.

تىرىكلىكنىڭ ھەر بىر كۈنى بەكمۇ قىممەتلىكتۇر، بۇنى بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ قىلسا بولمايدۇ، قارا، تىرىكلىك كۆپ ياخشىلىقلار ئۈچۈن  دەسمايىدۇر.   ئەي دانا، ئۇنى سەن بىھۇدە ئىسراپ قىلما!!!!!!!!
-----يۈسۈپ خاس ھاجىپ.

ھايات چۈشكە ئوخشاش ئىزسىزلا ئۈتۈپ كىتىدۇ، مەيلى بەگ بولسۇن، مەيلى قول بولسۇن كەلمەسكە كىتىدۇ .   ئۆتكۈزگەن كۈنۈڭ چۈش كەبى بولدى،  قېنى ئۇ؟  قالغان كۈنلىرىڭدە ئۈكۈنۈشتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ.
-----يۈسۈپ خاس ھاجىپ.

ئادەم بالىسى كارۋانغا ئوخشايدۇ، قۇنالغۇدا ئۇزۇن تۇرالماس . ئۇنىڭ مەنزىلى قېنى؟     ئاتا پۇشتىدىن بالا تۈرەلسە ، ئانىنىڭ قارنى بىر نەچچە ئايلىق  تىنىچ ماكان بۇلىدۇ، ئانىدىن تۇغۇلۇپ ، ئات قۇيۇلسا ، مۇساپىر بۇلۇپ زامان ئېتىنى مىنىدۇ، ئۇ كۈندۈزى بىر قەدەم- كىچىسى بىر قەدەم مېڭىپ، ئۈلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. مەڭزنى سۇلدۇرىدۇ. بۇ دۇنيا بىر قۇنالغا،گۆرۈڭ بىر قۇنالغۇدۇر. بۇ قۇنالغۇدىن قوزغالساڭ ، ئۇ دۇنيا ئاخىرقى قۇنالغۇ بۇلىدۇ.

---يۈسۈپ خاس ھاجىپ.

دۇنيادا ئۈلۈمدىن قاتتىق نىمە بار؟ ئۈلۈمنى ئويلىساق ، بارلىق لەززەت كىتىدۇ، ئۈلۈم تۈۋى ۋە تىگى يوق بىر دېڭىزدۇر. سىنچىلاپ قارىساڭ ، تۈۋى يوق چوڭقۇرلۇقتۇر. ئۈلۈمنى بىلگۈچى ئۈزى غەپلەتكە چۈشسە، ئۆلۈم تۇتقاندا سۆز بىلەن بىرەر نەپ ئالالمايدۇ، ھالاۋەتكە بىرىلىپ، غەپلەتكە چۈشكەنلەر ئۆلۈم تۇتقاندا ئويغۇنۇدۇيۇ- ، ئامال قىلىشقا كۈچى يەتمەيدۇ. نۇرغۇن مال-دۇنياغا تويمىغان كۈزى ئاچ كىشى ئەجەل كەلگەندە پۇشايمان قىلىدۇ ، چارە قىلالمايدۇ. مەغرۇر كىشى ئۆتكۈنچى  دۆلىتىگە شاتلىنىپ ، مەغرۇرلىنىدۇ، بوز يەر قېتىغا كىرگەندە يۈرىكنى پارە-پارە قىلىدۇ.ئەي  شاتلىقلارغا ئاۋۇنۇپ كۈلگۈچى ئىنسان ، يىغلاشقىمۇ تەييارلانغۇلۇق.
----يۈسۈپ خاس ھاجىپ.

ئۈلۈمىڭنى ئۇنتۇما، سەگەك بۇلىسەن. ئىگەڭنى ئۇنتۇما، كۈزۈڭ ئېچىلىدۇ.
----يۈسۈپ خاس ھاجىپ.

مەيلى قانچىلىك ئۆمۈر كۈرۈڭ، دەسلەپكى يىگىرمە يىل سىزنىڭ ئۆمرىڭىزنىڭ تەڭ نىسپى.
                                                               ----روبىرت سوتېي

كىمكى كۆپ تاماق يىيىشتىن ساقلانسا،كۆپ  دورا يىيىشتىن ئازاد بۇلىدۇ.
                                                               ----لوقمان ھەكىم

ئەي نەپسى ئۇلۇغ ،گېلىڭغا قول بولما. گالغا قۇل بولسا ، قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.
                                                               ---يۈسۈپ خاس ھاجىپ.

ئىرادە ھەممە دورا -دەرمەككە قارىغاندا  كۆپرەك ياردەم بىرىدۇ.
                                                                -- م، گوركى

قەلىبنى داۋالىماي تۇرۇپ ، بەدەننى داۋالىغىلى بولمايدۇ.
                                                                ----سۇقرات

~~~~~~~~~~~~~~~~~
بىر دانىشمەن شۇنداق دەپتۇ ؛
          ئى پەرزەنىتلىرىم ، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى 5 نەرسىدىن ۋاپا كۈتمەڭلار !
‹1› بۇلۇتنىڭ سايىسى ،ئۇ قاراپ بولغۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ .
‹2› غەرەزلىك دوست ، ئۇ ھامان ساڭا ئەسقاتمايدۇ .
‹3› يالغاندىن تەرىپلەش ، ئۇمۇ ئىز بېسىپ تۇرالمايدۇ .
‹4› چىرايلىقلارنىڭ جامالى ، ئۇ ئاخىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ .
‹5› بۇ دۇنيانىڭ مېلى ، ئۇمۇ ئاقىۋەت ئىگىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ .
  دانىشمەن يەنە شۇنداق دەپتۇ ؛ '
دۇنيادا 7 نەرسە 7 نەرسىگە باغلىق بولىدۇ ؛
‹1› خوتۇننىڭ ئىززىتى ئەر بىلەن .
‹2› بالىنىڭ ئىززىتى ئاتا بىلەن .
‹3› شاگىرىتلارنىڭ ئىززىتى ئۇستازى بىلەن .
‹4› لەشكەرلەرنىڭ قۇۋۋىتى سەردار بىلەن .
‹5› پۇقرالارنىڭ خاتىرجەملىكى پادىشاھ بىلەن .
‹6› پادىشاھنىڭ ئىززىتى ئادىللىق بىلەن .
‹7› ئادىللىقنىڭ روناق تېپىشى ئەقىل ۋە ھوشيارلىق بىلەن باغلىق بولىدۇ .
پەرزەنىتلەر دانىشمەننىڭ سۆزلىرىدىكى پاساھەت ۋە چۇڭقۇر مەنالارغا قايىل بولۇشۇپ ، ئۆزئارا باش لىڭشىتىشىپتۇ .
                                                 بوۋام ئېيىتقان ھېكمەتلەر -

بوۋام بىر كۈنى بىزگە تەربىيە قىلىپ شۇنداق دېدى ؛
ئېسىڭلاردا بولسۇنكى ،ھەرقانداق كىشى مۇنۇ 5 خىسلەتنى ئۆمۈرنىڭ سەرمايىسى ۋە يول جابدۇقى قىلسا ، قەيەرگە بارسا غەرىزى ھاسىل بولىدۇ ۋە ئۆزىگە مۇھەببەت تېپىپ ئىززەتلىك بولىدۇ ؛
‹1› بەتقىلىقتىن يىراق بولماق
‹2› ياخشى ئىش قىلىدىغان بولماق
‹3› تۆھمەت ۋە زىيان قىلىدىغان ئىشلاردىن پەرھىز قىلماق
‹4› ياخشى خۇيلۇق بولماق
‹5› ھەممە ۋاقىتتا ئەل بىلەن ياخشى چىقىشماق ۋە ئەدەب ساقلىماق .
بوۋام يەنە شۇنداق دېدى ؛
ماۋۇ خىلدىكى 3 خىل كىشى ھامان ھالاك بولىدۇ ،
‹1› ئۆزىنىڭ كۈچ – قۇدرىتىگە چەكسىز ئىشىنىپ كېتىدىغانلار
‹2› تائام ۋە شاراپنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار ‹3› ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ خۇشامەتلىرىگە ئالدانغانلار .
بوۋام يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ؛
3يەنە شۇداق 3 خىل كىشى باركى مەڭگۈ غەم – ئەندىشىدىن قۇتۇلالمايدۇ ،
‹1› ھەمىشە يامان ئىشنىڭ قەستىدە يۈرگەنلەر -
‹2›قۇدرىتىنىڭ بارىدا ياخشى ئىش قىلمىغانلار `
‹3›نادانلىق بىلەن ئويلىماي ئىش قىلىپ ئاخىرىدا ھەسرەتتە قالغان كىشلەر .
بوۋام سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ نۇرلۇق ۋە ئۆتكۈر كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكتى .بىز بوۋامنىڭ سۆزلىرىدىكى ئۆلمەس ھەقىقەت ۋە چۇڭقۇر پاساھەتلەرگە قايىل بولۇشۇپ ، ئۆزئارا باش لىڭشىتىشتۇق .

~~~~~~~~~~~~~~
ياخشىلىق قىلغان ئادەمنىڭ كۆڭلى كۈندىن-كۈنگە تېنچ بۇلۇر .
مۇلايىم بۇلۇش،كەمتەر بۇلۇش ،قائىدە يۇسۇنلۇق بۇلۇش ياخشى كىشىلەرنىڭ زىننىتىدۇر .
تەرسالىق ،بىشەملىك ،ھاكاۋۇرلۇق پىشكەللىكنىڭ ئەلچىسىدۇر.
كىشىنىڭ ئىززىتى-تاماخور بولماسلىقتا ۋە ئۆزىنى پاك تۇتۇشتا.
خوشامەت يېرىم ھاقارەتتۇر .
ۋىجدان ئىنساننى ئۆلچەيدىغان ئەڭ ئادىل تارازا .
كىمكى سېنىڭ يامان ئىش قىلىشىڭغا ياردەم ۋە مەدەت بەرسە بۇ ساڭا زۇلۇم قىلغانلىقى.
ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتى خالىس ئىش قىلىش بىلەن ئۆلچىنىدۇ .
ئىرىنچەكلىك ،ھۇرۇنلۇق ئۆمۈرگە چۈشكەن دات.
ئىنساننىڭ ھۆسنىنى تۈزەيدىغان زىننەت -كىچىك پېئىللىق بىلەن كەمتەرلىك .

ئادەمدىكى بىلىم سۈڭەكنى ئىچىدىكى يىلىككە ئوخشايدۇ ئادەمنىڭ زىننىتى ئەقىل بولسا،سۆڭەكنىڭ زىننىتى يىلىكتۇر.بىلىمسىز ئادەمنىڭ بىلىكىسىز سۆڭەكتەك ئىچى كاۋاك،يىلىكسىز سۆڭەككە ھېچ كىم قول ئۇزاتمايدۇ. (ئەخمەت يۈكنەكى)

بىلىم ئېلىشنى ئۆزەڭگە مەقسەت بىلگىن، بىلىم ئالغان ئىكەنسەن، ئۇنى ئەمەلدەئىشلەت، ئېلىم ئۇقۇپ ،ئەمەل قىلماسلىق كارىز قىزىپ ئۇرۇق سالمىغانغا ياكى ئۇرۇق سېلىپ مەھسۇلاتىدىن بەھرى ئالمىغانغا ئوخشايدۇ. (ئەلشىر ناۋايى)

ئىلىم يۈرۈشى چىرايلىق بىرئاتكى،كىمكى ئۇنىڭغا مىنەلىسە،خارلىق كۆرمەيدۇ.(مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللا خاراباتى)

جاپا شارابى قانچە ئاچچىق بولسىمۇ ئۇنى ئىچكىن، تاماققا تەم كىرگۈزىدۇ.(خىرقىتى)

كىشىنى تىل بىلەن ئازابلىما، بىلگىنكى ئوق يارىسى ساقىيىدۇ. تىل يارىسى ساقايمايدۇ. (ئەھمەت يۈكنەكى)

~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئىنسانلارغا يېقىنلىشىشنىڭ بەش قائىدىسى

1. سۆھبەتدىشىڭىزنىڭ بايانىغا چىن دىلىڭىزدىن قۇلاق سېلىڭ.
2. ئادەملەرگە ئوچۇق چىراي ۋە خۇش تەبىئەتلىك بولۇڭ.
3. ئېسىڭىزدە ساقلاڭكى، ئادەملەرنىڭ ئىسمى ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ يېقىملىق ۋە مۇھىم ئاھاڭدۇر.
4. ئەڭ ياخشى تىڭشىغۇچى بولۇڭ. باشقىلارغا كۆپرەك ئۆزى ھەققىدە سۆز ئېچىشقا پۇرسەت بېرىڭ.
5. سۆھبەتدىشىڭىزنى قىزىقتۇرغۇچى تېمىلار توغرىسىدا سۆزلەڭ.


ئېتىبارغا ئېرىشىشنىڭ توققۇز قائىدىسى



1. سۆھبەتدىشىڭىزنىڭ ھەر قانداق پىكرىگە ھۆرمەت قىلىڭ. ئۇلارغا ھېچقاچان «ئورۇنسىز» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەڭ.
2. سۆھبەتنى دوستانە تەلەپپۇزدا باشلاڭ.
3. سۆھبەتدىشىڭىزنى ھەر قانداق مەسىلىدە «ھە، توغرا» دېيىشكە ئۈندەڭ ۋە شۇنداق دېيىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ.
4. سۆھبەتتە ئۆزىڭىز ئازراق سۆزلەپ، سۆھبەتدىشىڭىزنىڭ كۆپرەك سۆزلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىڭ.
5. مەزمۇنلۇق پىكىرلەرنى سۆھبەتدىشىڭىز ئۆزىنىڭكى ھېسابلىسۇن.
6. ھەربىر مەسىلىگە سۆھبەتدىشىڭىزنىڭ پىكرىنىڭ نۇقتىئىنەزىرى بىلەن قاراڭ.
7. سۆھبەتدىشىڭىزنىڭ پىكرى ۋە خاھىشىغا مايىل بولۇڭ.
8. سۆھبەتدىشىڭىزگە رەھىمدىل ئادەم ئىكەنلىكىڭىز مەلۇم بولۇپ تۇرسۇن.
9. سۆھبەتدىشىڭىزگە مەنىۋى قۇۋۋەت بەرگۈچى سۆزلەرنى بايان قىلىڭ.
yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
2343
تىللا
1755
شۆھرەت
3696
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-13 18:36:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر كۈنى بىر قىتىم ئوقۇڭ

1. بەزىدە، سىز تەقدىر بىلەن ئىلىشىپ يۈرۈپ ئىرىشكەن نەرسىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئاساسى مەقسىتى ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ قالىسىز .

2. قىزىش بەزىدە سىسىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ .

3. ھەقىقى سۆيگۈ قەسەم ئالدىدا قورۇنۇپ قالىدۇ .

4. باشقىلارنى قورقىتىدىغان كىشى ، قورقۇشنى ئەڭ قورقۇنچلۇق دەپ قارايدۇ .

5. دۇنيادا ، قەدىمدىن تارتىپ شائېر ، ھاراقكەش ۋە كىچىك بالىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل كىشىلا ئەپۇ قىلىنىپ كەلمەكتە .

6. كامالەتكە يەتكەندە ھاياتنىڭ قىزىقى قالمايدۇ .

7. ئىيتىڭە ، ئىت بىلەن ئادەمنىڭ قايسى سەمىمى ؟

8. نوپۇزلۇقلارغا بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ ،ئۇلارمۇ ئەۋرىتىنى ئىشتان بىلەن ياپىدۇ .

9. قاتتىق ھۆكۈرەيدىغان ئادەمنىڭ ئالۋاستىدىن قورىقماسلىقى ناتايىن .

10. ۋىجدان ،كىشىلەر مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان تەڭشىگۈچ .

11. بۇزۇلغام مۇھەببەت ئىنتايىن گۈزەل بىر خىل ئىستىتىك تۇيغۇ ، ئەپسۇسكى ، مۇھەببىتى بۇزۇلغان كىشىلەر بۇ خىل تۇيغىدىن بەھىرلىنىشنى بىلمەيدۇ .

12. ئىتنىڭ تىزىكىنى دەسسىۋالغان كىشى ، ئىتنىڭ تىزىكىدىنلا يىرگىنىدۇ .

13. ئادەم دوۋزاققا كۆنۈپ قالسا ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا توغرا كەلگەندە چوقۇم يىغا-زارە قىلىشىدۇ .

14. ئازاب بىردەمدىن كىيىنلا ئوڭشىلىپ كىتىدۇ ، ئەمما بۇ يەردىكى ‹‹بىردەم›› ئاز دىگەندىمۇ يۈز يىلغا باراۋەر .

15. دىڭىزنى خۇدا ، ئازاب دىڭىزىنى ئىنسانلار ياراتقان .

16. يالغانچى ئادەم خاتىرسى كۈچلۈك ئادەمدىن بەك قورقىدۇ .

17. بوتۇلكىنى قانچە ئاۋايلىسىڭىز شۇنچە ئۇزۇن چىدايدۇ ، دوسلۇقمۇ شۇنداق .

18. ‹‹پۇل كۆپىيىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە ، ئاندىن ئۇنىڭ كىرەكسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز.›› بۇ سۆزگە كىشىلەر ئىشەنمەيدۇ . ئەمما بۇ ھەقىقەت.

~~~~~~~~~~~
سىزگە ئەسقاتىدىغان 100 ھېكمەت

1. ھەر كۈنى ئۆزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن يارايمەن!» دەڭ.
2. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.
3. قۇياشقا يۈزلىنىڭ، شۇندىلا ئۈمىدسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدىڭىزدىن يوقىلىدۇ.
4. سىز ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ھاۋارايىغا بولغان بىزار بولۇش كەيپىياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
5. ئوي - پىكىرىڭىز ھەرىكىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ھەرىكىتىڭىز ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ئادىتىڭىز مىجەز - خاراكتېرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، مىجەز - خاراكتېرىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
6. ئېرىشكەنلىرىڭىز بىلەن ھېسابلاشماي توختىماي تەر تۆكۈۋېرىڭ، بىر كۈنى پايدىسىنى كۆرىسىز.
7. قىش كەلدى، شۇنداقلا باھار بىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى.
8. ئىلكىڭىزدە بارىدا قەدىرلەڭ، ئايرىلىپ قالغاندا پۇشايمان قىلماڭ.
9. ھەر ۋاقىت كەينىڭىزدىكى ئىشىكنى يېپىپ مېڭىڭ. (يەنى بۇرۇنقى نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلىرىڭىز ئۆتمۈشكە مەنسۇپ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتىڭ).
10.ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا، ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
11. ئەگەر ئايدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭىزغا يىغلاپ ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىز، ئۇنداقتا يۇلتۇزلاردىنمۇ قۇرۇق قالىسىز.
12. تىرىشىپ ئۆگىنىڭ، بىلىملىك بولىسىز. تەنقىدتىن قورقماڭ، غەيرەتلىك بولىسىز. ئويلاپ سۆزلەڭ، ئىناۋەتلىك بولىسىز. بىرسىنى تاللاڭ، خاتىرجەم بولىسىز.
13. دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر خۇشال ئۆتىسىز. جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر بەختلىك ئۆتىسىز. كەسپىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەت ئىچىدە ئۆتىسىز.
14. نۇر چېچىش پەقەت قۇياشقىلا خاس ئەمەس، سىزمۇ نۇر چاچالايسىز.
15. ئەخمەقلەر تېنى ئارقىلىق روھىنى باشقۇرىدۇ، دانالار روھى ئارقىلىق تېنىنى باشقۇرىدۇ.
16. ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ.
17. خۇشاللىق بىر خىل پوزىتسىيە، بىر كىشى خۇشال يۈرۈشنى چىن دىلىدىن نىيەت قىلسىلا چوقۇم خۇشال يۈرەلەيدۇ.
18. خۇشال ئۆتۈشنىڭ سىرى: ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ. باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ. ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكى
ئۈچۈن باشقىلارنى جازالىماڭ.
19. بىزنىڭ نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلىرىمىزنىڭ مەنبەسى: ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن، يەنى سېلىشتۇرغاندا ئۆزىمىز ئىگە بولالمىغان نەرسىگىلا
ئېسىلىۋېلىپ، ئېرىشكەنلىرىمىزگە سەل قارىغانلىقىمىزدىن كېلىدۇ.
20. ئۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كەتمەڭ، ھاياتىڭىزدا مەلۇم نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويۇش ــــ بەلكىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتۇر. ئېزىپ قېلىش ــــ بەلكىم يېڭى يول ئىزلەشتۇر.
21. ئاچچىقلىنىش ــــ باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاشتۇر.
22. بەختكە ئېرىشىشنىڭ چارىسى ــــ ئىلكىدە بارىنى قەدىرلەش، ئىلكىدە بولمىغانلارنى ئۇنتۇپ كېتىش.
23. سىز مۇھەببەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشەلەيسىز، شۇنداقلا ئۆچمەنلىك ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىلىپ قالىسىز.
24. ئاچكۆزلۈك ــــ ئەڭ ھەقىقىي نامراتلىق. قانائەت بولسا ئەڭ ھەقىقىي بايلىق.
25. ئەتىكى ئۈمىد بىزگە بۈگۈنكى ئازابنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
26. خۇشاللىقتىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىلەنگەندىلا تېخىمۇ خۇشال بولغىلى بولىدۇ.
27. خۇشاللىق ئېرىشكەنلىرىڭىزنىڭ كۆپلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ھېسابلاشقانلىرىڭىزنىڭ ئازلىقىدىندۇر.
28. ئادەمنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچرىغان ئاشۇ قىسقىغىنە مىنۇتلاردا بەلگىلىنىدۇ.

29. بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە ئۆزۈڭنىڭ خۇي - پەيلىدىن كۆر.
30. مەيلى قايسى ۋاقىتتا باشلاڭ، ئەڭ مۇھىمى باشلىغاندىن كېيىن توختاتماي داۋاملاشتۇرۇڭ.
31. مەيلى قايسى ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرۇڭ، ئەڭ مۇھىمى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلماڭ.
32. ئادەم ئەگەر قورقۇنچاق بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولىدۇ. ئادەم ئەگەر باتۇر بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولالايدۇ.
33. ئەڭ زور ئۈمىد ۋە بارلىق كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ، ئەمما ئەڭ يامان ئاقىۋەتكىمۇ تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ.
34. ھۇرۇنلۇق، ئىرادىسىزلىك ۋە بىكارچىلىقئەقىلىنى داتلاشتۇرىدۇ.
35. ھەربىر ئىشنى ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش، شۇنداقلا ھەر ۋاقىت ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلىنىپ بېقىش كېرەك.
36. ئۈمىدلىك ئادەم ئازابنى خۇشاللىققا، «دوزاخ» نى «جەننەت» كە ئايلاندۇرالايدۇ.
37. بارلىق غەلىبىلەر ئۆزىنى بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ غەلىبىنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. بارلىق مەغلۇبىيەتلەر ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەغلۇبىيەتنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ.
38. خۇدا كىشلەرنىڭ ئەخمەقلىقىدىن ئەسلا ئاغرىنمايدۇ، ئەمما كىشىلەر دائىم خۇدانىڭ تەڭسىزلىكىدىن ئاغرىنىدۇ.
39. دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ ھارغۇزىدىغىنى كۈنلەرنى بىكارچىلىقتا مەنىسىز ئۆتكۈزۈشتۇر.
40. ھاياتىڭىزدىكى بىرىنچى ياشلىقنى خۇدا ئاتا قىلىدۇ، ئىككىنچى ياشلىقنى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىسىز.
41. ئوي - پىكىر ئۈشكىگە ئوخشايدۇ، كۈچنى مەلۇم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرگەندىلا ئاندىن تېشىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.
42. ئادەم ئۆزىنىڭ نىشانىنى يوقىتىپ قويمىسىلا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ.
43. ئەگەر تاڭنى مەدھىيەلىگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا قاراڭغۇ كېچىنىمۇ قۇچاقلاپ قويۇڭ.
44. ھاياتلىقتا مۇھىمى تۇرغان ئورنىڭىز ئەمەس، يۈزلەنگەن نىشانىڭىز.
45. ئۇچالايدىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ، سۆيەلەيدىغان ۋاقتىڭىزدا سۆيگۈدىن ۋاز كەچمەڭ.
46. ھاياتلىق بەك قىسقا، بۈگۈن ۋاز كەچكەنلىرىڭىزگە ئەتە ئېرىشەلىشىڭىز ناتايىن.
47. تالانت بىر پىرسەنت ئىلھام بىلەن 99 پىرسەنت تىرىشچانلىقنىڭ يىغىندىسىدۇر.
48. بىز ئادەملەر بەك ئەخمەق، دائىم ئېرىشكەنلىرىمىزنى قەدىرلىمەي ئەكسىچە ئېرىشەلمىگەنلىرىمىز ئۈچۈن ھەسىرەت چېكىپ يۈرىمىز.
49. ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز كۆزگە ئىلغاندىلا، ئاندىن باشقىلار سىزنى كۆزگە ئىلىدۇ.
50. ئۈمىدلىكلەر ئاپەت ئىچىدىكى پۇرسەتنى كۆرەلەيدۇ، ئۈمىدسىزلەر پۇرسەت ئىچىدىكى ئاپەتنى كۆرىدۇ.
51. باتۇرلۇق قورقۇنچنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى قورقۇنچقا توغرا مۇئامىلە قىلالىغانلىق ۋە قورقۇنچنى يېڭەلىگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ.
52. خاتالىقىنى تونۇغانلىق ــــ خاتالىقنى يېرىم تۈزەتكەنلىك.
53. ياشلىق ئەگەر گۆرۈگە قويۇلىدىكەن، مەڭگۈ قايتۇرۇۋالالمايسىز.
54. بارلىق ئالداشلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى ــــ ئۆزىنى ئالداش. بارلىق خاتالىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى ــــ توختىماستىن ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىدىن ئەنسىرەش.
55. تەجرىبە ئازابلىق كەچۈرمىشلەردىن كېلىدۇ.
56. بىر بالاسى بولمىسا تاشتا قۇيرۇق نە قىلۇر؟ بەدەلسىز ھوسۇل نەدە بولسۇن؟
57. غايىنىڭ يولى ئىشەنچكە تولغانلارغا تەييارلاقلىق. مەغلۇب بولۇشتىن قورقۇپ قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرمىسىڭىز مەڭگۈ غەلىبە قازىنالمايسىز.
58. ئىشلەش ياكى ئىشلىمەسلىكنى تاللاش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدا، ئەمما قول سېلىپ ئىشلەپ كۆرمىسىڭىز مەڭگۈ پۇرسەتكە ئىگە بولالمايسىز.
59. ئەگەر كەم - كۈتىسىز دوست ئىزدىسىڭىز مەڭگۈ دوست تاپالمايسىز.
60. ئۆزىڭىزنى ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز چاغلاپ بىلمىگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى خىجىل بولماي سوراپ بىلىۋېلىڭ، شۇندىلا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايسىز.
61. باشقىلارنى تۈزىتىشتىن ئىلگىرى ئۆزىڭىزدە خاتالىق بارمۇ - يوق؟ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ.
62. ئۆزىڭىز قىلىشقا مۇۋاپىق بولغان ئىشلارنى قىلىپ ئۆز رولىڭىزنى ياخشى ئېلىڭ، ئەڭ ياخشى ئۆزىڭىز بولۇڭ.
63. تۇرمۇشتىكى بىئاراملىق ۋە ئۈمىدسىزلىكنى يېڭىش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ خوجايىنى بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
64. يەككە - يىگانىلىق ۋە ئەلنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قېلىش ـــــئەڭ قورقۇنچلۇق نامراتلىقتۇر.
65. بارلىق ئۇلۇغ ھەرىكەت ۋە ئىدىيەلەرنىڭ بىرەر ئەرزىمەس باشلىنىشى بولىدۇ.
66. ھەر قانداق نەرسىنى ئۆگەنگەندە، جاپالىق بولسىمۇ تەرتىپ بويىچە باشتىن ئالدىرىماي، ئاساسنى پۇختا سېلىپ ئۆگىنىڭ، ئالدىراقسانلىق قىلىپ ئاسانلا ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماڭ.
67. ئىلگىرى ئېرىشكەنلىرىڭىزنى ئۇنۇتماڭ. ھازىر ئىلكىڭىزدە بولغانلىرىنى قەدىرلەڭ. ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغانلىرىدىن ۋاز كەچمەڭ. ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىز ئۈچۈن بار كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ. قولدىن بېرىپ قويغانلىرىڭىزنى ئەسلىمە ئورنىدا كۆرۈڭ.
68. پۇرسەت تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ.
69. ھېسسىيات ئەقىلنى ئەمەس، ئەقىل ھېسسىياتنى باشقۇرۇشى كېرەك.
70. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى: سىز ئەڭ قىزىقىدىغان، سىز قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان ئىش سىزنىڭ خىزمىتىڭىز بولۇشى كېرەك. شۇندىلا سىز خىزمەتتىن ھەر ۋاقىت خۇشاللىق تېپىپ، خىزمەت ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنى بەختىيار ھېس قىلىسىز - دە، خىزمەت ئۈنۈمىڭىز تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
71. بىز خۇدا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيمىز. ئەمما ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇد بولغانلىقىدىن بۇ دۇنيانى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلالايمىز.
72. بەرىبىر قىلغاندىن كېيىن چوقۇم ياخشى قىلىش كېرەك.
73. ئوقۇش، خىزمەت، نىكاھ،، ئائىلە ــــ ھاياتنىڭ تۆت چوڭ مەزمۇنى، ھەممىسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. قايسى بىرسىگىلا كۈچەپ، قالغانلىرىنى تاشلاپ
قويۇشقا بولمايدۇ.
74. ئەگەر بىز ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، كەينىمىزگە قارايدىغان بولساق، بىزنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر بىلەن بىرگە
بولغان ۋاقتىمىزنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇنى بىلىپ تۇرۇپ بىز يەنە ئۆزئارا ئازارلىشامدۇق؟
75. مەسلىك ــــ نەسلىك، ئاقىۋىتى ــــ پەسلىك!
76. دۇنيادا گۈزەللىك كەم ئەمەس، كەم بولغىنى گۈزەللىكنى بايقايدىغان بىر جۈپ نۇرلۇق كۆز.
77. باشقىلار مېنى ھۆرمەتلىسۇن دېسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق ئادەم بولۇڭ.
78. بىر بالا ئەگەر تەنقىد ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئەيىبلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
79. بىر بالا ئەگەر دۈشمەنلىك ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ كۈرەش قىلىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
80. بىر بالا ئەگەر ۋەھىمە ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ غەم - قايغۇنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
81. بىر بالا ئەگەر ئىچ ئاغرىتىش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنى ئەيىبلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
82. بىر بالا ئەگەر مەسخىرە ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ يۈرەكسىزلىكنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
83. بىر بالا ئەگەر ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ قىزغانچۇقلۇقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
84. بىر بالا ئەگەر ھاقارەت ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ جىنايەت تۇيغۇسىنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
85. بىر بالا ئەگەر رىغبەتلەندۈرۈش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئىشەنچنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
86. بىر بالا ئەگەر سەۋرى - تاقەت ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ سەۋىرچانلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
87. بىر بالا ئەگەر تەقدىرلەش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ مىننەتدارلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
88. بىر بالا ئەگەر رازىمەنلىك ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز - ئۆزىنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
89. بىر بالا ئەگەر تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىچىدە ياشىسا، ئۇنداقتا ئۇ مەردانىلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
90. قارىغۇنى كۆزدىن ئايرىغان خۇدا ھاسىدىن ئايرىماپتۇ. خۇدا ئىشىكنى تاقاپ قويغان بىلەن تۈڭلۈكنى ئېچىپ قويىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ھامان ئامال تېپىلىدۇ.
91. تىرىشچانلىق كۆرسەتتىڭىز، ئەمما چوقۇم غەلىبە قازىنالىشىڭىز ناتايىن، بىراق ئەگەر ۋاز كەچسىڭىز چوقۇم مەغلۇب بولىسىز.
92. نىكاھ بىر جۈپ ئۆتۈك. پۇتنى قىستىغان ياكى قىستىمىغانلىقىنى پەقەت كىيگەن ئادەم بىلىدۇ.
93. نىكاھ - ئائىلە تۇرمۇشىدا، ھەر ۋاقىت قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنغاندىن كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ قارشى تەرەپكە ماسلىشىش ئەڭ ئاقىلانىلىقتۇر.
94. ھەممە ئىشنى ياخشى تەرەپكە تارتىپ ئويلاڭ، ئىش بەلكىم سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئوسال بولماسلىقى مۇمكىن.
95. سىزنىڭ توغرا بولغاندىن كېيىن ئاچچىقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، سىزنىڭ خاتا بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاچچىقلىنىشقا تېخىمۇ ھەققىڭىز يوق. ئۇنداقتا يەنە نېمىشقا ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋالالمايسىز؟
96. باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلغانلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئاسرىغانلىق.
97. تاللاش خۇشاللىق ئىش، چۈنكى تاللاش ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغىنىغا ئېرىشەلەيسىز، شۇنداقلا تاللاش يەنە ئازابلىق ئىش، چۈنكى تاللاش جەريانىدا ئۆزىڭىز تاللىغانلىرىدىن باشقىلىرىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ.
98. ئامال بار ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەننى تاللاڭ، شۇنداقلا تاللاپ بولغان ئىكەنسىز، چوقۇم ئۆزىڭىز تاللىغىنىڭىزنى ياخشى كۆرۈڭ.
99. بىز ئۆزىمىز تۇرغان مۇھىتنى ئۆزگەرتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئەمما بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاشۇ ناچار مۇھىتقا بولغان قارىشىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز.
100. ئەڭ ئاز پۇشايمان بىلەن ئۆتمۈشىڭىزگە يۈزلىنىڭ. ئەڭ ئاز ئىسراپخورلۇق بىلەن بۈگۈنىڭىزگە يۈزلىنىڭ. ئەڭ كۆپ ئارزۇ - ئۈمىدلەر بىلەن كەلگۈسىڭىزگە يۈزلىنىڭ.
yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
2343
تىللا
1755
شۆھرەت
3696
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 13:46:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدىن تېرىلگەن تەرمىلەر

مەيلى سەن كادىر بول، تېخنىك بول، دوختۇر ياكى ئېنژىنىر بول، تەنھەرىكەتچى ياكى ھەربى خادىم بول، نەشىرىياتچى ياكى ئوقۇتقۇچى بول، تارىخچى ياكى سودىگەر بول، سەنئەتچى ياكى ھۈنەرۋەن بول ، ئورخۇن تاش ئابىدىلىرىنى بىلمىسەڭ، ئوغۇزنامە ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى نى ئوقۇمىساڭ ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلشىر ناۋائىنى چۈشەنمىسەڭ ، نۇزۇگۇمدىكى ھايا ۋە ئىپپەتكە قايىل بولمىساڭ ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، زوردۇن سابىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېگىگە يەتمىسەڭ، يۇرتۇڭدىكى تاغ- دەريالار ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ئاڭلىمىساڭ ، سادىرنىڭ ناخشىلىرىغا ئەگىشىپ توۋلىمىساڭ، تارىم ۋە ئىلى دەريا ۋادىلىرىغا بېرىپ باقمىساڭ ، ھېيتگاھنى كۆرمىگەن بولساڭ ، تاپىنىڭ تەكلىماكان قۇملىرىدا كۆيۈپ باقمىسا ، ئون ئىككى مۇقامنى ئاڭلاپ مۇڭلانمىساڭ ، مىڭئۆيلەرنى كۈرۈپ ئويلانمىساڭ ، خەلق ناخشىلىرىدىن باغرىڭ ئېرىمىسە ، مەشرەپكە قاتنىشىپ ئىچىڭ پۇشسا، دۇغقا نان تۈگۈرۈپ يەپ باقمىساڭ، ئاتا- ئاناڭ ، خوتۇنۇڭ ۋە بالىلىرىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى قەرزدار ھېس قىلمىساڭ ، ئىشقىلىپ، خەلقىڭنىڭ ھاياتىدىكى تۇيغۇ- تەجرىبىلەرنى بېشىڭدىن كەچۈرمىسەڭ، ئۆزۈڭنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىن گۇمان قىلساڭ بولىدۇ . ئانا تىلىڭ غۇرۇر، مۇھەببەت، ۋىجدان ، ئەقىدىنىڭ تىلى . ئۇ يىلىك. مەرىپەت، ھەقىقەت، قۇدرەت ئۇنىڭدىن باشلىنىدۇ . باشقا تىللار گۇۋاھنامە ، شاھادەتنامە ، كاپالەتنامە ، ھوقۇقنامە تىللىرىدۇر .
مۇكەممەل ئادەم بولۇش نەدىن باشلىنىدۇ ؟ ھىدايەت ئۈستىگە قۇرۇلغان روھىي ساغلاملىقتىن ، پىكىر تېرەنلىكىدىن باشلىنىدۇ .
ياپونىيە ھەزارىتىدە ھەربىر ئادەم ئۆز گېپىنى بىمالال ئېيتىش ئاساسىدا كوللېكتىپ بىردەكلىككە ئېرىشىدۇ . جۇڭگودا بولسا ئادەملەر كۆڭلىدىكى گەپنى يۇتۇۋېتىش ۋە شەخسىيىتىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە كوللېكتىپ گەۋدە تەشكىل قىلىدۇ . جۇڭگودا - ئەنئەنىنىڭ قىممىتى يېڭلىقتىن ئەلا، غايە رىئاللىقتىن ئەلا ، تارىخ كېلەچەكتىن ئەلا، ئۆلۈك تىرىكتىن ئەلا ، قېرىلار ياشلاردىن ئەلا ، جۇڭگولۇقلار ئەۋلىيالارغا ، ئەجدادلارغا ، نوپۇر، كىتابلارغا ئىشىنىپ، ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ ..
ئادەم بولۇش كېرەك. ئىككى پۇتلۇق ھايۋاندىن ئادەمگە ئايلىنىشنىڭ مۇساپىسىنى تېزرەك تاماملاش كېرەك، بولمىسا تۆت پۇتلۇق بولۇپ كېتىش خەۋپى يوق ئەمەس.
ھەربىر ئادەم بيۇروكرات، ھەتتا ئەركىنلىكنى كۈيلەپ ئاغزىدىن كۆپۈك ئاقىدىغان شائىرمۇ ئىمكانىيەت تاپسىلا بيرۇكرات بولىدۇ .
ۋاقت ئىجتىمائى ھاياتنىڭ ئوكسېگىنى . ۋاقىت ئەڭ زور مۈلكى ھوقۇق.
تەكلىماكان ۋە تارىم بىزنىڭ بەلگىمىز، توغراق بۇ بەلۋاغنىڭ مىننەتسىز قاراۋۇلى .
ھەقىقىي زىيالىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئەمەس، ئەقىدە ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇشى كېرەك.
مەدەنىيەتنىڭ مەركىزىدە تۇرىدىغان نېگىزلىك قىممەت قارىشى بۇزۇلغان مىللەتنىڭ تەبىئىتى نومۇسنى بىلمەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ .

1-ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﮔﯘﯞﺍﮬﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ كۆتۈرۈپ ﻳۈﺭۈﺷﻜﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻛﯩﻤﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ،ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﮔﯘﻣﺮﺍﮬﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﯩﭙﯩﻚ جۈﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ .


2-ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺳﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯩﭽﻜﯩﻢ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﮭﻨﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺷﯚﮬﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺋﯩﮕﻪ ﻧﺎﺩﺍﻥ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ .


3-ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﯖﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻱ -ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ سۈرىدىغان ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﯩﺴﻪﻥ ، ﺷﯘ ﺗﯘﭘﻪﻳﻠﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ .ﺳﻪﻥ ﻳﯩﮕﺎﻧﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺴﻪﻥ .


4-ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﯘﻗﯘﻏﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻻﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﻣﯩﺨﺎﻳﻨﯩﺰﯨﻢ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕۈﭼﻪ ،ﺋﯘﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻗﻼﺭ ﺟﺎﮬﺎﻧﺴﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .
5-ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﭼﯧﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ .


6-ﻣﻪﺩﯨﻨﻴﻪﺕ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﯗﺟﯘﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ .


7-ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﺧﯘﻟﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .،ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ .


8-ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺩﯨﻤﻪﻙ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ كۈچىنى ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻰ روھتۇر.ﻣﯩﻠﻠﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ تۈزۈم ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﻛﯩﻠﻪﻟﻤﯩﺴﻪ ،ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﺎ سۈپىتىدە ﻣﺎﺩﺩﻯ گۈللىنىش ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻟﻤﯩﺴﺎ ﺗﯧﻨﻪﭖ ﺗﻪﻣﺘﯩﺮﻩﭖ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ يۇقۇلۇپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ،


9-ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯩﻐﻰ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﯞﻩ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺧﺎﺱ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﺘﺎ ﮬﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﺑﯘ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺧﻠﻰ- تەرۇزىگە ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﯘﻟﯘﻕ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ .


10-ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﯘﻗﯘﺵ پۈتكۈل ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ سۈمۈرىۋېلىش ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﯘﺭﯨﺘﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﭙﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﯧﭙﯩﺸﺘﯘﺭ .


11-ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﺭﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯘﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﻪﻻ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ،چۈنكى ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ گۈزەللىك ﺑﯩﺌﯘﮔﯩﺮﺍﺗﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻣﺎﻗﯘﻝ كەلتۈرۈشتە ﺋﻪﯓ ئۈنۈملۈك ﻗﯘﺭﺍﻝ .


12-ﯞﻩﺗﻪﻥ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﻤﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﺎﺭﻗﺎ كۈرۈنۈشكە ﺋﯩﮕﻪ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺭﻭﮬ .


13-ﺳﻪﻥ ﻗﻪﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﺩﯨﻨﻴﯩﺘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻭﮬ ﯞﻩ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﯓ ﻛﯧﺮﻩﻙ .


14-ﺋﯧﺴﯩﻞ سۈپەﺕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﻰ ،ﺋﯩﺴﯩﻞ ﺭﻭﮬ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﯘﻟﯘﺷﺘﯘﺭ .


15-تۈرلۈك ﻣﻪﺩﯨﻨﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﮔﯩﺮﻩﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﯗﯕﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺭﻭﮬ ﯞﻩ ﮬﺎﺯﺍﺭﻯ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﯖﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﺎﯓ ،ﺑﯩﺮﺋﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﺷﻪﺭﺗﯩﯖﻨﯩﻤﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ .


16-ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﻪﺧﺴﯩﻤﻠﻪﻧﮕﻪﻥ مۈلۈك ،ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯘ مۈلۈكنىڭ ﺳﻪﺭﭘﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯞﯦﺮﺩﻩ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﻪ تۈزۈمدە ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ .


17-ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻟﯩﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺧﻼﻗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻠﯩﻜﺘﯘﺭ .


18-ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﭼﺎﻻ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﺭﻭﮬﻰ ﺑﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ .


19-ﮬﯚﻛﯘﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﻟﻤﯩﺴﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ .ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﯩﺪﯗ .ﺋﯘ ﺋﻪﯓ مۈشكۈل شارائىتتىمۇ ﺋﯚﺯﻯ چىن كۆڭلىدىن ﺧﻮﭖ كۆرگەن ﺋﯩﺸﻼﺭ ئۈچۈن  ﻗﺎﺧﺸﯩﻤﺎﻱ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ،ﻗﻮﻟﻼﺵ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ،ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﯞﻩ ﯞﻩ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﺋﯘﻧﯩﯔ ئۈچۈن ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ .


20-ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺋﺎﭘﻪﺕ .ﺋﯘ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﻣﯩﺰﻧﻰ ﻳﯩﮕﯩﻠﯩﺘﯩﭗ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﻪﺩﺭﻯ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻗﯘﻳﯩﺪﯗ .


21-ﻣﻪﺩﯨﻨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯘﺗﯘﻭﭖ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺳﯘﻏﯘﻗﻘﺎﻥ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ .


22-ﻣﻪﺩﯨﻨﻴﻪﺗﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﺑﺎﺭﺩﻯ -ﻛﻪﻟﺪﻯ كۈچۈيىۋاتقان  بۈگۈنكى  ﺩﻩﯞﯦﺮﺩﻩ ﻣﻪﺩﯨﻨﻴﻪﺕ ﺧﺎﺳﻠﯩﻐﻰ ﺭﯗﺷﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .


23-ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ چۈشۈنۈش (جۈملىدىن ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ) ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺘﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﻰ ،ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﯨﻨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ چۈشۈنۈشتىن  ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .


24-ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻘﺎ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﻳﻮللىرى  ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻴﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ .


25-ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ئۈگۈنۈش ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ مەھكۇملۇققا ﺩﯗﭼﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ .


26-ﮬﻪﺳﺮﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﻳﺎﻝ يۈزەكى ﺋﺎﻳﺎﻟﺪﯗﺭ .


27-ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﻝ ۋاقتىدا  ﻗﯘﺑﯘﻟﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ سوۋغىلىرىنى  ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘﺭﯨﯟﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﺳﺘﺎ .


28-ﺗﯘﻧﯘﺷﯘﺵ... ﯞﻩ ﺗﯘﻧﯘﺵ ...ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﯧﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﺘﯩﺮﻯ .


29-ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯚﺗﻤﯩﺸﯩﻨﻰ چۈشەنمىسە ،ﻛﯩﻠﻪﭼﻪﻙ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻳﻼﻧﻤﯩﺴﺎ ،ﭘﻪﻗﻪﺕ قۇرساق  ﺑﯩﻘﯩﺶ ﯞﻩﺳﯟﻩﺳﯩﺪﯨﻼ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻛﯩﻤﻠﯩﮕﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﯞﺍﻕ ﺋﺎﻻﻟﻤﯩﺴﺎ ،ﺋﯘ ﺑﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻳﺎﺷﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .ﺋﯘ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺳﯘﺩﯨﻤﯘ ﻳﺎﺷﺎﯞﯦﺮﯨﺪﯗ ،ﺳﯘﺳﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭼﯩﻘﻤﺎﻱ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ .



ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىڭ " ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغۇسىدا " ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان ئۈزۈندىلەر بۇلۇپ ، كەڭ ئەلكۈيى ئەھلىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق كۆرۈپ بۇيەرگە يوللىدىم.

yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
2343
تىللا
1755
شۆھرەت
3696
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 14:01:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺩﺍﻧﺎﻻﺭ ﮬﯧﻜﯩﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ...............

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﻪﻥ ﭼﯩﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ ،ﻣﺎﯕﺎ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ.

- ﺋﻪﻟﺸﯩﺮ ﻧﺎﯞﺍﺋﻰ
  
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ .

ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ

ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﺎﻡ ، ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻤﺪﯗﺭ.

- ﻧﯚﺑﯩﺘﻰ

ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﻪ ، ﺧﻪﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎ ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯧﺸﯩﯖﻐﺎ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻛﻪﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﻱ - ﻣﻪﺭﯨﻜﻪ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﮕﯩﻦ .

- ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯘﺳﺎ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻰ

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﻪﺭﺩ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺩﯨﻠﻰ ﺳﯘﻧﯘﻕ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﺪﻩﻙ ﻳﻪﻧﻼ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺪﯗ. {p3
- ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺯﻩﻟﯩﻠﻰ


ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﺷﺌﯩﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ ، ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﻧﯘﺭﻻﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﻏﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ، ﻧﯩﺠﺎﺗﻠﯩﻖ ، ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ.  

- ﺋﯩﻤﯩﺮ ﮬﯜﺳﻪﻳﻴﯩﻦ ﺳﻪﺑﯘﺭﻯ

ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺋﺎﺑﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﺘﯘﺭ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﭽﻜﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﻧﯩﺠﺎﺩ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ.

- ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺧﺎﺭﺍﺑﺎﺗﻰ

ﺟﺎﭘﺎ ﭼﯧﻜﯩﭗ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﻠﯩﺴﻪﯓ ، ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﯕﺎ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﻟﻪﭖ ﺋﯩﺸﻜﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ.


- ﺋﻪﮬﻤﻪﺕ ﺧﻮﺟﺎﻣﻨﻴﺎﺯ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻓﯩﺴﯘﺭﻯ

ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﻳﯩﯟﻯ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺧﻪﻟﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﻪﺧﻼﻕ - ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ.

- ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ
  
ﺋﻪﺩﻩﺑﻨﯩﯔ ﺗﻮﻧﻨﻰ ﻛﯩﻲ ،ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﺩﻩﺑﺘﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ﻳﻮﻕ، ﻛﯩﻤﯩﻜﻰ ﺑﺌﯩﻪﺩﻩﺏ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

- ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺷﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺧﻪﺳﺘﻪ

ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺳﯜﺑﮭﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﻕ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﻪﻧﺪ - ﻧﻪﺳﺴﮭﻪﺕ ﻻﻳﯩﻘﺘﯘﺭ ، ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﻛﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺳﺎﭘﺘﯘﺭ ، ﻛﻪﻡ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﺑﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﭘﺘﯘﺭ.

- ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺑﻨﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺧﺎﺭﺍﺑﺎﺗﻰ

ﮬﻪﺳﻪﻝ ﻧﻪﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﮬﻪﺭﯨﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﮬﻪﺳﻪﻝ ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﮬﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺯﻩﮬﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

- ﺋﻪﮬﻤﻪﺕ ﻳﯜﻛﻨﻪﻛﻰ

ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﻳﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

- ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭗ


ئون جۈملىلىك ھېكمەتلەر
پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن : سىلەر چىش چوتكلىاشتا چىڭ تۇرۇڭلار . چۈنكى ، چىش چوتكىلاشتا ئون تۈرلۈڭ خاسىيەت بار .
1) ئېغىزنى پاك قىلىدۇ .
2) ئاللانى رازى قىلىدۇ .
3) شەيتاننى غەزەپلەندۈرىدۇ .
4) مېھرىبان ئاللاھننىڭ مۇھاپىزەتچى پەرىشتىلىرىنىڭ ياخشى كۈرۈشىگە ئېرىشىدۇ .
5) چىشنى چىڭىتىدۇ .
6) ئېغىز بوشلۇقىدىكى خەپرۈكنى تازىلايدۇ .
7) ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىدۇ .
8) ئېغىز بوشلۇقىنىڭ نەملىكىنى يۇقىرى كۈتۈرىدۇ .
9) كۈرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ .
10) ئېغىز پۇراشنى يۇقىتىدۇ .
پەيغەمبىرمىز يەنە مۇنداق دىگەن : چىش چوتكىلىماي ئۇقۇغان نامازدىن چوتكىلاپ ئۇقۇغان ناماز 70 ھەسسە ئەۋزەل بۇلىدۇ .
2. ئەبۇبەكرى سىددىق ئېيتىدۇ :
ھەرقانداق ئادەم پەقەت ئاللاھنىڭ ئون تۈرلۈك خىسلىتىگە ئېرىشەلىسە ، ئۇ تۈرلۈك تالاپەت ۋە كىسەللەردىن قۇتۇلۇپلا قالماستىن ، يەنە مۇتتەقىيلەرنىڭ قاتارىغا قۇيۇلىدۇ . ھەم ئاللاھتىن قورقۇپ سۈننەتكە ئەگەشكەنلەرىنڭ دەرىجىسىنى تاپقان بۇلىدۇ .
1) راسىتچىل ھەم قانائەتمەن يۈرەك .
2) سەبرىچان ھەم خۇدانىڭ رەھمىتىگە شۈكرى قىلىش .
3) نامراتلىق پەيىتتىمۇ ، ئىبادەتتە چىڭ تۇرۇش .
4) قورسىقى ئاچ ھالدا ئۇزاق ئويلنىش .
5) غەم ئەندىشىدە ئاللاھتىن قورقۇپ ، ئۇنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش .
6) داۋاملىق تىرىشچانلىق بىلەن كەمتەر بۇلۇش .
7) مۇلايىم بۇلۇش ھەم دوسىت بۇرادەرلىرى بىلەن بىللە بۇلۇش .
8) ياخشى كۈرۈش ۋە ھايالىق بۇلۇش .
9) پايدىلىق بىلىم بۇلۇش ھەم ئىنتايىن سىپايە بۇلۇش .
10) مۇستەھكەم ئىمان بۇلۇش ھەم پەۋقۇلئاددە ئەقىل بۇلۇش .
3. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مۇنداق دەيدۇ :
ئون نەرسە كەم بولسا باشقا ئون نەرسە بىلەن تەڭشىگىلى بولماس .
1) تەقۋالىق بولمىسا ئەقىل ياخشى بولماس .
2) بىلىم بولمىسا ، پەزىلەتلىك بولغىلى بولماس .
3) قورقۇنچ بولمىسا غەلبە بولماس .
4) ئادىللىق بولمىسا ، ياخشى ھۆكۈمران بولغىلى بولماس .
5) ئەدەپ بولمىسا ئېسىلك نەسەپ ياخشى بولماس .
6) بىخەتەرلىك بولمىسا خۇشاللىق بولماس .
7) سېخىيلىق بولمىسا بايلىق ياخشى بولماس .
8) نامراتلىقنى قانائەتسىزلىك بىلەن تەڭشىگىلى بولماس .
9) كەمتەرلىك بولماي يۇقىرى مەرتىۋە ياخشى بولماس .
.......................................................................
4. ئوسمان ئىبنى ئەففان مۇنداق دەيدۇ :
تازا نەس باسىدىغان نەرسە ئون تۈرلۈك بۇلىدۇ :
1) ئالىمدىن مەسلىھەت سورىغۇچى بولمىسا .
2) بىلىمنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرگۈچىسى بولمىسا .
3) توغرا پىكىرنى قوبۇل قىلغۇچى بولمىسا
4) ئەسۋاپ-جابدۇقنى ئىشلەتكۈچى بولمىسا .
5) مەسچىت بۇلۇپ ناماز ئوقۇلمىسا .
6) قۇرئان بۇلۇپ ئوقۇغۇچى بولمىسا .
7) پۇل بۇلۇپ ياخشىلىققا ئىشلىتىلمىسە .
8) ياخشى ئات بۇلۇپ مىنگۈچى بولمىسا.
9) مەنپەئەتلىك بىلىم دۇنياپەرەسنىڭ قورسىقىغا قاچىلىنىپ قالسا .
10 ) ئۇزۇن ئۆمۈر بۇلۇپ سەپەرنىڭ تەييارلىقى بولمىسا .
5. ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب ئېيتىدۇ :
1) ئەڭ ياخشى مىراس بىلىم .
2) ئەڭ يۈكسەك كەسىپ مائارىپ .
3) ئەڭ ياخشى ئوزۇق تەقۋالىق .
4) ئەڭ ياخشى مال ئىبادەت .
5) ئەڭ ياخشى ھۆكۈمران ياخشى ئەمەل .
6) ئەڭ ياخشى ھەمراھ ئېسىل پەزىلەت .
7) ئەڭ ياخشى ۋەزىر ئالىيجاناپ ئادەم .
8) ئەڭ ياخشى بايلىق قانائەت .
9) ئەڭ ياخشى ياردەمچى تەڭشەش .
10) ئەڭ ياخشى ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگەتكۈچى ئۆلۈم .
6. پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن :
ئىسلام قەۋمى ئىچىدىن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان ئون تۈرلۈك ئادەم چىقىدۇ .گەرچە ئۇلار ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋالسىمۇ :
1) قاتىل .
2) سېھرىگەر .
3) دەييۈز يەنى ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ ناباپ ئىشلىرىنى كۆرمىگەن ياكى ئاڭلىمىغان بولغۇچى .
4) زاكات بېرىشكە قارشى تۇرغۇچى .
5) ھاراقكەش .
6) ھەج قىلىشقا لايىق بولسىمۇ بارمىغۇچى .
7) پىتنە-پاسات تېرىغۇچى .
8) دۈشمەنگەقورال سېتىپ بەرگۈچى .
9) ئايالى بىلەن لىۋاتەت قىلغۇچى .
10) بىۋاستە تۇغقانلىرى بىلەن توي قىلغۇچى .
يۇقىرىقى ئىشلارنى ھالال سانىغۇچىلار دىندىن تانغان بۇلىدۇ .
7. پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن :
ئاللاھنىڭ بەندىسى بۇلىدىغان كىشى مەيلى ئاسماندا ياكى زېمىندا بولمىسۇن ، سېخىي بولماي تۇرۇپ مۇئمىن بۇلالمايدۇ .
مۇسۇلمان بولماي تۇرۇپ سېخىي بولغىلى بولمايدۇ .
باشقىلار ئۇنىڭ قولىدىن ۋە تىلىدىن ئازار يىگەن تۇرۇپ ، ئۇ مۇسۇلمان بۇلالمايدۇ .
ئالىم بولماي تۇرۇپ مۇسۇلمان بولغىلى بولمايدۇ .
ئەمەل قىلماي تۇرۇپ ئالىم بولغىلى بولمايدۇ .
تەقۋا بولماي تۇرۇپ ئىلىمگە ئەمەل قىلغىلى بولمايدۇ .
ئاللھتىن بەك قورقماي تۇرۇپ تەقۋا بولغىلى بولمايدۇ .
كەمتەر بولماي تۇرۇپ تەقۋا بولغىلى بولمايدۇ .
ئۆزىنى تۇنۇماي تۇرۇپ كەمتەر بولغىلى بولمايدۇ .
ئەقىلسىز كىشى ئۆزىنى تۇنۇيالمايدۇ .
.....................................
مەنبە-« ئەخلاقنامە »


ئىككى جۈملىلىك ھېكمەتلەر1.

    پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن : " ئاللاھقا ئېتىقات قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ۋە مۇسۇلمانلار جامائەسىگە پايدا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك خىسلەتتىن قىممەتلىك نەرسە يوق ؛ئاللاھقا شەك كەلتۈرۈش ۋە مۇسۇلمانلار جامائەسىگە زىيانكەشلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى ئشتىن ئارتۇق قەبىھ قىلمىش يوق ".
2.    پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن " ئالىملارنىڭ سۆھبىتىگە يېقىن تۇرۇڭلار ، دانالارنىڭ پىكرىگە قۇلاق سېلىڭلار ،چۈنكى ئاللاھ ھەردائىم ئۆلگەن قەلىبلەرنى ئىلىم نۇرى بىلەن تىرىلدۈرىدۇ . گويا ئۇزاق يامغۇر سۈيى بىلەن ، خازان بولغان مايسىلارنى بىخ سۈرگۈزگىنىدەك " .
3.    ئەبۇبەكرى سىددىق مۇنداق دىگەن :" قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كېمىسىز دېڭىزغا كىرگەن كىشىگە ئوخشاش ".
4.    ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مۇنداق دىگەن :" دۇنيانىڭ شان-شۆھرىتىنى پۇل -مال بىلەن سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ . لېكىن ، ئاخىرەتنىڭ شەرىپىنى پەقەت ياخشى ئەمەل بىلەنلا قولغا كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ ".
5.    ئوسمان ئىبنى ئەففان مۇنداق دىگەن :"دۇنيا ئۈچۈن قايغۇرۇش –قەلبتىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىپادىسى . ئاخىرەت ئۈچۈن قايغۇرۇش –قەلبتىكى نۇرنىڭ ئاامىتى ".
6.    ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب ئېيتىدۇ :" ئىلىم ئېلىش سەپىرىدە ياشىغان ئادەمگە ، جەننەت ئۇنىڭ مەنزىلگاھى بۇلۇپ بېرىدۇ . گۇناھ مەئسىيەتلەرنى ئىزدەپ ياشىغان ئادەمگە ، دوزاخ ئۇنىڭ قايتىدىغان جايى بۇلۇپ قالىدۇ ".
7.    يەھيا ئىبنى مەئاز ئېيتىدۇ :" ئالاغا ئاسىي بولغۇچى ئالىجاناپ بۇلالمايدۇ ، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان كىشى ئاقىل بۇلالمايدۇ ".
8.    ئەئمەش ئېيتىدۇ :" تەقۋادارلىقنى دەسمايە قىلغۇچىنىڭ ئېتىقادتىن كېلىدىغان پايدىسىنى سۆز بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن بولمايدۇ . دۇنيالىقنى دەسمايە قىلىدىغان كىشىنىڭ ئەقىدىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يوقىلىپ بېرىشىنى تىل بىلەن سۈپەتلىگىلى بولمايدۇ ".
9.    سۇفيان سەۋرى ئېيتىدۇ :" ئارزۇ ھەۋەستىن كىلىپ چىققان گۇناھنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىدىن ئۈمىد بار . لېكىن مۇتەكەببىرلىكتىن كىلىپ چىققان گۇناھنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىدىن ئۈمىد يوق . چۈنكى مۇتەكەببىرلىك بولسا ، ئىبلىسنىڭ گۇناھكار بۇلۇشنىڭ مەنبەسى . ئارزۇ-ھەۋەسكە ئەگىشىش بولسا ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ ئېزىپ كىتىشنىڭ سەۋەبى ".
10.    بىر زاھىت ئېيتىدۇ :"كۈلۈپ تۇرۇپ گۇنا سادىر قىلغۇچىنى بولسا ، ئاللا ئۇنى يىغلاتقان پېتى دوزاخقا تاشلايدۇ . يىغلاپ تۇرۇپ ئاللاغا ئىتائەت قىلىپ ، ياخشى ئەمەلنى قىلغۇچىنى بولسا ، ئاللا ئۇنى كۈلدۈرگەن پېتى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ ".
11.    بىر ھەكىم ئېيتىدۇ :" كىچىك گۇنالارغا سەل قارىماسلىق كېرەك . چوڭ گۇنالار دائىم مۇشۇنىڭدىن باشلىنىدۇ ".
12.    پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن :" كىچىك گۇنانى قايتا-قايتا ئۆتكۈزسە ، ئۇ كىچىك بولماي قالىدۇ . داۋاملىق گۇناھىنى تىلىگۈچىنىڭ چوڭ گۇناھى قالمايدۇ ".
13.    رىۋايەت قىلىنىشىچە :" چوڭقۇر ۋە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە ئادەمنىڭ غەرىزى ئاللانى مەدھىيلەش . زاھىتنىىڭ غەرىزى بولسا ، ئئالغا دۇئا قىلىش . بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ، چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە ئادەم ئاللانى نىيەت قىلسا زاھىت ئۆز-ئۆزىنى نىيەت قىلىدۇ " دىيىلگەن .
14.    بىر ھۆكۈما ئېيتىدۇ :"ئۆزىگە ئاللادىن بەكرەك ئىشەنىچلىك دوست تېپىشنى ئويلايدىغان ئادەمنىڭ ئاللاغا بولغان تۇنۇشى ئىنتايىن يۈزەكىدۇر .
15.    ئۆزىنىڭ قەبىھ خۇي پەيلىدىن ئۆتەرەك ئەشەددىي دۈشمىنى بار دەپ تۇنۇيدىغان كىشىنىڭ ئۆزىگە بولغان تۇنۇشى تۆۋەن بولغىنىدۇر .
16.    ئەبۇبەكرى سىددىق قۇرئان كەرىمدىكى « كىشىلەر ئۆتكۈزگەن گنالار سەۋەبىدىن قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزلاردا ئاپەت يۈز بېرىدۇ » دىگەن ئايەتتىكى « قۇرۇقلۇق » ۋە « دېڭىز » دىگەن ئىككى سۆزنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ :
«قۇرۇقلۇق » دىگەن سۆز بولسا ئادەمنىڭ تىلىنى كۆرسىتىدۇ . «دېڭىز» دىيىلگىنى ئادەمنىڭ قەلبى . شۇڭلاشقا ئادەم گۇنا ئۆتكۈزگەندە ، ئادەمنىڭ روھى ئۈنسىز ياش تۆكىدۇ . ئادەمنىڭ قەلبى زەئىپلەشكەندە ، پەرىشتىلەرمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكىدۇ .
17.    رىۋايەت قىلىنىشىچە  :" ھەۋەس پادىشاھنى قۇلغا ئايلاندۇرۇپ ىۇيىدۇ ، سەۋىرچانلىق قۇلنى پادىشاھ قىلىپ قۇيالايدۇ ، راستىنلا شۇنداق ! ئەجبا ، سىز يۈسۈف بىلەن زۇلەيخانىڭ قىسسسىنى ئۇقۇپ باقمىدىڭىزمۇ ؟' –دىيىلگەن .
18.    رىۋايەتتە :" ئەقىل-ئىدراكنى ئۆزىگە ھۆكۈمران ، ئارزۇ-ھەۋەسنى ئۆزىگە قۇل قىلالىغان كىشى ھەقىقىتەنمۇ بەختلىك ، ئەكسىچە ، ھەۋەسنى ھۆكۈمران ، ئەقىلنى قۇل قىلغان كىشى نەس باىدىغان كىشىدۇر "-دىيىلگەن .
19.    رىۋايەتتە :" بارلىق گۇنالارنى تەرك ئەتكەن كىشىنىڭ قەلبى يۇمشاق بۇلىدۇ . ھارام يىمەكلىكلەرنى تەرك قىلىپ ، ھالال يىمەكلىكلەرنى يىگەن ئادەمنىڭ تەپەككۇرى ساپ بۇلىدۇ . ئاللا بىر پەيغەمبىرىگە : « نازىل قىلىنغانغا سەن بويسۇنغىن . مەن چەكلىگەنگە سەن خىلاپلىق قىلما » -دىگەن .
20.    رىۋايەتتە :" « ئاللانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغان ، ئاللانىڭ غەزىپىدىن ساقلىنىدىغان ئەقىل ئىگىسىنى ھەقىقى ئاقىل دەپ ئاتاش كېرەك ! " –دىيىلگەن .
21.    رىۋايەتتە :"ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئاللاغا بويسۇنىدىغان كىشى خەلق ئارىسىدا غېرىپ بۇلۇپ قالىدۇ " –دىيىلگەن .
22.    رىۋايەتتە :" ئاللاغا بويسۇنۇش پائالىيىتى بولسا ، ئاللانى تۇنۇغانلىقنىڭ بەلگىسى . گويا ، ھەرىكەت-ھاياتلىقنىڭ بەلگىسى بولغىنىدەك " –دىيىلگەن .
23.    پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن : " گۇنانىڭ مەنبىئى ( يىلتىزى ) دۇنياغا بولغان ئىشتىياق ( ھېرىسمەنلىك ) ، پىتنە-پاساتنىڭ يىلتىزى بولسا ، ئۆشرە-زاكاتنى بەرمەسلىك ".

مەنبە : زامانىمىز تورى
yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
2343
تىللا
1755
شۆھرەت
3696
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-29 14:02:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


يەتتە جۈملىلىك ھېكمەتلەر

1.پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن : قىيامەت كۈنى ئاللاھ يەتتە تۈرلۈك ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئەرش سايىسىسدا سايىدىتىدۇ . ئۇلار :
1) ئادىل پادىشاھ
2) ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدە ئۈسۈپ يىتىلگەن ياش .
3) خالى جايدا ئاللاھتىن قورقۇپ ياش تۆككۈچى .
4) دىلى دائىم مەسچىتكە باغلىنىپ تۇرىدىغان ئادەم .
5) مەخپى سەدىقە قىلغۇچى ، ھەتتا ئوڭ قولى بەرگەننى سول قپلى بىلمەيدىغان كىشى .
6) ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن دوسىتلاشقان ياكى ئايرىلىدىغان كىشىلەر .
7) مەرتىۋىلىك ئېسىلزادە ئايال ئۆزىگە چاقىرسا ، ئاللاھتىن قورقىمەن دەپ رەت قىلغان ئادەم .
2.ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ :
بېخىل يەتتە خىل ئىشنىڭ بىرىدىن خالى بۇلالمايدۇ .
1) پىخسىق ئۆلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ مېلى ۋارىسىغا قالىدۇ ، لېكىن بۇ ماللار ئاللاھنىڭ يۇلىغا ئىشلىتىلمەيدۇ .
2) ياكى ئاللاھ ئۇنى بىر زالىم ھۆكۈمرانغا يۇلۇقتۇرىدۇ . ئۇ تېز پۈككەندىن كىيىن ئۇنىڭ ماللىرىنى ئېلىۋالىدۇ .
3) ياكى ئۇ دائىم ئارزۇ-ھەۋەسنىڭ كەينىدە سوكۇلداپ يۈرىدۇ .ئۇنىڭ مېلى بۇ يولداچېچىلىپ تۈگەيدۇ .
4) ياكىئۇبىر ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىشقا ھەۋەس قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىنانىڭ ئۇلى بوش چىقىپ قېلىپ ، ئۇنىڭ مال-مۈلكى مۇشۇنداق توڭلاپ قالىدۇ .
5) ياكى ئۇدۇنيا يۈزىدىلا زور بىر تالاپەتكە يۇلۇقىدۇ ، مەسىلەن : سۇ ئاپىتى ، ئوت ئاپىتى ، ئوغرىلىق دىگەندەك .
6)ياكى ئۇ ئېغىر كىسەلگە گىرىپتار بۇلىدۇ ، ئۇشۇنىڭ بىلەن داۋالىنىش ئۈچۈن بار مۈلكنى سەرپ قىلىدۇ .
7) ياكى پىخسىق مېلىنى مەلۇم بىر جايغا كۈمۈپ قۇيىدۇ ، ئاللاھ ئۇنىڭ كۆمگەن جايىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ .
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مۇنداق دەيدۇ :
كۆپ كۈلگەن كىشىنىڭ سۈر-ھەيۋىسى ئازلاپ كىتىدۇ .
كىشىلەرنى ھاقارەتلىسە ئۇمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن ھاقارەتلىنىدۇ .
ئىسراپخورلۇق قىلسا ، ئۇنىڭ قەدرى ئۈتۈلىدۇ .
كىمكى كۆپ سۆزلىسە ناچارسۆز كۆپ بۇلىدۇ .
ناچار سۆز كۆپ بولساھايا ئازىيىپ كىتىدۇ .
ھايا ئازايسا تەقۋالىقى كىمىيىپ كىتىدۇ .
تەقۋالىقى كەم بولسا قەلبى ئۆلۈپ كىتىدۇ .
3. ئوسمان ئىبنى ئەففان مۇنداق دەيدۇ : « تام ئاستىدا ئۇلارنىڭ بايلىقى بار ، ئۇلارنىڭ دادىسى ئەسلىدە سالىھلاردىن » دىگەن « قۇرئان » ئايىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى :
ئايەتتىكى » بايلىق « بولسا بىر پارچە ئالتۇن ئۈستىگە يەتتە جۈملە خەت يېزىلغان :
1) ئۆلۈم كەلگەنلىكىنى بىلگەن ، ئەمما كۈلكە-چاقچاق قىلىپ يۈرگەن ئادەمگە مەن ھەيران قالىمەن .
2) دۇنيانىڭ رەزىللىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلغۇچىدىن ھەيرانمەن .
3) ھەممە نەرسىنىڭ تەقدىر بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ  ، يۇقاتقىنىدىن ئىچى پۇشىدىغان ئادەمدىن ھەيرانمەن .
4) ھېساب ئېلىشنىڭ چۇقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا دۇنيالىق توپلىغۇچىدىن مەن ھەيرانمەن .
5) دوزاخنىڭ مۇقەررەر مەۋجۇتلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە گۇناھ قىلغان كىشىدىن ھەيرانمەن .
6) ئاللاھنىڭ ھەقىقى مەۋجۇتلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھتىن باشقانەرسىلەرنى ئۇنتۇلماي يۈرىدىغان كىشىدىن ھەيرانمەن .
7) جەننەتنىڭ ھەق راسىتلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ، دۇنيادىن بەخت ئىزلەۋاتقانلاردىن ھەيرانمەن . ( يەنە بىر رىۋايەتتە شەيتاننىڭ ئۆز دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە شەيتانغا باش ئەگكۈچىگە مەن ھەيران قالىمەن) .
4. بىر ئادەم ئەلىدىن سوراپتۇ :
ئاسماندىنمۇ چوڭ نەرسە نىمە ؟
زېمىندىنمۇ كەڭرى نەرسە نىمە ؟
دېڭىزدىنمۇ مول نەرسە نىمە ؟
تاشتىنمۇ قاتتىق نەرسە نىمە ؟
ئوتتىنمۇ قىزىق نەرسە نىمە ؟
قەھرىتان سوغۇقتىنمۇ قاتتىق سوغۇن نەرسە نىمە ؟
زەھەردىن ئاچچىق نەرسە نىمە ؟
ئەلى جاۋاپ بېرىپتۇ :
گۇناھسىز بوھتان چاپلىغۇچىنىڭ گۇناھى ئاسماندىنمۇ چوڭ .
زېمىندىنمۇ كەڭ نەرسەھەقىقەت .
قانائەتچان كىشىنىڭ قەلبى دېڭىزدىنمۇ مول .
مۇناپىقنىڭ يۈرىكى تاشتىنمۇ قاتتىق .
مۇستەبىت ھۆكۈمران ئوتتىنمۇ دەھشەت .
بېخلىغا ھاجىتى چۈشۈپ قېلىش قەھرىتان سوغۇقتىنمۇ بەك سوغۇق .
سەۋرىچانلىق زەھەردىنمۇ ئاچچىق .( يەنە بىر رىۋايەتتە : دەرت ۋە غەمنى يۇتماق زەھەردىنمۇ ئاچچىق دىيىلگەن )

5. پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن : جىبرىئىل ماڭا ئىزچىل تەكىتلەيدىغىنى قوشنىلارنى ھۈرمەتلەش بولغاچقا ، مەن تېخى ئۇنى قوشنىنى قوشنىغا مىراس قىلغان چېغى دەپ قاپتىمەن .
ماڭا توي قىلىشنى دەۋەرگەچكە ، مەن ھەتتا ئاجرىشىش دۇرۇس ئەمەسمىكىن دەپ قاپتىمەن .
ئۇ يەنە قۇللارغا ھېسداشلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىۋەرسە ، مەن قۇللارنىڭ قۇيۇپ بېرىلىش ۋاقتى بېكىتىلىپ بولدى ، دەپ قاپتىمەن .
ئۇ ماڭا دائىم چىش چوتكىلاشنى تەۋسىيەقىلىۋەرسە ، مەن تېخى چىش چوتكىلاش پەرز قىلىنغان چېغى دەپ قاپتىمەن .
ئۇيەنەمەندىن نامازغا جامائەتكە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىۋەرسە ، مەن تېخى جامائەتكە قاتناشماي ئۇقۇغان ناماز ئالاھ نەزىرىدە مەقبۇل ئەمەس ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن .
ئۇ يەنە ماڭا كېچىدە ئىبادەتكەتۇرۇشنى دەۋەرگەچ ، مەن تېخى كېچىسى ئۇخلىغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن .
ئۇ ماڭا زىكرى قىلىشنى جىكىلەپ تۇرغاچقا ، مەن تېخى ئاللاھنى زىكرىقىلىشتىن باشقا سۆھبەت ، سۆز پايدىسىزمىكىن دەپ قاپتىمەن .
پەيغەمبىرمىز مۇنداق دىگەن :  يەتتە خىل كىشىگە ئاللاھ قىيامەت كۈنى رەھمەت نەزىرىبىلەن قارىمايدۇ ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ ، ئۇلارنى دوزاخقا تاشلايدۇ :
1) ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتى .
2) قولى بىلەن لەززەتلەنگۈچى .
3) ھايۋانغا يېقىنچىلىق قىلغۇچى .
4) ئايالىنىڭ ئارقىسىدىن كەلگۈچى .
5) قىزى بىلەن ئانىسىنى بىراقلا نىكاھقا ئالغۇچى .
6) قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغۇچى .
7) قوشنىسىغائازار ۋە لەنەت قىلغۇچى .
7.رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ :
ئاللاھ يولىدا جان بېرىپ شەھىد بولغاندىن باشقا يەنە يەتتە تۈرلۈك ئادەم شەھىد ھېسابلىنىدۇ :
قورساق ئاغرىقى بىلەن ئۆلگەن ئادەم .
سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن ئادەم .
كۆكرەك پەردە ياللۇغى بىلەن ئۆلگەن ئادەم .
يۇقۇملۇقكىسەل بىلەن ئۆلگەن ئادەم .
ئوتتا كۈيۈپ ئۆلگەن ئادەم .
تام ېسىۋېلىپ ئۆلگەن ئادەم .
تۇغۇتىدا ئۆلگەن ئايال .
8. ئىبنى ئابباس مۇنداق دەيدۇ :
ئەقىل ئىگىلىرى يەتتە نەرسىدىن كېچىپ يەتتە نەرسىنى قولغا كەلتۈرسۇن .
بايلىقتىن كېچىپ نامراتلىقنى قولغا كەلتۈرسۇن .
ھاكاۋۇرلۇقتىن كېچىپ ، كەمتەرلىكنى قولغا كەلتۈرسۇن .
ساختىپەزلىكتىن كىچىپ ، سەمىمىيلىكنى قولغا كەلتۈرسۇن .
توقچىلىقتىن كىچىپ ، يوقسۇزلۇقنى قولغاكەلتۈرسۇن .
خۇشاللىقتىن كىچىپ غەم-قايغۇنى قولغا كەلتۈرسۇن .
يۇقىرى مەرتىۋىدىن كىچىپ تۈۋەن دەرىجىنى قولغاكەلتۈرسۇن .
ھاياتتىن كىچىپ ئۆلۈمنى قولغا كەلتۈرسۇن .

مەنبە- « ئەخلاقنامە » -ئىمام غەززالى ، ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي .


توققۇز جۈملىلىك ھېكمەتلەر

1.پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن :
ئاللاھ تائالا ئىمراننىڭ ئوغلى مۇسا ئەلەيھىسالامغا تەۋراتتا ۋەھى قىلىپ شۇنداق دېدى:
بارلىق خاتالىقلارنىڭ مەنبەسى ئۈچ خىل .
كىبرى ، ھەسەتخورلۇق ۋە دۇنياغا بەك ھېرىسمەن بۇلۇش .
ئۇلاردىن ئالتىسى كۈپىيىپ توققۇز بولدى .
كۆپەيگەن ئالتىسى : توقۇلۇق ، ئۇيقۇ ، ئارام ئېلىش ، پۇل-مالنى ياخشى كۈرۈش ، مەدھىيە-ماختاشنى ياخشى كۈرۈش ، ئەمەلدارلىقنى ياخشى كۈرۈشتىن ئىبارەت .
2. ئەبۇبەكرى سىددىق مۇنداق دەيدۇ :
ئابىدلار ئۈچ خىل بۇلىدۇ : ھەرخىل تۈردىكىلەر ئۈچۈن تۇنۇغىلى بۇلىدىغان ئۈچ خىل بەلگە بار : بىرخىل ئاللاھقا قورقۇپ ئىبادەت قىلىدۇ . يەنە بىر خىل ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ ئىبادەت قىلىدۇ . يەنە بىرخىل بولسا ئاللاھنى ياخشى كۈرۈپ ئىبادەت قىلىدۇ .
بىرىنچى خىلدىكىلەر ئۈچۈن ئۈچ خىل بەلگە بار : ئۆزىنى تۈۋەنت تۇتىدۇ . قىلغان ياخشىلىقىنى ئاز ، يامانلىقىنى بولسا كۆپ دەپ ئويلايدۇ .
ئىككىنچى خىلدىكىلەر ئۈچۈن ئۈچ خىل ئالامەت بار :
بارلىق ئىشلىرىدا كىشىلەرگە ئەگىشىدۇ . كىشىلەرنىڭ ئەڭ سېخى كىشىسى بۇلىدۇ . ئاللاھقا بولغان ئېتقىادى ئەڭ ياخشى بۇلىدۇ .
ئۈچىنچى خىلدىكىلەر ئۈچۈن ئۈچ خىل ئالامەت بار :
ئۆزى ياخشى كۆرگەنلىكى نەرسىنى باشقىلارغا بېرىۋېتىدۇ .
ئاللھانىڭ رازىلىقىدىن باشقا ھېنەرسىگە پەرۋا قىلمايدۇ .
ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ نەپسى خاھىشىغا قارشى ئىش قىلىدۇ . ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلىدۇ .
3. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مۇنداق دەيدۇ :
شەياتننىڭ توققۇز بالىسى بار ئۇلار :
زەلىيتۇن ، ۋەسىن ، لەقۇس ، ئەئۋان ، ھەففاف ، مۇررە ، مۇسەۋۋىت ، داسىم ۋە ۋەلھاندىن ئىبارەت .
زەلىيتۇن بولسا بازارغا مەسئۇل بۇلۇپ ، بايرىقىنى شۇ يەرگە قادايدۇ .
ۋەسىن بولسا ئۆلۈم-مۇسىبەتلەرگە مەسئۇل بۇلىدۇ .
ئەئۋان بولسا -سۇلتان پادىشاھلارغا مەسئۇل بۇلىدۇ .
ھەففاف بولسا -ئىچىملىكلەرگە مەسئۇل .
مۇررە بولسا -نەغمە-ناۋا مۇزىكىلارغا مەسئۇل .
لەقۇس بولسا -ئوتپەرەسلەرگە مەسئۇل .
مۇسەۋۋىت بولسا-كىشىلەر ئارىسىدا ئاساسسىز گەپ-سۆزلەرنى توشۇشقا مەسئۇل .
داسىم بولسا -ئۆيلەرگە مەسئۇل بۇلۇپ ، بىر ئادەم بىريەرگە كىرىپ سالام قىلمىسا ھەمدە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىمىسا ( بىسم اللە ) دىمىسە ، داسىم ئىسىملىك شەيتان بالىسى ئۇلار ئارىسىغا تالاش -تارتىش ئۇرۇقىنى تېرىيدۇ . شۇنىڭ بىلەن تالاق-ئاجرىشىش ،جەڭگى-جىدەل باشلىنىدۇ .
ۋەلھان بولسا ،تاھارەت ، ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەردە ئازدۇرۇشنى باشلايدۇ .
4.ئوسمان ئىبنى ئەففان مۇنداق دەيدۇ :
كىمىكى بەش ۋاق نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرسا ئاللاھ ئۇنى توققۇز خىل كارامەت بىلەن مۇكاپاتلايدۇ .
ئاللاھ ئۇنى ياخشى كۈرىدۇ .
ئۇنىڭ بەدىنى ساغلام بۇلىدۇ .
ئۇنى پەرىشتىلەر قوغدايدۇ .
ئائىلىسىگە بەرىكەت ياغىدۇ .
يۈزىدە سالىھلار سىماسى زاھىر بۇلىدۇ .
ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى يۇمشاق قىلىدۇ .
سىرات كۆۋرۈكىدىن چاقماق چاققاندەك ئۆتۈپ كىتىدۇ .
ئاللاھ ئۇنى دوزاختىن ساقلايدۇ .
قىيامەتتە قورقۇنچ يوق غەمسىز كىشىلەر بىلەن بىرگە تۇرىدۇ .
ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب مۇنداق دەيدۇ :
يىغا ئۈچ تۈرلۈك بۇلىدۇ :
1) ئاللانىڭ ئازابىدىن قورقۇپ يىغلاش .
2) ئاللانىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ يىغلاش .
3) ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ يىغلاش .
بىرىنچىسى گۇناھىغا كاپارەت بۇلىدۇ .
ئىككىنچىسى ئەيىب-نۇقساندىن تازىلايدۇ .
ئۈچىنچىسى دوستىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدۇ .
گۇناھىغا كاپارەت بولغاننىڭ مېۋىسى -ئازاپ ئۇقۇبەتلەردىن قۇتۇلۇشتۇر .
ئەيىب-نۇقساندىن تازىلىنىشنىڭ مېۋىسى داۋاملىق نازۇ نېمەت ۋە ئالى دەرىجە .
دوسىتقا ئېرىشىشنىڭ مېۋىسى -ئئاللاتائالانى ياخشى كۈرۈش ئالاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنىڭ ياخشى بېشارىتىدۇر . شۇنداقلا پەرىشتىەلرنىڭ زىيارەت قىلىشىنىڭ ۋە پەزىلىتىنىڭ زىيادە بولغانلىقىنىڭ ياخشى بېشارىتىدۇر .

مەنبە « ئەخلاقنامە » (ب د ت مائارىپ ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيادىكى ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيىسى ئۇقۇشلۇقى قىلىپ بېكىتكەن كىتاب )


سەككىز جۈملىلىك ھېكمەتلەر

1.رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ :
سەككىز نەرسە باشقا سەككىز نەرسىگە قارىتا قانائەتلەنمەيدۇ .
كۆز كۈرۈش بىلەن قانائەتلەنمەيدۇ .
تۇپراق يامغۇر سۈيى بىلەن قانمايدۇ .
ئاياللار ئەرلەرگە قانائەت قىلمايدۇ .
ئالىم بىلىمگە قانمايدۇ .
كۆپ سوئال سورىغۇچى جاۋاپقا قانائەت قىلمايدۇ .
ئاچكۆز پۇل يىغىشقا قانمايدۇ .
دېڭىز سۇغا قانمايدۇ .
يالقۇنلۇق ئوت ئوتۇن بىلەن قانائەتلەنمەيدۇ .
2.ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ :
سەككىز نەرسە باشقا سەككىز نەرسىنىڭ زىننىتى .
پاك-دىيانەتلىك بولۇش -نامراتلىقنىڭ زىننىتى .
تەشەككۈر ئېيتىش -نىئمەتنىڭ زىننىتى ( ساخاۋەتنىڭ ) .
سەۋرىچانلىق -مۇشەققەتنىڭ زىننىتى .
سىپايە بۇلۇش -ئىلىمنىڭ زىننىتى .
كەمتەرلىك -ئوقۇغۇچىنىڭ زىننىتى .
يىغا-قورقۇشنىڭ زىننىتى .
تاپا-تەنىگە پىسەنىت قىلماسلىق -ياخشى ئىشنىڭ زىننىتى .
3.ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مۇنداقدەيدۇ :
قۇرۇق گەپنى تەرك قىلغۇچى ئەقلىنى تاپىدۇ .
ماراپ يۈرۈشنى تاشلىغۇچى مۇلايىملىقنى تاپىدۇ .
ئاچكۆزلۈكنى تاشلىغۇچى ئىبادەتنىڭ لەززىتىنى تاپىدۇ .
قاقاقلاپ كۈلۈشنى تاشلىغۇچى سالماق قىياپەتكە ئىگە بۇلىدۇ .
چاقچاقنى تاشلىغان كىشى ئابرۇيغا ئېرىشىدۇ .
دۇنياغا بولغان ھەۋىسىنى تەرك ئەتكۈچى ئاخىرەتكە بولغان ئىشتىياقىنى تاپىدۇ .
باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئېچىشنىتەرك ئەتكۈچى ئۆز كەمچىلىكىنى ئۆزگەرتكەن بۇلىدۇ .
ئاللاھنىڭ قانداقلىقىنى مۇلاھىزە قىلىشنى تەرك ئەتكۈچى مۇناپىقلىقتىن قۇتۇلغان بۇلىدۇ .
4.ئوسمان ئىبنى ئەففان ئېيتىدۇ :
كىچە بىدار تۇرۇپ ئىش بېجىرىدىغان ئادەم تۈۋەندىكى خىسلەتنى تاپىدۇ .
پىكىر-ھېسسىياتى ئاللاھتىن قورقۇشتىن خالى بولمايدۇ ، ئاللاھقا بولغان ئىنتىزارلىق بىلەن بۇلىدۇ .
تىلى ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىشتىن خالى بولمايدۇ ، ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇش بىلەن بۇلىدۇ .
كۆزى ھايا بىلەن بۇلىدۇ ، يىغىنى ھەمراھ قىلىدۇ .
ئىرادىسى پانى دۇنيانى تەرك ئېتىشتە بۇلىدۇ .
ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەشتە بۇلىدۇ .
5.ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب ئېيتىدۇ :
نامازدا ئېھتىرام بولمىسا ، ئۇنىڭدا ياخشىلىق يوق . روزىدار يالغان گەپنى توختاتمىسا ، روزىسىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ . ئىلىملىك تەقۋا بولمىسا ، ئىلىمنىڭ پايدىسى بولمايدۇ . قىرائەتنى تەھلىل قىلمىسا ، ئوقۇشنىڭ پايدىسى يوق . پۇل تۇرۇپ سېخى بولمىسا ، پۇلنىڭ پايدىسى بولمايدۇ . پۇت-قولنىڭ ھەققىنى قوغدىمىسا ، پۇت-قول ھەققىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ . بەخت ئۇزاق داۋاملاشمىسا ، بەختنىڭ پايدىسى بولمايدۇ . دۇئا ئىخلاس بىلەن بولمىسا ، دۇئانىڭ پايدىسى بولمايدۇ .

مەنبە : زامانىمىز تورى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2013-4-14 09:51 , Processed in 0.121553 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش